يۈرىكىڭنى يۈتتۈرۈپ قويساڭ
ئىمىنجان تۇرسۇن ئەلكۈن
يۈرىكىڭنى يۈتتۈرۈپ قويساڭ،
تېپىۋالسام ئۆستەڭ بويىدىن.
سازەندە بوپ كېتەتتى دۇنيا،
ئىككىمىزنىڭ بەخت تويىدىن.
يۈرىكىڭنى يۈتتۈرۈپ قويساڭ،
تېپىۋالسام يۇلتۇز توپىدىن.
يۇلتۇزلارغا قوشۇلۇپ كەتسەك،
خالاس بولۇپ ئىشقى ئوتىدىن.
يۈرىكىڭنى يۈتتۈرۈپ قويساڭ،
تېپىۋالسام بۇلاق تۈۋىدىن.
شىلدىرلىغان سۇلارغا تەڭكەش،
ناخشا ئېيتساق سۆيگۈ كۈيىدىن.
يۈرىكىڭنى يۈتتۈرۈپ قويساڭ،
ئەڭ ياخشىسى ئۇچرىسا ماڭا.
تارتسا يۈرەك ماگىنت كەبى،
بىر ئۆمۈرلۈك يېپىشسام ساڭا...
1989-يىل نويابىر ئۈرۈمچى
لەيلى تەستىقى