مەن ئۆلگىلى ئۇچ كۈن بولدى
مەن ئۆلگىلى ئۇچ كۈن بولدى ! ، توۋا ... ئۆزۇمنىڭ نىمىشقا ئۆلگىنىمنى مەن بىلدىم . بۇنداق ئامەت ھەممە ئادەمگە كىلىۋەرمەيدۇ .ئۇلۇشكۇن يىلان ئەپەندىم قىشىمغا كەپتىكەن ، ئۇمۇ سەن ئۆلۇپسەن - دىدى ، تۇنۇگۇن فىرقەت ئەپەندىم قىشىمغا كەپتىكەن ، ئۇمۇ سەن ئۆلۇپسەن ئاكا - دىدى . ئايالىم سەن ئاللا قاچان ئۆلگەن ئىدىڭ ، ئەمدى بىلىپسەن - دەيدۇ . قىزىم گەپ قىلمىدى ، ئامما ئۇنىڭمۇ دادا ، سەن نىمىشقا ئۆلۇك ! _ دىگەندەك، ماڭا ئۇزاق قاراپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆردۇم ، ئوغلۇم ئۇ كىچىك ، ئۆلۇك بىلەن تىرىكنى بىلمەيدۇ .بولمىسا.... ، مەن ئۆلگۇنۇمدىن خوشمۇ بولمۇدۇم ( كىم ئۆلۇشتىن شاتلىناتتى ؟!) ، ئامما قايغۇرۇپمۇ كەتمىدىم ، چۇنكى ئۆلۇم كىمگە كەلمەيدۇ ، سىلەرمۇ ئۆلىسىلەر ، بۇنى ئاللا بىلىدۇ ، سوراپ باقامسىلەر - يا ! بولدى قىلىسىلەر ، چۇنكى سىلەر چىچەن ، سىلەر ئەقىللىق ، سىلەر بۇنچىلىك ئىشنى چۇشىنىسىلەر .مەن ئىلگىرى جەسۇر ياشىغان ، ئەمدى ئۆلگەندە ئاشۇ چاغلارنى ئەسلەپ قالدىم ،ئەسلىگەننىڭ نىمە پايدىسى بار ... بولدى قىلاي ، شۇنداق دەپ ھەممىنى ئۇنتۇدۇم . قايتا تىرىلىشنىمۇ ئويلۇدۇم ، ئامما ئۇنداق قىلالمايدىغانلىقىمنى بىلدىم ، مەن يەنىلا مۇشۇ ئۆلۇك پىتىم تۇراي ، ئىلگىرى ئۆلگەنلەر ياكى جەننەتكە ، ياكى دوزاققا كىرىدۇ - دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، لىكىن مەن ئۆلگەن ئۇچ كۇندىن بىرى ياكى جەننەت ياكى دوزاقنى كۆرمۇدۇم ،نەدە تۇرىۋاتقىنىمنى راسلا ھىس قىلالمىدىم . ئامما بۇمۇ بولىدىغان ئىشكەن .
بىر ئىش مىنى ساراسىمگە سالدى . تۇيۇپ تۇرىۋاتىمەن ، كۆڭلۇمنى يىرىم قىلىپ يىنىمغا ئەڭ يىقىن ئادەملىرىم يول ئالغاندەك بىلىندى ، ئۇلارغا دەپ قوياي ، سىلەر تېپىشماق تىپىشقا ئۇستا ئەمەس ، شۇڭا بۇ يەرگە كەلمەڭلار ، سىلەر مەندەك ئۆلۇكنىڭ قىشىغا كەلمەڭلار ، مەن ئۆلگىلى تىخى ئۇچ كۇن بولدى ، كىيىنكى ئىشلارنى بىلمەيمىز تىخى ، شۇڭا ئالدىرماڭلار ، جايىڭلاردا تۇرۇڭلار ...... ، مەن ئۆلۇشنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم ، ئامما سىلەرگە دىمەيمەن ، چۇنكى بۇ تېپىشماق ئەمەس ، سىلەردە بۇنداق سەۋەپ يوق ...
ئەمدى خەتنىمۇ ئۇرالمايۋاتىمەن ، مەن راسلا ئۆلۇپتىمەن......