پەيشەنبىنى كۈتتۈممەن شۇنداق
جۇدۇن
چاھارشەنبە چاراسلا پ كەتتى ،
سوغۇق ئەمەس چىڭقى چۈش بىلەن .
دەل ئۆزىنى ھەپتە ئىچىدە
قۇچاقلايدۇ سېھرى كۈچ بىلەن .
تېپىشقاندا ئەشۇ جۈپ چاھار ،
مەن كۈتىمەن يېڭى زۆھەلنى .
قەبرىستاندا تۇرىدۇ ساقلاپ ،
مەرھۇم:_بوۋام،مومام،قاندىشىم ...
سەھەر تۆتتە يىنىك تۇرىمەن ،
مەن ئۇلارنى كۆرگەن چۈشۈمدىن .
قۇلاق ،كۆزدىن ئوشۇقىمغىچە
سۈيۈش ئۈچۈن تاقىلدار نەملىك .
«_بادام دوپپا
_چىمەن دوپپا
_ئاقار يولدا
_تۈمەن دوپپا!»
ھەممە ئۆزىن تۇنۇيدۇ شۇ كۈن .
تارتىلىدۇ توغرا سەپمۇ ھەم ،
سانجاق-سانجاق ئەرلىك تەسۋىرى .
خىزىر سۈپەت قارى ھاجىكام ،
تەبلىغ ئۇقۇر مېھراپتا شۇ تاپ .
سۈكۈتلەرگە غەرىقتۇر تىۋىش ،
تۇمان تاراپ بولغاندەك ئاپتاپ .
(قوشۇما)لار يىقىلار بىراق ،
تەكرالىنار (رەببىكەل ئەزىم )
گاھ ئالدىمدا گاھى ئارقىمدا ،
پىچىرلايدۇ بىر تاتلىق سىزىم .
تاماملايمەن ھەممە تاماملار _
ئالقانلاردىن ياندۇرۇپ چېقىن .
كىلىپ كەتمەك تۇرىدۇ ئەينا _
قاش كىرپىكتەك ئارلىقى يېقىن .
ماڭدۇق سەھەر دادام ئىككىمىز ،
ئىككى باغلام شادا كۆتۈرۈپ
قۇم ئۈستىگە بېسىلدى ئاياق .
كۆز ئالدىمدا تۈمەن مىڭ قەبرە ،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېدى _
دادام تۇيۇقسىز
ھۆل چاناقتا قىلغانچە سەبرە .
دېدى:يەنە ئىچىدىن ئۇرغۇپ
«قىيامەتنىڭ ئالامىتى يېقىن !»
ماڭدى روھىم پىچچىرلاپ ئاستا ،
مۇز توڭلىغان شادىنى ئېلىپ .
تىكىپ قويدۇم بىر جۈپ كېسەككە ،
دۈپپۈر-دۈپپۈر يۈرىكىم سېلىپ ...
ئۆلچەپ باقتىم ئۆزۈمنى ،ئىچىم _
دە،شۇزامان ئۇخلاشنى شۇنداق .
مەنمۇ ئۇخلاپ قالىمەن بىر كۈن
سەنمۇ ھەم ...
تۇيۇمايلا قالىمىز بىر تاڭ ،
ئۈلۈم بىزنى سۆيىدۇ شۇنداق .
خوشلاشتىم مەن قىيالماي ئۇزاق ،
(ئوقۇپ ئاران بىر مۇبىن ياسىن ...)
سىقىمداشچۈن دادام بىلەن مەن
روھى بىھىش قوچقار يۇڭىنى .
يۈرۈپ كەتتۇق پەرىزنى ئىستەپ .
قان قۇيۇلار زېمىندا شۇ كۈن ،
مەرىشىدۇ ئۇ چەت،بۇ چەتتە .
مەرىشىدۇ يىگانە پادا ،
ئۆي ئۆيلەردە چوڭ ۋە كىچىكى .
ئىسسىق قانلار ئاقىدۇ بىردىن ،
سۈركەلگەندە قاسساپ پىچىقى .
كۈلۈپ قويار سەھەردە يەنە ،
تۇل خۇتۇننىڭ ئۇدۇل ئوچىقى .
پەيشەنبىنى كۈتتۈممەن شۇنداق ،
چارشەنبىدە قىلىپ مانىۋېر ...