>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> جاھاندىكى ئىشلار -> ئەنگىلىيەلىك خرىستىياننىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشى!!!!!!!!!!!

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 653 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئەنگىلىيەلىك خرىستىياننىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشى!!!!!!!!!!! IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
jagqi0998

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 82
شۆھرەت: 83 نۇمۇر
پۇل: 820 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:12(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-26

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئەنگىلىيەلىك خرىستىياننىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشى!!!!!!!!!!!

سىرلاۋدېر برونتون ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىدە مەشھۇر دۆلەت ئەربابى بولغان ۋە ئەدەبىي ماھارىتى بىلەن شۆھرەت قازانغان بىر ئېنگلىز ئالىمىدۇر.

تۆۋەندە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى توغرۇلۇق قىسسىسى ئۆز ئېغىزىدىن بېرىلىدۇ:

مېنىڭ قانداق قىلىپ مۇسۇلمان بولغانلىقىم توغرىسىدا ھېكايە قىلىشىم ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنىڭ بېرىلگەنلىكىگە ناھايىتى خوشالمەن. مەن خرىستىئان ئائىلىسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم. كىچىكىمدىن باشلاپلا خرىستىئان دىنىنىڭ تەلىماتلىرىنى ئوقۇشقا ۋە ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. ئىنگلىز چىركاۋلىرىغا باغلاندىم، خرىستىئان دىنىغا دەۋەت قىلىش ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدىم.

ئۆزگەرگەن خرىستىئان دىنىنىڭ تۈپ ئاساسى بولغان »ئىيسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى ۋە ئۇ ئۆزىنى ئىنسانىيەتنىڭ خاتالىقلىرىنى يۇيۇش ئۈچۈن پىدا قىلغان دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلاردىن باشقا پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ« دەيدىغان ئەقىسىدىگە ھەيرانلىقىم بىلەن قارايتتىم، توغرىسى بۇ ئەقىدىگە شەك قىلاتتىم. شۇنداق تەسەۋۋۇرلارنى قىلاتتىمكى، ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى ئۆز قۇدرىتى بىلەن ياراتقان ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئالدىن بۇرۇن بىلىدىغان بىر كاتتا ئىلاھ تۇرۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئوغلى ئىيسانى قۇربان قىلماستىنمۇ كەچۈرۈم قىلالمامدۇ؟ ئىيسانىڭ ئۆلىمى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئىيسانى ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك ئازاپقا قالىدۇ دېيىلىدۇ؟ بۇ ئاشكارا زىتلىق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئىلاھ خرىستىئانلار تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئىلاھ بولىدىغان بولسا، ئۇ ئادالەتلىك ئىلاھ ئەمەس، ئۇ بەندىلىرىگە شەپقەتلىك ئىلاھ ئەمەس، ئۇ ئادەتتىكى ئىنسانلاردىنمۇ ئەقىلسىز ئىلاھتۇر. شۇنداق تەسەۋۋۇرلاردا بولساممۇ، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىغا بولغان ئەقىدەم چىن ئىدى. ئەمما خرىستىئان دىنىنىڭ ئۈچنى بىر گەۋدە قىلىش (يەنى ئاللاھ تائالا، ئىيسا، مۇقەددەس روھ ئۈچى بىر ئىلاھتۇر دېيىش) ئېتىقادىنى قوبۇل قىلمىدىم. بۇ ھەقتە دىنلار تارىخىدىن ۋە دىنلار تەتقىقاتىدىن كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى ئوقۇدۇم. بۇلاردىنمۇ قانائەت ھاسىل قىلالمىدىم. مەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەقىقى توغرا دىنىنى بىلىش ئۈچۈن قاتتىق بەل باغلاپ، چىن ئىرادە تىكلىدىم. كىشىلەر خرىستىئان دىنىنىڭ ئېتىقادلىرى ئىنجىلغا يۆلىنىدۇ، دېيىشىدۇ. لېكىن مەن بۇ ئىنجىللارنى قايتا - قايتا ئوقۇدۇم. ئاخىرى بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرىگە ئىشەنچ قىلالمىدىم. ئىيساغا ئاللاھ تائالادىن كەلگەن بىرلا ئىنجىل بار دەپ ئاڭلايمىز، لېكىن ھازىر خرىستىئانلارنىڭ قولىدا ئىنجىل مەتتا، ئىنجىل لوقا، ئىنجىل مەرقۇس ۋە ئىنجىل يۇھەننا دەپ تۆت ئىنجىل بار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىگە زىت كىتابلار، ئىيسانىڭ ئىنجىلى قايسى؟ ئۇنى كىم بىلىدۇ؟ خرىستىئانلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىنجىلنى ئۆزگەرتىپ، بۇزغاندىن كېيىن خرىستىئان پوپلىرى تەرىپىدىن بۇ تۆت ئىنجىل يېزىلغان. بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئاللاھ تائالانىڭ ياكى ئىيسانىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى بۇلار، بۇ ئىنجىللار مەنسۇپ قىلىنغان مەتتا، لوقا، مەرقۇس، يۇھەننا دېگەن ئادەملەرنىڭ كىتابلىرىدۇر. بۇ ئادەملەر ئىيسانىڭ ئۆلۈمىدىن خېلىلا كېيىن دۇنياغا كەلگەن ئادەملەردۇر. شۇڭا بۇ ئىنجىللارنىڭ ھېچبىرى ئەسلى ئىنجىل بولۇشقا ئەرزىمەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيدۇرما ئىنجىللاردۇر.

مەن ئىنجىللارنى ئوقۇپ، ئۆزەمگە قانائەت ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، باشقا دىنلار ھەققىدە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. كۆڭلۈمدە ”ھەقىقىي ئىلاھ بار بولىدىغان بولسا، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز، خالىسا تەۋبىسى بىلەن ئەپۇ قىلىدىغان رەھىم - شەپقەتلىك، ئېسىل ئىلاھ بولىدۇ“، دەپ ھېس قىلدىم. بۇ ھەقتە چوقۇم بىر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلىشقا باشلىدىم. پۈتۈن ۋاقتىمنى سەرپ قىلىپ، ئىسلام دىنى توغرۇلۇق ئىزدىنىشكە باشلىدىم. ئىسلام دىنىدا مەن ئىزدىگەن ۋە ئارزۇ قىلغان ھەقىقەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپتىم، كۆڭلۈم راھەتلەندى، ئاللاھ تائالانىڭ ئوغلى يوقلىقىنى، ئاللاھ تائالانىڭ شېرىكسىز يالغۇز بىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بۇ دىندا تونۇدۇم. ئۇنىڭ بەندىلىرىگە ناھايىتى شەپقەتلىك، مېھرىبان ئىكەنلىكىنى ۋە بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى خالىسا تەۋبىسىز، خالىسا تەۋبىسى بىلەن كەچۈرۈم قىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تارىخىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتىم، بۇ زاتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخت – سائادەتلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىدىن ئازراق بىر قىسمىنى ئۆگىنىپلا، شۇنداق قانائەتلەندىمكى، خرىستىئانلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قارشى چىقىشقا ۋە ئۇنى ئېتراپ قىلماسلىقتا قارىغۇلارچە دىنىي تەئەسسۇبلۇقى بىلەن تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى ئىزدىنىپ ئۆگەندىم. كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن بۇ دىننىڭ ھەقلىقىدە ھېچقانداق شەك - شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم ۋە دۇنيادا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلىشتىنمۇ ئېغىر، چوڭ گۇناھ بولمىسا كېرەك دېگەن قانائەتكە كەلدىم. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇتقا چوقۇنىدىغان، بىر - بىرىنى ئۆلتۈرىشىدىغان، قىز تۇغۇلغان بالىلىرىنى تىرىك كۆمىدىغان، مەدەنىيەت، ئەخلاق ۋە ئىلىمدىن ھېچنەرسە بىلمەيدىغان، قالاق ۋە جاھىل ئەرەبلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. پۈتۈن دۇنياغا ئادالەت، راستچىللىق، ھەقىقەتپەرۋەرلىك، رەھىم - شەپقەت، ئىلىم - مەرىپەت، ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ئۇرۇغىنى چاچتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلار جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى ساناپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بىر ياخشى زاتنىڭ شەنىگە خرىستىئانلارنىڭ داغ قوندۇرماقچى بولۇشلىرى ھەقسىزلىك ئەمەسمۇ؟

مەن شۇنداق ئوي - پىكىر ۋە خىياللاردا بولغان بىر كۈنى مېنى ھىندىستانلىق دوستۇم ميان ئەمرىددىن زىيارەت قىلىشقا كەلدى. ئۇنىڭ بىلەن خرىستىئان ۋە ئىسلام دىنلىرى توغرۇلۇق ئوچۇق بىر مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. ئاخىرىدا مەن ھەقىقىي مەنىدە چىن مۇسۇلمان بولۇپ، ئۆزەمنى ئېلان قىلدىم. چۈنكى ئىسلام دىنى ھەقىقەت، راستچىللىق، ئوڭايلىق، مۇھەببەت ۋە قېرىنداشلىق دىنى ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمنى ئىسلام دىنىغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بېغىشلايدىغانلىقىمغا قەسەم بېرىمەن
مەنبە ئىسلام يۇلى تور بىكىتى.


موللا پوك-پوك تەستىقلىدى .


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 18:52 چوققىغا قايتىش
KAPIYA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 650
شۆھرەت: 651 نۇمۇر
پۇل: 6350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:59(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم! ناھايىتى ياخشى تېما يوللاپسىز .

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 21:08 چوققىغا قايتىش
@JEKSON@

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 41
شۆھرەت: 42 نۇمۇر
پۇل: 410 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:17(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىزنىڭ دىنىمىز مۇقەددەس
بىزنىڭ دىنىمىز ئۇلۇغ
بىزنى ياراتقۇچى اللاھ بىر
ئەمما ئۇيغۇرلىرىمىز شاپاقچى


كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!

سۇيىمەن چۇشۇمدىكى قىز
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 21:58 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-11 19:36, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije