| |||||||||
ئىشەنچ تەبەسسۇم | تۇرپاندىكى ئەڭ ... « ئىشەنچ »--------------------------------------------------------------------------------
تۇرپاندا ئەڭ ئەڭ زور كەركىدان تاشقاتمىسى:1994-يىلى پىچان پويىز ئىستانسىسى بازىردىن ناھايتى زور كەركىدان تاشقاتمىسى بايقالغان .ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەرنىڭ دەلىللىشىچە ،بۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇكەممەل كەركىدان تاشقاتمىسى ئىكەن.بۇ تاشقاتمىغا 20مىليون يىل بولغان . ئەڭ چوڭ ئۈستى ئۇچۇق مۇزىي:تۇرپاندا ھەر قايسى سۇلالە،دەۋىرلەردىن قېپقالغان ئانتروپولوگىيىلىك مەنزىرە نۇقتىلىرى 179دىن ئاشىدۇ،شىنجاڭدىكى مەملىكەت دەرىجىلىك 10چوڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قوغداش ئورنىنىڭ بەشى تۇرپاندا بۇلۇپ ئادەتتە ئەڭ چوڭ ئۈستى ئۇچۇق مۇزىي دېيىلىدۇ. ئەڭ ئۇزۇن يەر ئاستى قانىلى.تۇرپان كارىزلىرى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن يەر ئاستى قانىلى بۇلۇپ ،ئومۇمىي ئۇزۇنلىقى 5000كىلۇمېتىردىن ئاشىدۇ.ئۇ يەنە ئېلىمىز بىناكارلىق قۇرلۇش تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يىل دەۋرىنى بىلگىلى بولىدىغان ئەڭ قەدىمىي قەغەز:1964-يىلى تۇرپاندىكى ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن جىيەنشېڭنىڭ 36-يىلى (مىلادىيە348-يىلى)دىكى جىن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت قەغەز قېزىۋېلىنىغان بۇلۇپ،ئېلىمىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى يىل دەۋرىنى بىلگىلى بولدىغان قەغەز ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ قەدىمىي باسما بۇيۇم:1960-يىلى تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ساددارما پوندارىكا سۇترا چاڭئەندە سېرىق كەندىر قەغىزىگە بېسىلغان ،ئارخېئولوگىيىلىك دەلىللەشلەرگە قارىغاندا ،كىتابنىڭ بېسىلغان ۋاقتى مىلادىيە 695-يىلىدىن ئىلگىرى بۇلۇپ ،ئېلىمىز بويىچە ئەڭ قەدىمىي باسما بۇيۇم ئىكەن. ئەڭ قەدىمىي مۇميا:1992-يىلى پىچان ناھىيىسىنىڭ سۇ بېشى قەدىمىي قەبىرستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 2300يىل ئىلگىرى كۆمۈلگەن بىر مۇميا قېزىۋېلىنغان. ئەڭ قەدىمىي ياغاچ سىزغۇچ:مەملىكىتىمىز بويىچە ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ سىزغۇچ جىن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت سىزغۇچ بۇلۇپ تۇرپاندىكى ئاستانە قەدىمىي قىبىرستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان. ئەڭ قەدىمىي دورا رېتسىپلىرى:تۇرپاندىن نۇرغۇنلىغان تېببىي دورا رېتسىپلىرى قېزىۋېلىنغان .بۇنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىكى ئاستانە قەبىرستانلىقىدىكى 42-نۇمۇرلۇق قەبرىدىن قېزىۋېلىنغان داغلاپ داۋالاش توغرىسىدىكى قوليازمىدۇر،بۇ شىنجاڭنىڭ دغلاپ داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدا ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى يېزىقلىق چۈشەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ قەدىمىي تاشكېمىرلەر:پىچان ناھىيىسىدىكى تۇيۇق تاشكېمىرلىرى تۇرپان دىيارىكى ئەڭ قەدىمىي تاشمېكىرلەر بۇلۇپ ،تەخمىنەن مىلادىيە4-ئەسىرگە مەنسۇپ.ئۇ تۇرپان بۇددىزىمىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەسۋېرىي سەنئەت خەزىنىسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ قەدىمىي سىياھدان پارچىسى:تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبىرستانلىقىدىكى 138-نۇمۇرلۇق قەبرىدىن تاڭ سۇلالىسى لىندېنىڭ 1-يىلى(مىلادىيە664-يىلى)ياسالغان بىر پارچە سىياھدان پارچىسى بايقالغان ،بۇ ھازىرغىچە شىنجاڭدا بايقالغان ئەڭ قەدىمىي سىياھدان پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ قەدىمىي جەمەت نەسەبنامىسى:تۇرپاندىكى ئاستانە قەدىمىي قەبىرستانلىقىدىن جەمەت نەسەبنامىسىگە ئائىت ماتېرىياللار قېزىۋېلىنغان .بۇ شىنجاڭدا بايقالغان يىل دەۋرى ئەڭ قەدىمىي جەمەت نەسەبنامىسىدۇر. ئەڭ قەدىمىي ساپال مېيىت ساندۇقى:پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق خوجام مازىرى ئەتىراپىدىن بىر ساپال مېيىت ساندۇقى قېزىۋېلىنغان بۇلۇپ ،جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى(مىلادىيە 499-640)گە توغرا كېلىدۇ.بۇ مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ بۇرۇن ياسالغان ساپال مېيىت ساندۇقى ھېسابلىنىدىكەن. ئەڭ قەدىمىي قوغۇن:1959-يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبىرستانلىقىدىن جىن سۇلالىسى (مىلادىيە265-419)دەۋرىگە ئائىت بىر قەبرىدىن قۇرۇپ كەتكەن يېرىم قوغۇن قېزىۋېلىغان .بۇ ھازىرغىچە شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان ئەڭ قەدىمىي قوغۇن ھېسابلىنىدۇ. مەنبە-شىنجاڭ ياشلىرى2007-11 باغۋەن تەستىقى [ يوللىغانئىشەنچتەرىپىدىن2008-03-28 00:11قايتا تەھرى ] | |||||
---|---|---|---|---|---|---|
ئىشەنچ تەبەسسۇم | بۇ تېمىنىۇ كۆرۇپ قويۇڭلا - مۇنداق ..............
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
gulqikiz دەرىجىسى :شەبنەم ئەزاسى | Re:تۇرپاندىكى ئەڭ ... « ئىشەنچ »ياخشى تىما يوللاپسىز! بۇندىن كىيىنمۇ داۋاملىق ياخشى تىمىلارنى يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
| |||||
---|---|---|---|---|---|---|
qimbulak چىمبۇلاق تورى | Re:تۇرپاندىكى ئەڭ ... « ئىشەنچ »تۇرپاندا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزنالىرى خېلى مۇكەممەل ساقلانغان ، ئاساسەن بۇ جاينىڭ ھاۋا كىلىماتى نىسبەتەن قۇرغاق بولغانلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەردىن بولىشى مۆمكىن ،
مەسىلەن : تۇرپاندىكى ئېمىن ۋاڭ مۇنارى غولجىدەك ھۆل - يىغىن مىقدارى يۇقىرى رايۇندا بولغان بولسا ، ئەلىۋەتتە بىر نەچچە يىلدا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ توپىغا ئايلىنىپ كىتەتتى . ئەھمىيەتلىك تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت ! | |||||
---|---|---|---|---|---|---|