ئاللاھ خالىسا يەنە قايتىپ كېلىمەن!!!
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
مەن مۇنبەردىن بىر مەزگىل يوقاپ كەتسەم مېنى سېغىنىدىغانلار چىقارمۇ؟بۇنداق دىگىنىم مەن ئەزەلدىن گىپىم تۈزلا بولغاچقا قوپال تۇيغۇ بىرىپ،نۇرغۇن تورداشلارنىڭ دىلىنى رەنجىتتىم.لېكىن بىرەرسىگە يامانلىق قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم.قەستەن زەربە بىرىپ باققانىم يوق.
مەن مۇنبەردىن بىر مەزگىل يوقاپ كەتسەم خۇددى مەن جۇدۇن،قامچا...لارنى ئەسلىگەندەك مېنى ئەسلەيدىغانلار،ئىز-دېرىكىمنى قىلىدىغانلار چىقارمۇ؟مەنچە چىقىپمۇ قالار.مەن چارچاپتىمەن،ھېرىپتىمەن.ئاخشاملىرى،چۈشلىكلىرى تۈزۈك ئارام ئېلىپ باقمىغىلىمۇ خېلىلا ئۇزۇن بولۇپتۇ.شەبنەم مۇنبىرىدىكى تىما ئىنكاسلارنى رەتلىگەندىن سىرت سۆھبەتخانىدىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ داۋاسىنى،نارازلىقلارنى بېسىقتۇرمىسام تېخى.ئارلىقتا«باشقۇرغۇچىنى چۈشىنەمسىز؟»«باشقۇرغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزى»دىگەن ماۋزۇدا ماقالە يوللىغان ئىدىم.ئۇ دەل مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم ئىدى.مەن تورداشلارغا،ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىنىڭ سەركىسى بولغان شەبنەم تورىغا ئەجىر سىڭدۈرەلگىنىمدىن ھەم ئەجىرىمنىڭ يەردە قالماي،بۇ تور بېتىنىڭ مەيلى مۇنبەر ياكى ئاۋازلىق سۆھبەتخانىسى بولسۇن ئالدىنقى قاتاردا كىتىۋاتقىنىدىن چەكسىز سۆيىنىمەن.لېكىن شۇنداق سۆيىنىش ئىچىدە ئۆزەمنىڭ چارچىغانلىقىنى بارا-بارا ھېس قىلىۋاتىمەن.تۇرمۇش،خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدىن سىرت بۇ تورنىڭ جاپاسىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خېلىلا ئېغىر.مەن ھەممىگە يىتىشىپ كەلدىم.تۈرلۈك بېسىملارغا بەرداشلىق بىرىپ كەلدىم.ئەمدىلىكتە بۇ تور بېتى ئۆزىنىڭ كۈنسىرى ئىلگىرلىشى بىلەن تۈزۈكلا يولغا كىرىپ قالدى.شۇڭا مەن بىر مەزگىل ئارام ئالاي دەپ ئويلاپ قالدىم.لېكىن مەن يەنە كۈزۈتۈپ تۇرىمەن.ئەسەرلىرىم بولسا يوللاپ تۇرىمەن.بۇنىڭلىق بىلەن يوقاپ كەتمەيمەن.پەقەت مېنى ئۇنتۇپ قالمىساڭلار مەن شۇنىڭدىن مىڭ مەرتىۋە رازى بولىمەن.بىرلا ئىش:جاپاكەش باشقۇرغۇچىلادىن ئۈمۈد قىلدىغىنىم ،مۇنبەر تەكرار تىمىلارغا،ئەخلەت ئىنكاسلارغا توشۇپ كەتمىسۇن.بىر كۈنلەردە ئىشلىرىم جايىغا چۈشۈپ ھاردۇقۇم چىققاندا قايتىپ كەلسەم مېنى يەنە ئاراڭلارغا ئېلىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆمۈد قىلىمەن.ماڭا ئارامچىلىق بەرسەڭلار،مەنمۇ قېنىپ ئۇخلاپ باقسام،شېرىن چۈشلەرنى كۈرۈپ باقسام...
2007-12-15 - كۈنى( بۈگۈن ئەينى ۋاقىتتىكى مۇنبەرنىڭ ئېچىلغان كۈنى) ئاخىرقى قېتىم تۈزتىپ يوللاندى.
بۇ تىمام ئۆچۈرۈلسە 3-تىمام ئۆچۈرۈلگەن بولىدۇ.