>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> مۇقامشۇناس ھۈسىيىنخان پەيزى ۋە ئۇنىڭ مۇقام ۋارىسلىرى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 143 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : مۇقامشۇناس ھۈسىيىنخان پەيزى ۋە ئۇنىڭ مۇقام ۋارىسلىرى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
~sumayya~
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 437
شۆھرەت: 491 نۇمۇر
پۇل: 4370 سوم
تۆھپە: 18 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:207(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
مۇقامشۇناس ھۈسىيىنخان پەيزى ۋە ئۇنىڭ مۇقام ۋارىسلىرى

مۇقامشۇناس ھۈسىيىنخان پەيزى ۋە ئۇنىڭ مۇقام ۋارىسلىرى



1820-يىللار ئەتراپىدا قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ،تۇرپانلىق ۋاڭ ئەۋلادى ئەبۇلھادى قەشقەر خانئېرىق جامەسىنىڭ خاتىپى ۋە خان مەدىرىسنىڭ مۇدەررىسى ،مۇقام ئۇستازى ھۈسىيىنخان (پەيزى) نىڭ ئىلىم -سەنئەت مۇزىكا -مۇقامچىلىقتىكى داڭقىنى ئاڭلاپ ،ئۇنى قەشقەرگە ئائىلىسى بىلەن كۆچۈرۈپ كەلگەن. ئۇنى دەسلەپتە كەنجازا مەدىرىسىگە ،كېيىن ساقىيە مەدىرىسىگە مۇدەررس قىلىپ تەيىنلىگەن،ھۈسىيىنخانپەيزى قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ،بىر تەرەپتىن،ئىلىم تەھسىل قىلسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ،مۇزىكا -مۇقامشۇناسلىقتا داڭق چىقىرىلىپ ،قەشقەرنىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى مۇقامچىسى بولۇپ قالغان.
ئەبۇلھادى ھېكىم بەگ ھۈسىيىنخان پەيزىنىڭ ئىلىم بىلمىدىكى تالانتىغا قايىل بولۇپ ، ئۇنى ئۇستاز ،تۇتقان ۋە يېقىن مەسلەھەتچىسى قىلغان .
ھۈسەيىنخان پەيزى ھېكىم بەگ ھۇزۇرىدا بولغان كۈنلەردە ئۇنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇچتۇرپان ،كۇچا ،تۇرپان ۋاڭلىرى ئەۋەتكەن ئوردا مۇقامچىلىرى ۋە قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق مۇقامچىسى بايىز موللا (خەلقب بايىز ساتتار دەپمۇ ئاتايدۇ )، ئۆز ئوغۇللىرىدىن ھېلىم ساتتار ، سېلىم داپەندە قاتارلىق كىشلەرگە مۇقام ئۇستازى بولغان ، شۇنداقلاخەلق ئاغزىدا ئېيتىلىپ يۈرگەن مۇقاملارنى قېلىپلاشتۇرغان . مۇقامغا سېلىنغان غوجايىز، شېراز، ئەدىھەم ،سوفى ئاللايار ، خوجائەخمەت يەسىۋىلەرنىڭ تەركى دۇنيالىق تەرغىپ قىلىنغان شېئىرلىرى ئورنىغا ئىسلام .ئەقىدىسى بىلەن تولغان مۇھەببەتنامىلەر ۋە مەشرەپ شېئىرلىرىنى سېلىپ ، مۇزىكا ساداسى بىلەن شېئىرنىڭ ئىلتىجاسىنى بىرلەشتۈرۈپ ، مۇقامنى كىشىنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرجىگە يەتكۈزگەن .
1828-يىلى جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن ،چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جايلاردىكى ۋاڭگۇڭلارنى بىر قېتىم ئالماشتۇرغان . بۇ چاغدا ئەبۇلھادى ھۈسىيىخان پەيزى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ھېلىم ،سېلىمنى بىللە ئېلىپ كېتىپ ، كۇچا ،تۇرپان ،ئىلى قاتارلىق جايلاردا بىر نەچچە يىل بىللە تۇرغان . مۇشۇ جەرياندا ھۈسىيىنخان پەيزى كۇچا ئوردا مۇقامچىللىرىغا ئۇستاز بولغان ، تۇرپاندا ھەسەنبايلا ، ئابدۇللابايلا ،غوجەك سۇنايلارغا سۇناي،داپ بىلەن ئۇرۇندايدىغان مۇقامنى ساتتار بىلەن ئورۇنداشنى ئۆەگـەتكەن،ۋاڭگۇڭلارغا توقۇلغان مەدىيە تېكىستلىرىنى ئۇمۇملاشقان تېكىستلەرگە ئۆزگەرتىپ ئېيتىشنى قېلىپلاشتۇرغان .1836-يىللاردا ،گۇناھىنى يۇيۇپ قايتا غۇلجىغا ھاكىم بەگ بولغان خالىزاتخان (خالىزاتخان غۇلجىدىن خاتالىشىپ مەنسىپى ئېلىنىپ تۇرپانغا ئەۋەتىلگەن) ئەبۇلھادى ۋاڭ بولغاندىن كېيىن ھۈسىيىنخان پەيزىنى بالىلىرى بىلەن غۇلجىغا ئېلىپ چىققان . ھۈسىيىنخان پەيزى شۇنىڭدىن كىيىن ئىلىغا 12 مۇقامنى سېستىمىلىق تارقاتقۇچى تۇنجى مۇقام ئۇستازى بولغان .1840- يىللىرى ھۈسىيىنخان پەيزى مۇزات يولى بىلەن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ، ئۇزاق ئۆتمەي قېرلىق ۋە ئېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن .ئۇنىڭ جەسىتى سېيىت جالاۋىدىن باغدات بىلەن ئاقمازار گۈمبىزى ئارلىقىغا دەپنە قىلىنغان . ھۈسىيىنخان پەيزى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھېلىم سېلىم كامالەتكە يەتكەن مۇقامچىلاردىن بولۇپ يېتىلگەندى .
1865-يىلى بەدلەت «ياقۇپ بەگ » قەشقەردە ھاىميەت قۇرغاندىن كېيىن ،ئوردا ئوركېستىرى قۇرۇلغان ،بەدۆلەت جايلاردىن تاللاپ ئېلىپ كېلىنگەن سازەندە ،مۇقامچىلارنى ياراتمىغان .شۇ كۈنلەردە ھۈسىيىنخان پەيزىدىن تەلىم ئالغان بايىز موللا ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن. لېكىن ئەينى ۋاقىتتا قېرىپ قالغان بايىز موللا ئۇنىڭ تەلپىنى قاندۇرالمىغان . شۇڭا ئۇ ئۇستازنىڭ ئوغلى ھېلىم ،سېلىمنى ئوردىغا تونۇشتۇرغان .
ئۇلار ئوردىدا تۇرۇش جەريانىدا بەدۆلەتنىڭ سىرداشلىرىدىن بولۇپ قالغان . بەدۆلەت شىمالغا يۈرۈش قىلغاندا ھېلىم خەلپەت ،سېلىم خەلپەتلەرمۇ بىللە بولغان .بەدۆلەت ئاقسۇدىن ئۆتكەندە ،كۇچا ،ئۇچتۇرپان ۋە شايار بەگلىرىنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمىغا دۇچ كېلىپ ،30 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.بۇ زور چىقىمدىن خورسىنغان بەدۆلەت ئۈچ ئۈن گەپ قىلماي يۈرگەن بۇ چاغدا مۇقامچىلار مۇقام ئېيتقان .بەدۆلەت مۇقامنى قايتۇرۇپ ئېيتىشنى ئۈچ قېتىم تەلەپ قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىنئام بەرگەن . ئاردىن ئۇزاق ئۆتمەي بەدۆلەت ئۇلارنى يەنە مۇقام ئېيتىشقا بۇيرىغان .لېكىن ئۇلارنىڭ ئاۋازى پۈتۈپ قېلىپ ياخشى ئېيتالمىغان ،بۇنىڭغا ئاچچىقلانغان زالىم بەدۆلەت مېھمانلىرىم ئالدىدا يۈزۈمنى چۈشۈردى دەپ ،ھېلىم ،سېلىمنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان .

مەنبە:شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىى مەشھۇر شەخسلەر ~دىن[/size]


كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 16:42 چوققىغا قايتىش
~SULTAN



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 8
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت سىزگە سۇمەييا ،، تولىمۇ ياخشى بىر تېما يولاپ سىز ،،، بولسا شۇ ئادەمنىڭ ئېيتىپ قالدۇرغان مۇقاملىرىدىن بىرنى بولسىمۇ ئاڭلىغان بولساق قانداق ياخشى بولاتى ھە ،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ؟

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 16:52 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-11 19:35, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije