>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> تەرمىلەر -> ۋاقىتنىڭ قىممىتى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 92 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ۋاقىتنىڭ قىممىتى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
ASAN-YUSAN
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1318
شۆھرەت: 1378 نۇمۇر
پۇل: 12589 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:351(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ۋاقىتنىڭ قىممىتى




ﮬﯘرۇﻧﻠﯘق ﻗﻪﻟﺒﻨﯩﯔ داﺗلاپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪۇر، ﮬﯘرۇن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ، دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﮔﻪپ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮرۇﻧﻠﯘق ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن. ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻜﺎر ﻳﯜرۈﺷﺘﯩﻦ ۋە ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺧﯘﺷﻴﺎﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ.
«ۋاﻗﯩﺖ دﯦﻤﻪك ﺋﺎﻟﺘﯘن دﯦﻤﻪﻛﺘﯘر» دﯦﮕﻪن ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻰ ﺑﺎر. دﯦﻤﻪك، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘت، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧلا ﺑﻮﻟﺴﺎڭ، ﺋﯘ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﭼﯚﻧﺘﯩﻜﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺰ ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪك، ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻚ ۋە ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻣﻪﮬﺴﯘلاﺗلارﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺑﺎزاردا ﻣﻪﻟﯘم ﺑﺎﮬﺎدا ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﺎﺗﺎلاﻳﻤﯩﺰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗلاپ، ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﺑﺎرالاﻳﻤﯩﺰ. ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﻮﻟﺴﯩلا، ﭘﯘل ﺗﺎﭘﺎلاﻳﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺷﻪك - ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ۋاﻗﯩﺖ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﺎلاﻳﺪۇ، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﭘﻪرۋا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ﺋﯘلار ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ۋاراق ﻗﻪﻏﻪز ﭘﯘﻟﻨﻰ زﯨﻴﺎن ﺗﺎرﺗﻘﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎراۋەر ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪت ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎراۋەر ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯘن. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘلار ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﻗﺎﻳﺘﺎ - ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﻛﯚرۈﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋﯦﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰدا ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺷﯘﯕلاﺷﻘﺎ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘلارﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺧﯩﺮاﺟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﭼﻤﺎي ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎن - ﺋﯧﺴﻪن ﺳﺎﻗلاپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮەر ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮەر ﻛﯜﻧﻠﯜك ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ زﯨﻴﺎن ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭘﻪرۋا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪي، ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻛﯜن، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ - ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮۇم ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك، ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺶ - ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت، ﺋﯘﻧﺪاﻗلار ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺟﺎزاﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك، دەپ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ.
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻗﺎﺗلاﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﻰ ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﮔﺎﮬلاﻧﺪۇرﯨﺪۇ. ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ 60 - 70 ﻳﯩﻠﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ دﯦﮕﯜدەك ﺋﯘﺧلاﺷﻘﺎ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؛ ﻏﯩﺰالاﻧﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ؛ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻛﯩﻴﯩﺶ ۋاﻗﺘﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؛ ﺳﯘ ﻳﻮﻟﻰ ۋە ﻗﯘرۇﻗﻠﯘق ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪا ﺳﺎﻳﺎﮬﻪت - ﺳﻪﭘﻪر ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﯘ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ؛ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺋﯜﭼﯜن ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚزى ﺋﯜﭼﯜن ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ۋاﻗﺘﯩﻤﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؛ دﯨﻨﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮام ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮاﻣلارﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؛ ﻳﯩﺮاق - ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘلارﻏﺎ دورا ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻏﻪﻣﺨﻮرﻟﯘق ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎش ﺳﺎﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘلارﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟەﺗﺴﻪك ﺷﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰﻛﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰ 15 ﻳﯩﻞ ﻳﺎﻛﻰ 20 ﻳﯩﻠﺪەﻛلا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻛﯩﻤﺪە ﻛﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪت، ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯩﻨﯘﺗﻨﻰ ﺋﯚز رازﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺴﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻤﻪﻳﺪۇ.
ﮬﻪﻣﻤﻪ ۋاﻗﯩﺖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ۋە ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﯩلا ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎلالاﻳﻤﯩﺰ ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩﺪار ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩلالاﻳﻤﯩﺰ. ﺋﻪﮔﻪر ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻤﺎي ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎر - ﺑﯩﻜﺎر ﻛﻪﺗﻜﯜزۈۋەﺗﺴﻪك، ﺋﯘ زﯨﻴﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻣﯜرۋاﻳﻪت ﺗﻮﻟﺪۇرۇۋالاﻟﻤﺎﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰ ﭼﻮﯕﺎﻳﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻤﯩﺰ ﮔﺎﻟﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ۋە ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ دەۋردە ﺋﺎلاﻟﻤﯩﻐﺎن ۋە ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﺑﯩﻠﯩﻢ - ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻏﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﯩﺪۇ. ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯚﺳﯜم ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ، ۋاﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ دﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ - ﺋﯜچ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش، ﺋﻪﮔﻪر ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ۋە ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ دەۋرﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺖ ﺟﺎﻳﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺴﻪ، ﻣﯚﻟﭽﻪرﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﺧلاق ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﭘﺎﻳﺪﯨلاﻧﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮬﯘرۇﻧﻠﯘق ﻗﻪﻟﺒﻨﯩﯔ داﺗلاپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، ﮬﯘرۇن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ دﯦﮕﻪن ﺑﯘ ﮔﻪپ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮرۇﻧﻠﯘق ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن. ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻜﺎر ﻳﯜرۈﺷﺘﯩﻦ ۋە ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺧﯘﺷﻴﺎﻗﻤﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ.



----------------------------------------------------------------------


    مەنبە : جۇڭگۇ مەدەنىيتى 2004-5 سانىدىن


موللا پوك-پوك تەستىقلىدى .


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 17:44 چوققىغا قايتىش
НаБи

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 358
شۆھرەت: 359 نۇمۇر
پۇل: 3570 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:37(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


،، رەخمەت ، رەخمەت  

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

ئسلنىڭ ئەسلىمۇ ۋەسلىمۇ ئسىل،  
پاك ۋىجدان غورورى نەسلىمۇ ئسىل.
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 01:39 چوققىغا قايتىش
ASAN-YUSAN
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1318
شۆھرەت: 1378 نۇمۇر
پۇل: 12589 سوم
تۆھپە: 40 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:351(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-01-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى НаБи نىڭ 2007-12-15 01:39 دە يوللىغان يازمىسى“”:
،، رەخمەت ، رەخمەت  


دوستۇم .... توردا باشقىلارنى تىللاش بىلەن ۋاقتىڭنىڭ ئىسىراپ قىلماي مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپ كۆرۈپ قويغىن،.....


[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 14:21 چوققىغا قايتىش
ئىشەنچ
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 662
شۆھرەت: 663 نۇمۇر
پۇل: 6620 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:134(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ . ~~~~~~~~~~~~~~~ھەممىز ۋاقىتنى قەدىرلىشىمىز كېرەك.

Nurluk elani

ئىشەنچ - بىر خىل مەنىۋىي كۈچتۇر
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 14:49 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:21, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije