قەدرىڭىز ئاشقاي ساخاۋەتلىك،ۋاپادار بولسىڭىز،
يان تاياق بولماي يامانغا،ياخشىغا ياربولسىڭىز.
ئاقسا مېھنەت تەرىڭىز چۆللەرمۇ باغۇ- بوستان بولۇر،
بولغۇسى ئارمانمۇ ھەل ئىشچان تەلەپكار بولسىڭىز.
نامۇ-نىشانسىز ھاياتتىن گۆرگە كىرگەن ياخشىراق،
كۆتىرەر ئەل بىشىدا ئاقىل، ئىجاتكار بولسىڭىز.
خارلىنىپ ئۆتكەي ئۆمۇرمۇ خەستىدەك بىئەتىۋا،
دەمدە شېرىن چۇش كۆرۇپ ،تەييارغا ھەييار بولسىڭىز.
جور بولايلى بىز سەپەردە، يو لدا تەنھالىق يامان،
ئات سىلىڭ مەنزىلگە بىللە ،ماڭا يول باش بولسىڭىز.
ماتېماتىكا تەستىقلىدى