>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> [ئالپامىش]پەتىۋاغا ''پەتىۋا''

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 323 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : [ئالپامىش]پەتىۋاغا ''پەتىۋا'' IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Alpamish
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 202
شۆھرەت: 475 نۇمۇر
پۇل: 2177 سوم
تۆھپە: 210 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:223(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
[ئالپامىش]پەتىۋاغا ''پەتىۋا''


  قايسى كۈنى بىر نەچچە پىكىرداشلار بىلەن مەلۇم تېما توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدۇق،مۇنازىرە تازا ئەۋجىگە چىققاندا مەن جىم ئولتۇرالماي ''تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەك''لا بىر ئېغىز سۆزلەپ قويدۇم..(ھەي...مىنىڭ مۇشۇ ئاغزىمنىزە..)شۇنىڭ بىلەن بۇلارنىڭ قۇيقا چىچى تىك بولۇپ،ماڭا ھومۇيۇپ:''ئادېش..بىر سائەت تالاشقان گەپكە بىرلا ئېغىز پەتىۋا بېرىپ يوق قىلدىڭلا،نىمە گەپ بۇ؟..''دىمەسما....ئۇلارنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم ۋە :'' پەتىۋا دىگەن نىمە؟'' دەپ سوراپ قالدىم،سوراپ قالدىميۇ،ئۆزەممۇ بۇ ''ئاتالغۇ''توغرىسىدا ئويلىنىپ قالدىم...بىر تۇرۇپ ئويلاپ باقسام ''پەتىۋا''دىگەن بۇ سۆز ھازىر بىزگە ''قۇرۇق گەپ،ئاقماس گەپ ''دىگەندەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قاپتۇ.بۇ سۆزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سۈرۈشتۈرسەك ئانچە يامان سۆزمۇ ئەمەستەك..
  بۇرۇنلاردا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى،دىنىي ئەھكاملارغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىنى كىتابلاردىن ئىزلەپ جاۋاپ تاپالمىسا دىنىي ئۆلىمالاردىن ''پەتىۋا'' سورايدىكەنتۇق.ئۆلىمالىرىمىز "ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا"،"ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزلەپ"دىگەندەك ئۇنىڭغا ''پەتىۋا'' بېرىدىكەنتۇق. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش دىنىي ئەھكاملارغا خىلاپ بولسۇن ياكى بولمىسۇن توغرا ئىشقا ئايلىنارمىش.پادىشاھلىرىمىز پۇقراغا يۈز كىلەلمەيدىغان بىرەر ئىش قىلماقچى بولۇپ قالسىمۇ ئوردا ئۆلىمالىرىدىن پەتىۋا سورايدىكەن.ئۆلىمالىرىمىز "قىل-سىغماس" پەتىۋادىن بىرنى چىقىرىپ بېرىدىكەندە،شۇنىڭ بىلەن ئاۋام بۇ شاھنىڭ ئىشىنى يوللۇق دەپ قارايدىكەن.مانا مۇشۇنداق ئىشلاردىن كېيىن بۇ سۆزنىڭ سەلبىي مەنىسى كۈچىيىپ كەتتىمىكىن.ئەمەلىيەتتە تۇرمۇشىمىزدا بەزى پەتىۋالارنى ئۆزىمىزمۇ چىقىرىۋالىمىز...
