جاھان ئەينىكى ئالدىدا
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
ئولتۇرار مۈكچىيىپ ئېكران ئالدىدا،
ۋايىم يەپ ئۆزىنىڭ رىئاللىقىدىن.
خۇشاللىق ئىزدەيدۇ يىراق-يىراقتىن،
گۈل ئىزدەپ يۈرگەندەك چاتقاللىقلاردىن.
گاھىدا خوشال ئۇ ئېكرانغا قاراپ،
گاھىدا قاپاقلار تۈرىلەر قاتتىق.
گاھىدا چېكىدۇ تاماكىسىنى،
گاھىدا ئۇھسىنىپ تىنىدۇ ئاچچىق.
خېلى كۆپ ۋاقتىنى ئېكرانغا بەردى،
رىئالنى دۇنيادا يوقمىدۇر ئىشى؟
كىملەرنى خوش قىلدى بىلمەيدۇ لېكىن،
ئەلگە نەپ بەرمەكتۇر ئۇنىڭ خاھىشى.
كونۇپكا تاختىسى مائۇسى كۆنۈك،
بەزىدە ئۇنىڭكى سىلكىشلىرىگە.
دەردىنى تۆكىدۇ جانسىز جاھانغا،
ھەيرانمەن گاھ ئاچچىق كۈلىشلىرىگە.
ھىكمەتنى «ئەينەك»تىن قېزىشنى بىلگەچ،
ئولتۇرار بەلكىم ئۇ بىر ساراڭ ئەمەس.
خەلقىنىڭ ساداسى بولغاچ ئۇنىڭدا،
دېمىدى:«چارچىدىم،ئەمدى بولدى-بەس!».
2007-12-7