>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Mubarek 4 yil  
XabnamBBS -> پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى -> ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلابقا مۇھتاج

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 145 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلابقا مۇھتاج IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
zulat818

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 116
شۆھرەت: 117 نۇمۇر
پۇل: 1160 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:42(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلابقا مۇھتاج

ئۇيغۇر تېلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى تەسىس قىلش لازىممۇ قانداق؟ دىگەن تىمىغا ئىنكاسلارمۇ خىلى كۆپ يىزىلدى .
تەسىس قىلشقا بولمايۇدۇ ! - دەپ جارسالغنىم ئۈچۇن ھەم تەسىس قىلشقا بۇلىدۇ ! -دىگىچۈلەرگە قاتتىق تەككىنىم ئۈچۈن مۇناپىق ، خائىىن ، چوشقا ، ئىىت .... دەپ «تەرىپلەندىم » .
قىنى بۇ ماقالىنى تەپسىلى ئوقوپ چۈشەنگەندىن كىيىن يەنە نىمە دەيدىغانلىقىڭىزنى ئاڭلىساق
مەن بۇماقالىنى قىسقارتىپ يىزىپ قويدۇم ،

  ئۇيغۇر تىل-يېزىق مەدەنىيىتى بىر ئىنقىلابقا مۇھتاج
  ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنى ئۆلچەملىك، ئىلمى ۋە نىسبي مۇقىم ھالەتكە كەلتۈرۈش دەۋر تەقەززاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر زور ئىش. ھالبۇكى، بۇ زور ئىشنىڭ چەندىكىدەك ئوڭۇشلۇق ۋە جايىدا روياپقا چىقىشى ئۈچۈن، ھەممىمىز زور ئىخلاس ۋە سەمىمىي ئەقىدە بىلەن بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشۇشىمىز لازىم.

ئادەتتە، بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان مىللىي مەدەنىيىتى دېگەندە، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تىل – يېزىقى   تىلغا ئېلىنىدۇ. چۈنكى، بىر مىللەتنىڭ تىل – يېزىقى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا تەئەللۇق بولغان بارلىق مىللىي دەسمايىلىرىنىڭ ئەڭ غوللۇقى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا، زامانىۋى مىللەت سېپىگە قوشۇلالىغان ھەر قانداق بىر مىللەتتە، تىل – يېزىق مەدەنىيىتى ئۇنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل – ئاساسى سانالغاچقا، مەزكۇر ھەم تىلى ھەم يېزىقى بار مىللەت جاھان مىللەتلىرى سورۇنىدا ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە ھەقلىق رەۋىشتە « مەدەنىيەتلىك مىللەت» دەپ تەرىپلىنىدۇ.


مۇشۇنداق زاكون ئاساسى بىلەن ئېيتالايمىزكى، ئۆزىنىڭ يارقىن – يېقىملىق تەلەپپۇز ئىپادىسى ۋە گۈل كەشتىسى كەبى گۈزەل تىزىق نامايەندىسى بىلەن ئىپادىلىنىغان ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بارلىق مىللىي دەسمايىلىرىنىڭ ئەڭ غوللۇقى، ئومۇمىي ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇل ئاساسىدۇر. ھالبۇكى، بىز بۇ مىللىي دەسمايىمىزنى ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا، غالتەككە چىقىرىپ قويماسلىقىمىز، يىتتىرىپ، يوقىتىپ قويماسلىقىمىز لازىم.


ئەمدى، زادى قانداق بولغاندا، بىر تىل – يېزىقنىڭ ئەمەلىيەتتە قوللىنىلىشى مەدەنىي ۋە ئىلمىي بولغان بولىدۇ؟ دەرۋەقە، بۇ مەسىلىنى كونكرېت ئاساسلار بويىچە تۈرلۈكچە چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. مېنىڭ ساق يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى ئۆز ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش، شۇنداقلا بىر قانچە قېرىنداش مىللەت ۋە چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىم ئاساسىدا ھاسىل قىلغان يەكۈن خاراكتېرلىك چۈشەنچەم شۇكى، بىر تىلدىكى سۆز – كەلىمىلەرنى سۆزلىگۈچى ئېنىق ئاڭلىتالايدىغان،   ئاڭلىغۇچى بولسا، تولۇق ئاڭلىيالايدىغان دەرىجىدە تەلەپپۇز قىلىش مەدەنىيلىك بولىدۇ؛ يېزىقنى بولسا، ئىمكان بار ئەدەبىي تەلەپپۇزغا يېقىن قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇش، نورما چېكىنى مۇقىم قىلىپ توختىتىش ئىلمىيلىك بولىدۇ .

ئىستېمالىدىكى مەۋجۇد مەسىلىلەرنى ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەدەنىيلىك ئۆلچىكى ۋە ئىلمىيلىك نورمىسى ئاساسىدا، كۆپ قاتلاملىق ۋە چوڭقۇر مۇھاكىمىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈرىيىتى بار.
بىرىنچى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تىل – يېزىق ئىستېمالىدا ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىلەر
مېنىڭچە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر تىل – يېزىق ئىستېمالىدا، نەزەرىيە جەھەتتىن جەزمەن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق مەسىلىلەر مەۋجۇد :
ئەدەبىي تىل بىلەن جانلىق تىلنىڭ يېتەكلەش – يېتەكلىنىش مۇناسىۋەت چېكى ئېنىق ئەمەس
ئەمدى، مېنىڭ بۇ يەردە مۇھاكىمىگە قويۇۋاتقان مەسىلەم بولسا، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ
يېزىق شەكلى ( يەنى ئەدەبىي تىل ) بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېغىز شەكلى ( يەنى جانلىق تىل ) نىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولۇشى كېرەك؟ ئەدەبىي تىل جانلىق تىلنى يېتەكلىشى كېرەكمۇ ياكى ئەدەبىي تىل جانلىق تىلنىڭ يېتىلەپ مېڭىشىنى ۋە ئۆزگەرتىشىنى ھېچقانداق بىر شەرتسىز قوبۇل قىلىشى كېرەكمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت. . بۇ مەسىلىنى ئەمەلىي مىسال بىلەن بايان قىلساق مۇنداق بولىدۇ : چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا « ئىشلەمچى، ئەر ئىشچى » ئۇقۇمىنى ئاڭلاتقان ھالدا ئىشلىتىلىدىغان « مەردىكار » دەيدىغان بىر سۆز بار ئىدى. جانلىق تىل ( ئېغىز تىلى ) نىڭ يېتەكلىشىگە بويسۇندۇرۇپ، ئۇنى بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلىدا « مە:دىكار»   mä: dikar ) ( دەۋاتىمىز ۋە شۇنداق يېزىۋاتىمىز ؛ نۆۋەتتە، بۇ خىل « ر » نى چۈشۈرۈپ قويۇش « ل » نى چۈشۈرۈپ قويۇشقا كېڭەيمەكتە. ئالايلۇق، ھازىر « مەركەزدىن كەلگەن سادا » دېگەن جۈملە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەلەپپۇز لۇغىتىنىڭ قانۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى نەتىجىسىدە، « مەركەزدىن كە:لگەن (kä: gän) سادا » دېيىلىۋاتىدۇ . مۇشۇ مودىنى قوغلىشىپ كېتىۋەرسەك، « مەركەزدىن كەلگەن سادا » دېگەن جۈملىنى « مە:كەز ) mä: (käz دىن كە:لگەن ( kä: gän ) سادا » دەيدىغان ۋە شۇنداق يازىدىغان كۈنلەرگىمۇ ئۇزاق قالمىغاندەك تۇرىدۇ !
]دېمەكچىكى ، جانلىق تىل ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى بىر ھەرپ بىر ھەرپتىن يەپ – يالماپ ئەسلىدىكى گۈزەل، يارقىن سۆز – كەلىمىلەرنى چولتا، كەمتۈك ۋە يېقىمسىز سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويماقتا. ھالبۇكى، بىز تىلشۇناسلىق ئىلمى ۋە سۆزلەمشۇناسلىق مەدەنىيىتى ئۆلچەكلىرى ئاساسىدا، بۇ خىل بولۇشسىز ئەھۋالغا ئاداققىي خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك .

ناباب تەلەپپۇز ئادىتىنى تىلنىڭ مۇقەددەس قانۇنىيىتى قىلىپ كۆرسىتىشھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا، ئۆز ئانا تىلىدىكى سۆز – كەلىمىلەرنى جانلىق تىل ( يەنى ئېغىز تىلى ) بويىچە تەلەپپۇز قىلىشتا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئادەت ساقلانماقتا:
بوغۇم ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ھېچبىر ئاساسسىز ھالدىلا چۈشۈرۈپ قويۇش .
تەلەپپۇز قولايلىقىنى قوغلىشىپ، خېلى بىر بۆلەك ئۈزۈك تاۋۇشلارنى باشقا تاۋۇشقائۆزگەرتىۋېتىش ....
  مېنىڭچە، بۇ مەسىلىنى كېچىكتۈرمەي، ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى تىل ئىستېمالىمىزدىن توپلانغان پاكىت ئاساسلار بويىچە، ئاندىن قېرىنداش تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىل قوللىنىش ئەمەلىيىتىدە شەكىللەنگەن تەجرىبە، ساۋاقلاردىن ئىلمىي پايدىلىنىش ئاساسىدا، نىسبەتەن كەڭ كۆلەملىك ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ، مۇندىن كېيىنكى تىل قوللىنىش ئىستىقبالىمىزغا ئۈلگە – ئۆرنەك بولغۇدەك بىر يەكۈن چىقارمىساق زادى بولمىغۇدەك.
يازغاننى ئوقۇماسلىق، نەتىجىدە، يازغان بىلەن ئېيتقان   ئوتتۇرسىدىكى ھاڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىش تىل تەلەپپۇزىدىكى ھۇرۇنلۇق – ئۇيغۇر ئىملاسىنى بۇزىۋاتقان ۋە ئۇنى چېكى توختىماس قىلىپ قويىۋاتقان باش جىنايەتچى.
مېنىڭچە، دۇنيادا باتۇر مىللەت بولغان ئىكەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن قورقاق مىللەت بولىدۇ؛ ئىشچان مىللەت بولغانىكەن، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھۇرۇن مىللەتمۇ بولىدۇ؛ ئەمدى، تىرىشىپ تىرمىشىپ، بىر مىليارد نوپۇسلۇق خەلق بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ، تەڭ قوپۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىمىزنى ھەم باتۇر ھەم ئىشچان مىللەت دېمىسەك ، خاتالىشىپ قالىمىز، ئەلۋەتتە. بىراق، لاپنى چۆرۈۋېتىپ ئەمەلىيەتكە چۆكۈپ قارىساق، گۈزەل تىلىمىزدا بىر ئوبدان « ق » تاۋۇشى تۇرسا، ئۇنى« ق » تەلەپپۇز قىلماي « خ » دېيىش، ئېلىپبەيىمىزدە « چ » فونېمىسى بار تۇرۇقلۇق خاھلىغان يەردە ئۇنى « ش » تەلەپپۇز قىلىش، « ر، ل، ھ، ن » قاتارلىق تاۋۇشلارنى بولسا، ھېچبىر سەۋەبسىز ھالدىلا تەلەپپۇز قىلماي تاشلىۋېتىش قاتارلىقلار تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھۇرۇنلۇقنىڭ مەھسۇلىدۇركى ، بۇ يامان ئادەتنى تۈزەتمەسلىككە ھېچبىر ئاساسىمىز، بۇ ئوسال ئىللەتنى تۈگەتمەسلىككە ھېچبىر ھەققىمىز يوقتۇر!


