ھىجرانىڭدا سۆيگۈ بىغىم ۋەيران بولۇرمۇ ؟
ياشلىقىم گۇلۇم توزۇپ،بەرگى خازان بولۇرمۇ ؟
ۋىسالىڭنىڭ شاراپلىرىدىن ئىچمەي بىر قەدەھ،
تەشنالىقتا رەڭگى-روھىم سامان بولۇرمۇ؟
سىنىڭ ئۇچۇن بەرپا قىلغان ئوتقاش چىمەنلەر،
بىۋاپانىڭ ئايىغىدا پايخان بولۇرمۇ؟
شامۇ_سەھەر يوللىرىڭغا قاراتتىڭ مىنى،
ئۆمۇر بويى ۋەدەڭ شۇنداق يالغان بولۇرمۇ؟
سەندىن ئۆمۇد ئۈزمەي قارا چىچىم ئاقاردى،
بۇجاھاندا كىشى مەندەك نادان بولۇرمۇ؟
تەنھا لىق لىرىكلىرى
2007-12-10
__ نازۇك چىمەن تەستىقلىدى