بىر ھەپتىدىن بۇيان مۇنبەردە يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن بىرقانچە يارقىن نۇقتا ئۆستىدە توختالماقچىمەن. ئارتۇقچە بولسىمۇ خاپا بولمىغايسىلەر،
شەنبەم تور بېكىتى ئۇيغۇرچە تور بېكەت ساھەسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرچە خەت ۋە تىل بىلىدىغان ئابونتلارنىڭ ئاۋال تاللاپ كۆرىدىغان تور بېكىتى بولۇپ قالدى. تور بېكەتنىڭ بۇ تەرەققىياتى مەنلا ئەمەس، بەلكى مۇشۇ مۇنبەردىكى ھازىر تىزىملاتقان 26 مىڭدىن ئارتۇق ئەزا ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ خوشال بولۇشىغا ئەرزيدىغان ئىش.
گەپنىڭ نەق ئۆزىگە كېلەيلى:
1. يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان مۇنبەردە ئايالى ئۆلتۈردىغان، ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ۋە ئېرىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان، ھەتتا دوستىمىز فىرقەتنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان تورداشلار مەيدانغا كەلدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا گۆركارمۇ مەيدانغا كەلدى.
گەرچە بۇ خىلدىكى تېمە بىر خىل چاخچاق قىزىقچىلىق مەزمۇن بولسىمۇ ، بىراق شەبنەمدىن ئىبارەت دۇنياغا تونۇلىۋاتقان بۇ تور بېكەتتە مۇشۇنداق تېما زادى قانچىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە؟
مېنىڭچە بۇ خىلدىكى تېمىنىڭ ھىچقانداق تەربىيىۋى ۋە مەنىۋىي ئەھمىيتى يوق، بىز پۇت ئۇچىمىزنىلا كۆرمەيلى،
2. بۇ ئىككى كۈندە دوستىمىز FIRKAT كە قىلىنغان چەكتىن ئاشقان چاخچاق ئەۋىج ئالدى. يەنە تەكرارلاپ قويۇشقا زۆرۈركى: شەبنەم مۇنبىرى ھەرگىزمۇ 4-5 ئاغىينىلەر يىغىلغان ھاراق سورۇنى ئەمەس. بۇ پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن ئونۋېرسال تور بېكەت. مېنىڭچە مۇنداق لاۋزا چاخچاقنى قاۋاقخانىدا قىلىشمۇ بىر خىل ئەدەپسىزلىك ھېساپلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلىك ئىززەت ھۆرمەتكە قىلىنغان ھاقارەت دىيىشكىمۇ بولىدۇ. «FIRKAT بۇلبۇلىڭنى سايراتما» ناملىق بىر تېمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن نۇرغۇن تورداش بۇنىڭغا كۈلۈپتۇ. بۇ بىر چاخچاق بولسىمۇ باشقا كىشىلەر ئالدىدا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەت ساپايىمىزنىڭ قانچىلىق ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلغاندىن باشقا ئىش ئەمەس. دۆلىرىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىدا باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە دەخلى تەرۇز قىلىشنى جىنايەت ھېساپلايدۇ. بۇ خىلدىكى چەكتىن ئاشقان چاخچاقنى نوقۇل مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان شەخسنىڭ مۇبارەك نامىنى تىلغا ئېلىپ يازماسلىق كېرەك. (ئەمەلىيەتتە بۇ تېما ئىگىسىنىڭ باشقا غەرىزى يوق. بىراق بىز پۇتىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ يۈرمەيلى)
قىسقىسى مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە تاقىلىدىغان ياكى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئوبرازىغا تەسىر كۆرسۈتىدىغان تېمىنى يوللاپ، باشقىلارنى كۈلدۈرۈش بەدىلىگە ئۆزىمىزنى ۋە شۇ تېمىدىكى تىلغا ئېلىنغان شەخسنى چۈشۈرمەيلى.
3. «كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى قانۇنلاشتۇرۇش» بۇ تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى باشقا تېمىغا قارىغاندا كۆپ بولدى. بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئالغا بىر ئېغىزلا ئەقەللىي جاۋاب :«قانۇنلاشتۇرۇلمايدۇ» ئەمەلىيەتتە بۇ تېمىنى يولاشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق. مۇنازىرە قىلىشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مەن مۇشۇنچىلىك ئوتتۇرىغا قويدۇم. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى. تىل ئىنسان قەلبىنىڭ ئاچقۇچى.
لەيلى تەستىقى