  بىر چاغدا روس تىلى ئوقۇتقىچىمىز ئەنە شۇنداق ''پەتىۋا''دىن بىرنى چىقاردى.خەنزۇ تىلى بىزگە نىسبەتەن باشقا مىللەت تىلى بولمايدىكەن.ئۇ پەقەت ئىككىنچى تىل بولىدىكەن،روس تىلى بولسا باشقا مىللەت تىلى بولىدىكەن.نىمىشقىلىقىنى سورىساق ۋىكتورىيا مۇئەللىمىمىز :"سىلەر خەنزۇ تىلى دۆلەت تىلى بولغان مۇھىتتا ياشاۋاتقانلىقىڭلارنى ئۇنتىماڭلار.." دەپ جاۋاپ بەردى.شۇنىڭ بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ باشقا مىللەت تىلى بولماي،ئۆز تىلىمىز ئىكەنلىكىنى "چۈشىنىپ" يەتتۇق.بۇرۇن مەن ئانا تىلىمدىن باشقىسىنى ''چەتئەل تىلى'' دەپ ھېساپلاپتىكەنمەن.مېنىڭچە بۇ ئەڭ ئىلمىي،رەت قىلغىلى بولمايدىغان تىپىك ''پەتىۋا''مىكىن....
  بىر كۈنى ئۈچ بۇرادەر يىغىلىپ قالغان ئىدۇق.تازا بىر مۇڭدىشىپ ئولتۇرماقچى بولدۇق.ئەمما بىر ئاغىينىمىز ''تولۇمدىن ...''چىققاندەكلا "ھاراق تاشلىغانلىقىنى" ئېيتتى.ئاغزىم قىچىشىپ :" ئاداش..ھاراق ئەسلى ھالال،ئەمما كەيپى ھارام" مەس بولغۇچە ئىچمىسەڭلا بولىۋەرىدۇ" دىگەن ''پەتىۋا''نى بېرىپ ساپتىمەن.ئاران تۇرغان بۇ بۇرادىرىمىز : "سەن دېدىڭ ئەمىسە.." دەپلا چىلاشقۇچە ئىچتى.بۇ ''پەتىۋا''نى ئەسلى مەن ئەمەس،ئۆزىگە ئوخشاش ھاراقكەشلەر تاپقان بولغىيتتى..مانا ئاخىرى ئۇنىڭ گۇناھىغا مەن قالدىم دىسە...
دىمەك بىر ئىشنى قىلماق بولساڭ باشقىلار قايىل بولغۇدەك بىرەر ''پەتىۋا''نى تاپساڭلا ئىشنىڭ يولى ئوڭاي ئىكەن. ھۆكۈمراننىڭ سىياسەتلىرىمۇ مانا مۇشۇنداق پەتىۋالار بىلەن يۈرگىزىلىدىكەن.ئۇف..يەنە قانچىلىغان ئىشلارغا مۇشۇنداق پەتىۋالارنى چىقىرىۋالغانلىقىمىزنى بىر-بىرلەپ يېزىپ بولالمىدىم....
تاماكام تۈگەپتۇ دىسەم،بالام :"دادا نىمىشقا تاماكا چېكىسەن؟" دەپ سورىدى.قانداق پەتىۋا بېرىشىمنى بىلمەي : "دەردىم جىق بالام.." دەپ قويدۇم.چەتتە تۇرغان ئايالىم لاپپىدە قاراپ قويدى،چىرايىدا "ۋۇيۇت....ئالىمەن دىگەن قىزىڭىزنى ئالالماي قالغان ئوخشىمامسىز..؟؟" دىگەندەكلا بىر خىل ئىپادە بار ئىدى.''پەتىۋا''رىمنىڭ "ئىلمىي" بولماي قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم،بۇمۇ بىر سەنئەت ئوخشايدۇ..ئۇف..يەنە موخۇركام تۈگەپتۇ..
[توغراقلىقتىن كەلگەن گۇڭگا سادالار،رۇخسەتسىز كۆچۈرىلمىسۇن]


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 02:03 چوققىغا قايتىش
gulixat



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 66
شۆھرەت: 67 نۇمۇر
پۇل: 660 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:44(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇنداق ئىشقا مەنمۇ يولۇققان، بىر دۇستۇمنىڭ يۇلدىشى ھەر جۇمە كۇنى جۇمەگە بارىدىكەن، لېكىن ئۆزى بىسمىللا دىيىشنى ئۇقمايدىكەن، ئۇنىڭ جۇمەگە بىرىۋاتقىلى 5 يىل بوپتۇ، مەن ئۇنىڭغا: سىزنىڭ خېلى ئىمانىڭىز باركەن، بەش ۋاق ناماز ئوقۇسىڭىز بولمامدۇ؟ دىسەم، ئۇ: مەن ناماز ئوقۇشنى ئۇقمايمەن،دىدى. مەن: 5يىل جۇمەگە كىرگەن ئادەم ناماز ئۇقمايمەن دىسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟دىسەم، ئۇ: مەسچىتتىكى ئىماملار قارا تۇرك ناماز ئوقىساڭ ساۋابى چوڭ بولىدۇ دىگەن، دىدى. مەن بۇ گەپكە ھەيران قېلىپ: ھەي، سىز ئويلاپ بىقىڭ، مەلۇم بىر ئايەتنى يادقا ئېلىش ئۇچۇن خېلى ئەجىر قىلىدىغان گەپ، مەسىلەن :بىر دىھقان ئۆز ئېتىزىغا بىر ياز ئىشلەپ ئەجىر قىلسا مول -ھوسۇل ئالامدۇ ياكى ئەتىيازدا بىر قېتىم ئېتىز بىشىغا چىقىپ قاراپ قويۇپ يىنىپ كېلىپ كۇزدە مول-ھوسۇل يىغىۋالامدۇ؟ دىدىم. ئۇ ئويلۇنۇپ تۇرۇپ كېتىپ: ئەجىر قىلسا مول ھوسۇل ئالىدۇ دىدى.مەن سۇزۇمنى داۋاملاشتۇرۇپ: بۇ ئىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، سىز ئايەتلەرنى يادقا ئېلىڭ دىدىم. ئۇ ھىچقانداق ئىپادە بىلدۇرمىدى. كېيىن ئايالىدىن ئاڭلىسام: ئىماملار يالغان پەتىۋا بىرىپتۇ دەپ جۇمەگىمۇ كىرمەي ھارىغىنى ئىچىپ يۇرىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ، پەتىۋاغا پەتىۋا بەرگىنىم ئۇچۇن ئۇنىڭ گۇناھىغا مەن قالغان ئوخشايمەن

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 02:32 چوققىغا قايتىش
153
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 686
شۆھرەت: 681 نۇمۇر
پۇل: 5793 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:36(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-07-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مۇشۇ ئالپامىش دىگەننى ساپلا ئادەمنى قايىل قىلىدىغان ، ئىلمىلىكى، ئىژتىمائىلىقى كۈچلۈك تىمىلارنى يازىدىغان كىتاپ موللىسىمىكىن دىسەم ئادەمنى كۈلدىرىدىغان مۇنداق قىزىقارلىق تىمىلارنىمۇ يازىدىكەن ئەمەسمۇ............
ئۆتكەندە بىر قىسىملارنىڭ ئۇيغۇر قازاق ئىتتىپاقىغا چىقىلىدىغان تىمىسىغا رەددىيە بىرىپ تازا بىر ئاچچىغىمنى چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. ئەمدى تازا كۈلدۈرۈپ خۇمارىمنى چىقاردى،
ئاتاڭغا رەھمەت، باققان ئاناڭغا رەھمەت، ئالپامىش!


Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 10:34 چوققىغا قايتىش
otkunchi-nur
ئىجاتچان ئەزا موللا تاپقاق

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 941
شۆھرەت: 967 نۇمۇر
پۇل: 9120 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:636(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


توغراقلىقتىن جىڭ باسقۇدەك سادالار چىقىدىكەن . سىزنىڭ توغراقتەك خۇي-پەيلىڭىز بار ئىكەن . چۇڭقۇر تەپەككۇرىڭىز ھەر كىمنى ئويغا سالىدۇ .
سىز دىگەندەك ئويناپ سۆزلىسەكمۇ ، ئويلاپ سۆزلىشىمىز كېرەك . بولمىسا گەپ-سۆزلىرىمىز چەك باسماي قالىدۇ .
راۋان تىللىرىڭىزغا تەشەككۇر .



سامانيۇلى دىگەن ئىسم ئۆتكۈنچى نۇر دىگەن ئىسىمغا ئۆزگەرتىلدى .

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 11:36 چوققىغا قايتىش
hux-nigar

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 13
شۆھرەت: 14 نۇمۇر
پۇل: 130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


دىمەك بىر ئىشنى قىلماق بولساڭ باشقىلار قايىل بولغۇدەك بىرەر ''پەتىۋا''نى تاپساڭلا ئىشنىڭ يولى ئوڭاي ئىكەن. ھۆكۈمراننىڭ سىياسەتلىرىمۇ مانا مۇشۇنداق پەتىۋالار بىلەن يۈرگىزىلىدىكەن.ئۇف..يەنە قانچىلىغان ئىشلارغا مۇشۇنداق پەتىۋالارنى چىقىرىۋالغانلىقىمىزنى بىر-بىرلەپ يېزىپ بولالمىدىم.... BBS.xabnam.com din kochuruldi

ئەھمىيەتلىك تەلىملىرىڭىز   كىشىنى قايىل قىلىدۇ . رەھمەت .


Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 11:40 چوققىغا قايتىش
kukbax

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 183
شۆھرەت: 184 نۇمۇر
پۇل: 1830 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ناماز ئۆتىمەيدىغانلارنىڭ پەتىۋاسىنى ئاڭلاپ قۇيامسىلەر؟
نامازنى ئۆتىسىمۇ ،ئۆتىمىسىمۇ دىلىدا ئاللانى ھەرۋاقىت ياد ئەتسىلا كۇپايە. بۇمۇ بىر پەتىۋا.
يانچۇقچىلارنىڭمۇ پەتىۋاسى بار. تاپقان پۇلىنىڭ ئون پىرسەنتتىنى يىتىم-يىسىرلارغا ئىئانە قىلسا ،تاپقان پۇلى ھالال بۇلامىش.


Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 13:32 چوققىغا قايتىش
~sarang~

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 196
شۆھرەت: 212 نۇمۇر
پۇل: 1964 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 2 جى قەۋەتتىكى 153 نىڭ 2007-12-08 10:34 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مۇشۇ ئالپامىش دىگەننى ساپلا ئادەمنى قايىل قىلىدىغان ، ئىلمىلىكى، ئىژتىمائىلىقى كۈچلۈك تىمىلارنى يازىدىغان كىتاپ موللىسىمىكىن دىسەم ئادەمنى كۈلدىرىدىغان مۇنداق قىزىقارلىق تىمىلارنىمۇ يازىدىكەن ئەمەسمۇ............
ئۆتكەندە بىر قىسىملارنىڭ ئۇيغۇر قازاق ئىتتىپاقىغا چىقىلىدىغان تىمىسىغا رەددىيە بىرىپ تازا بىر ئاچچىغىمنى چىقىرىپ بەرگەن ئىدى. ئەمدى تازا كۈلدۈرۈپ خۇمارىمنى چىقاردى،
ئاتاڭغا رەھمەت، باققان ئاناڭغا رەھمەت، ئالپامىش!


بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ئىسىل ئىنكاستىن بىرسى بولدى.
بو لىدىغان ساراڭكەنسە .


Nurluk elani

ئۆزەڭ ساراڭ!.........

[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 15:36 چوققىغا قايتىش
jallatpadixa



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:4(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ مەن كۆرگەن ئەڭ ئىسىل ئىنكاستىن بىرسى بولدى.
بو لىدىغان ساراڭكەنسە . BBS.xabnam.com din kochuruldi

...........................................................
تۇز سۆزلە ساراڭ پۇتۇڭدىن تۇتىۋاپ شاتىرقىڭنى يىرتىپ تاشلىماي يەنە ،،، نىمە كەچكىچە ئۇ ساراڭنى ماختاۋېرسەن ، سېنىڭچە بۇ يەردە سەنچە ساراڭ يوقما ،،،،، قوڭاڭغا تېپىپ تەپقۇچ قىلىپ ئوينايدىغان ساراڭكەنسەن ،،، جىڭ ساراڭمۇ نىمە ،،،،،،،،،،،،، ۋاي بولدىلا ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، نىمە چاتىقىم ئككى ساراڭ بىر ساراڭغا باھا بېرىپتۇغۇ شۇ ،،،،،،،،،،،،،،، نىمە چاتىقىم ،،، ساراڭلا   بېرىپ داۋالىنىڭلار جۇما ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،باللا


Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 19:45 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-09 05:07, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije