مېنى قاتتىق ئويلاندۇرغان سېلىشتۇرما
ئەسسالام دوستلار ، otkunchi-nur ئاكىمىزنىڭ كۆرسەتكەن يولى بويىچە نەچچە كۈندىن بېرى يازما سانىمنى ئاشۇرۇپ بالدۇرراق مۇنبەر ئەزاسى بولۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشەلمەي قالدىم ، ئەسلى بۇ تېمىنى يېزىشنى 2كۈن بۇرۇنلا كۆڭلۈمگە پۈككەنىدىم ، ئەمدى قەلەم تەۋرىتەي ، رۇخسەت قىلغايسىلەر !!!
بۇ ئىش ئۈستىدە ئويلىنىشىمغا مۇنداق بىر ئىش تۈرتكە بولدى ، مەن چەتئەلدىكى ۋاقتىمدا بىر كورىيەلىك بالا بىلەن تونۇشۇپ قالغانىدىم ، ( بۇ كورىيەلىك دوستۇمنىڭ ئىسمىنى فامىلىسىنىڭ باش ھەرىپى بىلەن T دەپ ئىپادىلەي ) بىز بىر ھەپتىدەك بىللە يۈردۇق . دەسلەپتە Tمېنىڭدىن قەيەردىن كەلگىنىمنى سورىغاندا مەن شىنجاڭ دەپ جاۋاب بەرسەم ئۇ تازا چۈشىنەلمىگەن ، كېيىن مەن جۇڭگو China دەپ بەرگەندىن كېيىن بېشىنى لىڭشىتتىيۇ ، لېكىن يەنە تازا ئېنىق بىلەلمىدى ، چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە China دا پەقەت بېيجىڭ ، شاڭخەي ، شېنجېنلا بار ئىدى ، مەن دۇنيا خەرىتىسىنى ئالدىمىزغا يېيىۋېلىپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم ....... « شىنجاڭ جۇمھۇرىيىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ جاي » دېدىم مەن ئەڭ ئاددىي چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە ، « ئەڭ چوڭ » دېگەن گەپ Tنىڭ دېققىتىنى بەك تارتتى ، Tخەرىتىگە جىجىلاپ يۈرۈپ كورىيە بىلەن شىنجاڭنى تۇتاشتۇردى ئارقىدىن ماسشىتاب بويىچە ھېسابلاشقا باشلىدى ... شۇ باشلانغان قىزىقىش بىلەن T ھە دېسە ئۇنى بۇنى سوراپ تۇرىۋالىدىغان بولدى ، مەن Tنىڭ قىزىقىششىنى تېخىمۇ قوزغاش ئۈچۈن « قەدىمكى يىپەك يولى » دېگەن مەشھۇر ئاتالغۇنى كۆتۈرۈپ چىقتىم ، پاھ ، ئەمدى تېخىمۇ قىززىپ كەتتى ، T ئاغزىنى ئېچىشى بىلەنلا شىنجاڭ دەپلا چۈشىدىغان بولدى .
مەن T بىلەن بىللە تۇرۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى ، ئۇلارنىڭ ئېلىكتىرون تەرەققىياتى بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغىدەك دەرىجىدىكەن ، T ئايىغىنى ئۆزى كىيەتتى ، كىيىملىرىنى ئۆزى كىيەتتى ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىر ئىشى پۈتۈن ئاپتوماتىك پەقەت بولمىدى دېگەندىمۇ يېرىم ئاپتوماتىك ئېلىپ بېرىلاتتى ، Tنى بەئەينى ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم دېسەممۇ ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ . مەن ھەردائىم ئۇنىڭغا ، ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا قاراپ قېتىپلا قالاتتىم ، T ئەزەلدىن بۇ قىلغىنىمنى پەقەتلا ئېغىر ئېلىپ باققان ئەمەس ، ئۇ تېخى « سەن بەك ئۇماقكەنسەن ، قونچاقتەكلا قاراۋېرىدىكەنسەن » دەپ قوياتتى ، ئىشىنى تۈگىتىپلا قولىدىكى ئۈسكىنىلىرىنى ماڭا ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈپ قوياتتى ،Tبىزدە بۇنداق نەرسىلەرنىڭ قەتئىيلا يوقلىقىنى بىلگەندىمۇ قەتئىي تەكەببۇرلۇق قىلمىغان ، ئەكسىچە « سىلەرگە بەك ھەۋىسىم كېلىدۇ ، سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلار ھەقىقىي ساپ تۇرمۇشكەن ، بىزدە ھازىر مۇشۇنداق زامانىۋىي نەرسىلەر بەك كۆپەيگەنسېرى ، بىزدە بۇ ئۈسكىنىلەرگە تايىنىۋېلىش بەك ئېغىرلاپ كەتتى ، شۇڭا بىزدە خام ئەشيانىڭ خورىشى ، سانائەتتىن بۇلغىنىش بەكلا ئېغىرلاپ كېتىۋاتىدۇ ، ئەڭ مۇھىمى بىزنىڭ بەزىبىر ئادەملىك تەبىئىي قابىلىيىتىمىز ئاستا -ئاستا رۇدىمېنتلىشىشقا يۈزلەندى ، سىلەرنىڭ بۇ تىپىك تەبىئىي تۇرمۇشۇڭلار مېنىڭ شۇنداق مەستلىگۈمنى كەلتۈرىۋاتىدۇ .......... » مەن دەسلەپ Tنىڭ بۇ ئىلغار تۇرمۇشىغا ئىپتىدائىي ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن قاراپ ، ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلغان بولسام ، ئەمدىلىكتە Tنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ پەخىرلىك ھېسلارغا چۈمۈلدۈم ، تۇيۇقسىز « توۋا ، بۇلارنىڭ كاللىسىنىڭمۇ تەرەققىياتى بىزنىڭكىدىن خېلىلا ئىلگىرىكەن ، بۇ ئويلىغان مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى مەن نېمىشقا ئويلىيالمىدىم ، ئۇ مېنىڭ تەبىئىيلىكىمگە ھەۋەس قىلىپ يۈرسە مەن تېخى ئۇنىڭ ئىلغارلىقىغا ھەۋەس قىلىپ كېتىپتىمەن ، قوشنامنىڭ قوش كۆرۈنەر دېگەندەكلا ئىش بولدىدە » .
بىر ھەپتىلىك ساياھەتتىن كېيىن بىز ئۆز - ئارا ئالاقىلىرىمىزنى قالدۇرۇپ خوشلاشتۇق ، مەن قايتىپ كېلىپ ئاز كۈن ئۆتمەي Tنىڭ تېلىفۇنىنى كۈتۈۋالدىم ، Tماڭا ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە بىر كېلىپ كۆرۈپ باققۇسى بارلىقىنى ئېيتتى « پۈتۈن كاللامنىڭ ھەممە يېرى سەن يۇرتۇڭ توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلەر ، مەن بىر بېرىپ كۆرۈپ باقمىغىچىلىك قولۇم ھېچقانداق ئىشقا بارمايدىغان ئوخشايدۇ » Tنىڭ بۇ گەپلىرىدىن بەك تەسىرلەندىممۇ قانداق ، ئەتىسىدىن باشلاپلا ئۇنىڭغا تەكلىپنامە چىقىرىش ئىشىغا كىرىشىپ كەتتىم ....
3ئايدىن كېيىنT ئاخىرى بىزنىڭ شىنجاڭغا كەلدى ، T ئۆزى ئەزەلدىن ئاياغ بېسىپ باقمىغان تۇپراققا قەدەم قويغاندا ، بىرەسىنىڭ ئۆزىنى ئالغىلى چىقىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى ، T مەن ئېلىكتىرون پوچتا ئارقىلىق يوللاپ بەرگەن ئادېرىس بويىچە ئاخىرى ئۈرۈمچىدە مەن بىلەن يۈز كۆرۈشتى ، ئەينى ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭ بۇ خىل تەۋەككۈلچىلىك روھىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنىدىم ... مەن ئۇنى بىر بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردۇم ، ياتاققا كىرىپلا Tماڭا :
__ راست گېپىمنى ئاڭلىغۇڭ بارمۇ ؟ __ دېدى تۇيۇقسىز . مەن بىراز غەيرىلىك ھېس قىلدىم . T گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ :
__ مەن بۇ مېھمانخانىدا تۇرۇشنى خالىمايمەن ، مەن بۇ يەرگە ھەقىقىي تۇرمۇشنى ئىزدەپ ، ھەقىقىي تۇرمۇشتىن ھوزۇرلىنىشقا كەلگەن .
شۇنداق قىلىپ مەن Tنى دادا ، ئانا ، بالا بىللە ياشايدىغان ئۈچ جانلىق بىر ئائىلىگە ( يەر ئۆي ) ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم ، بۇ ئۆينىمۇ قانچىلىك تەستە ئۇقۇشقىنىمىزنى بىلمەيسىلەر ، ئۇيەرنى ئۇقۇشۇپ ، بۇ يەرنى ئۇقۇشۇپ ئاخىرى ئۆي ئىچىگە مەش قويۇلغان ، سۇنى سىرتتىن ئەكىرىپ ئىچىدىغان ، ھاجەتخانىغىمۇ سىرتقا چىقىدىغان بۇ ئۆي دەل Tنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئۆي بولۇپ چىقتى ، T ئۆي ئىگىسىگە ھەركۈنلۈككە دەسلەپتە ئورۇنلاشقان بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھەق تۆلەپ تۇردى ، دەسلەپ بىز ئۆي ئىگىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ، ئۇلار :
__ مانا چاقىمىز ، ئەنە چاقىمىز دەپمۇ ھېچبىر چېقىپ بولالمىدى بۇ ئۆيلەرنى ، قاچان چاقاركىن دەپ چېقىشىنى ساقلاپ بىزمۇ كۆچمەي ئولتۇرىۋاتىمىز ، _ دەپ ئوڭايسىزلىنىپ كەتكەنىدى ، بىراق بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇنچىلىك قىزغىن ، مېھماندوستكى ، ھەر كۈنى Tغا ئوخشىغان مەززىلىك مىللىيچە تائاملىرىمىزنى ئېتىپ بېرىپ ئۇنى قەۋەتلا خوشال قىلىۋەتكەنىدى ، تېخى T تاماققا ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگەن كۈنلىرى ئۇنىڭغا تاماقتىن ئېلىپ قوياتتى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار ناھايىتى تېزلا بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ كەتتى . بۇ ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئوغلى بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ مۇشۇ ئۆيدە ، مۇشۇ شارائىتتا ياشايدىغانلىقىدىن بىر خىل نومۇس ھېس قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى :
__ ئۆتكەن يىلى ھېيتتا ساۋاقداشلار ھېيتلاشقانىدۇق ، ھەممسى سېنىڭ ئۆيۈڭگە بارمامدۇق ، سەن ھەر قېتىم بىزنى ئۆيۈڭگە تەكلىپ قىلمايسەن ، ئادەمگەرچىلىكىڭمۇ يوقكەن دەپ تۇرىۋالغانىدى ، ئاخىرى ئۇلارنى باشلاپ كەلدىم ، ئاپاممۇ شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتى ، ساۋاقداشلىرىم ئۆيىمىزگە كېلىپلا ، ھەممە يەرگە تەكشى قارىۋېتىپ بىر - بىرىگە قاراپ پىچىرلىشىپ ، تۇزۇكمۇ ھېيتلىماستىن ، ئاپامنىڭ ئالدىراش تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقىنىغىمۇ قارىماستىن كېتىشتى ، شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ساۋاقداشلىرىم ھېچكىم مېنى ئارىغا ئالمايدۇ ، ماڭا تۈزۈكمۇ گەپ قىلمايدۇ ........
