ئۆز  ئەركىڭنى  تاڭما  بالىغا
<گۈلى-رەنا>  
 
«جان قوزام،ئاستا ماڭ كەتمە يىقىلىپ!»
سايىدەك  ئەگىشىپ  يۈرىسەن ھامان.
بۇزۇلسا  بۇزۇلغاي تۈزەپمۇ باققاي،
بۇزۇلۇپ  تۈزۇلۈپ  كەلگەنغۇ  جاھان  .
شوخلىقى كەلتۈرەر بىرەر بالا دەپ،
ئەركىنى بەنت  قىلىپ  توسما ئالدىراپ.
ۋەھىمىلىك تۇرقۇڭدىن  قورىنمىسۇن ئۇ،
قالمىسۇن ھەم شۇ تاپ ئەنسىز يىتىرقاپ.
ئەندىشە ئىلكىدە چەكلەپ ھەممىدىن ،
ئاغزىڭدا ئاۋايلاپ كۆيمە بالىغا.
تۇنجۇققان  تۇيغۇڭنىڭ تەققازاسىدا ،
ئوز ئەركىڭنى بولدى تاڭما  بالىغا.
ئۆز  ئەركىڭنى بولدى تاڭما بالىغا،
بالىلىق تۇيغۇدا نەپەسمۇ ئالغاي.
قورۇنۇپ  ھەممىدىن تەمتىلەپ دائىم،
نە ئۈچۈن  ياشاشنى  بىلمەي  قالمىغاي.
موللا پوك-پوك تەستىقلىدى .