تەلەپپۇزدا تىل تاۋۇشلىرىنى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ نەق زىيىنى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىكى كىتابلاردا، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايسىبىر تاۋۇشنى مۇئەييەن تىل شارائىتىدا تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قوليازما ئەسەرلەرنىڭ خاتىرىلىشىگە قارىغاندا، كېيىنكى چاغلاردا، بەزەن تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئاۋام خەلق تىلىدا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئەمما، قانۇنىيەتلىك ھالدا قايسى بىر تىل تاۋۇشىنى چۈشۈرۈپ قويۇشنى ئادەت قىلىۋالغانلىقى ۋە بۇ ئادەتنى يېزىقتا ئىپادىلىگەنلىكى كۆرۈلمەيدۇ . ئەكسىچە، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى « بارغاندۇ، كەلگەندۇ، تۇرغاندۇ، بولۇپتۇ… » سۆزلىرىنىڭ ئەسلىدە، « بارغاندۇر، كەلگەندۇر، بولۇپتۇر…» شەكلىدىكى « ر » لىك سۆزلەر ئىكەنلىكى؛ « - دىكەن » قوشۇمچىسىنىڭ ئەسلىدە « – دۇر ئەكەن » شەكلىدە ئىكەنلىكى؛ « كېلەتتى، باراتتى، قىلاتتى …» قاتارلىق سۆزلەرنىڭ بولسا، ئەسلىدە، « كەلەر ئەردى، بارار ئەردى ، قىلۇر ئەردى » شەكلىدە ئىكەنلىكى كۆرۈلىدۇ. دېمەكچىكى، تىل تاۋۇشلىرىنى تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتىنى گەرچە ئۇيغۇر تىلىدا « مۇئەييەن بىر قىسقا ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا، ھەتتا بىر كېچىدىلا شەكىللەنگەن ئىش » دېگىلى بولمىسىمۇ ، ئۇنىڭ يېزىق ۋە ئىملادا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشىپ، ئۆزىنى تىلنىڭ « تەبىئىي قانۇنىيىتى » شەكلىگە كىرگۈزۈپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېلىشىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىن بۇيانقى، ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، 1953 – يىلى ئىشلەنگەن « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئىملا قائىدىسى » مەيدانغا كەلگەندىن بۇيانقى يېڭى ئىش ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ھالبۇكى، ئەگەر بىز ھەقىقىي ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن قەتئىي نىيەتكە كېلىدىغانلا بولساق، مەزكۇر تىل تاۋۇشلىرىنى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتىنىڭ ئەدەبىي تىلدا ئېتىراپ قىلىپ، داۋاملىق كېڭەيتىشكە ئەرزىيدىغان ئىلمىي ئىش ياكى تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىللەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا لىللاھ يەكۈن چىقىرالايمىز.

ئىملا قائىدىسىنى شەرھلىگىلى بولمايدىغان قىلىپ بۇزۇۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئەسلىدىكى « مەن بارامدىمەن » جۈملىسىنى « مەن بارامدىمە » دەپ « ن » تاۋۇشىنى تاشلىۋېتىش ئاز، يېتەرسىز كۆرۈلۈپ، بارا – بارا « مەن بارامدىم » شەكلىگە كەلتۈرۈلۈپ، تولۇق بىر بوغۇمنى تاشلىۋېتىش ھەدەپ كېتىۋاتىدۇكى، بۇ يەردە، « مەن بارامدىم » چۈشىنىشلىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ « سەن بارامدىڭ »، « ئۇ بارامدى » شەكلى بولمىغاچقا، ئومۇمىي تىلشۇناسلىق ئىلمى ۋە خاس تىل قائىدىسى جەھەتتە، ئوچۇقلىغىلى ۋە ئىزاھلىغىلى بولمايدىغان بىر يېتىم ۋە چولاق ھال بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.
تاۋۇش چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە تىل تاۋۇشلىرىنى تەلەپپۇزدا ئۆزگەرتىۋېتىشنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى ۋە قايىل قىلارلىق شەرھى بولمىغاچقا، ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولىمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، چەتئەللىكلەرگە ۋە باشقا مىللەت ئۆگەنگۈچىلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار: « مۇئەللىم، ئۇيغۇرلار زادى نېمە ئۈچۈن، ھە دېسىلا تاۋۇشلارنى تەلەپپۇزدا چۈشۈرۈپ قويىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ ق › نى ‹ خ › غا ‹ چ › نى ‹ ش › غا ۋە ‹ ج › نى ‹ ژ › غا ئۆزگەرتىپ تەلەپپۇز قىلىشىنىڭ زاكون ئاساسى نېمە؟ ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىنىڭ چېكى زادى قاچان توختايدۇ؟ يېزىش قائىدىسى قاچان مۇقىملىشىدۇ؟ » دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەي، تىرناق تاتىلاپ تۇرۇشماقتاكى ، بىلگەن ئادەمگە بۇ - بىر مىللەتنىڭ تىل ئوقۇتۇشىدىكى تولىمۇ ئەيىبلىك ھالدۇر!

مەھمۇد كاشغەرىي زامانىدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەركىزىي دىئالېكتى بولۇپ كېلىۋاتقان قەشقەر تىلى ( خاقانىيە تىلى ) تەلەپپۇزىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى ئەڭ يۈز خاتىرىلىك سۆز بىلەن ئېيتقاندىمۇ خىيانەت ۋە چىدىماسلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ئەزەلدىن ئەبەتكە «قاچ » (跑 )نى « قاش » دېمەيدۇ؛ « كەچ » (晚 上) نى « كەش » دېمەيدۇ؛ « باج » نى « باژ » دەپ تەلەپپۇز قىلمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ تىلىدا، « ئاچ » بىلەن « ئاش » سۆزلىرى بىر – بىرگە بەدەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىككى سۆزلەم؛ ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزىدا، بوغۇم ئاخىرىدا كەلگەن « ق » ( مەسىلەن: قوناق، يانتاق، ئوتلاق، يايلاق، تاق – تاق ماڭماق دېگەنلەرگە ئوخشاش ) تاۋۇشى ھەرگىزمۇ « خ » ئېيتىلمايدۇ. تىلچىلىرىمىز بىلسە، قەشقەر تەلەپپۇزى تا ھازىرغىچە « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ ئۆلچەملىك تىل تەلەپپۇزىنى ئومۇمەن ئەينەن ساقلاپ كېلىۋاتقان، پۈتكۈل ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدىغان سەردار تەلەپپۇزدۇر. مىڭ ئەپسۇس، كېيىنكى ئەللىك يىلنىڭ مابەينىدە، قەشقەر تەلەپپۇزى تەلەپپۇز ئۆلچىمى ۋە نورمىسى ساھەسىدە ھېچ ئاساسسىز ھالدا، يەكلىنىپلا كەلدى. ئەگەر ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلساق، بۇ - بىر چوڭ نۇقساندۇر


يىللىق تېبابەت تارىخىغا ئىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئاشۇ سانغا ئۇلىشىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، تېبابەت، دورىگەرلىك ئىلمىنى ماياق بىلەن خاتىرىلىمەيدۇ – دە!   « قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتتە ئەڭ ئالغا كەتكەن خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىلى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەدەبىي تىل ئىدى. » (قاراڭ: « قامۇسۇل ئەئلام » 3- توم،1876- بەت. ) بۇ — بىز ئۆزىمىز لاپچىلىق بىلەن دەۋالغان گەپ ئەمەس، بەلكى سەمىمىيەتچىل ، ھەقىقەتچىل چەتئەل ئالىملىرىنىڭ قايىللىق تۇيغۇسى ئىچىدە قىلغان خالىس باياناتى ۋە لىللاھ باھاسىدۇر. دېمەكچىكى، ئۇيغۇر تىل – يېزىقى ھەقىقەتەنمۇ ئىپتىخارلىق ۋە شانلىق تارىخقا ئىگە.

ئەگەر بىز بۇ مەدەنىيەت رىقابىتى گويا قۇچاقلاشما جەڭ ھالىتىگە كىرگەن بۈگۈنكى دۇنيادا، بىر تىلنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئەمەلىيەتتە شۇ تىل ئىگىسىنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتى بىلەن تەقدىرداش بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل ئىكەنلىكىنى بىلسەك ۋە ئېتىراپ قىلساق، بۇھالدا ، شۇ قەدەر يارقىن – يېقىملىق ۋە شۇ قەدەر ئەۋرىشىم، باي ئىپادىلىك، گۈزەل ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە مەدەنىيلىكى بىلەن قوغداپ قېلىشنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ بىر ئىش ئىكەنلىكىنى يۈرىكىمىزدىن چوڭقۇر ھېس قىلىمىز ۋە تونۇپ يېتىمىز، ئى، قېرىنداشلار!
ئەمدى، بۇ يەردىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇ: تىل مەدەنىيىتى دېگەن نېمە؟ بىر تىلدىكى سۆز – كەلىمىلەرنى ناخشا قىلىپ ئېيتقاندىمۇ ئېنىق ئاڭلاپ ئۇققىلى بولىدىغان، ھەرپ – بوغۇملىرىنى ئېنىق، ئاڭلىنىشلىق قىلىپ، تولۇق ۋە راۋۇرۇس تەلەپپۇز قىلىش مەدەنىيەت بولامدۇ ياكى كەلىمىلەرنى تەلەپپۇز قىلىشتىمۇ ھۇرۇنلۇق قىلىپ، ھەرپ – تاۋۇشلارنى چۈشۈرۈپ قويۇش ۋە خاھلىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىش مەدەنىيەت بولامدۇ؟ تىل – يېزىق ئوقۇ – ئوقۇتۇشىدىن مەقسەت دېھقاننى تىل مەدەنىيىتى بويىچە زىيالىيلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ ياكى زىيالىينى گەپ سۆزدە دېھقانلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ؟ سۆز – كەلىمىلەرنى تەلەپپۇز قىلىش ۋە يېزىشتا، ئاۋام خەلقنىڭ، دېھقانلارنىڭ تىل ئادىتىنى ئاساس قىلىپ، شۇلارنىڭ قۇيرۇقىدا پىرقىراپ يۈرۈش ئىلىم ھېسابلىنامدۇ ياكى دېھقانلىرىمىزنىمۇ، ئاۋام خەلقىمىزنىمۇ تەربىيىلەپ، سۆز – كەلىمىلەرنى ئۆزگەرتىۋەتمەي ، ھەرپ – تاۋۇشلىرىمىزنى يالماپ – يەۋەتمەي، ساق – ساغلام، توغرا – دۇرۇس تەلەپپۇز قىلىش مەدەنىيەت سانىلامدۇ ؟
تارىخىمىزغا نەزەر سالساق، ئەجداد ئالىم بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈمسىز ئەمگەكلىرى ئارقىلىق، تىل مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە، ھىدايەتلىك ساۋاقلارنى ۋە نۇسرەتلىك يوليورۇقلانى بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز
سۆز – كەلىمىلەرنى توغرا، تولۇق تەلەپپۇز قىلىش ۋە سۆز – ئاتالغۇلارنى ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ ئۇنىڭ سۆز تۈپىنى ۋە ئېتمولوگىيىسىنى بىر قاراشتىلا بىلىۋالغىلى بولغۇدەك قىلىپ دۇرۇس يېزىش بولسا، شۇ تىل ئىگىسى ئۈچۈن ئانا مەدەنىيەتتۇر !
خاتىمە
بىر چاغدا، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بىر نەچچە بۇرادىرىم بىلەن ئۇيغۇر تىل – يېزىق ئىستېمالىنىڭ كۈنىمىزدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا غەيرى رەسمىي زاكونلىشىپ قالدىم. بىر بۇرادىرىم قولىنى جۆنەپ تۇرۇپ: « مۇشۇ ‹ تىل – يېزىق كومىتېتى › دېگەن ئورگان ۋە ئۇنىڭدا ئىشلەۋاتقان مۇشۇ ئادەملەرلا بولىدىكەن، ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنىڭ چېكى مەڭگۈ توختىمايدۇ؛ سۆز ئاتالغۇلىرىمىز مەڭگۈ قېلىپلىشالمايدۇ » دېۋىدى، ئۆمرۈمدە ئۇنتۇلغۇسىز بىر رەنجىش ئىچىدە پۇچىلاندىم، خاپا بولغىنىمدىن ئۆزۈمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم. ئەمسىچۇ؟ دەۋرىمىزدىكى بۇ تىل – يېزىق كومىتېتى بىر ھوقۇقلۇق ئورگان. ئۇ يەردە پۈتكۈل ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇرۇمنىڭ تىلىنى ۋە يېزىقىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان پىداكار ئالىملىرىمىز، تىل ئۇستازلىرىمىز ئىشلەيدۇ. ھالبۇكى، تىل – يېزىقىمىزنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى بويىچە مۇقىملىشالماسلىقىنى قانداقمۇ ئۇ زاتلاردىن كۆرگىلى بولسۇن؟!
ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا، دەرس سۆزلەۋېتىپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ئالتە يۈز يىلغىچە مۇقىم ئىملادا بولغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن مەدھىيىلەۋاتسام، بىر ئوقۇغۇچى كەسكىن ئاۋاز بىلەن: « مۇئەللىم! چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى دەۋرىدە تىل – يېزىق كومىتېتى بارمىدى؟» - دەپ سورىۋېدى ، تۇرۇپلا قالدىم. ئەمەلىيەتتە، ئۇجۇقۇپلا كەتتىم دېسەممۇ بولىدۇ.
ئەمىسە، تارىخنى ۋاراقلاپ باقايلى. شۇنىسى قىزىقكى، ھېچبىر مەنبەدە، ئاز كەم ئالتە ئەسىرلىك چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋرىدە، ئۇيغۇر دۇنياسىنىڭ قايسى بىر يېرىدە، تىل – يېزىقنى ئىملا ۋە تەلەپپۇز بويچە بىر قائىدىگە سېلىشنى، سۆز – ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئورگان، يەنى بىر «تىل يېزىق كومىتېتى» نىڭ بولغانلىقى سۆزلەنمەيدۇ. ئۇنداق بولسا، كۈنىمىزدە تىل – يېزىقىمزنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسى بويىچە مۇقىملىشالماي ، توختىماي قوچۇلۇپ تۇرۇشىنى بۈگۈنكى مۇشۇ تىل – يېزىق كومىتېتىمىز كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتامدۇ – يا؟
ئەگەر بىزنىڭ جاۋابىمىز «شۇنداق! » بولىدىغان بولسا، قولىمىزدىكى بۇ ئەسەرنى يېزىشىمىزنىڭمۇ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولماي قالىدۇ. چۈنكى، بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى مەزكۇر مىللەتلەر تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ھۆكۈمىتىمىز تەرىپىدىن مەخسۇس كۈچ ۋە مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىشى بىلەن، تىل– يېزىقىمىزنىڭ زامانغا ماس ھالدا قائىدىلىكلىشىشى ۋە ئىلمىيلىشىشى ئۈچۈن بەجانىدىل خىزمەت قىلىۋاتقان ئورگان. ئۇ يەردە ئىشلەۋاتقان تىل خادىملىرىمىز ۋە ئالىملىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرى ھالال ۋە ئەجىر مۇكاپاتقا مۇناسىپتۇر. ھالبۇكى، بىز پەقەت ھەر بىر يېڭى مۇدىر ئالماشسا، بىر قېتىم ئىملا قائىدە ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى يېڭىلايدىغان ئادەتكە خاتىمە بېرىپ، سەمىمىيەت بىلەن بېرىلگەن پىكىر – تەكلىپلەرگە نىسبەتەن « بۇ پىكىرنى كىم ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ قەيەرلىك، قانچە ياش…؟» دەيدىغان مەھەللىۋىيلىك زېھنىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىلمىيلىك ۋە مەدەنىيلىك تارازىسى بىلەن ئۆلچەش ئاساسىدىكى خالىس ۋە دۇرۇس مۇئامىلىدە بولىدىغانلا بولساق، ئەڭ مۇھىمى، بىر – بىرىمىزنى ئېتىراپ قىلساق، بىر – بىرىمىزنى ئىچىمىزگە سىڭدۈرەلەيدىغان بولساقلا ، ئۆز ئىشلىرىمىزنى ئۆزىمىز چوقۇم ياخشى ئىدارە قىلىپ كېتەلەيمىز. شۇ قاتاردا، تىل – يېزىقىمىزنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز قائىدىسىنىمۇ ئۇزاق مۇددەتلىك، تۇراقلىق ۋە نىسبىي مۇقىملىققا جەزمەن ئېرىشتۈرەلەيمىز، ئەلۋەتتە.

ئاپتۇرى؛         ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي


________ جۇدا تەھرىرلىدى


[ بۇ يازما zulat818 تەرپىدىن 2007-12-26 23:07 دە قاي ]


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 14:30 چوققىغا قايتىش
Juda
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 448
شۆھرەت: 499 نۇمۇر
پۇل: 3218 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:495(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يولداش ، تېمىڭىز ياخشى بولغاچقا تەستىقلىدىم ، بىراق تېما مەزمۇنىنى تەھرىرىلەپ بولغۇچە بەكلا ھېرىپ كەتتىم ، كۆچۈرۈپ ئەكەلسىڭىزمۇ توغرا كۆچۈرسىڭىز ! رەھمەت !


گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونىمىساڭ نېمە پايدا !؟
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 22:56 چوققىغا قايتىش
ghalip

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئاددىي باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 506
شۆھرەت: 504 نۇمۇر
پۇل: 3768 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:569(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قوشۇلمىغۇچىلارنىڭ شۇنداق چالما-كېسەك قىلىنىشى ئېنىڭ ئىدى شۇ تېمىدا،مۇشۇنداق تەپسىلى چۈشەندۈرمىسە ئەلۋەتتە خاتا چۈشىنىلىدۇ دە!!؟؟
تېمىڭىزغا رەھمەت!


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

ئۇيغۇرچىلىق
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 23:11 چوققىغا قايتىش
heyali
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1340
شۆھرەت: 1341 نۇمۇر
پۇل: 13400 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:138(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىنىڭچە قۇرۇق يەردە خامان تالاشماي مۇشۇ تىل يىزىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئادەمنى تىپىپ ئۇنىڭدىن ئوچۇق جاۋاب ئالغان ياخشى.

Nurluk elani

كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت.
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 23:16 چوققىغا قايتىش
nol

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 24
شۆھرەت: 25 نۇمۇر
پۇل: 240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:20(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن سىزنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيە ئىمتىھانى تەسىس قىلشقا يازغان ئىنكاسلىرىڭىزنى كۈرۇپ بىر نەرسە دەي دەپ يەنە توختاپ قالغان، ئەمدى بۇ ماقالىنى تىپىپ قالقان قىپسىز . ئۇلۇغ پەيغەنبىرىمىز مۇھەممەت (ئاللاھتىن ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۇچىلەرگە رەھمەت بولسۇن)مەككىنى ئالغان چاغدىمۇ بېشى توگىنىڭ لوكىسىغا تەككەن ھالدا كىرىپتىكەن. قىرنداشلىرىڭىزغا سىپايە بولۇڭ، قالقاننى سورىماي كوتۇرۇپ ،نەيزە -قىلىچ يوق زادى نەگە سەپەر؟

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-26 23:52 چوققىغا قايتىش
xirak317

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ماقالىدە دىيىلگەندەك ، تاۋۇشلارنى تولۇق تەلەپپۇز قىلىش ، چۇشۇرۇپ قويماسلىق ، بۇ كەڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئۇمۇملاشمىقى تولىمۇ تەس، چۈنكى ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ ئەدەبى تىل ساھەسىدىكى بەزى قاراشلىرى بىردەك ئەمەس ، ھەتتا زور دەرىجىدە ئىختىلاپ مەۋجۇت ، شۇ سەۋەپتىن تا ھازىرمۇ ئېغىز تىلى بىلەن ئەدەبى تىلنىڭ پەرقى چوڭ بولماقتا ، بەزى زىيالىلار ئەدەبى تىل دىتاللىرىنى تاللاشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان، مىللى خارەكتىرى كۈچلۈك بولغان يەرلىك شېۋىلەرنىڭ ئورنىغا چۈشىنىشكە ۋە پايدىلىنىشقا ئەپسىز بولغان چەت ئەل تىللىرىنى مەجبۇرى سۆرەپ ئەكىرمەكتە (بولۇپمۇ ، ئەرەپ، پارىس ، خەنزۇ ، ياۋروپا تىللىرى)، نەتىجىدە زىيالى بىلەن دېھقان ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ ئۆز ئارا تىلدا چۈشىنىشمەسلىك مەسىلىلىرى سادىر بولماقتا . قىسقىسى ، ئەدەبى تىل -مەخسۇس زىيالى قاتلىمىلا چۈشىنىدىغان ۋە ئىشلىتىدىغان تىل بولماستىن بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تىل بولىشى كېرەك . شۇندىلا يۇقىرىقى مەسىلىنى ھەل قىلىش مۇمكىن .

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 00:13 چوققىغا قايتىش
alga~nap
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 786
شۆھرەت: 787 نۇمۇر
پۇل: 7613 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:182(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى 1983-يىلى لاتىن يىزىقى ئاساسىدىكى يېڭى يىزىق قوللىنىشتىن توختاپ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۇرۇلگەن ھەمدە بىر ئاز تولۇقلاپ ئىسلاھ قىلنغان ئەرەپ ئىلىبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقىنى كۆرسىتىدۇ .بۇ يىزىق ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىلىم -پەن ،مەدەنىيەت ئىشلىرىدا ئىنتايىن موھىم رول ئويناپ كەلدى .بۇلۇپمۇ ئۇزۇن تارىخى جەرياندا ئىلمىي ۋە باشقا ئىھتىياجلار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يىزىقىدا كۆلىمى ۋە دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان ئىسلاھاتلاربولدى.دىمەك ھازىرقى ئۇيغۇر يىزىقىنىڭ تاكامۇللىشىشى ئۇزاق مەزگىللىك مۇرەككەپ بىر دەۋرنى باشتىن كەچۇردى.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن كىيىن شىنجاڭدا زامانىۋى مەتبە بارلىققا كىلىپ ،چاغاتاي ئۇيغۇر يىزىقى قەدەممۇ -قەدەم ئۇيغۇر تىلىنىڭ فۇنىتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ماسلاشتۇرۇلدى .جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن پارتىيە ،ھۆكۈمەت ئازسانلىق مىللەت تىل يىزىق ئىشلرىغا كۆڭۈل بولدى.1954-يىلى 3-ئايدا چاقىرلغان تىل -يىزىق خىزمەت يىغىنىدا «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىلىپبەسى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى»نىڭ لاھىيىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى.1983-يىلى ئۇيغۇر كونا يىزىق ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن ،يىزىقىمىزدىكى ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ھەل بولمىغان ئىملا مەسىلىلىرى گەۋدىلىك كۆرۇلۈشكە باشلاپ،ھەل قىلمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە بىرىپ يەتتى .شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە تەرتىۋى يىڭىدىن بىكىتىلدى.
---------------------
گەرچە ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ،ئىملا ،تەلەپپۇز جەھەتلەردە قىلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە بىرلىككە كەلتۇرۇش جەھەتتە كۆپلىگەن خىزمەتلەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ بىراق ۋاقىتلىق بولۇپ قالغان .داغدۇغلۇق باشلىنىپ ئاز ئۆتمەيلا ئۇنتۇلۇپ قالغان.ئىككى يىل ئاۋۋال مۇشۇ تۇرلەر بويىچە بىر قىتىملىق تەربىيلەش بولدى.تەربىيلەش ۋاقتى ئۈچ كۈن .ئويلاپ باقايلى بۇ ئۈچ كۈندە نىمە ئىشلارنى قىلغىلى بولار باشلىنىش مۇراسىمىغايىرىم كۈن ،ئاخىرلاشتۇرۇشقا يىرىم كۈن ۋاقىت كەتتى .پەقەت ۋەزىپە تاماملاندى.ئۈنۈمى بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىدى.
دىمسىمۇ ھازىر ئۇيغۇر تىلى ئىملا ،تەلەپپۇر قائىدىسىدە بۇزۇلۇش ئىغىرراق ئەمەس خىلىلا ئىغىر .بۇلۇپمۇ تەلەپپۇز جەھەتتە جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپلەردە بۇ مەسىلە بەكرەك ئىغىر دەپ ئويلايمەن .
ئۇنىڭ ئۈستىگە يىڭى ئىسلاھاتتا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ئايرىم كىتاپ ھالىتىدىن بىرىكمە ھالاتكە ئىلىپ كىرىلگەن بولۇپ بۇ نۆۋەتتە ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان دەرىجدىكى قيىنچىلىقلارنى ئىلىپ كەلگەن .ئۇيغۇر تىلى دەرسى دەل ئوقۇغۇچىلار ئىملا قائىدىسىنى تەربىيسى ئىلىپ باردىغان ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەرككۈر قىلىشقايىتەكلەيدىغان،جۈملىدىن قانداق سۆزلەشنى ئۈگىتىدىغان موھىم دەرس .بىراق تولۇقسىز يىللىقلارنىڭ دەرسلىكىدە ئۈچ قىسىم ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى ھەرقايسى يىللىقلار ئەدەبىيات دەرسىگە قىسقا ،ھالاتتە كىرگۈزۇلۇپ قويۇلغان .بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈلمەي قىلىش ھالىتىگە چۇشۇپ قالغان .بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىش ،ئىملا قائىدىسى قاتارلىق تەرەپلىرىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەكتە.


Nurluk elani

ئەربولساڭ مەرد بولغىن ،ۋەدىدىن يانما،
ئازغىنا نەپنى دەپ ۋىجداننى ساتما.


[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 00:14 چوققىغا قايتىش
AbdulQuddus


ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 257
شۆھرەت: 367 نۇمۇر
پۇل: 2610 سوم
تۆھپە: 79 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:298(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ماقالە ئاپتورىغا ۋە بۇماقالىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن قېرىندىشىمغا مىڭلارچە رەھمەت ئېيتىمەن !
پىكىر - تەشەببۇسىڭىز بەكمۇ يوللۇق ! ماقالىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم ، كۆپ رەھمەت ، جەنابىي اللە ئەجرىڭىزنىڭ ساۋابىنى ھەسسىلەپ بەرگەي ، امىن !



اللە اكبر
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 00:36 چوققىغا قايتىش
TOMTOGRAK


ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 455
شۆھرەت: 456 نۇمۇر
پۇل: 4380 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:345(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يۇقۇرىقى ماقالىنىڭ ئاپتۇرى ئابدۇرەئۇپ تەكلىماكانى نۆۋەتتە تىل-يېزىقىمىزغا ۋىجدانى بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئىمانى ئەركەك ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى. مەن ئالىمىمىزنىڭ تەتقىيقات ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ھەم ئۆز نۆۋىتىدە تېما ئېگىسىگە رەخمەت ئېيتىمەن.
    ئاپتونۇم رايۇنىمىز مىقياسىدا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ۋە ئىملا-تەلەپپۇزىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى 2002-يىلىدىن باشلاپ ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىنىۋاتقان بولسىمۇ ،بىراق،«ئەلگە نەپ» ئەپەندى قەيىت قىلىپ ئۆتكىنىدەك ئۇنىڭ ئۈنۈمىنى ھېچكىم سۈرۈشتۈرە قىلمايۋاتىدۇ.بۇنىڭ نۇرغۇن سەۋەپلىرى بولسىمۇ،بىراق ئۇنى ھازىرچە ھەل قىلىش بەسى مۇشكۈل...
    «ئەلگە نەپ »ئەپەندى ئۆزىنىڭ يازمىسىدا، تەربىيىلەش ۋە سىناق ئېلىش خىزمىتىنىڭ پەقەت 3كۈن بولغانلىقى، بىر كۈننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە يېپىلىش مۇراسىمى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈپتۇ . ئەمەلىيەتتە، بۇ خىزمەتنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى بولمىغان.ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئىمتىھان(ئېغىزچە ھەم يازمىچە )ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ،گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا،ئەينى چاغدا،ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال ناھىيىسى(ئەلگە نەپ ئەپەندى چاپچالدىن)دىكى مائارىپقا مەسئۇل تارماقلار بۇخىزمەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنىدى. دېمەك، ئىلى ئوبلاستى بويىچە چاپچال ناھىيىسىدە بۇ خىزمەت ئەڭ ياخشى ئىشلەنگەنىدى. نەتىجىسى «ئەلگە نەپ» ئەپەندى دېگەندەك بولغىنى ھەقىقەت.باشقا ناھىيە (كۈنەس،نىلقا،قورغاس ناھىيىلىرىدە بو خىزمەت تېخى ئىشلەنمىدى) لەرنىڭ ئەھۋالى تېخمۇ ئېغىر. گەرچە ئەھۋال شۇنداق بولسىمۇ ،غۇلجا شەھىرى بۇيىل 12-ئاينىڭ بېشىدا مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇننىڭ «تىل- يېزىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈشى»دىن «يۈقۇرى سۈپەت» بىلەن ئۆتتى.ئەمەلىيەتتە غۇلجا شەھىرىنىڭ تىل -يېزىق خىزمىتى شۇنداق ياخشى ئىشلەندىمۇ؟   كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى ، ئۇنداق ئەمەس!     ئۇنداقتا شەرەپ قانداق كەلدى؟   تەكشۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى غۇلجا شەھەرلىك ھۆكىمەت،ئىلى ئالىي مېھمانخانىسىنىڭ زىياپەت زالىدا كاتتا زىياپەت بەردى.(ھۆكىمەت بۇ زىياپەتكە شۇنچىلىك ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدىكى، ھەتتا،كىم قايسى شىرەدە ئولتۇرىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى ھۆكىمەت ئىشخانىسىدىكىلەر ساق يېرىم كۈن مەسلىھەت قىلىپ بېكىتتى.)   شۇنىڭ بىلەن يۇقۇرىقى شەرەپ قولغا كەلدى. دېمەك، «سۇ باشتىن لاي».
  ئەمدى بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟     تىل يېزىق مەسىلىسىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نېزاملىرى ئېنىق.يول كەڭرى. بېراق، ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان،داغدام يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلار بەك ئاز. شۇڭا ھەممىمىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز.   قانۇن- نېزاملارغا ئۆزىمىز ئەمەل قىلىشىمىز كېرەك.نۇرغۇنلىغان «مەن »لەر شۇنداق قىلالىغاندا،تىل يېزىقىمىزنى قوغداش،ئاسراش،تەرەققى قىلدۇرۇش،ئەڭ بولمىغاندا ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش نىشانىغا يېتەلەيمىز.
مەن مۇنبەرگە كۆپ ئىنكاس يازمايمەن .ئەمما،باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆپ ئوقۇيمەن.مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئۆزىدىمۇ مەسىلىلەر توشۇپ يېتىپتۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە: ئىملا خاتالىقى ۋە جانلىق تىلنى قوللىنىش.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم:ھەممىمىز ئىنكاس ۋەتېمىنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يوللاشقا ئالدىرىماي، بىر مىنۇت «قىممەتلىك ۋاقتىمىز»نى چىقىرىپ ئىملاسىنى تۈزىتىپ قويۇشنى ئادەت قىلايلى.


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-27 01:37 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-28 15:47, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije