>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى -> ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 277 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
@DIL@

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 437
شۆھرەت: 458 نۇمۇر
پۇل: 4370 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:164(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ

ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﺎﻣﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺷﯘﯕﺎ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺶ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ.
«ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻧﺎﻣﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ:
1. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﮕﻪ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﻩ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
2. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺗﺎﺭﻳﺎﭼﯩﻦ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ «ﺗﺎﺭﻳﺎﭼﯩﻦ» ﺳﯚﺯﻯ «ﺗﺎﺭﺍﭼﯩﻦ» ﺩﻩﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯘ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ «ﻳﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﻐﯘﭼﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
3. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺪﯨﻜﻰ «ﭼﯚﭘﭽﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎﺭﺳﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ، ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ، ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ، ﺳﯩﺮ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﯞﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯘﻏﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﺮﯨﻖ-ﺋﯚﺳﺘﻪﯕﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﭘﻘﺎﻥ، ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﺗﯧﺮﯨﻐﺎﻥ، ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﯧﭽﺒﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﺪﻩ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭﺩﻩﻙ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﻳﻮﻕ. «ﺋﯩﻠﻰ» ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺪﻩ «ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ» ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ، «ﺗﺎﺭﯨﻢ» ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ «ﺗﺎﺭﯨﻤﺎﻕ» ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺕ ﺋﯧﻜﯩﻤﻪﻙ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ، ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﺪﻩ «ﭼﯚﭘﻨﻰ»ﻧﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
4. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﻰ (ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ)ﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ 11-ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯧﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ 1765-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﻴﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
5. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» «ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺗﯧﮕﻰ-ﺗﻪﻛﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﻛﯚﭼﯜﺷﺘﻪ «ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ» -ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
6. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ «Tara cin» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﻩﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ «Tara cin» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
7. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯ، ﺋﯘ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ-ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻦ 6000 ﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﭼﻘﯘﺯﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﺋﯘ «ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺸﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺧﻪﻟﻖ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
8. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ ﺳﯚﺯ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ 1825-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ. ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، 1829-ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﺩﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﻴﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
9. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﺎﻧﺠﯘﭼﻪ ﺳﯚﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺗﯧﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻣﺎﻧﺠﯘﻻﺭ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ، «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» ﺩﻩ «ﺗﺎﺭﺍﻥ» ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺳﯚﺯ، ﺋﯘ «ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺍﻫﻼﻧﻐﺎﻥ. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺗﯧﺮﯨﻐﯘﭼﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯗﺭ. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
10. «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ.
ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ «ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﭼﻴﻪﻧﻠﯘﯓ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﮕﻪﭼﻜﻪ، ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ (ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ)» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ.
ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺗﺎﺭﻳﺎﭼﯩﻦ» ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ» ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻫﻪﻡ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﺩﻩ : «ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺗﯜﺭﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻫﯜﻧﻪﺭ-ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ «ﭼﻰ»ﻧﻰ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ‹ﺗﺎﺭﻍ -ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ› ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ «ﺗﺎﺭﻏﭽﻰ-ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ»، ‹ﺋﻪﺗﯜﻙ -ﺋﯚﺗﯜﻙ› ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ «ﺋﻪﺗﯜﻛﭽﻰ-ﺋﯚﺗﯜﻛﭽﻰ، ﻣﻮﺯﺩﯗﺯ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ»(1) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺑﺎﺭ. ﺷﯘﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» (ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ) ﺳﯚﺯﻯ «ﺗﺎﺭﻏﭽﻰ» ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ، ﺗﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯗ. «ﺗﺎﺭﻏﭽﻰ» ﺳﯚﺯﻯ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ «ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﻰ» ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺑﺎﻳﺎﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪﻫﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﭘﻪﻗﻪﺕ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﺩﯨﻜﻰ «ﺗﺎﺭﻏﭽﻰ» ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﻰ، ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﭼﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺭﻩﺳﻤﯩﻲ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﻫﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﺩﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ «ﺗﺎﺭﻏﭽﻰ» ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ، «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»ﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ، ﺋﯧﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﺎﻱ، «ﺗﺎﺭﻏﭽﻰ» ﻳﺎﻛﻰ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺷﯘﺑﻬﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺯﻭﺭﯗﻗﯘﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﻛﻪﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺗﺘﻪ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﻻﯓ-ﺗﺎﻟﯩﯖﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻴﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻨﯩﯔ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺝ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﭗ، «ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﯞﻩ ﯞﺍﯓ-ﮔﯘﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﻣﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻟﺪﻯ»(2). ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻗﻮﺑﯘﻗﺴﺎﺭﻏﺎ ﺋﺎﻫﺎﻟﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻳﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ «ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻘﻼﺭ» ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ. ﺧﯘﺳﯘﺳﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻑ.ﺋﻰ. ﯞﺍﻳﻜﻮﯞﻧﯩﯔ «ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﺎﻳﺎﻫﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ»ﺩﻩﭖ ﻗﻮﺑﯘﻗﺴﺎﺭ ﯞﻩ ﺋﯧﺮﺗﯩﺶ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯚﺭﺳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﯞﺍﻳﻜﻮﯞ «ﺑﯘ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺌﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ»(3)ﺋﯩﺪﻯ. ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ﻳﻪﻧﻪ «ﺗﺎﺭﯨﺌﺎﻧﭽﯩﻦ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، 1667-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﯖﮕﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻛﺮﻭﻧﻮﯞﯨﺴﻜﻰ «ﺗﺎﺭﯨﺌﺎﻧﭽﯩﻨﻼ، ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻲ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ»(4)ﺩﻩﭖ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ (1634-1653)ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﻮﺑﯘﻗﺴﺎﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺮﺗﯩﺶ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ، ﺯﺍﻳﺴﺎﻥ ﻛﯚﻟﻰ ﺑﻮﻳﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ» ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺗﺘﻰ. ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﯞﻩ ﺳﯧﯖﮕﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻫﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻏﺎﻟﺪﺍﻥ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻗﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺗﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ«ﺗﺎﺭﻳﺎﭼﯩﻦ»ﺳﯚﺯﻯ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ«Tariancin» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ«ﺗﺎﺭﯗﻧﭽﯘ» ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﺮﺍﻧﺴﻜﺮﯨﭙﯩﺴﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. «ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ-ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﻟﯘﻏﻪﺕ» ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺭﻭﺳﭽﻪ-ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ-ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ ﻟﯘﻏﻪﺕ»ﻛﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «Tariancin» ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺋﯘ «Tarian» (ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ، ﺋﯧﻜﯩﻦ)(5) ﯞﻩ «cin» (ﺳﯚﺯ ﻳﺎﺳﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻻﻧﻤﺎ)ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻛﺒﺘﯩﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، «ﺋﯧﻜﯩﻨﭽﻰ»، «ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ»، «ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﻰ»، «ﺋﯩﺠﺎﺭﯨﻜﻪﺵ»(6)ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ؛ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺪﺍ «Tarian» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ «ﺋﯧﻜﯩﻦ»، «ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ، ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺪﺍ «ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﺳﺎﻕ، «Tarian» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ
taran ci ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﻫﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ ﺳﯚﺯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻱ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، «ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ 84 ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺷﻪﺭﻗﻰ»(7)ﺩﯨﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯚﻣﯜﺭﻛﺎﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻣﯘ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻛﯚﻣﯜﺭ ﻛﯧﻨﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﺪﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﯩﭽﻪ، ﻛﯚﻣﯜﺭﻛﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺗﺎﺭﯛﻧﭽﯜ» ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، 17-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «tariancin» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
«ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ «ﭼﯚﭘﭽﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ. ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ «ﻳﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﻐﯘﭼﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻘﺎ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎﻫﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﻧﻰ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻧﺎﻣﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭ ﺩﻩﭖ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ.
«ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ 5-ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ «ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺗﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯜﻧﻜﻰ «ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﭼﺎﺭﯞﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺋﯩﭽﻜﻰ-ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭ» ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
«ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ 6-ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «tariancin» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ، ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ «taracin» ﺩﻩﭖ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﺮﺍﻧﺴﻜﺮﯨﭙﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺟﻪﺯﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﯞﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﻫﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻻﻣﺎ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻻﻣﺎ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻣﻪﺯﻫﯩﭙﯩﻨﻰ ﻳﯚﻟﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﻳﯧﺰﯨﻖ ﺋﯩﺴﻼﻫﺎﺗﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ، ﺋﻮﻳﺮﺍﺕ ﺷﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ «ﺗﻮﺕ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ»ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻫﺎﺯﯨﺮﻻﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ. ﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻛﯩﺮﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﭖ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ «tarian» ﺳﯚﺯﻯ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﺕ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، «ﻳﻪﺭ ﺗﯧﺮﯨﺶ، ﺋﯘﺭﯗﻕ، ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ»(8) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.
«ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ 7-، 8-، 9-، 10-ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﺩﺍ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﻫﻪﺭﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﻳﯩﻞ ﺩﻩﯞﺭﻯ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺭﯨﺴﻰ ﻏﺎﻟﺪﺍﻥ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻗﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ، ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، «ﺗﺎﺭﻧﭽﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ 1755-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﻮﺭﺳﺎﻧﺎﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﺑﺎﭼﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﯛﺷﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ «ﺗﺎﺭﯨﺌﺎﻧﭽﯩﻦ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﺑﺎﻏﯟﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻫﻪﻡ ﻛﯧﻤﯩﭽﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﭖ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺩﺍﺑﺎﭼﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﻰ ﻫﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ 1759-ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻗﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. «ﺑﺎﺯﺍﺭﮔﺎﻧﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺌﺎﻧﭽﯩﻨﻼﺭ، ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ»(9)ﺩﯨﻨﻤﯘ ««ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻫﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ»(10). ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻟﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺧﺎﻻﺱ. ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻫﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻐﯩﻤﯘ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯛﺭﻏﺎﻥ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ «ﭼﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﺎﯞﺯﯗﯓ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ»ﺩﻩ: «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ 100 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﯘﻟﯘﻧﺒﯩﺮﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﻟﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﻖ-ﺋﯚﺳﺘﻪﯓ ﭼﯧﭙﯩﭗ، ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ»(11) ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ، 1782-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﺘﯘ ﺋﯚﺯ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ: «ﺋﯩﻠﻰ ﺳﺎﯕﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ 500 ﻣﯩﯔ ﺧﻮﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ، ﺋﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ»(12) ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.
ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﻗﯘﻧﺘﻪﻳﺠﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻰ، ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 17-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ «tariancin»ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ. «19-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ«tarancin»ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ»(13)، «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ-ﻗﻮﺑﯘﻗﺴﺎﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ. ﻏﺎﻟﺪﺍﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻗﺴﺎﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، «ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ» ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﯓ-ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.
* * * * * * * * * * *
(1)ﻣﻪﻫﻤﯘﺩ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ، «ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ»، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 1983-ﻳﯩﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺗﻮﻡ، 63-64-ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ
(2) ﺋﻰ.ﻳﺎ.ﺯﯨﻼﺗﻜﯩﻦ، «ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ»، ﺳﻮﺩﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 183-، 184-، 313-، 343-ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ
(3)(4)(8) ﺧﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻛﯩﺮﺍ، «ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻘﻼﺭ»، «ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ»، 12-ﺟﯩﻠﺪ 6-ﺳﺎﻥ.
(5) ﻥ.ﻥ.ﭘﻮﭘﭙﻰ «ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ-ﺭﻭﺳﭽﻪ-ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﻟﯘﻏﻪﺕ»، 1938-ﻳﯩﻞ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﻰ ﺭﯗﺳﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ 1-ﺗﻮﻡ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ، 341-ﺑﻪﺕ
(6) ﻛﯟﺍﻟﻮﯞﺳﻜﻰ «ﺭﻭﺳﭽﻪ-ﻓﺮﺍﻧﺴﯘﺯﭼﻪ-ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﻪ ﻟﯘﻏﻪﺕ»، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺗﻮﻡ، 109-ﺑﻪﺕ، ﺳﺎﮔﻮﺟﻰ ﺗﻮﺭﯗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ «18-، 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ»ﺩﺍ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﻪﻗﯩﻞ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1984-ﻳﯩﻞ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 1-ﻛﯩﺘﺎﺏ، 230-ﺑﻪﺕ.
(7)«ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﺴﻰ» 1985-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ827-ﺑﻪﺕ
(9) ﺳﯘ ﺋﯧﺮﺩﻯ، «ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ»، 1-ﺟﯩﻠﺪ، «ﺷﻪﻫﻪﺭ ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﻪﺭ»
(10)«ﭼﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﺎﯞﺯﯗﯓ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ»، 635-، 598-، 619-، 594-، 595-، 612-، 693-ﺟﯩﻠﺪ
(11)«ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ»ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1984-ﻳﯩﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ 1-ﻛﯩﺘﺎﺏ 446-ﺑﻪﺕ
(12) ﺳﺎﮔﻮﺟﻰ ﺗﻮﺭﯗ «18-، 19-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ» ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1984-ﻳﯩﻞ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ، 1-ﻛﯩﺘﺎﺏ، 233-ﺑﻪﺕ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ: «17-، 18-ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ» ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ، 173-ﺑﻪﺕ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ، 2002-ﻳﯩﻠﻰ 1-ﺋﺎﻱ1-ﻧﻪﺷﺮﻯ، ﻳﯘﻧﯘﺳﺠﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ


لەيلى تەستىقى


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 04:20 چوققىغا قايتىش
pakzat~



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 306
شۆھرەت: 307 نۇمۇر
پۇل: 3060 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:83(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


No permission to view this article

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 13:44 چوققىغا قايتىش
webuighur

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 144
شۆھرەت: 161 نۇمۇر
پۇل: 1027 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:31(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


[glow=255(كەڭلىكى),red(رەڭگى),1(چۆرىسى)]
دىل ياخشىم سېز
سىز نىڭ بۇيازمىڭىز ناھايىتى تەپسىلى يېزىلىپتۇ ، تارانچى دىگەن بۇ سۆز ، يەرتېرىغۇچى دىگەنلىك ،يازمىڭىزغا تەشەككۇر ،ياخشى تېمىلارنى داۋاملىق يوللىغاي سېز
[/glow]


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 13:50 چوققىغا قايتىش
taranqi1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 83
شۆھرەت: 83 نۇمۇر
پۇل: 668 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىزگە كۆپ رەخمەت.سىز بۇ تۇغۇرلۇق كۆپ ئىزدىنپسىز. يەنمۇ تىرشىڭ،.

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 14:49 چوققىغا قايتىش
kampvtar



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 10
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 100 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ نام ھەققىدە ئىلمىي ئىزدىنىپ كۆرۈش ئىلى ھەم يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تارىختىن بۇيان ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىلەن يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ تارانچى دەپ ئاتالغان. ئۇنداقتا بۇ نام قانداق پەيدا بولغان؟
1. قەدىمكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئالتىنچى خاقانى تاران خاقان دەپ ئاتالغان. <ئۇيغۇر كىشى ئىسىم - فامىلىلىرى> ناملىق كىتابنىڭ 112 - بېتىگە قاراڭ. يەنە مەھمۇد قەشقىرى بوۋىمىزنىڭ دىۋانىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، تارىمچى، تارىن، تارىغچى، تاردىئاچى دېگەندەك سۆزلۈكلەرنى ئۇچرىتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا دېھقان دېگەن مەنىدە كەلگەن. بۇلاردىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ ئاتالغۇنىڭ بىزدە تارىخىي ئاساسى بار.
2.موڭغۇلچىدا تارىئاچىن دېگەن ئاتالغۇ زادى قايسى زاماندا پەيدا بولغان دېگەن سوئالغا تېخى جاۋاب بېرىلمىدى. <موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى> ھەمدە موڭغۇللار ھەققىدە باشقا ماتېرىياللارنى ئىزدەپ كۆرسەك بىلەلەيمىزكى، ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ يېزىق قوبۇل قىلىشى ھەمدە دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى ئۆگىنىشىدە ناھايىتى زور رول ئوينىغان. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا بۇ ئاتالغۇ ئالدى بىلەن بىزگە تەئەللۇق بولىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن نۇرغۇن ئوخشاش ئاتالغۇلارنى موڭغۇلنىڭ دەمدۇق؟ مەسىلەن، قۇدۇق، بۇلاق، غول، مارال، باتۇر، ئالتۇن، كۆك، باخشى، تەڭرى... دېگەندەك. بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچىدىمۇ، موڭغۇلچىدىمۇ بار. بۇلارنى ھازىرچە ئالدىراپ موڭغۇلنىڭ دەۋەتسەك زور خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز.
3.تۈركىيە جۇمھۇرىتيىتدە تا ھازىرغىچە ئەر كىشى ئىسىملىرىغا تاران، تارانچى دېگەن نامنى ئىسىم قويۇش ئادىتى بار. مەسىلەن، گۆكخان تاران، ساھىت سىتكى تارانچى... دېگەندەك. ئۇندىن باشقا دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە كۆن - خۇرۇم شىركىتىنىڭ نامى تارانچىلار دېرى. ئەجەبا، ئۇلارمۇ بۇ ئاتالغۇنى موڭغۇللاردىن قوبۇل قىلدى دەمدۇق؟ مېنىڭچە بۇ ئاقمايدىغان گەپ.
4.تارانچى نامى ئىلىدا ئەينى مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا ئاجايىب زور رول ئوينىغان، مەيلى يەرلىك ئىلىلىقلار بولسۇن، مەيلى قەشقەر، تۇرپانلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھەممىسى دېھقانچىلىقنى ئۇلۇغ بىلىپ، ئۆزلىرىنى تارانچى دەپلا ئتىغان. شۇڭا موللا بىلال نازىمى >غازات دەر مۈلكى چىن> دېگەن ئەسىرىدە تارانچىلارنىڭ كۈرەشلىرىنى زوقلىنىپ تەسۋىلرلىگەن. يەنە ئىلىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيتى مۇشۇ نام بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، پانتوسۇپ قازان باسمىسىدا نەشر قىلدۇرغان >تارانچى ناخشىلىرى> نامىدا نەشر قىلدۇرغان توققۇز توملۇق كىتابتا ئىلى ناخشىلىرى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ شىۋىسى ھەم ئۆرپ - ئادەتلىرى مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان.
5.ھازىر غۇلجا شىۋىسى، ئىلى شىۋىسى دەپ ئاتلىۋاتقان شىۋە ئەمەلىيەتتە تارانچى شىۋىسىنى كۆرسىتىدۇ، خەلقئاراچە نامىمۇ شۇ. تارانچى شىۋىسى ھاىزرقى يەتتە سۇ رايونىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار بىلەن ئىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق قوللىنىدىغان شىۋىسىنىڭ نامى.
شۇڭا بۇ نام ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ ئاندىن ھۆكۈم چىقارساق ئەقىلغا مۇۋاپىق بولىدۇ.


[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 15:13 چوققىغا قايتىش
جاللات

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 56
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 560 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:49(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


kampvtar ، گىپىڭىز ئورۇنلۇق ،

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 16:12 چوققىغا قايتىش
yiltizimda



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2
شۆھرەت: 3 نۇمۇر
پۇل: 20 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ ماتىريال بىلەن تەمىنلەپ بەك ياخشى قىلىپسىز ھارمىغايسىز ! سىزگە بىر گەپ دىسەم مەندىن ناۋادا تارانچى دىگەن گەپنىڭ مەنىسى نېمە دىسە مەن قاراقچى دەۋىتىشىم مۇمكىنتى بۇ يازمىغىز مېنى بىلىملىك قىلىۋاتتى جۇما ؟!!

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 16:22 چوققىغا قايتىش
cheksiz



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 55
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
پۇل: 540 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تەتقىقات ماقالىسىنى ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ يازدىڭىزمۇ ياكى باشقا تور بەتتىن كۆچۈرۈپ كەلدىڭىزمۇ ؟ ئەگەر كۆچۈرۈپ كەلگەن بولىسڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلار ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !
ئەگەر ئۆزىڭىز ئىزدىنىپ يۇقۇرقى كىتاپلاردىن نەقىللەر ئېلىپ يازغان بولىسىڭز ۋە ئېرىنمەي كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇرۇپ چىققان بولىسىڭز ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ئىرادىلىك قىز ئىكەنسىز !


Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 16:28 چوققىغا قايتىش
talwatamrovh



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-15

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن باشقۇرغۇچىلاردىن شۇنى سوراپ باقاي ، نىمە ئۇچۇن مېنىڭ خېتىمنى چەكلىدىڭلار ، يەنى پاك زات نامدىكى خەتنى ؟
ئەگەر سەۋەبىنى ئېيتمايدىغان بولسىڭىز ،، مەنمۇ سىزنىڭ قالايمىقانچىلىقىڭىزغا قاراپ تۇرماي مەن ، ئەمدى ئاتتاكىغا ئۆتىمەن
مەن ،، سەن خەقنىڭ نىمە ئۇچۇن شۇنداق قىلدىغانلىقىڭنى بىلمەن ،، ئۆزىلىرىڭ پايدىلانماقچى مېنىڭ ئىنكاسىمدىكى ئۆزلەردىن نۇمۇس قىلساڭچۇ دىۋانە ...پۇفۇي سېنىڭدەك سېسىق شەبنەمگە ،،،بېشىڭغا سىيدىغان نىملەركەنسەن خوش
مەن ساڭا رەقىپ بۇگۇندىن باشلاپ .


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 17:29 چوققىغا قايتىش
man~

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 115
شۆھرەت: 126 نۇمۇر
پۇل: 1150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:28(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇنداق ئىشمۇ بامۇ بۇ يەردە قايسى ھاراملىقتۇ قوقماي پاكزاتنىڭ ىېتىنى چەكلىگەن ،، بولدۇ سېسىق شەبنەمنى شۇ نېشىكىش ،قىمارۋاز ھاراملىقلارغا بېەيلى ،، مېنىڭ تور بېتىمگە كىرىڭلا ،،، ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ئەمسە ماڭا كېرەك سىزدەك ئادەم.


.
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 19:17 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:26, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije