ئوتتۇز ياشتاتۇغۇلغان كۈنۈم
تەبرىك خەتمۇ كەلمىدى بۈگۈن...،
دىلكەش دوستۇم قويمىدى يوقلاپ.
پەيدا بولۇپ يۈرەكتە تۈگۈن،
سىرتقا چىقتىم قورساقنى توقلاپ.
ئىزلەپ يۈرۈپ تاپالماي تۇنۇش،
ئۇرۇن ئالدىم قاۋاققا كىرىپ.
كاۋاپ ،زاسۈي، پۇشۇرۇلغان گۆش،
ئالدىم روھسىز پۇلىنى بىرىپ.
لىقلاپ قۇيۇپ رومكىغا شاراپ،
ئىچتىم تانھا ئۆزۈمگە<<خوش>> دەپ.
سۇئال قويدۇم پوكەيگە قاراپ،
نېچۈن دوكان قالىدۇ بوش دەپ.
كۈتسەم ھىچبىر چىقمىدى سادا،
ئېسىل ماركا قالغاندەك توڭلاپ.
ياشار ئادەم نېمىشقا گادا؟
قورماي ماڭار يولىنى ئوڭلاپ.
بۆسۈپ كىرىپ روھىمغا غەشلىك،
قويدى مۇزدەك كۆڭلۈمنى ئىزىپ.
ياۋا ھىسلار قىلىپ كۈندەشلىك،
چىقتى شەيتان سۈرىتى سىزىپ.
ئەسكە چۈشۈپ ئۇنتۇلغان ناخشام،
كەتتىم ياڭراق ئاۋازدا توۋلاپ.
تەقدىر بەرگەن كۆڭۈلسىز ئاخشام،
ۋەيران قىلدى سەزگۈمنى ئوۋلاپ.
قۇرۇق شىشە كۆتۈردى غەليان،
تىنىچ تۇرغان تەخسىگە تىگىپ.
ھاسىل بولدى مۇرەككەپ جەريان،
تاپا-تەنە قەددىمنى ئىگىپ.
قايتتىم يەنە جەرمانە تۆلەپ،
ئالدى يەردەك قوينىغا تۈنۈم.
كونا چۈشلەر كەتتى بىر-بىرلەپ،
ئوتتۇز ياشتا تۇغۇلغان كۈنۈم.
مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم
__ فىرقەت تەستىقلىدى
[ بۇ يازما kok-sultan تەرپىدىن 2007-12-15 12:16 دە ق ]