>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> شېئىرىيەت گۈلزارى -> شېئىرىيەت : دۇنيا

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 95 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : شېئىرىيەت : دۇنيا IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kok-sultan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 50
شۆھرەت: 81 نۇمۇر
پۇل: 500 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:48(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
شېئىرىيەت : دۇنيا

دۇنيا دىگەن ئىنسانغا بايلىق،
قالار ئۇزۇن ، ئۆمۈردىن ئېشىپ.
دۇنيا دىگەن خورىما س بۇلاق،
قايناپ تۇرار گىرۋەكتىن تېشىپ.

دۇنيا دىگەن مۇقەددەس سۆيگۈ،
ساقلاپ كەلگەن باغرىدا ۋاپا.
ھەر بىر پەسلى تىلەيدۇ ئامەت،
قىيناپ جانغا سالسىمۇ جاپا.

دۇنيا دىگەن مۆجىزە كانى،
جىلۋە قىلار ئۇيۇشۇپ مەدەن.
دۇنيا دىگەن قانىتى ئەلنىڭ _
ئۇۋا سالغان مېھرىبان ۋەتەن.

دۇنيا دىگەن ئىلاھىي قامۇس،
ئۇلۇغ ھېكمەت مۇ جەسەم بولغان.
دۇنيا دىگەن ر ەڭدار خەزىنە،
ئاچچىق -چۈچۈك قىسمەتكە تولغان.

دۇنيا دىگەن ھەشەمەت ساراي،
ھەر چاغ، ھەر ۋاق كۈتۈشكە تەييار.
قۇنۇپ ئۆتەر ھەر بىر يولۇچى،
مەيلى ئاقىل،مەيلى قۇۋ-ھەييار.

قېنى ،ھۆرمەتلىك تورداشلار<<دۇنيا>>ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشىپ باقمايلىمۇ؟رىقابەت ۋە خىرىسقا تولغان 21-ئەسىرنىڭ مىڭىمىزدىكى ئىنكاسلىرىنى تۆكمە قىلىپ،قايناق بازارغا سېلىپ باقمايلىمۇ؟

ئەرتىكىن تەستىقلىدى
تەھرىردىن ئەسكەرتىش :
مۇنازىرە مۇشائىرە شەكلىدە ئىلىپ بىرىلسىمۇ بولىدۇ


كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 13:13 چوققىغا قايتىش
shakira



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 221
شۆھرەت: 234 نۇمۇر
پۇل: 2250 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:44(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
Re:دۇنيا

ئاتام بۇ دۇنيانى ھەقىقي چۈشەنگەن ئادەمنىڭ ياشىغۇسى كەلمەيدۇ،دەرۋىش بۇلۇپ كىتىدۇ دەيدىغان.
كىچىك ۋاقتىمدىلا بىر دەرۋىشنى كۆرۈپ باققان،چوڭ بۇلۇپ كۆرۈپ باقمىدىم.ياكى ھازىر دۇنيانى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتكەنلەر يوقمۇ ياكى باشقا سەۋەبى بارمۇ بىلمەيمەن.ئىشقىلىپ دۇنيا مەيلى قانداق بولۇپ كەتسۇن،ئۆز نىشانىمدىكىدەك ياشاپ،ئارزۇيۇمدىكىدەك كۆز يۇمسام دەيمەن.كىچىك ۋاقتىمدا ئاتام بىرەيلەننىڭ نامىزىدىن يېنىپ كەلگەندىن كىيىن سورىدىم:«ئۇ كىشى دوۋزاخقا كىرگەنمىدۇ ياكى جەننەتكە كىرگەنمىدۇ؟».ئاتام ئېيىتتى:«دوۋزاخقا كىرىپتۇ».سورىدىم:«قانداق بىلدىڭىز؟»،ئاتام ئېيىتتى:«چۈنكى چەتتە تۇرغان بىرنەچچەيلەن< خوپ بوپتۇ>دىيىشتى».ئېيتتىم:«چۈشەنمىدىم».ئاتام ئېيتتى:«ئۆلۈمىدە بىرسىنىڭ خوپ بوپتۇ دىيىشىدىنمۇ ئارتۇق دوۋزاخ ئازابى بولمايدۇ».
مەيلى قانداق ياشايلى ياخشى نامىمىز قالسۇن.
كەچۈرۈڭلار،يۇقارقىلار ئىسىمگە كىلىپ مۇشائىرەگە كۆڭلۈم تارتماي قالدى.


Nurluk elani

يۈرىكىمنى تۇتىمەن ..
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 14:40 چوققىغا قايتىش
~SULTAN



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 8
شۆھرەت: 9 نۇمۇر
پۇل: 80 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھا ھا ھا ،، شەكىرە قىز قىزىقچى جۇمۇ سىز ، ھازىرقىلار دۇنيانى چۇشەنگەن زامان دەرۋېشلىق قىلماي ساراڭلىق قىلۋاتىدۇ ،،، ھازىر دەرۋېش بولغان بىلەن ، كىم بىرنىمە بېردۇ ئۇنىڭغا ،، ئاچتىن ئۆلەپلە قالا .

            دۇنيا

ئادەمنى ھاۋانى ئۆز قوينىغا ئالغان بۇ دۇنيا
ھەر بىرگە ھەر بىر قىسمەت سالغان بۇ دۇنيا،
مەۋجۇداتقا ھەرخىل شەكىل بەرگەن دۇنيا
ئادەملەرنى قىر چاپلارغا سالغان شۇ دۇنيا .


[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 17:03 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-11 19:33, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije