>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> تارانچى-قەشقەرلىك جىدىلى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 2047 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : تارانچى-قەشقەرلىك جىدىلى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
jahangir

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 68
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 452 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:42(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-03-28

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
تارانچى-قەشقەرلىك جىدىلى

( نةبصجان تۇرسۇننصڭ <ئاق ساراي خصياللصرص > ئةدةبصي خاتصرصسصدصن ئصلصندص )

ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ “ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﭼﯧﮕﺮﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ، ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ” ﺷﯘﺋﺎﺭﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ “ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ” “ ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻠﯩﻖ” ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، 1921-ﻳﯩﻠﻰ 6-ﺋﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ‘ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ “ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﭖ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﯗﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺱ. ﻣﺎﻟﻮﭖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻻﺭ ﻳﺎﻣﺮﺍﭖ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﯞﺟﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯩﻠﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﻝ ، ﭘﯩﺸﭙﻪﻙ (ﺑﯩﺸﻜﻪﻙ) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ،
ﮬﻪﺗﺘﺎ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯚﻛﯜﺷﯜﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﺘﻪ 20 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺗﺎﻻﺷﺘﻰ. ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﺎﺑﯩﺮﺟﺎﻥ ﺷﺎﻛﯩﺮﺟﺎﻧﻮﭖ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﺴﻪ، ﺋﯩﻠﻰ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻻﺗﯩﭗ ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺷﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﯘ ﻛﯜﺭﻩﺷﻜﻪ 1933-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، 1937-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺗﻪﯞﭘﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 300 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﺴﯩﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﯜﺭﻣﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛﭖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﻜﺎﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﺎﺟﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ . ﺋﯘ، 1928-ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ “ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ”ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﺎﺟﻰ “ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘ، “ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ” ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﻩ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﺷﯩﯟﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﮬﻠﻪﺷﻜﻪ، ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺷﻜﻪ ﻛﯚﭖ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ . ﺑﯘ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﺎﺟﯩﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ،” ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ-ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﯩﻲ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﮬﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ، ﻳﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺭﻩﻗﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻠﯘﻧﯘﭖ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺭﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ “ﭘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺖ، ﭘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﺴﺖ، ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﭘﺎﺷﺎﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﺷﺘﯩﺴﻰ” ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﻻﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﺴﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﺯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﭖ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯘﻧﺎﮬﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﻮﻗﯘﻕ ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.1937-ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ” ﭘﺎﻧﺘﯜﺭﻛﯩﺴﺖ” ﯞﻩ “ ﺗﺮﻭﺗﺴﯩﻜﯩﭽﻰ”،” ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ”ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻗﺎﺩﯨﺮ ﮬﺎﺟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺭﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻳﺎﻟﻐﺎﻥ.


1937-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﺟﯩﺪﻩﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﯧﻦ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ –ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﭖ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺑﯘ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﺷﺘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ –ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﯗﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟﻗﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻲ ﮬﯜﺳﻪﻳﯩﻦ ﺗﺎﺭﺍﻧﻮﭖ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺑﯩﺮﺍﻕ 1937-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﻪﯓ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، 1937-1938-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ،ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍ- ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺪﻯ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﺮﺍﻕ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﮬﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﻤﺎﻱ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻙ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺭﻩﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﭼﯧﮕﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻼﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺭﻩﮬﺒﯩﺮﻯ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟ، ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺳﻮﯞﯦﺘﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﻪﻟﯩﻴﯧﯟ، ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﻮﻡ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯚﻟﯜﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻏﻮﭘﭙﯘﺭ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻮﭖ، ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﻤﺎﮬﯩﻞ ﺗﺎﮬﯩﺮﻭﭖ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻮﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﻣﯘﺯﻩﭘﭙﻪﺭ ﻳﺎﺭﯗﻟﻼﺑﯧﻜﻮﭖ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﻣﻐﺎ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ، ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﻯ.
ﭼﯧﮕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ، ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 30-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ-ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﻪﺩﯨﻼ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮﻻ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﺮﺍﮔﯧﺪﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺧﯘﻻﺳﯩﻼﻧﺪﻯ. ﺧﯘﺩﺩﻯ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻴﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﮬﺎﺟﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ “ﺧﻪﭖ” ﺩﻩﭖ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺳﺎﺩﺩﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﻣﺎﮬﯩﺮ، ﺷﯩﺮ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﻪﻛﯩﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭﺳﯩﺰ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎﺯﺩﻯ. 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﺴﯘﻥ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻪﺩﻩﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯚﻟﯩﺴﯘﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﻩﻗﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ،ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﯞﻩ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﮔﺮﺍﺯﺩﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﭘﺎﺳﭙﻮﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ “ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ” ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ "ﻛﺎﺷﮕﺎﺭﻟﯩﻚ" ﺩﻩﭖ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺠﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻡ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ –ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮﻯ، ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ، ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﮔﯧﺰﯨﺘﻼﺭ ﯞﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺗﺎﻗﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ. ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ، 20 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ. ﮬﻪﺗﺘﺎ، 1930-ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. 1940-ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﮔﯜﻟﻠﻪﭖ ﻳﺎﺷﻨﯩﻐﺎﻥ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ، ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯧﮕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﮕﻪ ﻗﯧﻠﯩﭗ، 1933-1937-ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﯩﺮﯨﭗ ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ، ﺑﯘ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﯩﻼ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﻪﺷﯘ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﺳﺎﺩﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ، ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ.[/size]

مۇسەللەس تەستىقلىدى .


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 21:28 چوققىغا قايتىش
mavlanzor

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 210
شۆھرەت: 216 نۇمۇر
پۇل: 1601 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:49(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


جىق   نەرسىلەرنى     بىلىۋالدىم  
رەھمەت   سىزگە!!!!!!!!!!!



ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 22:46 چوققىغا قايتىش
TORMOLLISI

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 33
شۆھرەت: 34 نۇمۇر
پۇل: 330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:31(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھازىرمۇ شۇنداق.يېقىندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرنىڭ جىدىلى چىقتى.يەنە   بەزىلەر ئەرەپ تەرەپكە،بەزىلەر يەھۇدى تەرەپكە ئۈتۈپ تاماشا قۇيۇۋاتىدۇ دىيىشىۋاتىقانلارمۇ بار(بىرەر ئەرەپنى يا يەھۇدىنى كۈرۈپ باققان بولسا تۇنۇسا نىمە دەي). ئاڭلىسام ھازىر بەزىلەر يا مۇسۇلمان بول يا ئۇيغۇر بول دەپ داڭقان پۇتى گەپ قىلىپ يۈرۈپتىمىش. ئۆزىنى مەن جەننەتكە كىرىمەن دەيدىغانلارمۇ باشقىلارنىڭ يېنىغا يېقىن بارمايمىش.
  بىر دانا كىشى بارتى.بۇ جىدەللەر قاچان تۈگەر دەپ سورىۋىدىم.ھەمىمىز قەبرىگە كىرىپ بولغاندا دەيدۇ.قەبرە سىرتىدا تۈزەلمەسمۇ دەپ سورىسام گەپ قىلماي كېتىپ قالدى.


[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 23:00 چوققىغا قايتىش
kurxat

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 303
شۆھرەت: 329 نۇمۇر
پۇل: 3030 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:233(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تارىخ بىزگە مۇستەھكەم ھەقىقەتلەرنى تونىتىدۇ ھەم قىممەتلىك دەرسلەرنى بېرىدۇ. دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ جاپالىق ئىزدىنىش نەتىجىلىرىنىڭ ئىسىل مېۋىسىگە ئاپىرىن. تېما ئىگىسىگىمۇ رەھمەت.

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 23:12 چوققىغا قايتىش
i.z.q.i

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 177
شۆھرەت: 181 نۇمۇر
پۇل: 1104 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:71(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تور موللىسى   توغرا دىدى .   مىنىڭچە ئەڭ ئاۋال     ئادەم ئاندىن   مۇسۇلمان ئاندىن مىللەت   .

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 23:34 چوققىغا قايتىش
NIYAZ99



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 86
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
پۇل: 860 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:29(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەمەلىيەتتە ، تارانچى ۋە قەشقەرلىك جىدىلى يوق .
قەشقەرلىك ۋە غۇلجىلىق ھەممىسى بىر ئۇيغۇر . بىر قىسىم ئاز ساندىكى يۇرتۋازلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، ئۇنداق جىدەلنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس .
تارانچى ھەرگىزمۇ ئۆز ئالىدىغا بىر مىللەت ئەمەس . بەلكى بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئارىسدىكى تىرىقچىلار يەنى بۇرۇن تارانچى دىيىلگەن .
چۈنكى ئىلى ۋە ئالتايدا ياشىغان ئەقىللىق ئۇيغۇر خەلقى ئاساسلىقى دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان . كىيىن يەنى 300يىل بۇرۇن جەنۇپتىن چىققان ئۇيغۇرلار بۇ يەرگە ماكانلاشقان .
تارانچى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر ئاتالغۇدىنلا ئىبارەت .

لىكىن ئەينى چاغدا ئىت روسلار ۋە شىڭسىسىەي بۇ ئاتالغۇدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا قەستەن ئىناقسىزلىق سىلىپ ، ئۇيغۇلارنىڭ بىرلىشىپ ئۆز ھاكىميىتىنى قۇرۇشىدىن قورىققان . ئۇيغۇلار ئارىسىدىكى بەزى نادانلار ئۇلارنىڭ دىپىغا ئۇسسۇل ئويناپ بىربىرنى غاجاپ يۈرگەن .

شۇڭا دوستلار يۇرتۋازلىق قىلىشمايلى . دۈشمەنلىرىمىزگە ئويۇن قويۇپ بەرمەيلى .


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-13 00:15 چوققىغا قايتىش
NIYAZ99



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 86
شۆھرەت: 87 نۇمۇر
پۇل: 860 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:29(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇڭا دوستلار يۇرتۋازلىق قىلىشمايلى . باشقا مىللەتلەرگە ئويۇن قويۇپ بەرمەيلى .

Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-13 00:17 چوققىغا قايتىش
219



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 43
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:28(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


i.z.q.i سىز مىللەتنى ئەڭ ئاخرىقى ئۇرۇنغا تىزدىڭىز ما ؟مەن ئاۋۋال مىللەت دەيمەن ئاندىن ئادەم دەيمەن ئاخىردا مۇسۇلمان دەيمەن ...


ھەققانىيەتچى.......
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-13 00:22 چوققىغا قايتىش
AK_47

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


www.taranqi.com

http://taranqi.com/bbs/index.php

كۆرۈپ بىقىڭلار..................................


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-13 08:14 چوققىغا قايتىش
AK_47

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 5
شۆھرەت: 6 نۇمۇر
پۇل: 50 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


جىددى ياسىلىۋىتپتۇ . . . . . . مۇنبىرىمۇ خېلى بولىدىكەن . . . ..

Nurluk elani
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-13 08:15 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:17, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije