>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> نىكاھ-ئائىلە -> بەچچىۋازلارنىڭ توي قىشىغا قارىتا ئىسلامنىڭ ھۆكىمى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1749 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : بەچچىۋازلارنىڭ توي قىشىغا قارىتا ئىسلامنىڭ ھۆكىمى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
xahla111



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 17
شۆھرەت: 18 نۇمۇر
پۇل: 170 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
بەچچىۋازلارنىڭ توي قىشىغا قارىتا ئىسلامنىڭ ھۆكىمى


بەچچىۋازلارنىڭ توي قىشىغا قارىتا ئىسلامنىڭ ھۆكىمى


سۇئال سورىغۇچى ئاۋىستىرالىيەدىن مۇئمىن،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مەن ئامرىكىنىڭ بەزى شىتاتلىرىنىڭ بەچچىۋازلارنىڭ بىرگە تۇرىشىغا(يەنى توي قىلىشىغا) روخسەت قىلىدىغان قانۇن ماقۇللىغانلىقىنى ئاڭلىدىم،سىز بىر ئىسلام ئالىمى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق باھا بىرىسىز؟
جاۋاب؛ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق ماختاش ۋە تەشەككۇر ئاللاغا خاس،ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تىنىچلىق ۋە بەخت يار بولسۇن،ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم سىزنىڭ بىزگە ئىشىنىپ سۇئال ئەۋەتكىنىڭزگە رەھمەت،ئۇلۇغ ئاللاھتىن بىزگە ئۆزى ئۇچۇن خىزمەت قىلىشىمىزغا ياردەم بىرىشىنى ۋە قىلغان بارلىق خىزمەتلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۇچۇن قىلىپ بىرىشىنى تىلەيمىز،
بەچچىۋازلىق ئىسلامدا خۇددى بارلىق ئىلاھى دىنلاردىكىگە ئوخشاش قاتتىق چەكلەنگەن،بەچچىۋازلىق بىر خىل ساغلام بولمىغان بىنورمال تەبىئەتكە مەنسۇب ناھايتى قەبىھ ھەم مەينەت قىلمىش.ئىسلام ئۆزىنىڭ ئەگەشكۇچىلىرىنى بەچچىۋازلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق قەبىھ قىلمشلاردىن قاتتىق چەكلەيدۇ،ئاللامۇنداق دەيدۇ؛‹‹مۇئمىنلەرنىڭ ئۇستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىنىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر،شۇبھىسىزكى دۇنيا ۋە ئاخرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ،ئاللا(سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى)بىلىپ تۇرىدۇ،سىلەر بىلمەيسىلەر،(سۇرە نۇر19-ئايەت).سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىزغا قارىتا ئەزھەر ئۇنۋىرستىتىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ۋە سىلىشتۇرما دىنشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى دوكتۇر مۇھەممەد ئەبۇ لەيلا مۇنداق دەپ جاۋاب بىرىدۇ؛ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم سىزنىڭ بۇ خەۋەرنى بىزگە ئىيتىپ بەرگىنىڭىزگە ۋە بۇ ئىش توغۇرسىدا بىزنىڭ قارىشىمىزنى بىلىشكە قىزىققىنىڭزغا كۆپ رەھمەت،مەن باشتىلا سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى مۇنداق ئىنىق بىر ھۆكۇمگە تارتىشنى ياخشى كۆردۇمكى ئۇ بولسىمۇ؛بەچچىۋازلىقتىن ئىبارەت بۇ قىلمىش، بارلىق دىنلاردا—ھەتتا ئىپتىدائى دىنلاردىمۇ--قاتتىق چەكلەنگەن قەبىھ گۇناھ،بۇ قىلمىش ئاللانىڭ قانۇنىغا ۋە تەبىئەت قانۇنىيتىگە تۇپتىن قارمۇ قارشى دىگەندىن ئىبارەت.مەن ئىلىم-پەن،تىخنىكا ۋە بىلم موشۇنداق يۇكسەك دەرىجىدە تەرەققى قىلغان بۇ دەۋرىمىزدە بىزنىڭ ئىنسانلار جەميىتىمىزدە موشۇنداق قەبىھ قىلمىشنىڭ مەۋجۇت بولىشىغا نىمە ئۇچۇن يول قويىدىغانلىقىمىزغا بەكمۇ ھەيرانمەن،يەنە بەزى ئادەملەرنىڭ موشۇنداق كەڭرى تارقالغان،خۇددى راكقا ئوخشاش پۇتۇن ئىنسان نەسلىگە تەھدىت سىلىۋاتقان ۋە بىزنىڭ ساغلام جەمىيەت قۇرۇلمىمىزنى بۇزىۋاتقان موشۇنداق قەبىھ قىلمىشنى قوللاپ قانۇن ماقۇللىغانلىقىغا تىخمۇ ھەيرانمەن.شۇنى كۇچلۇك تەكىتلەش كىرەككى،ئسلام بەچچىۋازلىق ۋە لەسبىيەنىزىم(يەنى ئايال بىلەن ئايال جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزىدىغان قىلمىش)نى قاتتىق چەكلەيدۇ،ۋە ئۇلارنى ئاللانىڭ بۇيرىقىغا خىلاپ قىلمىش دەپ قارايدۇ،يىڭى ۋە كونا ئەھدىدە ئاللانىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى بۇ قەبىھ قىلمىشنى چەكلىگەن ۋە ئۇنىڭغا بىرىلىپ كەتكۇچىلەرنى قاتتىق جازالىغان.ئاللا بىزگە قۇرئان كەرىمدە ھەممە نەرسىنى جۇپ ياراتقانلىقىنى ئىيتىپ بەردى،بۇ توغۇردا ئۇلۇغ ئاللا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹سىلەرنىڭ ئىبرەت ئىلىشىڭلار ئۇچۇن ھەممە نەرسىنى جۇپ يارەتتۇق››(سۇرە زارىيات 49-ئايەت)ناھايتى ئىنىقكى يۇقارقى ئايەتتە ئوتتۇرغا قويۇلغان جۇپ نەرسىلەر،ئوخشاش تۇردىكى نەرسىلەر بولماستىن بەلكى بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت،(يەنى بىرجۇپ نەرسىنىڭ بىرى يەنە بىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ،مەسىلەن ئەركەك بىلەن چىشى،ئاق بىلەن قارا ئوخشىمىغاندەك).بىز ئادەتتە بىلدىغان توي بىر ئەر بىلەن يەنە بىر ئەر ياكى بىر ئايال بىلەن يەنە بىرئايال ئوتتۇرسىدا بولماستىن بەلكى بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئوتتۇرسىدا بولىدۇ،ئىسلامدا بولسۇن ۋە ياكى باشقا بارلىق دىنلاردا بولسۇن توي پەقەت جىنسى جەھەتتىكى خۇشاللىقنىلا مەقسەت قىلماستىن بەلكى يەنە ساغلام ئورگانىك ئاساستا بىر ئائىلە قۇرۇپ چىقىشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ.
بىز ئاشۇ بىر تۇركۇم بۇزۇق كىشىلەرنى بىزنىڭ بۇ جەميىتمىزدە مەۋجۇت بولۇش بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئىتىدىغان موشۇنداق بىر ‹‹قانۇن››ننىڭ ماقۇللانغانلىقىغا قاتتىق ئىچىنىمىز،مىنىڭ ھىس قىلىشىمچە ئاللا بۇنداق بىر قىلمىشنى جازالىماستىن ھەرگىزمۇ بوش قويىۋەتمەيدۇ،دل موشۇ خلدىكى قەبىھ قىمىشقا بىرىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئاللاتەرىپىدىن قاتتىق جازالانغان لۇت قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكى بۇ نىڭ جانلىق بىر مىسالى سۇپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ.مەن شەخسەن ئۆزۇم بۇنى، غەرىبلىكلەر ئۇنىڭدىن پەخرلىنىدىغان ھازىرقى زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ جان تومۇرىغا سىلىنغان بىر جان ئالغۇچى باكتىريە دەپ قارايمەن.ئىنسان ھوقوقىنى بۇنداق بىزنىڭ ياشاۋاتقان پىلانىتىمىزنى ۋەيران قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تەھدىت سالىدىغان دەرىجىگىچە كىڭەيتىۋەتمەسلىك كىرەك.بىز موشۇنداق قانۇن ماقۇللىغىچىلارنىڭ ئۇ توغۇرسىدا يەنە قايتا ئويلىنىپ بىقىشىنى،ئۇنىڭ بىز ئىنسانلارغا كەلتۇرىدىغان ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بىقشىنى،ۋە بۇ قانۇننى دەرھال بىكار قىلىپ ئىشلارنى توغرا بىر يولغا سىلىشىنى ئۇمىد قىلىمىز.
بىز يەنە بارلىق ئىنسان دوسلىرىمىزنى بىزنىڭ بۇ يەرشارىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە نورماللىقى ئۇچۇن بىزنىڭ بۇ تەلىپىمىزنى قوللاپ قۇۋەتلەشكە چاقىرىمىز.
ئىنگىلىزچە ئىسلام ئەۋىنلايىن تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.بۇ ماقالىنىڭ ئەسلىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشتىن كىرىڭ؛http://www.islamonline.net/servlet/Satellite?pagename=IslamOnline-English-Ask_Scholar/FatwaE/FatwaE&cid=1119503548496


جىنسى مۇناسىۋەتتىكى ئەدەبلەر.


،ھۆرمەتلىك قىرىنداشلار،بىزنى توغرا يولغا يىتەكلەيدىغان كۆرسەتمىلەرنى بەرگەنلىكىڭلارغا ئاللا سىلەرگە ياخشى مۇكاپاتلارنى بەرسۇن،بۇنداق بىر سۇئالنى ئەۋەتكەنلىكىمىنى ئەپۇ قىلغايسىلەر،لىكىن بۇ سۇئالنى بىۋاستە سوراش سەل بىئەپ بولغاچقا جاۋاب بىرىشىڭلارنى ئۇمىد قىلىپ خەت ئارقىلىق ئەۋەتتىم،
سۇئال،جىنسى مۇناسىۋەتتىكى ئەدەبلەر قايسى؟تەپسىلى جاۋاب بەرسەڭلار،سىلەرگە كۆپ رەھمەت،جاۋاب؛ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،بارلىق ھەمدۇ سانا ئاللاغا خاس،ئاللانىڭ ئەلچىسىگە رەھمەت ۋە سالام بولسۇن.بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى بارلىق ئىشلارغا تولۇق،ئوچۇق يول كۆرسىتىپ بىرىش بىزنىڭ بۇ بۇيۇك دىنىمىزنىڭ رۇشەن خۇسۇسىيتى بولۇپ،ئەر ئايال ئوتتۇرسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتمۇ دەل مۇشۇلارنىڭ قاتارىدىن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تىمىدىكى يولغا قويۇلغان،چەكلەنگەن ئىشلارنى بەلىكى تىخى ئۇنىڭ شەكلى،ئۇنىڭغا بىرىلىدىغان ئەجىر قاتارلىقلارنى تەپسىلى بايان قىلغان،شۇڭلاشقا ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم دىنىڭزدا سىزنى توغرا يولغا باشلايدىغان تەپسىلى بەلگىلىمىلەر تولۇپ تىشىپ تۇرغان بىر ئىش توغۇرسىدا سۇئال سوراشتىن تارتىنمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،تۆۋەندە سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن ھۆرمەتلىك شەيىخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىدنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئەدەبلىرى توغۇرسىدىكى يۇقارقى سۆزلىرىگە قۇلاق سىلىڭ.
ئىسلام ئىنسانلارغا ھەممە نەرسىنى ئۇگەتتى،ئۇلارغا ئۇلارنىڭ دىن،دۇنيا،بۇدۇنيا ۋە ئاخرەتلىك ھەممە ئىشلىرىدا تولۇق ياخشىلىق ئىلىپ كەلدى،جىنسى مۇناسىۋەت ھاياتىمىزدىكى مۇھىم ئىشلار قاتارىدىن بولۇپ،دىنىمىز ئۇنى تەپسىلى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ياخشى نىيەت،دۇئا ۋە شەرئى ئەدەبلەرنى قوشۇپ ئۇنى بىردەملىك ھىسياتنى قاندۇرىدىغان نوقۇل ھايۋانى لەززەت بولۇشتىن،مۇسۇلمان ئۇنى قىلىش بىلەن ساۋابقا ئىرىشىدىغان ئىبادەت دەرجىسىگە كۆتۇردى.بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنىق بايانى بار،بۇيۇك ئالىم ئىبنى قەييۇم‹ئاللا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي›ئۆزىنىڭ ‹زادۇل مىئاد›دىگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹جىنسى مۇناسىۋەت توغۇرسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى ئەڭ توغرا يول ئىدى،بۇ يول بىلەن بولغان جىنسى مۇناسىۋەت بىلەن بەدەن ساغلاملىشىدۇ،خۇشاللىق ھاسىل بولىدۇ،كۆڭۇل راھەتلىنىدۇ،ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ جىنسى مۇناسىۋەتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىدىمۇ ئىشقا ئاشىدۇ،جىنسى مۇناسىۋەت ئەسلىدە مۇنداق ئۇچ ئاساسى مەقسەتنى چىقىش قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان،1.ئىنسان نەسلىنى ساقلاش ۋە ئۇنى ئاللا موشۇ دۇنيانى ئاخىرلاشتۇرۇشقا تەقدىر قىلغان ۋاقىتقىچە داۋاملاشتۇرۇش،2.ئۇنى توختىتىۋىلىش،تۇتۇپ قىلىش بەدەنگە زىيانلىق بولغان سۇيۇقلۇقنى چىقىرىۋىتىش،3.جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق خۇشاللىققا ئىرىشىپ،ئاللاھنىڭ نىئمىتىنى تىتىش.››ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ؛‹‹جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ مەنپەئەتى-ئىنساننىڭ كۆزى ۋە جىنسى ئەزاسىنى پاك ساقلاش،ھارامدىن قىچىشقا كۇچ قۇۋۋەت ھاسىل قىلىشتۇر،بۇ ئىشلار ئايال ئۇچۇنمۇ ئىشقا ئاشىدۇ،ئەر ئۆزىمۇ مەنپەئەتلىنىدۇ ۋە ئايالنىمۇ مەنپەئەتلەندۇرىدۇ،شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئادەتلەنگەن ۋە ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغۇردا مۇنداق دەيدۇ؛‹ماڭا سىلەرنىڭ دۇنيايىڭلاردىن ئايال ۋە خۇشپۇراق ئەڭ ياخشى كۆرسىتىلدى›،يەنى مەن ئايالنى ۋە خۇش پۇراقنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن،بۇھەدىسنى ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.››
جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزگەندە رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلار تۆۋەندىكىچە؛
1.بۇ ئىشنى قىلىشتا نىيىتىنى ئاللاھ ئۇچۇن خالىس قىلىشى،ئۆزىنى ۋە ئايالىنى ھارامدىن ساقلاشنى،ئسلام ئۇممىتىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى نىيەت قىلىشى،گەرچە ئۇنىڭدىن دەرھال دۇنيالىق خۇشاللىق ۋە قانائەت تاپسىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشىنىڭ ئاللا ئەجىر بىرىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىشى كىرەك،ئەبۇ زەر‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›دىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ؛‹‹سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولۇشى سەدىقە ھىسابلىنىدۇ››دىگەن ئەتراپتىكى ساھابىلەر ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بىز ئۆزىمىزنىڭ شەھۋىتىنى قاندۇرساقمۇ يەنە ئۇنىڭغا ئەجىر بولامدۇ؟دىگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛‹‹قارىمامسىلەر ئۇنى ھارام جايغا قىلغان بولسا گۇناھ بولامتى،شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇنى ھالال جايغا قىلسا ئۇنىڭغا ئەجىر بولىدۇ››(بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رۋايەت قىلغان)،مانا بۇ ئاللاھنىڭ موبارەك ئىسلام ئۇممىتىگە قىلغان كاتتا رەھمىتى بولۇپ،بىزنى موشۇ ئۇممەتنىڭ ئەزاسى قىلغان ئاللاغا تۇگىمەس ھەمدۇسانالار بولسۇن.
2.جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئالدىدا ئۆز-ئارا ئوينۇشۇش،بىر بىرىنى ئەركىلىتىش،سۆيۇشۇش،قۇچاقلىشىش ھەركەتلىرىنى قىلىشى كىرەك،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنى قۇچاقلايتتى ۋە سۆيەتتى،3.ئايالى بىلەن رەسمى ئىشقا تۇتۇش قىلىشماقچى بولغان ۋاقىتتا‹ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن،ئى ئاللا بىزدىن شەيتاننى يىراق قىلغىن ۋە بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىدىن(يەنى بالىدىن)شەيتاننى يىراق قىلغىن››دىيىشى كىرەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹ئەگەر ئاللا ئۇلارغا بالا ئاتا قىلىپ قالسا شەيتان بۇ بالىغا مەڭگۇ زىيان يەتكۇزەلمەيدۇ››دىگەن.(بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
4.ئايالنىڭ بالا چىقىدىغان ئالدى تەرىپىگە كىلىش شەرتى بىلەن ئۇنىڭغا ئالدى تەرەپتىن بولسۇن،ياكى ئارقا تەرەپتىن بولسۇن قايسى تەرەپتىن يىقىنچىىلق قىلسا بولىدۇ،ئاللا قۇرئان كەرىمدە بۇ توغۇردا مۇنداق دىگەن؛‹‹ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىتىزلىقىڭلاردۇر،ئىتىزلىقىڭلارغا خالىغان شەكىلدە كىلىڭلار››جابىردىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە يەھۇدىلار‹بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئايالىنىڭ ئالدى جىنسى ئەزاسىغا ئارقا تەرەپتىن كەلسە تۇغۇلغان بالىسى ئالىغاي بولۇپ قالىدۇ›دىگەندە ئاللاھنىڭ ‹‹ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىتىزلىقىڭلاردۇر،ئىتىزلىقىڭلارغا خالىغان شەكىلدە كىلىڭلار››دىگەن ئايىتى چۇشكەن،ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى چۇشەندۇرۇپ‹‹ئالدى جىنسى ئەزاسىغىلا بولسا ئالدى،ئارقا تەرەپلەردىن كەلسە بولىۋىرىدۇ››دىگەن.(بۇ ھەدىسنىمۇ بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
5.ھەرقانداق ئەھۋالدا ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىگە يەنى چوڭ تەرەت يولىغا كىلىش توغرا بولمىغان،ھارام قىلىق،ئۇلۇغ ئاللا ‹‹ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىتىزلىقىڭلاردۇر،ئىتىزلىقىڭلارغا خالىغان شەكىلدە كىلىڭلار›› بۇ يەردىكى ئىتىزلىقتىن مەقسەت بالا چىقىدىغان ئالدى جىنسى ئەزا ئىكەنلىكى ئۆز ئۆزىدىن مەلۇم.بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛‹‹ئاياللارنىڭ كەينى تەرىپىگە(قوڭىغا)كىلىدىغان ئادەملەر لەنەتكە گىرىپتار بولىدۇ››(بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەدى رىۋايەت قىلغان،)بۇنىڭ سەۋەبى چۇنكى بۇ قىلىق ئىنسان تەبىئىتىگە زىت،پەقەت ئەڭ پەس تەبىئەتلىك ئادەملەرلا ئۇنىڭغا بىرىلىشى مومكىن،شۇنىڭبىلەن بىرگە بۇ ئىشتىن ئايال ئۆزى ئىرىشىشكە تىگىشلىك بولغان خۇشاللىققا ئىرىشەلمەيدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇ مەينەت،نىجاسەتنىڭ جايى،يۇقاردىكىلەر ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىشلار بۇ ئىشنىڭ قەتئى ھاراملىقىنى كۇچەيتىدۇ.
6.ئايال بىلەن بىر قىتىم جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندىن كىيىن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق كىيىن يەنە بىر قىتىم مۇناسىۋەت قىلماقچى بولسا تاھارەت ئىلىۋىتىشى لازىم،بۇ توغۇردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛‹‹سىلەردىن بىركىشى ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت قىلسا ئاندىن ئۇنى يەنە قايتا قىلماقچى بولسا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا كىچىك تاھارەت ئىلىۋەتسۇن،بۇنداق قىلىش ئىككىنچى قىتىملىق مۇناسىۋەتكە كۇچ پەيدا قىلىدۇ››(بۇ ھەدىسنى مۇنلىم رىۋايەت قىلغان)لىكىن بۇ چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان ۋاجىپ ئىش بولماستىن بەلكى قىلسا ياخشى،قىلمىسا گۇناھ بولمايدىغان مۇستەھەب ئىشلار قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ.ئەگەر تىخى ئىككى قىتىمىلق مۇناسىۋەت ئارىسىدا چوڭ تاھارەت ئالالىسا (يەنى پۇتۇن بەدىنىنى يۇيىدىغان غۇسلى قىلالىسا) بۇ تىخىمۇ ياخشى ئىش بولىدۇ،چۇنكى ئەبۇ رافىئ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن؛پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۇندىلا ئۆزىنىڭ ھەممە ئاياللىرىنى ئارىلىماقچى بولسا( ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆيىنى زىيارەت قىلىپ ئايرىم-ئايرىم مۇناسىۋەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ)ھەر قىتىمدا شۇ ئۆيدە بىرقىتىمدىن غۇسلى قىلاتتى،مەن؛ئى!ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سىز نىمە ئۇچۇن بىر غۇسلى بىلەنلا ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلمايسىز دەپ سورىسام،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى؛بۇ ئەڭ پاكىزۋە ئەڭ ياخشى،(ئەبۇ داۋىت ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
7.ئەر ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسى ئۆز-ئارا ئۇچراشقاندا ياكى ئۇ ئىككىسى ئۇچراشمىسىمۇ ئەر ئايالنىڭ بىرەرسىدىن مەنى چىققاندا ئۇ ئىككىلىسى ياكى شۇ مەنى چىققان بىرسى چوقۇم يۇيۇنىشى لازىم،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹ئەرنىڭ جىنسى ئەزاسى ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىغا تەگسە يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ››دىگەن،بۇتۇرلۇك ئەھۋالدا گەرچە مەنى ماڭمىسىمۇ يەنىلا يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ،بۇيەردىكى جىنسى ئەزانىڭ بىر بىرىگە تىگىشى دىن مەقسەت ئەر ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ نوقۇل ھالدا بىر بىرىگە سۇركىشىپ قىلىشىنى ئەمەس،بەلكى ئەرنىڭ زەكىرىنىڭ ئۇچىنىڭ ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىغا كىرىشىنى كۆرسىتىدۇ.ئەگەر ئىككى جىنسى ئازا ئۇچراشمىسىمۇ لىكىن مەنى چىقىپ قالسا ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹‹سۇ سۇدىن بولىدۇ››دىگەن ھەدىسىگە ئاساسەن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولىدۇ،ئەر ئايالنىڭ بىرى بىرىنى كۆرۇپ تۇرىدىغان بىر ئورۇندا يۇيۇنىشى رۇخسەت قىلىنغان توغرا ئىش،چۇنكى ئائىشە‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹مەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بىر قاچىدا بىرگە يۇيۇناتتۇق،بىزنىڭ قوللىرىمىز ئۇنىڭدا ئۆز-ئارا ئۆتۇشۇپ تۇراتتى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەندىن چاققان كىلەتتى، ھەتتاكى مەن ماڭىمۇ قوي،ماڭىمۇ قوي دەپ كىتەتتىم،ئىككىلەيلەن جۇنۇب ئىدۇق››(بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
8.يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولغان ئادەمنىڭ يۇيۇنماي ئۇخلىشى ۋە يۇيۇنۇشنى ناماز ۋاقتىدىن سەل بۇرۇنغىچە كىچىكتۇرىشى خاتا ئىش ئەمەس،لىكىن ئۇنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىچىك تاھارەت ئىلىۋىتىشى كۇچلۇك مۇستەھەب ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ،چۇنكى ئۆمەر‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن جۇنۇب ھالەتتە ئۇخلىساق بولامدۇ؟دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹‹بولىدۇ،خالىساڭ تاھارەت ئىلىۋەت››دەپ جاۋاب بەرگەن.
9.ئايالى ھەيىزدار بولۇپ قالغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش قەتئى ھارام،ئاللا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ؛(ئى مۇھەممەد)ئۇلار سەندىن ھەيىز توغۇرلۇق(يەنى ھەيىزدار ئايال بىلەن جىنى مۇناسىۋەت ئۆتكۇزۇشنىڭ دۇرۇس ياكى ئەمەسلىكى توغۇرلۇق)سورايدۇ،ئىيتقىنكى ‹‹ھەيىز زىيانلىقتۇر(يەنى ھەيىز مەزگىلىدە جىنسى ئالاقە قىلىش ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسىگە زىيانلىقتۇر)،ھەيىز مەزگىلىدە ئايالىڭلاردىن نىرى تۇرۇڭلار،(ھەيىزدىن) پاك بولغۇچە ئۇلارغا يىقىنچىلىق قىلماڭلار،پاك بولغاندا،ئۇلارغا ئاللا بۇيرىغان جايدىن يىقىنچىلىق قىلىڭلار››،ئاللا ھەقىقەتەن تەۋبە قىلغۇچىلارنى دوسىت تۇتىدۇ،(ھارامدىن ۋە نىجاسەتتىن)پاك بولغۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوسىت تۇتىدۇ،(سۇرە بەقەر 222-ئايەت،)
ئايالى ھەيىزدار ۋاقتىدا جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا بولمايدۇ،لىكىن ئۇنى قۇچاقلاش،سۆيۇش ۋە باشقا يىقىنچىلىق ھەركەتلىرىنى قىلسا بولىدۇ،چۇنكى ئائىشە‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›مۇنداق دەپ ھەدىس رىۋايەت قىلىدۇ؛‹‹بىزنىڭ بىەرسىمىز(پۇتۇن مۇسۇلمان ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ) ھەيىزدار بولۇپ قالساق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىشتىىنىنى چىڭ ئىتىشكە بۇيرىيتتى،ۋە ئۇنى ئىرى قۇچاقلىسا بولاتتى››(بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
10.ئەر جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا بۇ ئىش ئارقىلىق بالا بولۇپ قىلىشىنى خالىمىسا ئۇنىڭ مەنىنى ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىنىڭ سىرتىغا تۆكۇۋىتىشى ياكى ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى(گاندۇن)ئىشلىتىشى يوللۇق،بۇ ئەلۋەتتە ئايال قوشۇلغان ئەھۋالدا بولۇشى كىرەك چۇنكى ئۇنىڭمۇ ھوزۇرلىنىش ۋە بالا كۆرۇش ھەققى بار،بۇنىڭ دەلىلى جابر‹ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولغاي›نىڭ مۇنۇ ھەدىسى بولۇپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ؛‹‹بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە مەنىنى سىرتقا تۆكەتتۇق ،بۇ ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندە بىزنى ئۇنىڭدىن توسمىدى،››(بۇ ھەدىسنى بۇخارى رىۋايەت قىلغان)
11.ئەر ئايال ھەر ئىككەيلەننىڭ جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۇلار ئارىسىدا يۇز بەرگەن جىنسى مۇناسىۋەتكە ئالاقىدار مەخپى ئىشلارنى ئاشكارلاپ تارقىتىشى ھارام،بەلىكى ئەڭ يامان ئىشلارنىڭ قاتارىدىن ھىسابلىنىدۇ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇتوغۇردا مۇنداق دەيدۇ؛‹‹قىيامەت كۇنى ئاللانىڭ دەرگاھىدا ئەڭ يامان ئاقىۋەتكە قالىدىغان كىشى،ئەر ئايال بىر يەردە بولغان ۋە ئۇنىڭ سىرىنى ئاشكارىلىغان كىشىدۇر،››(بۇھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان،)
مانا بۇلار جىنسى مۇناسىۋەتنىڭ ئومومى ئەدەبلىرى بولۇپ،بىزنى موشۇنداق يۇكسەك ئەدەبكە تولغان توغرا دىنغا يىتەكلىگەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانا بولسۇن،بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا باشلاپ قويغان ئاللاھقا تۇگىمەس مەدھىيەلەر بولسۇن،ئاللا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا رەھمەت ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن.ئاللا ھەممىنى بىلگۇچىدۇر. BBS.Xabnam.Com din koquruldi


تۇرمۇش ۋە جىنسىيەتكە ئائىت ئەڭ يىڭى پەتىۋا ۋە نادىر ماقالىلەرنى كۆرمەكچى بولسىڭىز <<بىلىم باغچىسى >>بىلوگىنى زىيارەت قىلىڭ،
http://www.uighur.cn/blog/blog.asp?name=tarjiman

__ فىرقەت تەستىقلىدى


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 16:42 چوققىغا قايتىش
118



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 28
شۆھرەت: 29 نۇمۇر
پۇل: 280 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نىمە مەزمۇن يىزىلغان بولغىيتى .
بەچچىۋازلىق نىڭ ئۇزى ئىسلام دا ھارام تۇرسا ،بۇسۇئال ناھايىتى ئەخمەقلىق بىلەن سورىلىپ تۇ........................


Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 17:39 چوققىغا قايتىش
SUKUT315

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 432
شۆھرەت: 433 نۇمۇر
پۇل: 4330 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:145(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يوللىغان تىمىڭىزغا رەھمەت، ئالدىنقى كۈنى كۆرەلمىگەن ئىدىم، مانا بۈگۈن كۆردۈم،ھەقىقەتەن بىلىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بىلىملەر ئىكەن..............


[ بۇ يازما SUKUT315 تەرپىدىن 2007-12-15 11:07 دە قاي ]


[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 17:58 چوققىغا قايتىش
4545754



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 16
شۆھرەت: 17 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


3000 يىل بۇرۇنقى فىرئەۋىننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى بارمىدى؟

1848 – يىلى بىر ئارخئولوگ مىسىرنىڭ قەدىمكى شەھىرى – ئابدۇستىكى سەيدى بۇتخانىسىنىڭ 10 مېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى لىمىغا چېكىلگەن بىر يۈرۈش غەلىتە سۈرەتلەرنى بايقىدى، بۇ چاغدا بۇ لىمغا چېكىلگەن سىموۋولىستىك سۈرەتلەرنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. ئارىدىن 150 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئارخئولوگلار بۇ سۈرەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ تاڭ قالدى، چۈنكى 3000 يىل بۇرۇن مىسىردا ياشىغان رەسساملار چەككەن بۇ نەرسىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ رەسىمى ئىدى. ئۇنداق بولسا مىسىرلىقلار راستىنلا 3000 يىل بۇرۇن تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن سۇ ئاستى كېمىسىنى ياسىغانمۇ؟ BBS.Xabnam.Com din koquruldi


[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 18:28 چوققىغا قايتىش
MUTALIP1

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 107
شۆھرەت: 118 نۇمۇر
پۇل: 1070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:57(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاپلا ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~``كورگۇم بار .
ئىدى ~


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

HUBBULVETEN MINELIYMAN

[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 18:28 چوققىغا قايتىش
sawirchan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 3 جى قەۋەتتىكى 4545754 نىڭ 2007-12-14 18:28 دە يوللىغان يازمىسى“”:
3000 يىل بۇرۇنقى فىرئەۋىننىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلانى بارمىدى؟

1848 – يىلى بىر ئارخئولوگ مىسىرنىڭ قەدىمكى شەھىرى – ئابدۇستىكى سەيدى بۇتخانىسىنىڭ 10 مېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى لىمىغا چېكىلگەن بىر يۈرۈش غەلىتە سۈرەتلەرنى بايقىدى، بۇ چاغدا بۇ لىمغا چېكىلگەن سىموۋولىستىك سۈرەتلەرنىڭ زادى نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. ئارىدىن 150 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئارخئولوگلار بۇ سۈرەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ تاڭ قالدى، چۈنكى 3000 يىل بۇرۇن مىسىردا ياشىغان رەسساملار چەككەن بۇ نەرسىلەر تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ رەسىمى ئىدى. ئۇنداق بولسا مىسىرلىقلار راستىنلا 3000 يىل بۇرۇن تىك ئۇچار ئايروپىلان بىلەن سۇ ئاستى كېمىسىنى ياسىغانمۇ؟ BBS.Xabnam.Com din koquruldi

بۇزادى نىمە گەپ ، خاتا يۇللاپ قالدىڭىزمۇ نىمە ؟ بۇنىڭ تىما بىلەن نىمە مۇناسىۋىىتى بار ؟




[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 19:08 چوققىغا قايتىش
Turkbash

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 530
شۆھرەت: 530 نۇمۇر
پۇل: 5273 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-08-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بەكلا ياخشى يېزىلىپتۇ!!!   تېما ئېگىسىگە كۆپ رەھمەت

Nurluk elani

Гулла Уйгур


[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 20:09 چوققىغا قايتىش
tiger312

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 835
شۆھرەت: 867 نۇمۇر
پۇل: 11684 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:267(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-06-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ بىر تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭ تېما بوپتۇ. بۇ تېمىدا سۆزلەنگەن بەزى مەزمۇنلارنى بەزى قېرىنداشلىرىمىز بەلكىم بىلمەسلىكى مۈمكىن، بۇ تېمىنى ئوبدان ئوقۇپ بىلىۋالسا بولغۇدەك. بىلمىگەننى بىلگەنلەردىن بىلىۋېلىش، بىلگىنىنى بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرۈش بىر مۆئىمىن مۇسۇلماننىڭ ياخشى خىسلىتىدۇر.
باشقۇرغۇچى جاناپلار مانا مۇنداق تېمىلارغا تۆھپە ۋە شۆھرەت يېزىپ قويۇڭلار.


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

سەمىمىيلىك- ئىنساننىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىدىن بىرسى!
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 20:29 چوققىغا قايتىش
naprat517
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 397
شۆھرەت: 418 نۇمۇر
پۇل: 3970 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:157(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاللا ئەجرىڭىزنى زايا قىلمايدۇ ~بۈرادەر ~بولسا داۋاملىق ئەۋەتىپ تۇرۇڭ ~

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-14 21:27 چوققىغا قايتىش
iltabar



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 49
شۆھرەت: 50 نۇمۇر
پۇل: 490 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇسۇلمان قېرىندىشىم، سىزگە ئاللاھمىڭ رەھمىتى ۋە بەركىتى بولسۇن.

Nurluk elani
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 01:26 چوققىغا قايتىش
<<   1   2  >>  Pages: ( 1/2 total )

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:21, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije