قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرى ئوتتۇرسىدامۇھاببەت توغۇرسىدا ناھايىتى تەسىرلىك تىللادا داستان بولغۇدەك مۇھاببەت ھىكايىلىرى بولۇپ ئۆتكەن ئەجداتلىرمىز
چىن مۇھاببەتنى ئۇلۇغ ھام مۇقەددەس بىلگەن ھەم قەدىرلىگەن،
بىراق ھازىرقى جەمىتىمىزدە مۇھاببەت پەقەت ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئەخمەق قىلىپ كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان بولۇپ قالدى،
سىزنى ياخشى كۆرگەن بىرسىنى ئەخماق قىلىپ ئويناشقا سىزنىڭ قانداقمۇ ۋىجدانىڭىز چىدايدۇ، ئەجىبا سىزنى ياخشى كۆرگەن گۇنامۇ ؟
ھازىرقى جەمىتىمىزدە مۇھاببەتكە سادىق قىز-ئوغۇللار يەنىلا ناھايىتى نۇرغۇن
بىراق مەن ئاز ساندىكى ۋىجدانسىزلارغا شۇنداق ئۇنلۇك قىلىپ دېگۇم كىلىدۇ.
سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز بارمۇ؟ ئەجىبا سىزنى ياخشى كۆرگەن گۇنامۇ ؟
مۇھابـبەت دەريادۇر ئاققۇزار سىنى،
مۇھابـبەت ئېزىـتقۇ ئازدۇرار سىنى.
مۇھاببەت ئاتەشتۇر كۆيدۇرەر سىنى،
مۇھابـبەت شاراپتۇر قاندۇرار سىنى.
گۇزەلسەن گۇزەللىك ئىزدىمىگىن بەس،
گۇزەللىك سەندە بار بارچە قىز ھەۋەس.
لېۋىڭگە قونمىـسۇن ناپاك توزاڭلار،
مۇھاببەت پاكلىقتا ئۇلۇغ مۇقەددەس.
نامەرتلەر چاقىرسا تەتۇر قارېىغىن،
ۋىجدانلىق يۇرەكتن بەختىڭنى ئىزدە.
چۇشەنگىن سۆيگۇ ئۇ چىرايدا ئەمەس،
پىنھان ئۇ ۋىجداندا كۆيگەن يۇرەكتە.
مەن مۇھاببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن پەقەت تەنھا يىگانە قەلبىمنىڭ بىر ساڭا ئەبەدىل رىشتە بىلەن باغلىنىپ قالغانلىقىنى
بىر سىنىلا سۆيىدىغانلىقىمنى سىنىڭسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمنى بىلىمەن.
پەخىرلەنسـەك ئەرزىـيدۇ بىز ئەسلىمىز ئۇيغۇر،
ئەجداتلارنـىڭ ۋارىسـى بىز نەسـلىمىز ئۇيغۇر.
چىـن تۇمۇردەك باتۇرلانىـڭ پۇشتى بىز ئۇيغۇر،
ئىناق بۇلۇپ شات ياشايلى!چۇنكى بىز ئۇيغۇر.
پەرۋىن تەستىقى