oyster
ھالىتى :
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما:
0
يازما سانى: 223
شۆھرەت: 237 نۇمۇر
پۇل: 2169 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:203(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-18
|
[color=blue]ئالىمنىڭ تۇرمۇشىغا ئائىت قىسقىچە ئۇچۇر[/color] . ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ قازاقىستاننىڭ غولجىغا يىقىن چىگرا يېنىدىكى غالجات دىگەن ئۇيغۇر مەھەللىسىدە چوڭ بۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ ئالمۇتاغا كۆچۈپ بېرىپ شۇ يەردە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ شۇ ۋاقىتتىكى سوۋىت ئىتىپاقى دەۋرىدىكى تۈزۈمى بويىچە ھەربىلىككە بارغان. ھەربىلىكتىن قايتقاندىن كىيىن مۇسكۋادا دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇپ ئاندىن كىيىن ئاۋال گېرمانغا بېرىپ تەتقىقاتچى بۇلغان. ئۇ يەرگە تازا كۈنەلمەي 6 ئايدىن كىيىن ئامرىكىنىڭ ئۇتاھ شىتاتىغا كىلىپ ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتا دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچى بۇلۇپ 3 يىل ئىشلىگەن. ( بۇ ئۇنۋېرسىتىتتا ھازىر پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى رەيھانگۇل بەكتۇر پروفىسسور بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ) . 97-يىلدىن تارتىپ ھازىر ئىشلەۋاتقان ئورىگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىتغا تەتقىقاتچى بۇلۇپ كىرگەن. ئالىم ئايالى گۇلنۇر ناسىروۋانى ئۇتاھ شىتاتىدا تۇرۇۋاتقاندا يىقىنلىرىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بىلگەن ۋە نەچچە ھەپتە ئۈتمەي گۇلنۇر ئامرىكىغا كەلگەن. ئۇلار تۇنۇشۇپ 3 ھەپتە ئۈتكەندىن كىيىن 8-9 ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن لاس ۋىگاس شەھىرىگە بېرىپ كىچىكلا توي قىلىپ ئائىلىلىك بۇلغان، ۋە شۇ يىلى يەنە قازاقىستانغا قايتىپ ئالموتادا چوڭ چاي بەرگەن. ئايالى گۈلنورنىڭ جەمەتى قازاقىستاندىكى چوڭ جەمەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ ئۇلار 3 ۋىلايەت ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكى قەھرىمان قىزىمىز رىزۋانگۇلنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىكەن ۋە رىزۋانگۇلنى قەھرىمان ئەجدادىمىز دەپ تۇنۇيدىكەن.ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ ۋە ئايالى گۈلنور ناسىروۋا ھازىر ئامرىكىنىڭ ئورىگون شىتاتى پورتلاند شەھىرىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئادىل ئىسىملىك بىر ئوغلى، نەرگىز ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ ھەر ئىككىسى مەكتەپ يېشىدا. ئالىمنىڭ خىزمىتى بەك ئالدىراش بۇلغانلىغى ئۈچۈن ئايالى گۈلنور خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ ھازىرۋاختىنى بالىلىرىنىڭ تەربىيلەش ئىشلىرىغا سەرىپ قىلىۋېتىپتۇ.گۈلنور ھەركۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرى بالىلىرىنى تەربىيلەش ئورۇنلىرى، كۈتۈپخانا، چېنىقىش ئورۇنلىرى، مۇزىيخانا ، باغچا، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى دىگەندەك يەرلەرگە ئاپىرىش بىلەن ئالدىراش ئۈتۈدىكەن. قاچان ئۈزى خىزمەتكە قايتىش توغرىلىق تېخى ۋاختىنچە ئويلاشماپتۇ. ئۇ يەنە مەكتەپلەردە ئىختىيارى بولۇپ ھەقىسىز ھالدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بۇلۇپمۇ ئىشلەۋەتىپتۇ. ئالىمنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇزەپپەر، ئاپىسىنىڭ ئىسمى جەننەت، بوۋىسىنىڭ ئىسمى سالاھىدىن، مومىسىنىڭ ئىسمى رازىيەم.
ئالىمنىڭ تەتقىقاتى جەھەتتە: ئالىم موسكۋادا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا ھۈجەيرە تەتقىقاتىغا كىرىشكەن بولۇپ روسىيەدە تۇنجى بۇلۇپ چاشقاندىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈشنى مۇشۇ ئالىمىمىز ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىكەن. ئامرىكىغا كىلىپ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە بۇ يىل تۇنجى بۇلۇپ پرىماتلار تىپىدىن غول ھۈجەيرەيىتىشتۈرۈپ مۇشۇ ساھەدىكى "غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرۈش چاشقانغا ئىشلىگەن بىلەن پىرىماتلارغا ئىشلىمەيدۇ" دىگەن كۈز قاراشنى ئىنكار قىلىپتۇ. بۇ تۈردىكى تەتقىقات ئەسلىدە 2004-يىلى كۈرىيەلىك ئالىم 黄禹锡 تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان بۇلۇپ ئۇ ئىنسانلاردىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرگەنلىگى بىلەن دۇنيادا زور زىلزىلە قوزغىغان. كورىيەدە ئۇنىڭ ھۆرمىتى زوڭتوڭدىن ئېشىپ كەتكەن. لېكىن كىيىن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى تەتقىقاتچىلىرى ئۇنىڭ ئىشلىگەن تەجرىبىسىنىڭ يالغان ئىكەنلىگىنى، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغانلىغىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ دۇنيادا يەنە بىر چوڭ سەتچىلىك بۇلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كىيىن ئىنسانلار ياكى پىرىماتلار تىپىدىن زادى غول ھۈجەيرە يىتىشتۈرگىلى بۇلامدۇ يوق دىگەن تىما چوڭ مۇنازىرە تىمىسى بۇلغان. ئالىمىمىز ئەنە شۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىپ ئۈزى پرىماتلار تىپىدىن غول ھۈجەيرە يىتىشتۇرۈپ چىقىپتۇ. ئەسلى بۇ نەتىجە بۇ يىل يەنى 2007-يىلى ئۈچىنچى ئايدا تاماملىنىپ تەبىئەت ژورنىلىغا يوللانغان. لېكىن ژورنال ھەيئىتى ئالدىنقى قېتىم يۈز بەرگەن سەتچىلىكنى كۈزدە تۇتۇپ بۇ قېتىم ناھايتى ئىھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ماقالىنى ئىلان قىلماي توختىتىپ قويۇپ ئۈچىنچى بىر مۇستەقىل تەرەپكە يەنى ئاۋىستىرالىيە دىكى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا ھاۋالە قىلىپ شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىسپاتلاپ بېقىشنى تەلەپ قىلغان.( بۇ مۇستەقىل تەرەپنىڭ ئامرىكىدا بۇلۇپ قالسا تەسىرگە ئۇچراپ قالمىسۇن دەپ ئۇلارنى ئاۋستىرالىيەدىن تاللىغان ). ئامرىكىنىڭ قان، گېن، ھۈجەيرە ۋە باشقا مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسىنى سىرتقا چىقرىشتا، يوللاشتا بەك چىڭ چەكلىمىسى بۇلغانلىقتىن ئاۋستىرالىيە تەرەپنىڭ دەلىللەش جەريانى كۈپ تۇسالغۇلارغا ئۇچراپ 11-ئاي ئەتراپىدا تاماملانغان ۋە شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسىنىڭ راست ئىكەنلىگىنى دەللىلىگەن. شۇنىڭ بىلەن گۇماندا تۇرۇپ تۇرغان ئاخبارات ۋاستىلىرى قايتىدىن بۇ تىمىنى قولغا ئېلىپ خەۋەر بىرىشكە باشلىغان. ھازىر ئالىمنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقات گۇرۇپپىسى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تەسىرگە ئىگە بۇلغان گۇرۇپپىلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، پىرىماتلارغا قارىتىلغان تەتقىقات يۈنۈلشىدە ئالىمنىڭ تەجرىبىخانىسىنى ئەڭ چوڭ دىيىشكە بۇلىدىكەن. ئالىم تەجرىبە ئۈچۈن بېقىۋاتقان مايمۇنلارنىڭ سانى 150 كە يىقىن بۇلۇپ دۇنيادا ئەڭ كۈپ ئىكەن. تەجرىبىخانىسدا 8-9 دەك ئادەم بار بۇلۇپ يىللىق چىقىمى بىر مىليون دۇللاردىن ئاشىدىكەن. بۇ تەجرىبخانا ئەسلىدىنلا ئامرىكىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە بۇلغان تەجرىبىخانا بۇلۇپ ، تەجرىبىخانىنىڭ ئەسلى مۇدىرى ئىككى يىل بۇرۇن پىنسىيگە چىققاندىن كىيىن شۈھرەت مۇتەللىپ بۇ تەجرىبىخانىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋىتىپتۇ. ئۈتكەن يىلى پۈتتۈرگەن بىر پوستدوك (دوكتۇر ئاشتى )ئوقۇغۇچىسى ستانفورد ئۇنۋېرسىتىغا پروفىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلەۋىتىپتۇ. (دىمەك شۆھرەت مۇتەللىپ ستانفورد ئۇنۋېرسىتىغا پروفىسسور بۇلالايدىغان سەۋىيەدىكى ئوقۇغۇچى تەربىيلەيدىكەن). يەنە قىستۇرۇپ ئۈتۈشكە توغرا كىلىدىغىنى ئالىمنىڭ سىڭلىسى مايسە مۇتەللىپمۇ ئاكىسى شۈھرەتنىڭ ئىزىدىن دەسسەپ مېڭىپ مۇسكىۋادىمۇ ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇپ ئوخشاش تەجرىبىخانىدا ئىشلىگەن ئىكەن. نۇرغۇن تەتقىقاتنى ھەمكارلىىشپ بىللە قىلغان ئىكەن. ھازىر مايسە MIT( ماسساچۇستىس تېخنىكا ئۇنۋېرسىتى, خەنزۇچە 美国麻省理工学院 ) دە ئىشلەۋېتىپتۇ. مەكتەپ تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئوخشاشلا غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى ئۈچۈن تەجرىبىخانا قۇرۇپ بىرىپتۇ. ئۇ ھازىر شۇ تەجرىبىخانىنىڭ مەسئۇلى يەنە بىر فاكولتىتنىڭ مۇدىرى ئىكەن.
|
|
[1 - قەۋەت]
|
يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 00:47 |
| |