ئىنكاس سۈپىتىدە مۇھەممەتجان سەيدۇللانىڭ «سىيىت نوچى» ناملىق شېئىرىنى يوللاپ قويدۇم.
ئۈچتۈرپاندىن ياندىڭ نوچى قەشقەرگە،
ئېيىتقان ناخشاڭ مۇڭىمىزغا قاتتى مۇڭ.
ئىشەنمەيسەن؟ ماتىتەي بىر بەتنىيەت،
ساقاي دەيدۇ قارا كۆككە يۇلتۇزۇڭ.
سەن ماڭغاندا ئەمدى تېخى تاڭ ئاتقان،
يېڭى بىر تۈن كۈتۈپ ئالدى كۆك ئاسمان.
ئالدىرىمىغىن، ئاناڭ ئوبدان -سالامەت،
يېتىم -يېسىر، دوستلارغا بار جاي - ماكان.
ئېتىڭ ھاردى، يولمۇ ئۇزۇن، ئۇسسۇز سەن،
بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيدە بىر رەت قونۇپ كەت.
ئۇنتۇپ قالغىن يەكتىكىڭنى كېتەردە،
يانچۇقىدا بىللە قالسۇن ھېلىقى خەت.