يەنىلا .
يەنىلا بوپ قالدىم ئاددى بىر نەرسە ،
يەنىلا يوقلۇققا تاشلاندى تېنىم .
ئۇزۇلدى ئۈمۈدىم سېنىڭدىن پۇتۇن ،
ئېسىمدە قالمىدى سېنى سۆيگۈنۈم .
يەنىلا قەلبىمدە چەكسىز باياۋان ،
يەنىلا ھەيدەلدىم تەقدىر قوينىغا .
ھېچقانداق ئۈمىتكە يول تاپالماستىن ،
يەنىلا ئېسىلدىم ھەسرەت بوينىغا .
يەنىلا مەن ساڭا ئېرىشەلمىدىم ،
بىر ھەسرەت قەلبىمنى چۇلغۇدى شۇ تاپ .
بىر جەريان كۆرۈندى سۆيگۇ، بەخت بوپ ،
ۋە لېكىن ئۆمرۈمنى قويدۇم مەن ئاتاپ .
لەيلى تەستىقى