مەن فىرقەتنى ئۆلتۈرۋېتىمەن
ھەممىسى يىقىن ئادەملىرىنى ، باشلىقلىرىنى ئۆلتۈرۋىتىمىز دەيدۇ ، توۋۋا نىمانداق قورقۇنۇشلۇق بۇ كىشىلەر ، مەنمۇ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ كونا باشقۇرغۇچىسى ئەمما يىزىقچىلىقتا تاز ا بولمىغىنىمز بىلەن بەك كۆرىمەن ، ئوقۇيمەن ، توۋۋا كۆپ ئوقىۋەرسىمۇ تەسىر قىلىدىكەن جۇمۇ ، ماۋۇلارنى قاتىللىقى ماڭىمۇ خىلى تەسىر كۆرسەتتى ، مېنىڭمۇ بىرسىنى ئۆلتۈرۋەتكۇم كەلدى .مەن كىمنى ئۆلتۈرۋەتسەم بولار ، باشلىققىمنىمۇ ، ئايالىممۇ يوق . دەل مۇشۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرغىنىمدا مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچى «FIRKAT» ماڭا قارىتىپ موڭداشقۇمغا (QQ)غا ئۇچۇر يوللىدى ،
FIRKAT _«گازىر كۆز » ، بارمۇسەن ، تېز گەپ قىلە ،
Qimbulak_ مەن بار .
FIRKAT _ ۋاي تېز بولە ، بىز يىغىلدۇق ، سېنى دەرىسى بار دەپ ئەمدى چاقىرىشىمىز ،
Qimbulak_ ئاللا
ئۇ مېنى يەنە چاقىردى ،ئۇنىڭ يىغىلدۇق دىگىنى . «ئىچىمىز» دىگىنى ئەمەسمۇ ، ياق ، ياق مەن بىر ئوبدان بالا ئىدىم ھاراق -شاراپتا يوق ،ھەممىنى قىلغان شۇ FIRKAT زابوي ئەمەسمۇ ،
موڭداشقۇم يەنە سايرىدى ،
FIRKAT _ «گازىر كۆز » ،تېز جاۋاپ بەر كىلەمسەن ، كەلمەمسەن ؟ كەلمىسەڭ مۇنبەردىكى مۇنبەر پۇلۇڭدىن 10000سوم ، تۆھپىدىن 70 نومۇر تۇتىۋالىمەن ،
Qimbulak_ ئۇنداق قىلما . مەن شۇنچە ۋاقىتتىن بىرى يىمەي ئىچمەي ، تىجەپ قىزدوستۇمغا ھەتتا سىغىزمۇ ئىلىپ بەرمەي يىققان 10000سوم مۇنبەر پۇلۇمنى ئىلىۋالساڭ قانداق بولىدۇ ، بارى يوقى ئاران 73 تۆھپەمدىن 70نى ئىلىۋەتسەڭ مەن قانداق ياشايمەن كىيىن ، مۇنبەر باشلىقلىقتىن پىنسىيىگە چىققاندا تۆھپىسى ئاز دەپ ، مۇئاشىمنىمۇ ئاز بەرسە قانداق قىلىمەن !
FIRKAT _«گازىر كۆز » ، مېنىڭ بۇ ئىشلىرىڭ بىلەن كارىم يوق، كەلسەڭ كەل كەلمىسەڭ !
ئەمدى بارماي ، ئامال يوق ئوخشايدۇ ، بارسام نۆۋىتىڭ ، ھۆرمىتىڭ دەپ بىر زولايدۇ ھىلىقى مۇنبىرىمىزدىكى «مۇسەللەس» دىگەن ھاراقنى ،
شېئىرنىڭ نوچىسى مۇخەممەس
ھاراقنىڭ نوچىسى مۇسەللەس
دەپ توقىۋالغان بىر شېئىرى بار ئۇنىڭ بىر زورلىغىلى تۇرسا ، ھەي ... ئالدىنقى قېتىم مەس بولۇپ (ھىلىقى پالانچى باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرغان ۋاقتىمىزدا ) ھاجەتخانىدىكى ئەينەككە يىرىم سائەت سۆزلىگىنىمنى ئويلىسام ئەجەپ ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ ، تېخى مەن كەيىپچىلىكتە شۇ چاغدا قىز دوستۇمغا تېلفۇن قىلىپ ئۆزەم كۆز تاشلاپ يۈرگەن قىزلارنىڭ قايسىسنىڭ نەرى چىرايلىق ، قايسى قىز ماڭا QQ دا تەلەپ قويدى .... ھەممىنى دەۋىتىپتىمەن ، شۇنىڭ بىلەنمۇ قىز دوستۇمنى بىر ھەپتە يامانلىتىپ قويدۇم ! موڭداشقۇم يەنە سايراپ كەتتى
FIRKAT _«چىمبۇلاق» ، ئەمدى كەلسەڭ كەل ، بولمىسا بۇلىقىڭنى قۇرۇتىۋىتىمەن ، بىر ماشىنا توپا ئەكىلىپ تىندۇرىۋىتىمەن ، كىلەمسەن كەلمەمسەن ؟، بىز ئالدىنقى قېتىم ئولتۇرغان ھىلىقى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ » رېستۇرانىدىكى «xabnam club» ئايرىم خانىسىدا سېنى ساقلايمىز ، تېز بول بىزگە ناخشا ئىيتىپ بېرىسەن ، دۇتتار ، گىتتارلارنى ساڭا تەييارلاپ قويدۇم !
Qimbulak_ مەن باراي . ھازىرلا يولغا چىقاي .
خەپ ! بولدى قارار قىلدىم ، مەن ئەمدى چوقۇم FIRKAT نى ئۆلتۈرۋىتىمەن ، ئۇنى زادى ئۆلتۈرۋەتمىسەم بولمىدى ، تاكى شۇنىڭ بىلەن تونۇشقان كۈنى باشلىغان مۇشۇنداق ئىشنى ھەر قېتىم ئۇ چاقىرغاندا بارمىسام تېخى بولمايدۇ ، بارسام ئۇ پال كۆزلىرىنى ئالايتىپ ئولتۇرغان «ھە ، ئەمدى كەلدىڭما ، ماۋۇ كىچىككەننىڭ جازاسى ، ئالە مانى» دەپ قولۇمغان يوغان بىر رومكىنى بېرىدۇ ، تۇنجى قېتىم شۇ سورۇندىكى ماتېماتىكا ، مۇسەللەس ئاكىلىرىمنىڭ يۈزى بولۇپمۇ ئاۋۇ مۇسەللەسدەكلا مۇسەللەس ئاكامنىڭ يۈزى بىلەن ئامال يوق ئىچكەن ، مانا شۇندىن بىرى ئۇ ھەر قېتىم «بۇرۇن ئىچكەندىن كىيىن ئىچىسەن» دەپلا زورلاپ ئىچكۈزىدىغان بولىۋالدى ، خەپ مەن شۇ باشقىسىنىمۇ ئەمەس مېنى مۇشۇ كەيىپكە ئۈگەتكەن ئاشۇ يوغان ، پالكۆز ، مۇنبرىمىزدە ئاغزى ھەممىدىن يامان ، «يوقال مۇناپىق» دەپ شېئىر يازغان ، ئىنتايىن شۇملۇقنى تىلەيدىغان «مەن ئۆلەي» دەپ شېئىر يىزىپ ئۆزىنىڭ ئۆلىمىنى تىلىگەن ، مۇنبىرىمىزدىكى چىرايلىق قىز - ئاچاشلارنىڭ ھەممىسىگە چاقچاق قىلىپ مەسلەھەتىنى قويمىغان FIRKAT دىگەننى ئۆلتۈرمىسەم بولمىدى ،
يولغا چىقتىم 526-يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ دىيىشكەن يەرگە قاراپ ماڭدىم خىيالىم يەنە ئۇنى ئۆلتۈرۈشتە ، قانداق ئۆلتۈرىمەن ، ئۇنىڭ ئايالى ، ھەمدە يىقىندا يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان بالىسىچۇ ؟ ھىلىقى مەن ئۆيىگە بىرىپ قونغان چاغدا مېنى «كىلىڭە ، ئوبدان بالام ، كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتىدۇ شۇ تاماقنى قىلىپ بىرەي ، تارتىنماي دەۋىرىڭ »دىگەن ئانىسىچۇ ، ئۇلار قانداق قىلىدۇ ،
... يەنە ئويلىشىپ باقايمۇيە _ ياق ئۇ تېخى مەن 4 خوتۇن ئالىمەن دەپ سۆزلەپ يۈرىيدىغان
شۇنداق چىرايلىق ئايالى بار تۇرۇپ باشقا خوتۇن ئالىمەن ! دەيدىغان بۇنداق ھاراقكەش ، خوتۇنپۇرۇش گۇينى ئۆلتۈرۈپ شەبنەم ئۈچۈن بىرىنجى دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتمەيمۇ ؟، «شەبنەم» مۇ بەك زېرىكتى بۇنىڭدىن داۋاملىق چىرايلىق قىز مۇنبەر ئەزالىرىنى كۆرسىلا باشقۇرغۇچى قىلايلى دەپ تۇرىۋالىدىغان «شەبنەم ئەپەندى» مۇ شەبنەمنىڭ 17_ چوڭ قۇرۇلتىيىدا ئۇنىڭ بۇ قاملاشمىغان مەسىلىسنى تىلغا ئالغان ئۆلتۈرۋەتسەم «شەبنەم» ئەپەندىمۇ خوش بولۇپ تېخى ماڭا مەڭگۈلۈك شەرەپ ئوردىنى ، ۋە نۇرغۇن تۆھپە ،پۇل بىلەن مۇكاپاتلامدۇ تېخى .
ئۇنى چوقۇم ئۆلتۈرۋىتىمەن ،
يەنە تۇرۇپ باشقا ئىشلىرى ئىسىمگە كەلدى ، «ئۈرۈمچىدە تاش ياغدى » ، « ئۈرۈمچىدە بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى» ... دىگەندەك يالغان ماۋزۇ قويۇلغان تېمىلارنى يوللاپ مۇنبىرىمىزنى قالايمىغان قىلىپ يۇرگەن بۇ يوغان باش پال كۆزنى ئۆلتۈرۋەتسەم كىم رەنجىيتتى ، ئۇنى ئۆلتۈۋەتسەملا مۇنبىرىمىزنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلىنىپ ئەزالارنىڭ تۇرمۇشى پاراۋان ، قورسىقى توق كىيمى پۈتۈن بولىدۇ ..... ھەممە خۇش بولىدۇ .
تۇيۇقسىز ئىسىمگە بىر ئىشلار كەلدى ، ئۇ شۇ تېمىسىغا نىمە ئۈچۈن شۇنداق ماۋزۇ قويغان ، بەزى قاملاشمىغان ئەزالاردەك ئاۋاتلىقىنى( 人气 ) ئاشۇرمەن دەپ شۇنداق قىلغانمۇ ؟ ياق ، ياق ياق ئۇ بىر خاسىيەتلىك ئىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدىغۇ ، ئۇ زادى ياخشىمۇ يامانمۇ ؟ ئەمدى ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى كۆز ئالدىمدا بىر -بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى ، بىرىنجى قېتىم شەبنەم باشقۇرغۇچىلىرىنى يىنىدىن پۇل چىقىرىپ چاقىرىپ يىغىلىش ، مۇھاكىمىنى ئۇيۇشتۇرغان دەل شۇ ئىدىغۇ ، شۇ كۈنى مەن ماتىماتىكا ، مۇسەللەس ئاكىلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ كىيىنكى قېرىنداشلاردەك ئۆتىدىغان كۈنلەرگە ئۇل سالغان ئىدىمغۇ ، شۇ كۈنى بەك كەچ بولۇپ كەتتى ، مەن مەكتەپكە قايتاي دىسەم ئۇ ئۇنمىغىنىمغا ئۇنىماي ئۆز ئۆيىگە باشلاپ ئىلىپ كەتمىدىمۇ ، تېخى مېنى ياخشى ئارام ئىلىۋالسۇن دەپ ئەتىسىمۇ مەن ئۇيغانغىچە بىشىمدا ماڭا قاراپ ئولتۇرغان ئەمەسمۇ ؟ چىرايلىق يەڭگەممۇ شۇ كۈنى ئەتتىگەنلىك مول ناشتىلىق تەييارلاپ بىز بىلەن ئىچىلىپ - يىيىلىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەپ ماڭا ئۆز ھەدەمدەك شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئىدىغۇ ...
ئۈرۈمچىنىڭ ئۇزۇن يوللىرى بىرەر يەرگە بىرىش ئۈچۈن ئاپتۇبۇستا بىرەر سائەت ئولتۇرۇش دىگەن
ھىچقانچە گەپ ئەمەستە شۇنچە ماڭسام يەنە تېخى خىلى باركەن مەنزىلگە ...
يەنە خىيال باشلاندى ...
شەبنەم يىغىلىشىدىكى ئاشۇ كۈن سەھەردە تېلفۇنۇم شۇنداق سايراپ كەتتى ، «بولە ئۇكام بىز دىگەن ھىساپتا ساھىپخان ، باشقىلاردىن بالدۇراق بىرىپ تەييارلىق قىلغاچ تۇرايلى !»
چۈشكە يىقىن يىغىلىدىغان يەرگە سەھەردە بارسام ھىچكىم يوق «ئۆسۈملۈك باغچىسى» نىڭ ئالدىدا خىلى ئۇزۇن تۇرسام ئۇ يوق ،«خەپ ، سەن مېنى كەل دەپ قويۇپ ئۆزەڭ تېخىچە يوق »...
ئۇكام كەلدىڭما ؟ شۇ چاغدا كەينىمگە قارىسام باغچا ئىچىدىن ئۇنىڭ كۈلمسىرەپ تۇرغىنى كۆرۈندى ، ئۇ شۇ كۈنى بارچە ساھىپخانىلىقنى قىلدى ، مېنى ئۇنى قىلە ، بۇنى قىلايلى دەپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدۇردى ، ئۇنىڭ شۇ كۈنكى قىلغىنىغا قاراپ ئۇنىڭ شەبنەمنى قانچىلىك سۆيىدىغىنىنى ھىس قىلغان ئىدىم ، ئۇ ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە ناھايىتى زور بىر ھۆرمەت تۇيغۇسى پەيدا قىلغان ئىدى.
ئۇ ياخشى ئوخشايدۇ جۇمۇ ،
مەنمۇ مەنزىلىمگە كىلەي دەپ قالدىم ، ئەمدى ماشېنىدىن چۈشۈپ تۇرىشىمغا بىكەتتە ماڭا قاراپ بىرىنىڭ «يوغان» كۆزلىرىنى قىسىپ تۇرۇپ كۈلگىنىنى كۆردۈم ، يۇگىرەپ بىرىپ ئۇنى شۇنداق قۇچاقلىدىمكى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتناشقان بوۋىلىرىم ، جەڭدىن كىيىن ئۆزىنى سەبداشلىرىنى چەكسىز ، مۇھەببەت ، ھۆرمەت ، قايىللىق ...» بىلەن قۇچاقلىغىنىدەك چىڭ قۇچاقلىدىم .
ئۇ _ نىمە بولدۇڭ ئۇكام ، بەكلا سېغىندىڭمۇ نىمە بىزنى ، بايا كەلمەيمەن دەۋاتاتتىڭ ...
مەن _ ئاكا ئەمدى، سېنى قەتئىي ئۆلتۈرمەيمەن
ئۇ _ نىمە ؟ ئۆلتۈرمەيمەن ...
مەن _ سەن مۇسەللەسكە زورلىما ، مەن سېنى قەتتى ئۆلتۈرمەيمەن
ئۇ _
شېئىرنىڭ نوچىسى مۇخەممەس
ھاراقنىڭ نوچىسى مۇسەللەس
ھۆرمەت بىلەن چىمبۇلاق