گۈزەل دىيارىم
ئوتلىرى رەيھان دائىم گۈلەپشان،
ھاۋاسى ياخشى بىھىشتىن نىشان .
يۇرتۇم ماكانىم راھەت لىباغىم ،
تۇغۇلغان جايىم، گۈزەل دىيارىم .
ئۆسۈپ يىتىلدىم سىنىڭ كۆكسڭدە،
تەربىيلەندىم مەن ئاپپاق سۈتۈڭدە.
سىنى ئۆستۈرۈش سىنى گۈللۈتۈش.
ۋىژدانى قەرزىم، گۈزەل دىيارىم.
كىندىكىم قانى سەندە تۆكۈلگەن،
مىھرىبان ئانام سەندە كۆمۈلگەن .
مۇنبەت تۇپرۇقۇڭ شىرىن سۇلۇرۇڭ ،
بىلەن ھاياتىم، گۈزەل دىيارىم.
سەن ئۈچۈن قانچىلىك جاپالار چەكسەم،
ئىشلەپ يولۇڭدا دۇنيادىن كەتسەم.
ئازات-ھۆر بولساڭ شۇنى بىر كۆرسەم،
شۇدۇر مۇرادىم، گۈزەل دىيارىم .
نىفاقتىن تولغان بۇ ئەلنىڭ دىلى ،
شۇڭا ئىچىلماس ئۈمىتنىڭ گۇلى .
ئىچىن ئۇيغۇرۇم ئىچىن ھالىڭغا،
شۇڭا ئىچىندىم، گۈزەل دىيارىم.
ئىجات قىلىنغان زاماندا ئاتوم،
خەلقىڭ بىلىمسىز نە قىلاي يۇرتۇم.
ئويغىنارمىكىن يا ئۇخلار مىكىن،
پىكرىم دائىم شۇ، گۈزەل دىيارىم.
ئەي! زىيا تۆكمە ئەلنىڭ ياشىنى،
بىلىمدىن تۈزەت خەلق كۆڭلىنى.
ئىچىلدۇرشۇندىن بەخىتنىڭ گۈلىنى،
مىللىتىم ئۇيغۇر، گۈزەل دىيارىم.
1948.يىل قەشقەر
ئاتاغلىق شائىر، تارىخچى ئەھمەد زىيائىنىڭ « توزىماس چىچەكلەر» ناملىق شىئىرلار توپلىمىدىن ئىلىندى
__ ئۇيغۇر839 تەستىقلىدى