بۇ گەپلەرنى قانچىلىك ئاچچىق يۈتۈپ تۇرۇپ ئاڭلىغىنىمنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟ توۋا ، بىزنىڭ كاللىمىز ھەقىقەتەن تەرەققىي قىلالماپتۇ ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ياخشى تەرەققي قىلىش شارائىتىغا ئېرىشەلمەپتۇ ... مانا بۇ مېنىڭ بۈگۈن كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان بىرىنچى سېلىشتۇرمام ، ئەمدى بۈگۈنكى ئىككىنچى ، يەنە كېلىپ ئەڭ مۇھىم بولغان سېلىشتۇرمامنى سۆزلەپ بېرەي .
T كەلگەن كۈنى بىز كۆرۈشۈپ ئىككى سائەت ئۆتمەستىن تۇيۇقسىز ماڭا بىر تېلىفون كەلدى ، مېنىڭ ئەزەلدىن ناتونۇش نومۇردىن تېلىفون كەلسە ئالمايدىغان ئادىتىم بولغاچقا ، تېلىفون نومۇرنى كۆرۈپلا تېلىفونۇمنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرىۋەتتىم ، بىراق بۇ تېلىفون توختىماي كېلىۋەردى ، زېرىكمەي ئۇردى دېسەممۇ بولىدۇ ، « قارىغاندا مېنى جىددىي ئىزدەيدىغان بىرەرى ئوخشايدۇ » دەپ ئويلىدىمدە ، تېلىفوننى ئالدىم ، قارشى تەرەپ تېلىفوننى ئېلىشىمغا ئاۋازىمنى ئاڭلاپلا رەنجىگەندەك ئاھاڭدا قوپاللىق بىلەن :
__ ۋەي ، كىمۇ سىز ؟
__ سىز كىمنى ئىزدەپ ئۇردىڭىز ؟
__ سىز كىمۇ دەۋاتىمەن ؟ تولا گەپنى بۇرىماڭ .
__ سىز ئۆزىڭىز كىمۇ ، كىمنى ئىزدەيتتىڭىز ، ئەگەر مەن سىز ئىزدەيدىغان ئادەم بولمىسام بۇيەردە ۋارقىرىشىپ كەيپىياتىمىزنى بۇزۇشمايلى ، قويىۋەتتىم ئەمىسە ، خوش .
تېلىفوننى قويىۋېتىپ تۇرۇشۇمغىلا يەنە قايتۇرۇپ ئۇردى ، ئالمىسام ئۇرىۋەردى ،
T كەيپىياتىمنىڭ تازا بىنورماللىقىنى ھېس قىلدىمۇ ، ماڭا قاراپ تېلىفوننى ئىشارەت قىلدى :
__ ھېچقىسى يوق ، خاتا ئۇرۇپ قالغان ئوخشايدۇ ، مەن تۇنۇمايدىغان بىرسىكەن ، __ دېدىم ، گېپىمنى ئاڭلاش بىلەنلا T بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك جىددىي ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى . ئەسلىدە T كەلگۈچە شاڭخەي ئارقىلىق كەلگەچكە ئايروپىلاندا بىر شاڭخەيدىكى تېز تاماقخانىنىڭ ئۇسسۇلچىسى قېرىندىشىمىز بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ ، ئۇلار ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا خوشلاشقاندا ، T « ھازىرچە بۇ يەرنىڭ تېلىفون ئالاقىسى مەندە يوق ، سىز مۇشۇ نومۇرغا تېلىفون قىلسىڭىزلا مېنى تاپالايسىز » دەپ بۇ قىزغا مېنىڭ تېلىفون نومۇرۇمنى قالدۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭ دېيىشىچە تېلىفوننى بەلكىم شۇ قىز ئۇرغان بولۇشى مۇمكىنكەن . شۇ ئارىلىقتا يەنە تېلىفون كەلدى ، بۇ قېتىم مەن تېلىفوننى بىۋاستە T غىلا بەردىم ، دەرۋەقە تېلىفوننى شۇ قىز ئۇرغانىدى ( ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن ، كەچۈرگەيسىلەر ،T ئانچە - مۇنچە خەنزۇچە سۆزلىيەلەيدۇ ) .
بىز بۇ كۈنى كىتاپخانىغا ، موزېيخانىغا باردۇق ، شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىگى تازا تەرەققىي قىلىۋاتقان بولغاچقا ، بۇنىڭغا ئائىت كىتاپلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپتى ، T شۇ كۈنى بۇنداق كىتاپتىن 10 نەچچىنى بىراقلا سېتىۋالدى ، كىتاپخانىدىن چىقىپ ئۇنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇنى مۇزېيخانىغا ئېلىپ باردىم ، لېكىن راست گەپنى قىلغاندا بۇ مۇزېيخانىمىز T غا ئانچە ياقمىدى ، ھەممىسى ئەينەكنىڭ ئىچىگە ئېلىنغان ، پەقەت يۈزەكى كۆرۈش ئۈچۈنلا قويۇلغان قەدىمىي بويۇملار ئۇنىڭ تازا ئاچقان يېرىگە بارمىغاندەك قىلاتتى ... قۇرۇق گەپنى ئاز دەپ ، گېپىمنىڭ پوسكاللىسىنىلا دەي .
شۇ كۈنى ئۆيگە كېلىپلا تېلىفونىمغا توك قاچىلاپ تېلىفوننى ئەمدى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا يەنە ناتونۇش نومۇردىن تېلىفون كەلدى ، بەلكىم ھېلىقى قىز ئۇرغان ئوخشايدۇ ، T يوق ، ئەتە تېلىفون قىلىڭ دەپ قوياي دەپ تېلىفوننى ئېلىشىمغىلا بۇ قىز چالۋاقاپلا كەتتى :
__ ھۇي ، ئاباي نېمە گېپىم تۈگىمەستىن قويىۋەتتىڭىزغۇ ، سىىز @#%&* نىڭ نېمىسى ( ئۇ قىز T نىڭ ئىسمىنىمۇ ئوڭشاپ دىيەلمەيتتى ) ، ھەي نومۇس دېگەننى بىلمەمسىز ، يۈز دېگەن نەرسە يوقما سىزدە ، نېمانداق ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالىسىز ، تېخى تېلفۇنلانى گۇۋەنجى قىلىۋاپ ، نىمىشلارنى قىلدىڭلار ......................... ، __ ئۇ قىز مۇشۇنداق ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ۋالاقلاشقا باشلىدى ، مەن ئۈندىمەستىن ئاڭلاپ تۇردۇم ، __ ۋەي ، گەپ قىممايسىزغۇ ئەمدى ، قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ جىم تۇرۇۋالىدىغان گەپما .........
سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ ، مەن بۇ قىزغا يەنە نېمە دېسەم بولار ، نېمىمۇ دېگۈلۈك بۇلارغا ، گەپ قىلدىم دەپ ئۇرۇشسام بولغۇدەك ، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماستىن تېلىفوننى قويىۋەتتىم - دە ، تېلىفوننى ئېتىۋەتتىم . ئەتىسى تېلىفوننى ئېچىپ تۇرۇشۇمغا بىر قىسقا ئۇچۇر كەلدى ، يەنە كىم بولماقچىدى ، بىزنىڭ ھېلىقى « ئىچى كۈچلۈك » قېرىندىشىمىز ، ئۇ بىر تالاي سەت گەپلەر بىلەن يېزىپتۇ ، ئۇ گەپلەرنى بۇ يەردە سۆزلەشكە ھەتتا ئويلاشقىمۇ ۈرئەت قىلالمايمەن ، پەقەت مۇنداق بىر قانچە جۈملىسىنىلا دەپ بېرەي « ئەر چىقمىغاندەك ئەمدى چەتئەللىكنىڭ كەينىگە كىرىۋالدىڭمۇ ، ساڭا دەپ قوياي ، سەندىن ئەر تالاشقۇدەك ئۇنچىلىك ئەرسىراپ كەتمىدىم ، ئۇقۇپ قوي سەن مېنىڭ خىلىم ئەمەس ، شۇنىمۇ ئۇقۇپ قوي ئاچاڭ يىقىلسا ئەر كىشىنىڭ ئۈستىگە يىقىلىدۇ ......... » بۇلارنى ئوقۇۋېتىپ سىلەر قانداق ھېس قىلدىڭلار بىلمەيمەن ، بىراق مەن بۇ قىزنىڭ 100% « ...ھەۋەس » كە تولغان كاللىسىغا بەكلا ، بەكلا ھەيران قالدىم . شۇ كۈنى كۆرۈشكەندە بۇ ئىشلارنى T غا ئېيتىشنى ئويلاشتىميۇ ، لېكىن تۇرۇپ توختاپ قالدىم ، چۈنكى ئۆزىمىزنىڭ چاۋىسىنى ئۆزەم چىتقا يايغىم كەلمىدى ، راست ، سىلەرچە مەن بۇ گەپنى قانداق ئېغىزىمدىن چىقىرىمەن ...
شۇ كۈنى بىز قەشقەرگە باردۇق ، T ئەزەلدىن ۋاقىتتىن بەك تولۇق پايدىلىناتتى ، مەن ئولتۇرغان يېرىمىزدىنلا كېتىپ قالساق قانداق بولىدۇ ، تەييارلىق قىلىۋېلىپ ئەتە ماڭايلى ،دېسەم « قانچىلىك تەييارلىق كەتمەكچىدى ، بىر كۈن تەييارلىق قىلىدىغانغا » دەپ ئۇنىمىدى ، شۇنىڭ بىلەن راستىنلا ئولتۇرغان يېرىمىزدىنلا ئۇددۇل قەشقەرگە كېتىپ قالدۇق ... ئۇ سېتىۋالغان كىتابلىرىدىن كۆرگەن قەشقەر ، كۇچا ، قۇمۇلدىكى ھەربىر قەدىمىي جايغا ئالا قويماي بېرىپ چىقتۇق ، ھەممە سەپىرىمىز 9 كۈندىلا ئاياغلاشتى ، بىز ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدۇق ، خوش ، ھېلىقى « ئىچى كۈچلۈك » ئۇسسۇلچى قېرىندىشىمىزنى يوقىلىپ كەتتى ھەقىچان دەپ ئويلىسام ، بىز قايتىپ كەلگەن كۈنىلا يەنە تېلىفون قىلدى ، تېلىفوننى ئېلىشىمغىلا :
__ بېرىڭە تېلىفوننى ئانىڭغا !!!!!!!!!!!!!!!!!!!! __ T تېلىفوننى ئېلىپ سۆزلەشتى . ئۇلارنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن T نىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇ قىز ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىلغانمىش ، ۋاقتى ئەتە كەچ .
T « قۇتاد غۇبىلىك » قا پۇتۇن ئەس - يادىنى يوقاتقۇدەك دەرىجىدە بېرىلىپ كەتكەنىدى ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ، ئەگەر ئۇ بۇ يەردىن كەتكۈچە بۇ دەستۇرنى ياخشى ئوقۇپ چۈشىنىۋالمىسا ، قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئوقۇپ تەرجىمە قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان ئادەم چىقماي ئارماندا قالاركەن . قايتىپ كەلگەندىن كېيىن « قۇتاد غۇبىلىك » بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز بولۇپ قالدى ، ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئىشىمىز شۇ بولدى ، ئالاھىدە مۇھىم ئىش بولمىسا سىرتلارغىمۇ چىقمىدۇق ، بۇ ۋەزىپىمىزگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن T بىزنىڭ ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى ، مەنمۇ چۈشىنەلمىگەن ، تېگىگە يېتەلمىگەن جايلارنى بىر دەپتەرگە ئەينەن كۆچۈرىۋېلىپ شۇ كۈنى كەچتىلا تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئەدەبىيات مۇئەللىمىمنىڭ ئۇيىگە بېرىپ سوراپ چۈشىنىپ كېلەتتۇق . « قۇتاد غۇبىلىك » بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ، ئائىلىمىزدە پەيدا بولغاندىن باشلاپ تېلىۋىزور ، كومپىيۇتېرلارنى « ئىشتىن قالدۇرىۋەتتۇق » .
« ئەتە » سى ھېلىقى قىز تولا تېلىفون قىلىپ T نى ئولتۇرغۇزمىدى ، شۇنىڭ بىلەن T ئۇ قىز بىلەن بىللە تاماق يېيىش ئۈچۈن كەتتى ، T مېنىمۇ بىللە بېرىشقا تەكلىپ قىلغاندا مەن رەت قىلدىم ، سىلەر ئېيتىڭلارچۇ ، مەن ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشسەم نېمە ئىشلار بولۇپ كېتەر ، ئەگەردە ئۇ قىز سەۋىيەلىك ، توغرا ئۇقۇملۇق قىز بولغان بولسىدى ، دوست بولۇش ئۈچۈنمۇ جان دەپ بارغان بولاتتىم ، ئەپسۇس .....................
لېكىن « رەقىبلەر تار يولدا ئۇچرىشىپتۇ » دېگەندەك مەن ئاخىرىدا يەنىلا ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشتۈم ، قانداق كۆرۈشتۇق بىلەمسىلەر ، ئىشلار بەك قىززىق بولدى . ئۇ كۈنى T ماڭا ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ، قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي قىينىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ تېلىفون قىلدى ، بىرازدىن كېيىن يەنە بىر ناتونۇش قىزدىن تېلىفون كەلدى :
__ ۋەي ، مەن گۈلفىنىڭ دوستى ، ھازىر كېلىڭە ، بىز XXX دىبادا ، @#%&* نىڭ بەزىن گەپلىرىنى بىز چۈشەنمەي ، بىزنىڭ بەزەن گەپلىرىمىزنى بۇ چۈشەنمەي ئوتتادۇق ، كېلىڭە ، كەپ تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىڭە پۇلىڭىزنى بېرىمىز ..........
__ گېپىڭىز تۈگىدىمۇ ، باشقا ئارتۇقمۇ ئىش يوقكەنغۇ ، ئوتتىرىشىڭىزنى ئوتتىرىۋېرىڭ ، سىزگە ئۇنىڭدىن بەكەرەك چۈشۈنۈپ ئولتۇرۇش سەل ئارتۇقلۇق قىلىدۇ ، __ دېدىمدە ، تېلىفوننى قويىۋەتتىم ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇلارنىڭ « ئەبجەش كاللا » سىدىن ئېچىنىپ يۈرسەم ، بۇ قىزنىڭ مېنى تەرجىمان دەپ قېلىشى ، تېخى پۇلىڭىزنى بېرىمىز دېيىشى نېرۋامنى خېلىلا ئۆرلىەتكەنىدى ، بىراق T مۇ توختىماي تېلىفون ئۇرغىلى تۇردى ، قارىغاندا ئۇ خېلىلا ئوسال ئەھۋالدا قالغان ئوخشايدۇ ، مەن بۇ قىزلىرىمىزنىڭ بەك « ئوچۇق زامانىۋىي كاللا » لىرىغا قانداقتۇر بىر ئويلارنىڭ كېلىپ قېلىپ چاتاق چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم ، كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام ئەڭ مۇھىم ئەنسىرىگىنىم T نىڭ نەچچە ۋاقىىتتىن بېرىقى ساياھەتلەردىن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا بولغان چوڭقۇر ھۆرمەت ، قىزغىن قىزىققىشى بىلەن بۇيەردىن چىرايلىق قايتىشىنى ئويلىغانىدىم ، شۇڭا ئىشلار چىڭىغا چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇنى ئەكىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم .
كىرسەم ئۇلار 6 قىز ، T بىلەن يەتتىسى ئولتۇرۇپتۇ ، T مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى ، بىچچارىنىڭ چىرايىدا مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئۈمىد ئۇچقۇنى چاقناپ كەتتى ، ئۇ ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىپ مېنى ئاران تەستە تاپقاندىمۇ بۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتمىگەنىدى . بۇ 6 قىز بىلەن گەرچە « رەقىب » بولساممۇ ، يات بىر ئەلدىن كەلگەن بىراۋنىڭ ئالدىدا سەت تۇرمىسۇن دىگەنلەرنى ئويلاپ ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپلا كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىمنى لىڭشىتىپ « ياخشىمۇسىلەر » دېدىم ، ئەپسۇس ، ئىنتايىن ئەپسۇس ، مىڭ - مىڭ ئەپسۇس ، ھېچكىمدىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى ، سالىمىمنىڭ قۇرۇق قالغىنىغا ئەمەس ، يات بىراۋنىڭ ئالدىدا قانچىلىك « ئىناقلىقىمىزنى » « ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز » بىلەن كۆرسىتىپ بەرگىنىمىزگە قاتتىق ، قاتتىق ئەپسۇسلاندىم ، ھەي بوپتۇلا ............. بۇ جەرياندا ھەممىسى ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ، نۆۋەتلىشىپ T غا سۈركۈلۈپ چىقتى ، T بولسا قاتتىق ئوڭايسىزلىقتىن بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي ئولتۇردى ، ئويلاپ بېقىڭلار يولداشلار ، بىزنىڭ قىزلىرىمىز بىر ئەرنى ، بىر ئەركەكنى مۇشۇنچىۋالا ئوڭايسىزلاندۇرىۋەتكىدەك « قابىلىيەتلىك » ئىدى ... بىز كېتىشكە ئالدىرايمىز ، ئۇلار « ... » غا ئالدىرايدۇ . بۇ يەردە سۆزلەش بىئەپ بولسىمۇ ، خىجالەت بولساممۇ سىلەرگە مېنىمۇ بېشىمنى يەردىن كۆتۈرەلمەس قىلىپ قويغان بىر گەپنى دەپ بېرەي ، رۇخسەت قىلغايسىلەر ، بۇ گەپنى ئېغىزىم ئەمەس ، ئېنىقتىن - ئېنىق ئاڭلىغان قۇلىقىم ئېيتىپ بەرسۇن ...
مەن كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ( T بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇپ قىسقا ئۇچۇر بىلەن قانداق قىلىپ بۇ يەردىن كېتىشنى تازا مەسلەھەتلىشىۋاتقاندا ) بۇ 6 جاناندىن بىرسى مۇنداق « ئاقىل پىكىر » نى ئوتتۇرىغا قويدى :
__ ھەي ئاداشلار ، بۇ كورىيەنىڭ شۇملىرىنى بەك « قالتىس » دىيىشىدۇ ، بىر سىناپ باقمامدۇق .
__ كىم بىلىدۇ ، يىگىت چىقىپ قالامدۇ تېخى .
__ ۋەت ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~```
__ بىزمۇ ئۆزىمىزنى بىر كۆرسىتىپ قويمامدۇق .
__ ھەي ، ئەمىسە نەگە بارساق بولار ؟
__ تۈزۈكرەك ، ئېسىل يەرگە بارايلى جۇمۇ ، چۈپەيكەن دەپ قاممىسۇن يەنە .
__ ھەي ، يەنە بىر دەم ئولتۇرۇپ ماڭايلى ، بوممىسا ئاران قاپتىكەنتۇق دەپ قاممىسۇن .
__ ۋەت ~~~~~~~~~~~~~~~~~
__ ھەي ھەي قىزلار ، باشقىنى قويۇپ نەق گەپنى قىلايلى ، كىم باشتا ......
__ يائاللا شۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتقانمىدىڭ ، بوپتۇ ئۆتۈندۇق ، بىرىنچىسى سېنىڭ ،
__ دۆتكەنسەن ئاداش ، بىرىنچسى ماز بولىدۇ .........
......................... شۇنداق قىلىپ بۇ « ئاقىلانە پىكىر » قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشماقتا ، شەبنەمدىكى ئاكا - ئىنى ، ئاچا -سىڭىللار ، بۇ تۇتۇرۇقسىز ، بولمىغۇر گەپلەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارچە ئوچۇقتىن - ئوچۇق ئېيتىپ بەرگىنىمدىن بەكلا ، بەكلا خىجالەتمەن ، بۇ ئاڭلىغان قىلىقسىزلىقلارنى سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارچە ئېيتقىنىمنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى سورايمەن .
__ ھەي سوراپ بېقىڭە ، بۇ ھېلىقى كورىيەنىڭ پالانچى كىنوسىنى كۆرگەنمىكەن ؟ ئاشۇ كىنودىكى ھېلىقى پۇستانچى ئەرتىسنى تونۇمدىكەن ، باياتىندىن بېرى مۇشۇ گەپنى چۈشەندۈرپ بولالماي بەك قىينالدۇق ، سوراڭە ، __ مەن تېخى ئۆتكەندىلا T غا ئۆزەمنىڭ كورىيە كىنولىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغىنىمنى ، ھەممە كىنولارنىڭ مەزمۇنى ئوخشاشتەك بىلىنگەچكە ئانچە قىززىقىپ كەتمەيدىغىنىمنى ئېيتقانىدىم ، ئەمدى بۇنى قانداق سوراش كېرەك ، توغرا مەن نېمىشقا سوراپ بەرگۈدەكمەن :
__ خاپوممايسىز ، مەن ئۇ گەپنى تەرجىمە قىلالمايمەن ، بەك بىلگۈڭىز بولسا ئۆزىڭىز بىر ئامال قىلىپ چۈشەندۈرۈڭ ، __ دېدىم مەن ئۇلارنىڭ بايىقى پاراڭلىرىدىن نېرۋام ئۆرلەپ تۇرغاندا .
__ يائاللا ، ئاباي كەلگەن ۋاقتىڭىزدا كۆرۈپلا ھەجەپ ئاخسا نىمىكىنا ماۋۇ دەپ ئويلىغانتىم ، خاتا ئويلىماپتىمەن ، مەنغۇ ئەزەلدىن ئادەمنى خاتا تونۇپ باقمىغان .
__ ماڭا قاراڭ ، مەن ئاخسا نىمىمۇ ئەمەسمۇ ، مەن ئادەممۇ يا « نىمىمۇ » سىز بىلەن تازا ئالاقىسى يوق ئىش بۇ ، شۇڭا مەن توغرۇلۇق بەك تەتقىق قىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، __ توساتتىن « سورۇن » نىڭ كەيپىياتى جىددىي تۈس ئالدى ، T نىڭ كۆز ئالدىچىلا تېخىمۇ « ئىناقلقىمىز » نى ئىپادىلەپ قويۇشتىن ساقلانماقچى بولدۇم ، __ ماڭا قاراڭ ، بۈگۈن سەل ئالاھىدە كۈن بولۇپ قالدى ، ئالدى بىلەن T ئۈرۈمچىدىن كېتىۋاسۇن ، ئۇ كەتسە بەرىبىر بىز بارغۇ مۇشۇ ئۈرۈمچىدە ، __ ھېلىقى « ئىچى كۈچلۈك قېرىندىشىمىز » غا قاراپ سورىدىم ، __ سىزمۇ بىلسەم -بىلمىسەم بۇ بىر نەچچە كۈنگىچىلىك بارغۇ دەيمەن ، ئالدىراپ كەتمەيدىغانسىز ؟ __ يەنە گېپىمنى داۋاملاشتۇردۇم ، __ T كەتكەندىن كېيىن ئۈرۈمچى بىزگە ئوڭچە قالغاندا ئايرىم كۆرۈشۈپ ئايرىم پاراڭلىشايلى ، قانداق ، بولامدۇ يا ......
شۇنداق قىلىپ بىز ئۇلاردىن ئايرىلىپ چىقتۇق ، T مۇ گەرچە نېمە گەپلەرنىڭ بولۇنغىنىنى ئاڭلاپ چۈشەنمىگەن بىلەن كەيپىياتتىن بىلگەن بولسا كېرەك ، ماڭا تەسەللىي بەرمەكچى بولدى ، لېكىن ئۇنىڭمۇ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئىدى ، بىز شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن يول بويى ، ھەتتا ئۆيگە كېلىپمۇ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىدۇق ، بىز ھەتتا ئاپامغىمۇ گەپ قىلمىدۇق ، ئىچىڭىزنى ئاچچىق - ئاچچىق ھېسلار چىرمىۋالغاندا گەپ قىلىشقا رايىڭىزمۇ بارمايدىكەن ...
شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا بىرخىل تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز « تام » پەيدا بولۇپ قالدى ، چۈنكى مەن بايا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك ئۇنىڭ بۇ يەردىن مۇشۇ چىرايلىق ، تەسىرلىك ھېسلىرى بىلەن ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم ، ئەمما ئىشلارنىڭ ئەمدى ئويلىغىنىمدەك بولمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتىمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا بىر خىل خىجالەت ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدىم ، T بولسا مېنىڭ كاللامدىن بۇ ئويلىرىمنى چىقىرىۋېتىش بىلەن ئالدىراش ، مەن بولسام ئويلىغانسېرى كۆپ ئويلىۋېلىپ ...
ئەمدى يەنە بىر كىچىك سېلىشتۇرمىنى سۆزلەپ ئۆتەي : بىر كۈنى قوشنىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان قىزى مېنى ئىزدەپ كىرىپتۇ ، ئۇ قىز مېنىڭ بىر كورىيەلىك دوستۇمنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ مېنى ، توغرىسى « بىزنى » يوقلاپ كىرىپتۇ ، توۋا دەپ كۈلۈپ كېتىمەن ، دائىم توغرىمۇ - توغرا كېلىپ قالساقمۇ سالام قىلماستىن ھەتتا يولمۇ بەرمەستىن قىستىلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان بۇ قىز بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرۇمدىكى « قوشنىلىق رىشتىسى » نى يات ئەللىك بىراۋنىڭ ئۇلاپ قويغىنىغا توۋا دەيمەن .
__ ھەدە ، دائىم سىزنى كۆرسەم شۇنداق ھەۋىسىم كېلەتتى سىزگە ، __ « قوشنام » گەپ باشلىدى ، بىرە قۇر تاغدىن - باغدىن گەپلەرنى دېگەندىن كېيىن ئاساسىي مەقسىتىگە كەلدى :
__ ھەدە ، بۇ دوستىڭىز راستىنلا كورىيەدىن كەلدىمۇ ؟ ئۆتكەندە كۆرۈپ قاراپلا بىلىۋالغانىدىم ، بەك شۇەيكەن ( 帅 ) .
__ ئوخشاش ئادەم بۇمۇ ، تاشقى پېلانىت ئادىمى بولغان بولسا قانچىلىك قىلاتتىڭىز ، ئاكىڭىزدىنمۇ بەكەرەك قاملاشقانمىكەن بۇ ، __ گېپىمنىڭ قاتتىق چىقىپ قالغانلىقىدىن خىجىلمۇ بولدۇم ، لېكىن مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇنداق قاملاشمىغان تۇتۇرۇقسىز « چوڭ كۆرۈش » لەردىن سەسكىنىپ كەتكەنىدىم ، لېكىن دەرھاللا ئۆز كۆڭلۈمدە خاتالىقىمنى تونۇپ كەيپىياتنى تۈزەش ئۈچۈن بۇ قىزنى T غا تونۇشتۇرۇشقا باشلىدىم ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ ، دېگەن گېپىمدىن T بەك ھاياجانلىنىپ كەتتى ، مېنىڭ ئىنى - سىڭىللىرىم تېخى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاچقا ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىكلىرىنى كۆرگەن ، ئەمدىكى بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى كۆرۈپ بېقىش پۇرسىتى ئۇنى بەك خۇشال قىلىۋەتتى :
__ سىڭلىم ، T سىزنڭ ھازىرقى ئوقۇۋاتقان دەرسلىكلىرىڭىزنى كۆرۈپ باقسام دەيدۇ ، ئاۋارە كۆرمەي ئەچىقىپ كۆرسىتىپ قويىڭە ، __ دېدىم ئۇ قىزغا .
__ كىتاب ، نېمىمۇ قىلار ئۇلارنى كۆرۈپ ، ۋوي بولدىلا ئەتە ئالغاچ چىقاي ، خوشياقامدۇ بۇ كەچتە ................... ھەي ھەدە ، سوراپ بېقىڭە ، بۇ ھېلىقى پالانى كىنودىكى ھېلىقى بالىنى تونۇمدىكەن ؟ __ يەنە شۇ ئەرتىسنىڭ گېپى ، بىچچارە قىز ، ئۇ ئەرتىس بالىنىڭ ئىسمىنىمۇ تولۇق بىلىدىكەن تېخى ، يەنە توختىماي بىرمۇنچە ئىسىملارنى دەپ « يوقلىما » قىلىپ چىقتى ، تېخى ئاخىرىدا ، __ ھوۋ ، ھېلىقى كىنودىكى بالىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، نېمىتى ، نېمىتى ، ۋھي خۇدايىم ھەجەپ مۇھىم ۋاقىتتا ئۇنتۇپ قالغىنىمنى .... توختاپ تۇرۇڭ ھەدە ھە ، مەندە ئۇنىڭ رەسىمى بارئىدى ، ھازىر ئۆيگە كىرىپ ئەچىقاي ، بىردەمدىلا كىرىمەن ، ھازىرلا كىرىمەن جۇمۇ ھەدە ............ _ مەن T غا ئۇ قىزنى دەرسلىك كىتابىنى ئالغىلى چىقىپ كەتتى دەپ قويغانىدىم ، بىراق ئاخىرىنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى پەرەز قىلىپ بولدۇڭلارغۇ دەيمەن ، يەنە قانداق ئوساللىقنىڭ مېنى كۈتىۋاتقىنى كۆڭلۈمگە ئايان ...................
شۇنداق قىلىپ T كەتتى ، ئۇ قايتىدىغان چاغدا ، خوشلىشىپ بولۇپ بىرنەچچە قەدەم مېڭىپ توختاپ قالدى ، ئۇ كەينىگە قايتىپ يېنىمغا كېلىپ :
__ خېلى بولدى كەيپىياتىڭ ياخشى ئەمەس ، سەۋەبىنىمۇ بىلىمەن ، ساڭا بىرنەرسىنى دېيىشنى ئويلىغىلى ئۇزۇن بولدى ، بۈگۈن دېمىسەم مەن خاتىرجەم قايتالمايدىغىنىمنى بىلدىم ، گېپىمنى ئاڭلا ، ئارتۇق ئويلىما ، سېنىڭ مەندىن ھېچقانداق خىجىل بولۇشۇڭنىڭ ئورنى يوق ، ئۇنداق ئادەملەر دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە بار ، مەن كۆڭلۈمگە ئالمايمەن ، __ دېدى ئۇ تەسەللىي بېرىپ ، __ بىزنىڭ كورىيەگە بارساڭ ئۇلاردىنمۇ بەكەرەك ۋەھشىيلىرىنى كۆرسىتىپ قويمىسام ساڭا ، __ دەپ چاخچاق قىلدى ئۇ ئاخىرىدا .......
مېنىڭ ھېلىقى مەستانە قوشنام T ماڭىدىغان چاغدا ئۆزىنىڭ شۇنداق كورىيە تىلى ئۆگەنگۈسى بارلىقىنى ، بۇنىڭ ئۈچۈن T نىڭ ياخشىراق ، تەرجىمە قىلىنمىغان « ماتىرىياللار » بولسا ئېۋەتىپ بېرىشىنى ھاۋالە قىلغانىدى ، قايسى كۈنى T ئېۋەتكەن پوسۇلكىنى تاپشۇرىۋېلىپ ، قىزغا ئېۋەتكەن دېسكىنى ، كىتابنى قىزغا تاپشۇرۇپ بەردى ، شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتكەن قىز ئەتىسى ماڭا تېلىفون قىلىپ نېمەدېدى بىلەمسىلەر ؟
__ ئوھوشتە ، پىچەترەك تەرجىمە قىلىنمىغان يېڭى كىنو بولسا ئېۋەتەمدىكىن دېسەم ، نەدىكى بىر نەرسىنى ئېۋەتىپتىغۇ ئادەمنى ئاۋارە قىلىپ .................
بىچارە T ئۇ قىزغا ئەڭ ياخشى تىل ئۆگىنىش ماتىرىيالى تاپىمەن دەپ پۈتۈن سېئۇلنى تۆت كۈن قېزىپتىكەن ، ئەپسۇس ئاقىۋەت « مەستانە قوشنام » نى ئاۋارە قىلىپ قويۇپتۇ ، ھەي ، نېمە دېگۈلۈك بۇلارغا ، بىز نېمە كويدا ، خەق نېمە كويدە .....
شۇ ئىشتىن كېيىن 2كۈن بولغان ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلىۋالغاندەك يۈرگىلى ، ئاخىرى كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى سىلەرگە ئېيتىۋالدىم ، ۋاقىت چىقىرىپ ئاڭلاپ بەرگنىڭلارغا رەھمەت ، ئىچىم خېلى بوشاپ قالدى ، يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر !
ئەركزات تەستىقى