بۇ بىزگە ھاقارەت
زوردۇن سابىر
يارانلار،قىزۋە ئوغلانلار ئەمەس ھەرگىز رىۋايەت بۇ.
خىروئىن ئەجداھاسىغا ئېتىلغان ئوق شىكايەت بۇ.
ئىدۇق ساق بېجىرىم مىللەت يۇقۇپ ئالۋاستىدىن ئىللەت،
تۈتۈندە بۇلغىدۇق روھنى جىنايەت بۇ جىنايەت بۇ.
ئەسىر ھالقىيدىغان ئەۋلات ئەسىر توشماي ھالاك بەربات،
قېنى ئارزۇ؟ئۈمىد پەرياد نۇمۇس بىزگە نەھايەت بۇ؟!
ئىچىملىك ئايرىسا ياردىن،چېكىملىك قىلسا بىماردىن،
تۈتۈن-ئىس ئەتسە خار-زاردىن پۇشايمان ئۆمۈرۋايەت بۇ.
خۇمار ئەپسۇنى ئايەتمۇ،ئۇ نى چەكمەك چىدايەتمۇ؟
بۇ ئۇيغۇرلۇق سالايەتمۇ؟ھاقارەت بىزگە غايەت بۇ!
ئەركزات تەستىقى
[ بۇ يازما ئۇيغۇرا تەرپىدىن 2007-12-12 23:23 دە قايت ]