>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> بەس-بەس مۇنازىرە -> شەبنەم ئەھلىگە مەسلىھەت

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 97 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : شەبنەم ئەھلىگە مەسلىھەت IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
UYUXKAK

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
شەبنەم ئەھلىگە مەسلىھەت

مۆھتەرەم تورداشلار: ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردە ئوقۇپ دوكتۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان ۋە ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىملىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى 500 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولىۋاتىدۇ(ئىلاھىم مۇشۇ سان راست بولغىدى). كورىيەلىك ئالىم خۇاڭ يۈشى غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندىم دەپ دۇنياغا ئېلان قىلىپ بىر مەھەل ئىلىم ساھەسىنى زىل-زىلىگە سېلىپ، كېيىن يالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قېلىپ دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە رەسۋا بولغان بۇ ئالىم تاماملىيالمىغان(دۇنيادا تېخى ھېچكىم قىلالمىغان) بۇ تەتقىقاتنى قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپوۋ ئامېرىكىدا بۇ تېمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملاپ دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى! بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالەمچە خوشاللىق! ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىدىغان بۇنداق خەيرلىك ئىشلار جۇڭگۇ ۋە چەتئەللەردە يەنە كۆپ بولۇشى مۇمكىن.لېكىن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرىدىن قانچىلىكىنى بىلىمىز؟ ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ناخشىچى،ئۇسۇلچىلىرىنىڭ ئىسمىنى تاغاردا بىر سانىيالىغىنىمىز بىلەن ئالىملىرىمىزنىڭ 10-20 سىنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغانلىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس!مەكتەپتىكى بالىلىرىمىز بۇنىڭدىن تېخىمۇ يىراقتا.مىللىتىمىزنىڭ سەركىلىرىنى بىلمەي،ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن خەۋەر تاپماي يۈرۈش قۇرۇپ كېتىۋاتقان مەنىۋىيىتىمىزنى ھالاكەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ! شۇڭا مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئېسىل ئوغلانلىرىنى خەلقىمىزگە تونۇشتۇرۇش،ئۇلارنىڭ ئۆز ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمى نەتىجىلىرىدىن خەلقىمىزنى خەۋەرداش قىلىشنى تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارىدىم.ئىلگىرى «ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى» ناملىق بىر كىتاپ(كىتاپچە) چىققان ئىدى،كىتاپ ئوقۇش ئانچە ئومۇملاشمىغان بىزنىڭ مىللىتىمىز كىشىلىرىدىن بۇ كىتاپنى سېتىۋېلىپ ئوقۇغانلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن ھەم بۇ كىتاپ چىققاندىن بۇيان نۇرغۇن يېڭى ئالىملىرىمىز يېڭىدىن سەپكە قوشۇلدى.ھازىر خەلقىمىزدە ھەرقانداق تەشۋىقات ۋاستىلىرىگە قارىغاندا رادىئو-تېلېۋىزورنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى يۇقۇرى(خەلقىمىزنىڭ كۆپ قىسمى تېخى ساۋاتسىز)،شۇڭا بارلىق شەبنەم تورداشلىرى ھەممىمىز ئۆز ئالدىمىزغا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بىر قېتىمدىن تېلېفون ئۇرۇپ،بىر پارچىدىن خەت يېزىپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بىر پىروگرامما تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلساق قانداق بولار؟ ھازىر خەلقىمىز باشقىلارنىڭ زورلاپ تېڭىشى بىلەن ناخشا-ئۇسۇلغا بەكمۇ بېرىلىپ كەتتى،بىزنىڭ توققۇزىمىز تەل خەلق ئەمەس! كېچە-كۈندۈز داپ-دۇتتار بىلەن ئوتىۋەرمەيلى!ئەگەر مۇشۇ پىروگراممىنى روياپقا چىقىرالىساق بىزدىكى ھەددىدىن ئارتۇق ناخشا-ئۇسۇل قىزغىنلىقىغا ئازراق بولسىمۇ سوغۇق سۇ سېپىپ خەلقىمىزنىڭ تەپەككۇرىنى توغرا يولغا سېلىپ قالساق ئەجەپ ئەمەس.بۇ ھەم ئۆز نۆۋىتىدە مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ بولۇپمۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىگىلىرىنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەتنى سۆيۈپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالسا كېيىن يۈزىمىز يورۇق بولار دەپ ئويلايمەن.سىلەرچە گېپىم ئورۇنلۇقمۇ!؟

__ فىرقەت تەستىقلىدى


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 00:17 چوققىغا قايتىش
Hanjiri

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 63
شۆھرەت: 63 نۇمۇر
پۇل: 387 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:275(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-09-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم سىزنىڭ بۇ تەكلىبىڭىز ئىنتايىن ئورۇنلۇق بولۇپتىكەن بىراق چەتئەللەردىكى ئاشۇ ئالىملىرىمىزنى تېلىۋۇزۇردا تونۇشتۇرۇشقا ئامال بولارمۇ؟

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 10:26 چوققىغا قايتىش
koknur217



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 43
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:30(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ بولىدىغان ئىش ئىكەن، ئەمما يەنلا ئۈمۈد يوق، ھۆكۈمەت ئۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ئۈنچىلىك مەبلەغ ئاجىراتمايدۇ. ئەڭ قىسقىسى مۇشۇ يەردە ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە فىلىمىلىرىغا مەبلەغ سىلىپ بىرەر فىلمىنى تېلېۋىزۇردا قويۇپ بىرەلمىگەن تېلېۋىزىيە ئستانسى ھەرگىزمۇ بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن ئاۋارە بولمايدۇ. ئۇلار سەنئەت فىلىملىرىغا مىليۇنلاپ مەبلەغ سىلىشقا رازىكى بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن سىنت خەجلىمەيدۇ.

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 18:11 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:25, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije