>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> ئۆزىمىزگە نەزەر -> ئۈرۈمچىلىكلەر

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 2262 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئۈرۈمچىلىكلەر IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
koxuk
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 298
شۆھرەت: 429 نۇمۇر
پۇل: 2712 سوم
تۆھپە: 79 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:553(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئۈرۈمچىلىكلەر

ئۈرۈمچىدە ئىنسانلارنىڭ ياشاش تارىخىنى بۇنىڭدىن 5000يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتتىن باشلاپ ھېساپلاش مۇمكىن. بولۇپمۇ 1985-يىلى شىنجاڭ مۇزىي خادىملىرى ئېلىپ بارغان ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۇرشۇشتە ئۇلانباي ئەتراپىدىن چىققان جەسەت بىلەن كۆمۇلگەن بۇيۇملاردىن بۇ يەرنىڭ قەدىمدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ پائالىيەت مەركىزى بولغانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز.ئۇنىڭدىن باشقا ، سەيۋوپۇ رايونى ۋە نەنسەن ئەتراپىدا خېلى بۇرۇنلا ئىنسانلار ياشىغان بۇلۇپ، يۇقىرىقى جايلاردىن تېپىلغان ئاسار-ئەتىقىلەر ھازىر ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسىدە ساقلانماقتا
  ئۇرۇمچىنىڭ تەبىئى شارائىتى تاغ ۋە ئۇنىڭ باغىرىدىكى بوستانلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، قەدىمدىن بۇيان دەل -دەرەخ ۋە ئوتلاق بوستانلىق بىلەن مەشھور بولغان. كېيىنكى يىللاردا ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ كېڭىيىشى ۋە كۈچىيىشى نەتىجىسىدە تەبىئى بوستانلىقلار تارىيىپ، ھازىرقى ھالەت شەكىللەنگەن.ئومومىي كۆلىمى 11440كۇۋادىرات كىلومېتىر ، بولۇپ،كۆپىنچە يەرلىرى تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلاردىن ئىبارەت. شەرق، جەنوپ تەرىپىدە تەڭرى تېغى جايلاشقان. ئوتتۇرىچە ھۆل -يېغىن مىقدارى 250مىللىمىتىر ئەتراپىدا ، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى 2000~3000مىللىمېتىر بولىدۇ. نۆۋەتتە ئۇرۇمچىىنىڭ ئىنسان ياشايدىغان جايلىرىدا قۇرۇلۇشنىڭ كۆپ بولىشى ، نوپوسنىڭ كۆپىيىشى ،دەل -دەرەخنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، تەبىئەتتىكى نورمال ئايلىنىش مەلۇم تەسىرگە ئۇچىرىماقتا ھەمدە نەملىك مىقدارى ئازايماقتا. شۇڭا ئۈرۈمچىنىڭ ئومومىي كەيپىياتى قۇرغاق ۋە نەملىك جەھەتتە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان ھالەت شەكىللەندى.
    ئۇرۇمچى 1913-يىلى شەھەر قىلىپ قۇرۇلغاندىن بېرى ئۇنىڭ كېڭىيىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئاستا بولىسمۇ ، لېكىن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى مەنپەئەت تۇپەيلىدىن بۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئىجتىمائىي مۇھىتى شىنجاڭ بويىچە ئوبدان بولغاچقا ، كىشلەرنىڭ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىش ۋە كۆچۇپ كېلىش تارىخى ئۇزۇن، ھەر يۇرتنىڭ مەدىنىيەت ئېلىمىنتىلىرى بىرگە ساقلانغان بولىدۇ.
  1.مىزاجى: مۇھىت، يېمەك -ئىچمەك، تۇرمۇش تەرتىپى تۇپەيلىدىن ئۇرۇمچى كىشىلىرىنىڭ مىزاجى ھۆللۇككە مايىلى كېلىدۇ، ھۆللۇك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن.
2. خلىتى: ئۈرۈمچى كۆپ مەنبە مەدىنىيىتىگە ئىگە كىشلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر. بۇ يەردە ھەرخىل خىلىتىلىق كىشلەر ياشايدۇ. 3-4ئەۋلاتتىن ياشاپ كېلىۋاتقانلارمۇ ، تېخى يېڭىلا ئورۇنلاشقانلارمۇ بار. يۇرت ئۆزگەرگەن، كىلىماتى ، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ئۆزگەرگەن شارائىتتا، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان كىشلەردە مىزاج ئۆزگۇرۇشى ھەتتا كېيىنكى ئەۋلاتلىرىدا خىلىت ئۆزگىرىشى يۇز بېرىشى مۇمكىن ، شۇڭا ئۈرۇمچى كەلگەن ئورنىغا قاراپ مۆلچەرلەشتىن سىرت، مۇھىمى ئۇرۇمچى مۇھىتىنى كۆزدە تۇتۇپ باھالاش ناھايىتى مۇھىم. شۇڭا كۆپ خىل پېئىللارنى نەزەردە تۇتۇپ ئېيتقاندا ھازىرقى ئۇرۇمچى كىشلىرىنىڭ خىلىت تەرتىپى:بەلغەم، سەۋدا، سەپرا،قان..
3.چىرايى : ئۇرۇمچىلىكلەرنىڭ چىراي شەكلىنى مەلۇم دائىرىدە دەپ ئېيتىش مۇمكىن ئەمەس، چۇنكى قايسى كىشلەرنى ئۇرۇمچىلىك دەپ ئېيتىشقا ئېنىق بەلگىلىمە يوق،بىراق يۇز تېرىسىنى ئاساس قىلغاندا تەرتىپى: ئاق، تاتىراڭغۇ، سېرىق ، قىزغۇچ . شەھەر تۇرمۇشىدىكى جىسمانىي ھەركىتىنىڭ نىسبەتەن ئازراق بولىشى ، مۇقىم ۋە سايىلىق ئورۇندا ئولتۇرۇپ ئەقلىي مەشغۇلات قىلىدىغان نىسبەتنىڭ يوقىرىلىقى، «ئاق» تىپتىكى يىمەك -ئىچمەكلەرنى نىسبەتەن كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى ، ئۇرۇمچى مۇھىتىدىكى نەملىك، شۇنداقلا ئاپتىكا دورا ئىستىمالىنىڭ يوقىرىلىقى، مۇھىتتىكى پۇتۇن بەدەن ۋە تېرىگە زىيانلىق ئامىللارنىڭ تەسىر قىلىشى ، ئۇرۇمچى ئىچىملىك سۇيىنىڭ سۇپىتىدىكى بەزى ئامىللار، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن بىخەۋەر كىشىلەر نىسبىتىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۇرۇمچى كىشىلىرى قېنىدىكى قىزىل قان دانچىلىرى مىقدارى «ئەنئەنىۋى ئىنسان» لەرنىڭكىدىن تۆۋەن بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن، شۇڭا ئاق كىشلەر ، تاتىراڭغۇ كىشلەر نىسبەتەن كۆپ. يەنە ئۇرۇمچىدە ئاياللارنىڭ سەمىرىپ، ئاقىرىپ كېتىشى ئەينى يوقىرىقى سەۋەپتىن كېلىپ چىققان. ئومومەن ئۇرۇمچى كىشلىرى بەدىنىدە تۆت خلىت مۇھىتىدا بەلغەم( غەيرى تەبىئى بەلغەمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ماددىسى كۆپىيىپ ، قان ۋە سەپىرا ماددىسنىڭ ئۇلغۇيىشىنى توسىدۇ. كىشلەر گەرچە سەمىرگەندەك قىلسىمۇ ، يۇرەك ۋە بۆرەكنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ. لېكىن ئىجتىمائىي مۇھىتتىكى ئازادىلىك قاتارلىق ئەۋزەللىكلەر سەۋەبىدىن ئومۇمىي سالامەتلىك كۆرسەتكۇچى باشقا ۋىلايەت،ناھىيەلەرنىڭكىدىن ياخشىراق.
4.مېڭش_تۇرۇشى : ئۇرۇمچىلىكەر ئادەتتە ئۆزىنى ئاسراپ ، ئاۋايلاپ ماڭىدۇ، باشقا يۇرتلارغا قارىغاندا ئۆزىنى ئەركىن -ئازادە تۇتىدۇ، بەك تېزمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس نورمال ماڭىدۇ.
5. كىيىنىشى: ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىكى نىسبى ئەۋزەللىكلەر ھەمدە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ئۇرۇمچىدە كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. شۇ نۇقتىدىن ئۇرۇمچى كىشلىرى كىيىم ئىستىمالىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. كىيىم يېڭى ، رەتلىك ، پاكىز كىيىشنى ئويلايدۇ. ئىمكانىيىتى يەتسە شۇنداق قىلىپ ئۈلگۇرىدۇ. بولۇپمۇ كىيىم رەڭگىنىڭ ماسلىشىشى ، يوقىرى - تۆۋەننىڭ ماس -كېلىشىگە دىققەت قىلىدۇ. خىزمەت، دەم ئېلىش، ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەردە سورۇنغا قاراپ كىيىم تاللايدۇ. گالىستۇك تاقاش، كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىش ، خۇرۇم ۋە يۇڭ يىپ كىيىملەرگە ئېتىبار بىلەن قاراش نۆۋەتتىكى ئۇرۇمچى كىشىلىرىنىڭ كىيىم جەھەتتىكى قىممەت قارىشى بولۇپ ھېساپلىندۇ.
6. يىمەك-ئىچمىكى: ئۇرۇمچىنى ئۇيغۇر يىمەك -ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە بىرلىككە كېلىشىنىڭ بۆشۇكى دىيشىكە بولىدۇ. كۆپ خىللىق دىگىنىمىزدە ھەرقايسى يۇرت كىشلىرىنىڭ تاماق جەھەتتىكى ئۆز ئالاھىدىلىكى مەلۇم جەھەتتە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ. بىرلىككە كېلىش دىگىنىمىزدە ئاساسەن ئۇرۇمچىگە خاسلىشىپ بولغان ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يىمەك -ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ئەكىس ئەتتۇرىدىغان تاماق تۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: پولۇ، لەغمەن، مانتا، سامسا، كاۋاپ، سۇتچاي...قاتارلىقلار . بۇخىل تاماقلار يالغۇز ئائىلىلەردىلا تەييارلىنىپ قالماستىن بەلكى بازار شەكلىدە سېتىلىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر تاماقلىرى ۋە پېچىنە-پىرەنىكلىرى ھەتتا بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرى باشقا مىللەتلەرگىمۇ سىڭىپ كىرمەكتە. قازاق، قىرغىز، ئۆزبىك، شىبە، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر ئاللىقاچان يىمەك -ئىچمەك جەھەتتە ئۇيغۇر ئۇسۇلىغا ئۆزلىشىپ قالدى. كۆپىنچە تاماقلارغا ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بويىچە دورا -دەرمان سېلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ مىزاجىنى بىلگەن كىشلەر ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان تاماق ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلىتىدۇ.
7. قىممەت قارىشى: «قىممەت قارىشى » سۆزىنى چۇشۇنىشلىك قىلىپ ئېيتقاندا ، نىمىنى مۇھىم بىلىش ، نىمىگە قانداق قاراش مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ قارىماققا ئىجتىمائىي ساھەگە تەئەللۇقتەك قىلسىمۇ ، ئۇ يەنە تەن ۋە روھىي جەھەتتىكى فىزىئولوگىيەلىك ۋە بىئولوگىيەلىك تەرەپلەرگە تاقالغانلىقى ئۇچۇن، بىز ئۇنىڭ تىببى ئىلىمغا چېتىشلىق قىسمىنى قىسقىچە ئېيتىپ ئۆتىمىز. يوقىرىدا ئېتىلغاندەك ئۇرۇمچىلىكلەر مۇھىت ۋە شەھەرلىشىشىنىڭ تەسىرىدە ئاقۇچ، تاتىراڭغۇ ۋە «ئەقلى بەدەن ھالىتى» تىپىغا كىرىدۇ. جىسمانىي كۇچتىن ئەقلى كۇچكە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە نىسبەتەن كۆپرەك قاتنىشىدۇ. ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. كىتاپ ئوقۇش ۋە ئىلىم ئۆگىنىشكە قىزىقىدۇ. بۇ خىل قىممەت قارىشى كىشلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا پايدىلىق. بۇ يەنەئادەمنىڭ فىزىئولوگىيەلىك جىسمانىي ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ئەلۋەتتە. لېكىن «بىز ئۇرۇمچىلىك » قارىشى ئۇلارنى ھورۇن . ئىچى تار قىلىپ قويغان.
8. . كۇندىلىك مۇھىم پائالىيەت : خىزمەتكە بېرىش-كېلىش، بازار پائالىيىتىگە قاتنىشىش، ئەقلى ۋە ئىجتىمائىي ئادەم بولۇشقا ئىنتىلىش .
9. ساغلامىلىق كۆرسەتكۇچى : خىلىت ۋە مىزاج تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا ئۇرۇمچىدە ھۆللۇككە ماھىل كىشلەر ياكى بەدىنىدە ھۆللۇك كۆپرەك ھاسىل بولۇپ قالىدىغان ۋاقىتلار نىسبەتەن كۆپ. شۇڭا 1)پىسخىك جەھەتتە : ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئاشكارا جىددىيلىشىش پىچاق - پالتا كۆتۇرۇپ ئۇرۇشىدىغان ئەھۋاللار ئاز. كىشلەر سىلىق-سىپايىلىقنى تەكىتلەيدۇ. 2)جىسمانىي ھۆللۇكتىن كۆپرەك بولىدىغان كېسەللىكلەردىن ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقى، زىققا، كانايچىلار ياللۇغى، رېماتىزىم، ھەزىم ناچارلىقى، قان كەملىك ، كالىتسىي يېتىشمەسلىك، سۆڭەك ئۆسۇپ قېلىش.... قاتارلىقلار نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ داۋالىنىش شارائىتى ياخشى بولغانلىقى سەۋەبىدىن يۇقىرىقى كېسەللىكلەر خەتىرى ئانچە زور بولمايدۇ.
10. كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەر : ئېھتىمال، مۇمكىن ، ئويلۇشۇپ باقايلى، ئۆيگە بېرىڭلار، تېلىفون قىل، قاچان ئولتۇرىمىز، ئۇنىۋانىڭ ھەل بولىدىمۇ، ماقالە يازمىساق بولمىدى.....


















ئەخمەتجان ئىسمائىل. «مىزاج، خىلىت ۋە ئىنسان» دىگەن كىتابدىن ئېلىندى.
( رەسىمنى تور بەتلىرىدىن تېرىۋالدىم)



قوشۇق
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 23:36 چوققىغا قايتىش
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1136
شۆھرەت: 1248 نۇمۇر
پۇل: 13098 سوم
تۆھپە: 178 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:580(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۈرۈمچىنىڭ بۇرۇنقى نادىر سۈرەتلىرنى تاپالمىدىم ! قىممەتلىك تېما بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت!!!


[ بۇ يازما ئىز تەرپىدىن 2007-12-10 00:11 دە قايتا تە ]


Nurluk elani


[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 23:37 چوققىغا قايتىش
ALXIR526

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 178
شۆھرەت: 179 نۇمۇر
پۇل: 1780 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش




ئويغۇرما بۇلار ! توۋا توۋا توۋا!       بىز تۇگۇشۇپتىمىز!


كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 23:43 چوققىغا قايتىش
dilare320

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 50
شۆھرەت: 51 نۇمۇر
پۇل: 500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۇيغۇرلار ئەمەستۇ !!
  ئۆزىڭىزگە ھاي بېرىڭ ، بىزنىڭ قىزلار كۆچىغا ئۇنداق تاسمىلىق كىيىلەرنى كىيىپ چىققىدەك بولمىدى !!!


Nurluk elani

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 23:47 چوققىغا قايتىش
Powerman5000

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 186
شۆھرەت: 187 نۇمۇر
پۇل: 1710 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:180(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۈرۈمچىدە جەنۇبلۇقلارھەددىدىن زىيادە جىقلاپ كېتىپ بارىدۇ . بۇنداق دېسەم خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار .
بۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئۈرۈمچى چوڭ شەھەر ، پۇل تاپقىلى بولارمىش دەپ كىچىك پېتى كېلىۋېلىپ ، يا ئوقۇيالماي يا سودىسىنى قاملاشتۇرالماي ئاخىرى بىر توپ بېكارتەلەپكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ . ھەر يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ، بۇ يەرگە كېلىۋالغان بىلەنلا كاللەكلەپ پۇل تاپىدىغان ئىش يوق ... ھەي ...

بەزىدە شۇ تۇرغان بىر توپ بىكارتەلەپلەرگە قارىسام ئىچىم ئېچىشىپ كېتىدۇ ، نېمە قىلىدۇ بۇ يەرگە بىكاردىن بىكار كېلىۋېلىپ جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ، ئۇنى قىلغاندىن ئۆز يۇرتىدا بىلىم ئېلىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىپ ئاندىن ئوقۇغىلى كەلمەمدۇ . يا ئۈرۈمچىدە بىكارلىق پۇل تارتقاتمىسا ..


Nurluk elani

PEOPLE=SHIT
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 00:07 چوققىغا قايتىش
Karayilan

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1
شۆھرەت: 2 نۇمۇر
پۇل: 10 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-09

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


خەي!!!!!!!سىلەرچە ئۇكىزلار ئۇيغۇرمىدۇ؟؟؟؟؟

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 00:11 چوققىغا قايتىش
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1136
شۆھرەت: 1248 نۇمۇر
پۇل: 13098 سوم
تۆھپە: 178 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:580(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش




كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!


[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 00:13 چوققىغا قايتىش
ئىز
تەشۋىقات ئەلچىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1136
شۆھرەت: 1248 نۇمۇر
پۇل: 13098 سوم
تۆھپە: 178 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:580(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش






[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 00:14 چوققىغا قايتىش
jbt1112



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھاۋا تازلانمىسا سالامەتلىك ياخشى بولمايدۇ،سالامەتلىك بولمىسا ساغلام ئەقىلمۇ بولمايدۇ!ئادەمدەئەقىل بولمىساقەتئىي بولمايدۇ!

[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 00:43 چوققىغا قايتىش
jbt1112



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 24 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئۆيگە بېرىڭلار ----قانداق گەپ ئۇ؟ مەن ئۈرۈمچىلىك دوستلىرىمنىڭ ئاغزىدىن 5يىلنىڭزە بۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم! ۋە ياكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش لوغىتىدە يوقمۇ يە؟

[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-10 00:46 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-11 19:30, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije