>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> ساغلاملىق بىلىملىرى -> ئەيدىز كېسەللىكى كەلگۈسى ئەۋلادىلارغا مىراس قالمىسۇن

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 359 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئەيدىز كېسەللىكى كەلگۈسى ئەۋلادىلارغا مىراس قالمىسۇن IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
yaxa
يازما يوللاش ئۇستىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1099
شۆھرەت: 1110 نۇمۇر
پۇل: 11060 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:226(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئەيدىز كېسەللىكى كەلگۈسى ئەۋلادىلارغا مىراس قالمىسۇن

ئەيدىزدىن ساقلىنايلى



20-ئەسىردە زەھەر خۇددى يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش پۈتۈن يەر شارىغا تارقالدى .زەھەر ئىشلەپ چىقىرىش ئەۋج ئېلىپ ،زەھەر ئەتكەسچىلكى پۈتۈن يەر شارىغا يامرىدى .مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ،20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پۈتۈن يەر شارىدا زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ سانى ئومومىي نوپۇسىنىڭ بىر پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن ،زەھەر يەنە نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا شۇنداقلا ئەيدىز كېسەللكىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى . نۆۋەتتە ئەيدىز كېسەللكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا ئېغىر خەۋىپ يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق قاتىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .
1983-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ،ئامېرىكا كېسەللىكىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى تۇنجى بولۇپ ئەيدىز ۋىرۇسىنى بايقىغان .بۇ كېسەللىك پەيدا بولغاندىن بۇيانقى غايەت زور بۇزغۇنچىلىق دۇنيانىڭ دىققتىنى قوزغىدى. ئەيدىز كېسەللكى تىبابەتتە «ئېرىشمە خارەكتېرىلىك ئىممۇنېتىتىت كۈچ ئاجىزلىشىشى كېسەللىكى »دەپ ئاتىلىدۇ .ئادەم بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولسا ،ئىممۇنېتىتىت سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كېسەللىككە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلاپ ،ئاخىرى ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ .
ئەيدىز كېسەللىكى ئادەتتە قان ئارقىلىق يۇقىدۇ ،قالايمىقان جىنسىي پائالىيەتتىن يۇقىدۇ ، ھامىلدارلىق ،تۇغۇت ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ .
ئەيدىز كېسەللىكى ھازىرىچە داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان كېسەللىك بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ تارقىلىش يولىنى كىشلەرنىڭ پائالىيتى ۋە تۇرمۇش ئادىتى بەلىگىلەيدۇ .شۇڭا ،ئەيدىز كېسەللكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتۈنلەي مۇمكىن .شەخسلەر ئالدىنى ئېلىشتا ئاۋۋال ئەيدىز كېسەللكىگە مۇناسىۋەتلىك بىلملەردىن خەۋەردار بولۇشى ۋە تۆۋەندىكلەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم .
1- پاك بولۇش ،ئۆزىنى قەدىرلەش ،قالايىمقان جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولماسلىق ،ئىپپەت -نومۇسىنى ساتماسلىق ،پاھىشۋازلىق قىلماسىلق ،بىخەتەر جىنسىي تۇرمۇشنى ئادەت قىلىشى كېرەك .

2- زەھەرلىك چېكىملىك چەكمەسلىك ،تومۇردىن ئوكۇل قىلىشقا ئىشلتىدىغان يىڭنە ،شىپرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ،تەكشۈرۈشتىن ئۆتمىگەن قانننى ئۇرغۇزماسلىق كېرەك .

3- ئوكۇل ئۇرغۇزغاندا بىرلا قېتىم ئىشلتىدىغا شىپرسىنى ئىشلتىش ،داۋالاش سايمانلىرنىڭ دىزىفىكسىيسى ئىشەنچىلىك بولمىغان داۋالاش ئورۇنلىرىدا ،بولۇپمۇ شەخسىي دوختۇرخانلاردا ئوكۇل ئۇرغۇزۇش ،چىش تارتقۇزۇش ،يىڭنە سانجىپ داۋالاش ۋە ئوپراتىسيە قىلدۇرۇش قاتارلىقلاردىن ساقىلىنىش كېرەك .

4- دۆلەتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتمىگەن قان ياسالمىلىرىنى ئوكۇل قىلىدۇرماسىلىق كېرەك .


4-دىزىفىكسىىيە قىلىنمغان قۇلاق تېشىشى ،ھۆسۈن تۈزەش سايمانلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ،ساقال ئالىدىغان بېرتىۋا ،چىش چوتكىسى قاتارلىقلارنى باشقلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك .
ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەر ياكى ئايال جىنسىي ئالاقە داۋامىدا قارشى تەرەپكە يۇقتۇرىدۇ ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدار بولسا ،تۇغسا ۋە بالا ئېمىتسە ،ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ .ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقىشىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ .مۇتەخەسىسىلەرنىڭ قارىشىچە ،ئادەتتە ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى 13% تىن %42 كىچە بولىدىكەن .
ئاياللار ھامىلدار مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا ،شۇنداقلا ئانىنىڭ تېنىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى قانچە كۆپ بولسا ،ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ .ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشى يەنە ئانىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ،تۇغۇت ئىقتىدارى ۋە باشقا ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك .ئەيدىز كېسەللكىگە گىرىپتار بولغان ياكى تېنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن ئايال بالىنى ئېمتكەندە ،بوۋاقىنىڭ شۆلگىي ۋە ئاشقازىنى ۋىرۇسىنى ئۆلتۈرۈلمەيدۇ ،ئانىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا بالىغا سۈت ئارقىلىق ئۆتىدىغان ۋىرۇسىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ .
ئادەتتە بالا تۇغۇلۇپ 18ئايلىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرۈتسە بالىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلىگىلى بولىدۇ .بوۋاق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا ،تېنى ئاجىز ،كېسەلچان بولىدۇ .
شۇڭا ،ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بالىلارغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئەر ياكى ئايال ئۆزىدىكى كېسەللىككە نىسبەتەن توغرا تونۇشقا كېلىشى ،دۆلەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئاكىتىپ ماسىلىشىشى ،ئاڭلىق داۋالىنىشى ،بالىلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشدىن ساقىلنىش ئۈچۈن ،ئەڭ ياخشىسى پەرزەنتلىك بولماسلىقى لازىم .يېڭىدىن توي قىلماقچى بولىۋاتقان قىز -يىگىتلەر ئۆز -ئۆزىگە مەسئۇل بولغان ئاساستا تويدىن ئاۋۋال ئاكتىپلىق بىلەن بەدەن تەكشۈرتۈشى ،قانۇن بويىچە توي قىلشى لازىم .
بالىلار كېلەچەكىنىڭ ئىگىلىرى ،بالىلارنىڭ ساغلامىلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەمىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتىمىز ،ئەۋلادىلارغا يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولۇپ ،ئۇلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇمىلىنىپ قېلىشىدىن ساقىلىنىشىمىز ،ئۇلارنىڭ نورمال ،ساغلام ،ئەقىللىق ،چوڭ بولۇشىغا ھەمىمىز كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك .


دىلنۇر زەينۇللا
مەنبە ---ھاياتلىق ژورنېلىدىن 2007-06


__ چىن مودەن تەستىقلىدى


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

مەنىلىك ياشاي دېسەڭ، ئەجىر مېھنەت سىڭدۈرۈپ كىشىلىك تۇرمۇشىڭنى گۈلدەك بىزە.
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 21:52 چوققىغا قايتىش
ELSHER

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 922
شۆھرەت: 1021 نۇمۇر
پۇل: 6622 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:447(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-05-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەل _ جامائەت :

ئەيدىز ئەڭ پاسكىنا كىسەل ، ھەمىمىز   ھۇشار بۇلايلى .


Nurluk elani

مۇسۇلمانلارنىڭ پىداكارلىقىغا ھازىرقى زامان ئېلغار پەن _تېخنىكا بىرلەشسە مۇسۇلمەنلاردىكى پىداكارلىق ئاندىن ۋايىغا يىتىدۇ
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 23:24 چوققىغا قايتىش
nur-ziya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 735
شۆھرەت: 772 نۇمۇر
پۇل: 7350 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:186(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇنداق ! ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭ ،ئېھتىمال شۇ نىجىس ئەيدىس ۋېروسى يىنىڭىزدىكى كىشىدىلا بولىشى مومكىن!

Nurluk elani

[پاقىرىغانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى، ئالتۇن ئەمەس]
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 23:37 چوققىغا قايتىش
mavlanzor

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 210
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
پۇل: 1601 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:49(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇ نىجىس ئەيدىس ۋېروسى !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 23:43 چوققىغا قايتىش
yigana2

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 208
شۆھرەت: 218 نۇمۇر
پۇل: 2180 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇ نىجىس بۇرمۇنچە بىگۇناھلارنىڭمۇ جېنىغا چاڭگال سالماقتا.....ھۇششار بولايلى............

Nurluk elani

تەن ساقلىق زوربايلىق.ئاتا-ئانىدىن ئەزىز كىشى يوق.

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 02:58 چوققىغا قايتىش
tanha~suygu1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 309
شۆھرەت: 325 نۇمۇر
پۇل: 3100 سوم
تۆھپە: 27 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:90(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇ نىجىس ئەيدىس ۋېروسى ،شۇ نىجىس بۇرمۇنچە بىگۇناھلارنىڭمۇ جېنىغا چاڭگال سالماقتا

Nurluk elani

چۇشكۇنلۇك ئەركەككە ئېغىر كېسەلدۇر،
قەلبىڭنى بى ئەجەل قويمىغىن غەمدە!
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 03:26 چوققىغا قايتىش
oprator

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 7
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاللاھ ساقلىسۇن شۇ نجس كىسەلدىن ، ئۆزىمىزنى قەدىرلەيلى ! ناشايان ئىشلاردىن يىراق تۇرايلى ! زەھەر چەكمەيلى! بولسا تاماكىمۇ چەكمەيلى!

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 15:17 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:23, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije