>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> سۈرەتلىك فىلىملەر -> ئائىلنىڭ بەختىنى توزۇتقۇچى <چۈمبەل> لىك ئەرلەرمۇ؟

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1187 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئائىلنىڭ بەختىنى توزۇتقۇچى <چۈمبەل> لىك ئەرلەرمۇ؟ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
tabassum619



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 25
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 250 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئائىلنىڭ بەختىنى توزۇتقۇچى <چۈمبەل> لىك ئەرلەرمۇ؟

ھەرقانداق بىر قىز تەقدىر ئۆزىگە ئاتا قىلغان ھالال جۈپتنىڭ كۆيۈمچانلىقتا ئادەم ئاتىدەك ،ئەقىل -پاراسەتتە نۇشۇرۋان ئادىلدەك ، مەردلىكتە ھاتەمدەك بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلشدۇ. رېئال تۇرمۇشتچۇ؟ قانچىلكى بەختلىك بولالايدۇ؟ ئاچچىق دەردىنى ئىنساننى زەئىپلەشتۈرىدۇ، ئىچىنى بوشتۋېلىشمۇ راھەت!
                         
                          پەقەت كۈنلەشلىمۇ.........؟
دەرد تۆككۈچى:گۈزەل ،29ياش،مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
_ مەن ئونىۋېرىستېتتا مۇھەببەتلەشكەن يىگتىمدىن ئايرىلىپ بىر يىلغچە ئەسلىمگە كېلەلمگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھازىرىقى ئېرىم بىلەن تۇنۇشتۇم، شۇچاغلاردا «باشقا يىگىتنى سۆيۈشۈم مومكىن ئەمەس،مېنى سۆيىدىغان ئادەم چىقسلا تېگىمەن»دەپ ئويلايتتىم ھەم شۇنداق قىلدىم.ئېرىمنىڭ چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە،خىزمتىنىڭمۇ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ،مەندىن ئالتە ياش چوڭ،بىراق ماڭا ناھايىتى كۆيۈنىدۇ،ئۇنىڭ بىلەن ئۈچ ئاي ئارىلاشقاندىن كېيىن توي قىلشقا پۈتۈشتۇق،تويدىن بۇرۇن ئۆزۈمنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتا بىر يىگىت بىلەن توت يىل مۇھەببەتلەشكەنلىكمنى سۆزلەپ بەردىم .ئۇ :«ماڭا ئويلىنىۋېلىشقا ئازراق ۋاقىت بېرىڭ»دەپ كېتىپ قالغانچە بەش كۈندىن كېيىن «سىزنىڭ بۇرۇنقى ئىشلرىڭىزنى كۆڭلۈمگە ئالمايمەن ،ماڭا راست گەپ قىلغانلىقىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن سادىق بولدىغانلقىڭىزنى دەلىللەيدۇ،توي قىلايلى»دېدى.
تويدىن كېيىن ئۆينىڭ بارلىق ئىشلىرنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى،ماڭا ھەرجەھەتتىن كۆيۈنۈشنى ۋايغا يەتكۈزدى، ئەسلىدىكى يانغونۇمنى سېتىۋېتىپ ئۆزى ئىشلىتىۋاتقان «كىچك زېرەك»نى بەردى،ھېچقانداق يات ئەركشنىڭ تېلېغۇنىنى قوبۇل قىلماسلىق بەلگىلىمسىنى تۈزدى.بۇ ئىش ماڭا ھار كەلگەن بولسمۇ«ياخشى كۆرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى »دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرىدىم.توي قىلىپ بىر ئايدىن كېيىن يولدا بۇرۇنقى لايىقىم بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ 15مىنۇت پاراڭلىشىپ قالدۇق،بۇنى ئېرىم كۆرۈپ قالدى ۋە شۇكۈنى كەچتە ئۆيگە قايتقاندا مېنى قاتتىق ئۇردى.ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە«كونا لايقىڭ بىلەن پاراڭلاشقىنىڭ يادىمغا كېلىپ قالدى»دەپ ئۈچ قېىتم قاتتىق ئۇردى،ھەرقېتىم:«مەن سېنى ئۇرمايتتىم،ھېلىقى يىگىت بىلەن بولغان ئىشلرىڭىزنى ئويلىساملا ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمايمەن»دەيتتى.
مەن ئاجرىشىشنى ئويلاشتىم،ئەمما ئاتا-ئانام،دوستلىرىم :«شۇنداق ياخشى كۆيۈمچان ئەردىن ئاجرىشامتىڭ»دەپ نەسىھەت قىلدى.مەن ئېرىمنىڭ داۋاملىق دۇمبالشىغا چىدىماي ،ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم،ھازىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرۋاتىمەن.ھالىمنى بىراۋغا ئېتىشنى خالىمايمەن، ئېرىمنىڭ يەنە كېلىپ ئۇرۇشىدىن قورقىمەن،كەلگۈسۈم ماڭا قاراڭغۇ.ئېرىم مېنى ياخشى كۆرەمدۇياكى ئۆزىنىمۇ،بىلەلمدىم،بۇ پەقەتلا كۈنلەشمۇ ياكى ......
             
                    «كۆيۈنۈشلىرىدىن تېنىم شۈركۈنىدۇ»
دەرد تۆككۈچى:ئايگۈل،31ياش ،مەلۇم دوختۇرخانىنىڭ سېستىراسى.
_كىشلەر نەزىرىدە بىز «خۇدا قوشقان بىرجۈپلەر»ئىدۇق.ئالتە يىللىق نىكاھ مۇناسۋىتى جەرياندا ئۇنىڭ ئۇرۇق -تۇققان، دوستلىرىم كۆڭۈل تۆرىدىن ئالغان ئورنى «كۆيۈمچان ،ۋاپادار، سادىق ئەر»،ئەمما دەردىمنى ئۆزۈم بىلىمەن.
توي قىلغىنمىزغا تۆت يىلدىن ئاشقان بىر كۈنى كېچىلىك سمېندىن قايتىپ كەلسەم كارىۋىتىمدا ئېرىم باشقا بىر ئايال بىلەن يېتىپتۇ. ساپادا كۆزۈمنى ياشلىغان ھالدا ھېلقى ئايالنىڭ كىيملىرىنى چالا-بۇلا كىيىپ چىقىپ كېتىشگە قاراپ ئولتۇردۇم.بۇ ئىش يۈرىكمنى لەختە-لەختە قىلدى.بۇ ئىشلارنى كىمگىمۇ ئېيتاي. ئارىمىزدىكى ئىشەنچ، ئائىلدىكى خۇشاللىق شۇنىڭدىن كېيىن يوقالدى.ئېرىم بۇنداق ئىشنى كۆز ئالدىمدىلا نۇرغۇن قېتىم داۋاملاشتۇردى.مەن ئاخىر ئۇنىڭ بىلەن ئاجرىشىش نىيتىگە كەلدىم.
سوتتا ئېرىم ئۈستىدىن شىكايەت قىلىغاندا«سەتچىلىك يېيىلىپ كەتمسۇن »دەپ «سىر»نى يۇشۇردۇم ،ئەمما ئېرىم «سىر»نى ئاشكارىلىشمدىن ئەنسىرەپ :«سوتچى ،بارلىق سەۋەنلىك مەندە، ئايالمنىڭ يۈرەك كېسلى بار، ئۇنىڭدىن بەك كۆپ نەرسىلەرنى سورىماي،بىزنى ئاجراشتۇرۇۋېتىڭ»دېدى. تېنىمگە تىترەك ئولاشتى، بۇرۇن ئۇنى كۆرۈپ باقمىغاندەك تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. سوت بىزنىڭ ئاجرىشىشمزغا قوشۇلمىدى.
مەن ئۇنىڭ بىلەن ئىككى يىل ئارىلشىپ توي قىلغان، ئۇنىڭ بۇنچە ياسالما،رەزىل ئادەملىكنى كۆرۈپ يېتەلمىگەن ئىكەنمەن.ئەمدى بىلسەم ئۇ «چۈمبەل»لىك ئەر ئىكەن. مەغلۇپ بولغان نىكاھمدىن:«ئەسكى ئەرنىڭ ياخشى ئايالنى ساراڭ قىلىپ قويدىغانلقى»نى ھېس قىلدىم.ھازىرىقى بىردىنبىر ئارزۇيۇم ئېرىم بىلەن ئاجرىشىش .
                     
                    «مەن ئۇنىڭ ئايالىمۇ ياكى ....؟»
  دەرد تۆككۈچى:سەلىمە،38ياش ،يەككە تىجارەتچى.
-ئېرىم بىلەن توي قىلغىلى 17يىل بولدى،تا ھازىرغا قەدەر ئۆزۈمنى يالغۇز،يۆلەنچۈكسىز ھېس قىلىمەن.
  كىچكىمدىن ھاممامنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغاچقا،ئۆزۈمگە تەئەللۇق ئائىلىگە ئېرىشىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم،21ياشقا كىرگەن يىلىم چوڭلارنىڭ ۋاستىسدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن.بىز تۇنۇشۇپ ئۇزاق ئۆتمەي توي قىلدۇق ھەم ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇردۇق. ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندە ئۇ:«ئۆي ئىجارىسنى تەڭ تۆلەيلى،شۇندىلا ئەر-ئايال باراۋەر بولىدۇ»دېدى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەركىم ئۆزى تاپقاننى ئۆزى خەجلەپ،چوڭراق بىرنەرسە سېتىۋېلىشتا تەڭ پۇل چىقىرىشىپ ئۆي تۇتتۇق.ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە،ئېغىر ئاياغ بولدۇم، مەن ئۇنىڭغا ئائىلىدە دەم ئالاي دېسەم ئۇ:«بالا تۇغۇلسا،چىقىم كۆپ بولىدۇ،دۇكاننى تاقىماي ئېچىۋېرىڭ، يەنە كېلىپ كۆپ ھەرىكەت قىلش ئۆزىڭىزگە ھەم بالىغا پايدىلق» دېدى.مەن بالا تۇغۇلۇشقا ئىككى كۈن قالغانغا قەدەر دۇكان ئاچتىم.بالا تۇغۇلغاندىن كېينمۇ ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولمىدى،بالا تۇغۇلغىنغا خۇش بولۇپمۇ كەتمىدى.بالىغا قاراشنى ئېيتقان چاغلىرىمدا:«بالا ئانسى بىلەن كۆپرەك بىرگە بولسا، ئۆسۈپ-يېتلىشىگەپايدىلىق »دەپ ئۆزىنى قاچۈردى.ھازىر بالىمىز 15ياشقا كىردى،ئاتا-بالىلىق مېھرىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.ئائىلىنىڭ بارلىق چىقملرىنى مەن ئۈستۈمگە ئالدىم، تۇغۇلغان كۈن ،توي خاتىرە كۈنلىرى ئۇنىڭغا سوۋغا بەرسەم ئالىدۇ،ئۆزى بىرەر قېتىم سوۋغا ئېلىپ يا ماڭا ،يا بالىغابېرىپ باققىنى يوق.شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۆزۈمگە ھاي بېرىپ ئائىلنى ساقلاپ كەلدىم. بۇ مەندە بىر خىل قەيسەرلىك يېتىلدۈردى.«ئېرىڭ بارمۇ دېسە بار»دېتىشتىن باشقىغا ئەسقاتمايدىغان ئەرىدىن ئاجرىشىپ كېتىش مەقىستدە بۇ يىل بېشدا ئۇنىڭغا ئاجىرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.ئۇ ئىپادىسز،ھېسىياتسىز كۆزلىرى بىلەن ماڭا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:«بولىدۇ،ئەمما ماڭا يىغقان پۇللىرىڭىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىسەن، سېنىڭ دۇكىنىڭ ،بالاڭ بار، مەن بولسام40تىن ئاشتىم،باشقىلارنىڭ ئاپتۇموبىلنى ھەيدەپ تاپقان ئازغىنە پۇلۇم ھېچنىمگە يەتمەيدۇ،پۇلغا ئۆز ئەركىنلىكىڭىنى سېتىۋالساڭ بولىدۇ»دېدى. مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ،مۇشۇ مېنىڭ 17يىللىق ئېرىممۇ،مەن ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ ياكى ....مەن باشقىنى ئويلاشنى خالىمىدىم.ئارىدىن بىرەر ئاي ئۆتكەندە ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم.«ئۇ ھاياتىمدا ماڭا بىر بالائاتا قىلغاندىن باشقا نېمە ئىش قىلىپ بەردى ،نېمىشقا ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ ئاجراشقۇدەكمەن، بەرىبىر شۇنچە يىللارىدىن بۇيان بىر-بىرىمىزنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي ئۆتۈشۈپتۇق، يەنە شۇنداق ئۆتىۋەرمەمدۇق، بالامنى دادىسز قالدۇرۇپ نېمە خۇشاللىق تاپارمەن...»دېگەنلەرنى ئويلاپ داۋاملىق ئۆيۈمنى تۇتىۋېرىش قارارىغا كەلدىم.
(شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتىدىن ئېلندى ،كىشى ئىسملىرى ئۆزگەرتىلدى)

لەيلى تەستىقى


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 17:07 چوققىغا قايتىش
Sim~Sim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 220
شۆھرەت: 221 نۇمۇر
پۇل: 2200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:52(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


توۋا ... مەن توي قىلىشتىن قورۇقتۇم .... ئاھ خۇدا ئىنساننىڭ بىشىدا نمانچە غەلىتە قىسمەتلەر بولىدىغاندۇ ...

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 19:50 چوققىغا قايتىش
butterfly

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 763
شۆھرەت: 784 نۇمۇر
پۇل: 7470 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:679(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كۆز تەگمىسۇن مەن ئەڭ بەختلىك ئىكەنمەن ... ... ئاللاھ ھەممە كىشىنىڭ بەختىنى بەرگەي

Nurluk elani

قۇرئان چۇشۇرۇشنى، ئاڭلاشنى ۋە دوستلشىشنى خالايدىغان ئۇچۇن :
http://cn.zorpia.com/ALQURAN
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 20:01 چوققىغا قايتىش
YuKuTuX

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 179
شۆھرەت: 180 نۇمۇر
پۇل: 1640 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:61(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كۆز تەگمىسۇن مەن ئەڭ بەختلىك ئىكەنمەن ... ... ئاللاھ ھەممە كىشىنىڭ بەختىنى بەرگەي     BBS.Xabnam.Com din koquruldi


لا الە الە ،، اللە اكبر.
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 20:24 چوققىغا قايتىش
bilgar
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 452
شۆھرەت: 453 نۇمۇر
پۇل: 4520 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:314(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


1-تېما ::::::::::::ھەقىقەتەن مۇھەببەت شەخسىيەتچى بولىدۇ.سىز ئۆزىڭىز گۇناھىڭىزنى ئۈستىڭىزگە ئاپسىزيۇ،يەنە 15مىنۇت ئەھۋال سورىشىپسىز،بۇ سىزنىڭ يەنە خاتالىققا يول قويغىنىڭىز،بۇ ھەرقانداق غورورلۇق ئەر قۇبۇل قىلالمايدىغان ئىش.
2-تېما::::::::::::ۋاپاسىز ئەرگە ئۇچراپ قاپسىز...ئۆز ى ئۈچۈن بەخت ئەپكەلگەن ،تۈشەككە باشقىلارنى ئەپچىققان ئەر دىن ياخشىلىق كەلمەيدۇ.ئەگەر باشقا يەردە سادىر قىلغان بولسا ئويلىنىش پۈرسىتى بەرسىڭىز بولاتتى.
3-تېما::::::::::شۇنداقمۇ ئائىلە ھىساۋاتى باركەن ھە.ئۇ ئەرمۇ ئەمەسكەن.

ھازىر جەمىيىتىمىزدە قىسمەن ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھايۋانلار ،غەرب مەدىنيىتىنى قۇبۇل قىلۋاتىدۇ.مىللىي ئەخلاقىنى يۇقىتىۋاتىدۇ .نەتىجىدە يۇقۇرقىدەك كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ.



خوشاللىق ئەتراپىڭىزدىلا..
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 20:31 چوققىغا قايتىش
kalila

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 47
شۆھرەت: 48 نۇمۇر
پۇل: 470 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:23(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇلۇغ اللا ھىكىمەتسز ئىش قىلماس....   اللا ھەممىمىزنىڭ بەختڭنى بەرسۇن

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 20:41 چوققىغا قايتىش
cheksiz



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 55
شۆھرەت: 56 نۇمۇر
پۇل: 540 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىرىنچى تېمىدىكى ئۇ قىزنىڭ خاتالىقى 15 مىنۇت سۆزلەشكىنى بۇرۇنقى لايىقى بىلەن . ئۇ قىز پەقەت 1 ياكى 2 مىنۇت سالاملىشىپ بولدى قىلسىلا بولاتتى . 15 مىنۇت دىگەن ئاز ئەمەس . دىمەك ئۇ قىزنىڭ بۇرۇنقى لايىقىغا تېخىچىلا كۆڭلى بار . بولمىسا ئۇ خوتۇن (بەرىبىر خوتۇن بولغاندىن كېيىن خۇتۇن دەيمىزدە ) قانۇنلۇق ئېرى بار تۇرۇپ بۇرۇنقى لايىقى بىلەن 15 مىنۇت سۆزلىشەمدۇ ؟
2- تېمىدا ئەردە گۇناھ بار .
3- تېمىدىكى ئەر لاتا ئەر ئىكەن . ئايال كىشىنىڭ پۇلىنى بۆلىشەيلى دىگەندىن كېيىن .


Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 21:12 چوققىغا قايتىش
nawat.gul

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:11(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


نىمىدىگەن قۇرقۇنىشلىق ئشلار بۇ ...توي قىلىشتىن رايىنى ياندۇرۇپ

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 21:54 چوققىغا قايتىش
sawda007

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 137
شۆھرەت: 138 نۇمۇر
پۇل: 1220 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:39(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى Sim~Sim نىڭ 2007-12-12 19:50 دە يوللىغان يازمىسى“”:
توۋا ... مەن توي قىلىشتىن قورۇقتۇم .... ئاھ خۇدا ئىنساننىڭ بىشىدا نمانچە غەلىتە قىسمەتلەر بولىدىغاندۇ ...

قورۇقماڭ ھەر بىر قەدىمىڭزنى توغرا باسسىڭىزلا ھىچ ئىش بولمايدۇ


ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

http://bbs.klmy.net/UploadFile/2006-10/200610264534311445.gif
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 21:59 چوققىغا قايتىش
tughluq0996



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 8
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناۋاتگۈل قورۇقماڭ.1-   خىل     ئەرگە تەگسىڭىز بولىدۇ.ئەمما سىزمۇ 15مىنۇت ئەمەس 1.5مىنۇتمۇ ئىلگىرىكى يۈرگەن يىگىتىڭىز بىلەن سۆزلەشمەڭ.بولمىسا تاياق يەيسىز.

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-12 23:56 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:16, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije