رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، پايانسىز ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا چۆكۇپ كەتكەن بىر دۆلەت بولغان بۇلۇپ، ئېيتلىشچە بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى ئىمىش.
ئەڭ بۇرۇن ئاتلانتىس ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان كىشى گېرىتسىيەلىك پەيلاسوپ پلاتون . ئۇ «كىرىت» دىگەن ئەسىرىدە ئاتلانتىسنىڭ ئىلگىرى دۇنيانىڭ مەدىنيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. بۇ دۆلەت لىۋىيە بىلەن كىچىك ئاسىيانى قوشقاندىنمۇ چوڭ بولۇپ، كۈچ دائىرىسى مىسر ۋە تىررىنو دېڭىزلىرىغىچە كەلگەن.
كېيىن ئاتلانتىسلىقلار مىسىر ، گىرىتىسيە ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئەتراپىدىكى مىللەتلەرگە ئۇرۇش قوزغىغان.بىرىنچى قېتىملىق گىرىتسىيەگە قوزغىغان ئۇرۇشتا گېرىكلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنى چېكىندۇرگەن . ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قېتىملىق قاتتىق يەر تەۋرەش ئاتلانتىس دۆلىتىنى دولقۇنلار ئىچىگە غەرق قىلغان.
ئاتلانتىس دۆلىتىنى بىنا قىلغان ئادەم پوسىيدۇن( گېرىك ئەپسانلىرىدىكى دېڭىز ئىلاھى) بولۇپ، پوسىيدۇن كېرايتو ئىسىملىك بىر گۈزەل قىزنى ئەمىرىگە ئالغان ھەمدە ئۇنىڭدىن ئون بالىلىق بولغان. ئاتلانتىسنى ئونغا بۆلۇپ ، ئون ئوغلىنىڭ باشقۇرىشىغا بەرگەن. ئۇلار ئاتلانتىسنىڭ ئەڭ دەسلىپىدىكى ئون نائىپ خانى ئىكەن. پوسىيدۇننىڭ چوڭ ئوغلى ئاتلاس ئاتلانتس دۆلىتى شاھىنىڭ ۋارىسى بولغان. بۇ دەسلەپكى ئون نائىپ خان ئۆز-ئارا كېلىشىم تۇزۇپ بىر بىرىگە دەخلى قىلماسلىق ، بىرسى قىيىنچىلىققا يولۇقسا ، قالغانلار تەڭ ياردەم قىلىشماقچى بولۇشقان.
ئاتلانتىسنىڭ ناھايىتى ھەيۋەت تاغلىرى ، كەڭ كەتكەن تۇزلەڭلىكلىرى بولغان. تەبىئى بايلىقى ناھايىتى مول بولۇپ، دېھقانچىلىقتىن بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئالىدىكەن. خەلقى تېرىقچىلىق، ئالتۇن-كۆمۇش قېزىش ۋە مال-چارۋا كۆندۇرۇش بىلەن تىرىكچىلىك قىلاتتىكەن. شەھەرلىرىنىڭ ئاھالىسى كۆپ بولۇپ، شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرى باغلار ، قىزىل، ئاق،قارا مەرمەردىن ياسالغان ئىبادەتخانىلار، تىياتىرخانا، دوئىل مەيدانلىرى، يۇيۇنۇش كۆلچەكلىرى ۋە ئىگىز ئىمارەتلەر بىلەن تولغانىكەن.پورتتا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كېلىپ -كېتىپ تۇرىدىغان سودا كېملىرى ئاتلانتىس دۆلىتى بىلەن سودا قىلىپ تۇرىدىكەن.
ئاتلانتىسنىڭ كۈنسېرى قۇدرەت تېپىشىغا ئەگىشىپ ، پادىشاھنىڭمۇ قارا نىيىتى كۈچۈيۇپ، پۇتكۇل دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئۇچۇن ئۇرۇش قىلماقچى بولۇپتۇ. بىراق كۈچلۇك يەر تەۋرەش بىر كېچىدىلا ئاتلانتىس دۆلىتى دولقۇنلار ئىچىدە غەرق بولغان.
ئاتلانتىسنىڭ غەرق بولغان ۋاقتى پلاتوننىڭ يەنە بىر كىتابىدىكى خاتىرىلىرىگە ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن تەخمىنەن 11150يىل ئىلگىرى بولغان. پىلاتون ئاتلانتىس توغىرسىدىكى ئىشلارنىڭ ئېغىزدىن -ئېغىزغا كۆچۇپ كەلگەنلىكى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ توقۇپ چىقارمىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن.
ئەگەر پىلاتوننىڭ ئېيتقانلىرى راست بولسا ئۇنداقتا ئىنسانلار بۇنىڭدىن 12000يىل ئىلگىرىلا مەدىنيەت ياراتقان بولىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ ئاتلانتىس دۆلىتى زادى قەيەردە. مىڭ يىللاردىن بېرى كىشىلەر بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقىپ كەلدى.
20-ئەسىنىڭ 60-يىللىرىغا كەلگەندە ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ غەربىدىكى بېرمۇدا دېڭىز رايونى شۇنداقلا باھاما تاقىم ئاراللىرى، فىلورىدا يېرىم ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز رايونلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن جاھاننى زىل-زىلىگە سالىدىغان مۆجىزىلەر بايقالدى.
1968-يىلى ، باھاما تاقىم ئارللىرىدىكى بىمىنى ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز ناھايىتى تىنچ بولۇپ، دېڭىز سۈيى قارىماققا ئەينەككە ئوخشايتتى. بىر قانچە غەۋۋاسلار كىچىك كېمىدە بىمىنى ئارىلىغا قايتىش سەپىرىدە بىرسى تۇيۇقىسز «قاراڭلار، دېڭىزنىڭ تېگىدە ناھايىتى چوڭ بىر يول بارئىكەن»دىدى. غەۋۋاسلار تەڭلار پەسكە قاراپ ، زور تاشلار بىلەن ياتقۇزۇلغان بىر چوڭ يول دېڭىز تىگىدە سوزۇلۇپ ياتاتتى. تاشلارنىڭ چوڭ -كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىسىمۇ ناھايىتى رەتلىك ياتقۇزۇلغانىدى. بۇ ئاتلانتىس دۆلىتىنىڭ كارۋان يولىمىدۇ؟
70-يىللارنىڭ بېشىدا بىر تۇركۇم تەتقىقاتچىلار ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئازورىس تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىغا كېلىپ، 800مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز تىگىدىن ئالغان تاش جىنىسلىرىنى ئالغان. تەكشۇرۇش ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ بۇنىڭدىن 12000يىل ئىلگىرى ھەقىقەتەن بىر پارچە قۇرۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. بۇ پىلاتوننىڭ تەسۋىرلىكىنى بىلەن ئوخشاش بولۇپ چىققان.
1974-يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى بىر دېڭىز تەكشۇرۇش كېمىسى تارتقان 8پارچە رەسىمدە ناھايىتى چوڭ بولغان قەدىمقى كىشلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى بايقالغان.
1979-يىلى ئامىرىكا ۋە فىرانسىيەلىك ئالىملار ناھايىتى ئىلغار ئۇسكۇنىلەر ئارقىلىق بېرمۇدا«ئالۋاستى ئۇچ بۇرجەك»دىكى دېڭىز ئاستىدا پىرامىدا بايقاشقان. بۇ پىرامىدانىڭ تەرەپ ئۇزۇنلىقى 300مېتىر،ئىگىزلىكى 200مېتىر بولۇپ ، چوققىىسى دېڭىز يۇزىدىن ناھايىتى 100مېتىر پەس ئىكەن. بۇ مىسردىكى پىرامىدالاردىن چوڭ .بۇنىڭ ئاستىدا ناھايىتى چوڭ ئىككى ئۆڭكۇر بولۇپ، دېڭىز سۇيى كىشى ھەيران قالىدىغان سۇرئەتتە بۇ ئۆڭكۇرلەردىن ئېقىپ ئۆتىدىكەن.
ئەجىبا بۇ پىرامىدالارنى ئاتلانتىسلىقلار ياسىغانمىدۇ؟ ئاتلانتىسلىقلار ئىلگىرى مىسىرنى بويسۇندۇرغاندا ، ئاتلانتىسنىڭ پىرامىدا مەدىنيىتىنى مىسرغا ئېلىپ بارغانمىدۇ؟ ئامىرىكا قىتئەسىدىمۇ پىرامىدالار بار. بۇنىڭ كېلىش مەنبەسى مىسرمىدۇ ياكى ئاتلانتىسمىدۇ؟
ئەپسۇسلىنارلىقى بېرمۇدادىكى «دېڭىز ئاستى پىرامىدا»سىنى ئۆلچەش ئۇسكۇنلىرى دېڭىز ئۇستىدىن ئۆلچەپ چىقارغان يەكۇن. تېخى ھازىرغىچە بىرەر ئالىم تېخى بۇنى ھەقىقى بىر ئىنسانلار ياسىغان قۇرۇلۇش دەپ مۇتلەقلەشتۇرۇپ باقمىدى. بۇ بەلكىم بىر ئۇچلۇق تاغ چوققىسى بولىشى مۇمكىن.
سوۋىتلىكلەر تارتقان سۆرەتنىمۇ تېخى ھېچكىم ئاتلانتىسنىڭ خارابىيلىقى دەپ ئىسپاتلىمىدى.
بىمىنى ئارىلىدىكى تاش يولمۇ تېخى ھەقىقى ئىسپاتلىنىپ چىققىنى يوق.
بىراق ھەقىقى ئىسپاتلىنىپ چىققىنى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئاستىدا ھەقىقەتەن چۆكۇپ كەتكەن بىر قۇرۇقلۇق بارلىقى.
ئەگەر ئاتلانتىك ئوكياندا ھەقىقەتەن ئاتلانتىس دۆلىتى بولغان بولسا ، ئاتلانتىس ھەقىقەتەن رىۋايەتلەردىكىدەك سۇغا غەرق بولغان بولسا ، ئاتلانتىك ئوكياندىن چوقۇم ئاتلانتىس دۆلىتىنىڭ خارابىيلىقىنى تاپقىلى بولىدۇ. بىراق بىرمۇ ئارخىئولوگ ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تېگىدىن ئاتلانتىس دۆلىتىنىڭ بۇيۇملىرىنى تاپقانلىقىنى ئېلان قىلىپ باقمىدى. شۇڭا ھازىرغىچە ئاتلانتىس دۆلىتى يەنىلا مىڭ يىللاردىن بېرى يىشىلمەي كېلىۋاتقان سىر.
تەرجىمە قىلغۇچى : قوشۇق
خەنزۇچە«دۇنيانىڭ 5000يىلى» دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.
[ بۇ يازما koxuk تەرپىدىن 2007-12-19 17:58 دە قايتا ]