>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> قانۇندىن ساۋات -> نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتكە كۆمۈلگەن ئاپەت

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 574 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتكە كۆمۈلگەن ئاپەت IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
lutfi101

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 48
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 480 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتكە كۆمۈلگەن ئاپەت

نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتكە كۆمۈلگەن ئاپەت


2 – ئاينىڭ 19 – كۈنى كوچا – كويلارغا رەڭگارەڭ پانۇسلار ئېسىلىپ، خۇشاللىققا چۆمگەن شىخەنزە شەھىرىدە كىشىلەر ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن چاغاننى قۇتلۇقلاۋاتاتتى. چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇق – تۇغقانلار جەم بولغان بىر ۋاقىتتا، بىر تاكسى ئىچىنى ئۈلۈم ۋەھىمىسى قاپلاپ ئەجەل تاكسى شوپۇرىغا شەپىسىز يېقىنلاشماقتا ئىدى...............
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونلاردا بىر شەھەر ئاھالىسى تيەنيى خىمىيە زاۋۇتى دەرۋازىسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە <سانتانا> ماركىلىق كىچىك قىزىل پىكاپ چىقىرىغىنىڭ يېنىق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ پىكاپنىڭ يېنىغا باردى. پىكاپتا پۈتۈن قاب بىر ئەر ياتاتتى...ئۇ ئالدىراش <110> غا تېلېفون بەردى.
شىخەنزە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەترىتىدىكى خادىملار دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، پىكاپنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. پىكاپتا ياتقان ئەرنىڭ قورساق، بەل ۋە قولىنىڭ نۇرغۇن جايلىرى جاراھەتلەنگەنىدى. بوينىدىكى جاراھەت يولۇنغىچە سوزۇلغانىدى. قانۇن دوخـتۇرلىرى ئۆلگۈچىنى قەستەلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ بېكىتتى. ساقچىلار تەكشۈرۈپ ئۆلگۈچىنىڭ ئىسىمىنىڭ سى جيەنشىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەككە تاكسى شۇپۇرى بولۇپ، شىخەنزە شەھەرلىك 6 – بىناكارلىق – قۇرۇلۇش شىركىتى ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. 45 كۈن ئەتراپىدا رازۋىدكا قىلىش ئارقىلىق ساقچىلار بۇ ۋەھشىيانە قاتىللىق دېلوسىنىڭ يۈز بېرىشىگە نىكاھ سىرتىدىكى مۇھەببەتنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىنىقلاپ چىقتى.


پالاكەتكە تۇتاشقان مۇھەببەت



قاتىل شىخەنزە شەھەرلىك 6 – بىناكارلىق قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ياردەمچى ئېنژىنىرى ليۇيەنگاڭ ئىدى. قابىلىيەتلىك ھەم چىقىشقاق ليۇيەنگاڭنى ئىدار 2006 – يىلى 8 – ئايدا نىڭشىيانىڭ ۋۇجۇڭ شەھىرىدىكى خۇڭسىباۋدىكى يىڭجۇڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئورنى ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قىلىپ ئەۋەتتى. ئۇ شۇ يىلى 9 – ئايدا خىزمەت ئورنىغا بېرىپ ماتېرىيلا بۆلۈمىدىكى سۈن لىڭ بىلەن بىرگە ئىشلىدى.
ليۇيەنگاڭنىڭ خوتۇنى بىر شىركەتنىڭ كاسسىرى بولۇپ، قىزىمۇ بويىغا يېتىپ قالغانىدى. 2002 – يىلدىن باشلاپى، ئەر – خوتۇن ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى سۇسلاپ قالدى. خوتۇنى بانكىغا ئامانەت قويغان پۇلنى ئىشلىتىپ ئاپىسىغا ئۆي ئېلىپ بەرگەنىدى. بۇ ئىشتىن ليۇيەنگاڭنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى. ئۇ بۇ ئىشنى ئوققاندىن كېيىن خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ كەتتى. كۆپ ئۆتمەيلا يەنە يارىشىۋالدى. لېكىن خوتۇنىنىڭ <كونا كېسىلى> قوزغىلىپ يۇشۇرۇن پۇل يىغدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ليۇليەنگاڭ خوتۇنى بىلەن ئۇرۇشتى. ئىككىسى نەچچە ئايغىچە گەپلەشمەي يۈردى.
ليۇليەنگاڭغا قارىغاندا سۈن لىڭنىڭ قىسمىتى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئېرىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلىپ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولمىغانىدى. ئۇ بىر بالىسى بىلەن تۇل ئۆتۈشكە باشلىدى. سۈن لىڭ 2002 – يىلى خوتۇنىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن سى جيەنشىن بىلەن توي قىلدى. ھەر ئىككىسىنىڭ بالىسى بولسىمۇ ئۇلار ئىجىل ئىناق ئۆتتى. سى جيەنشىن پىكاپ سېتىۋېلىپ تاكسىچىلىق قىلماقچى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قالدى. سۈن لىڭ ئۆي خېتىنى گۆرۈگە قويۇپ سى جيەنشىننىڭ بىر ئاغىنىسىدىن 50 مىڭ يۈەن قەرز ئالدى ۋە يەنە ئازراق ئالدى پۇلىنىڭ ئېپىنى قىلىپ پىكاپ سېتىۋالدى. سى جيەنشىن سەھەر چىقىپ كېتىپ كەچ قايتاتتى. قار – يامغۇر دېمەي بېرىلىپ ئىشلەيتتى. ھەر كۈنى ھېرىپ – ئېچىپ كېلىپ يەنە ئۆي ئىشلىرىنى تالىشىپ قىلاتتى. سى جيەنشىن سۈن لىڭنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇ جاپا تارتىشقا رازى ئىدى. بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سۈن لىڭنىڭ ئېرى بولغان مۇھەببىىتى ئاستا – ئاستا سۇسلىشىشقا باشلىدى. ئېرى كۈن بۇيى سىرتتا يۈرگەچكە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدىغان چاغلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى. سۈن لىڭ تۇرمۇشتىن زېرىكىشكە باشلىدى. ۋۇجۇڭ شەھىرىدىكى قاقاسلىققا جايلاشقان تۆمۈريول قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ گەپدان ھەم چاققان ليۇليەنگاڭ بىلەن تۇنۇشقاندىن كېيىن، كىشلەرنىڭ كۆيۈنىشىگە ئىنتىزال بولۇپ يۈرگەن سۈن لىڭ قەلبىدە ئوتلۇق ھېسسيات پەيدا بولدى. ئۇ ليۇليەنگاڭنىڭمۇ ئۆزىگە ئوتلۇق مېھرى بىلەن قارايدىغانلىقىنى بايقىدى.
كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ليۇليەنگاڭ بىلەن سۇن لىڭنىڭ پارىڭىمۇ كۆپەيدى. ليۇليەنگاڭ ھەمىشە سۈن لىڭغا ناشتىلىق ئالغاچ كېلەتتى. چۈشلۈك تاماقنى بۇيرۇتۇپ قوياتتى. ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى. غەمخۇرلۇق قىلاتتى. ئەقىللىق سۇن لىڭ ليۇليەنگاڭنىڭ كىيىملىرى كىر بولۇپ كەتسە، يۇيۇپ دەزماللاپ بېرەتتى. ليۇليەنگاڭ سۈن لىڭنى ھېرىپ قالمىسۇن دەپ كىيىملىرىنى ھەمىشە ئۆزى يۇيۇشقا ئۇرۇناتتى. بۇنىڭدىن سۈن لىڭنىڭ كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ قالاتتى.
10 – ئاينىڭ باشلىرى ھاۋا سۇۋۇشقا باشلىغانىدى. سۈن لىڭ ماگىزىندىن يىپ سېتىۋېلىپ، ئاخشىمى ليۇليەنگاڭغا پوپايكا توقۇدى. پوپايكىنى كىيىپ سۆيۈنۈنۈپ كەتكەن سۈن لىڭدىن مىننەتدار بولۇپ ماگىزىندىن بىر قانچە قۇر مودا كىيىم ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. ھەر ئىككىسى ئۆز ئائىلىسىدىن ئاغرىناتتى. ئوتتۇرىدىكى ھېسسىياتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككىسى كونا ۋە يېڭى ئىشلار توغرۇلۇق پاراڭلىشىدىغان بولدى. ليۇليەنگاڭ <خوتۇنۇم جاھىل، ئوتتۇرىمىزدا ئىشەنچ ھەم ئورتاقلىق يوق، پۇلغا كەلگەندە ئالا كۆڭۈللۈك قىلىدۇ، مەندىن يۇشۇرۇن پۇل خەجلەيدۇ> دەپ دادلاپ بېرەتتى. سۇن لىڭمۇ <ئېرىمنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدۇ، پۇلنى جېىنىدىن ئېزىز بېرىدۇ، توي قىلغىنىمىزغا بەش ئالتە يىل بولدى، ماڭا پەقەت بىر شىلەپىدىن باشقا نەرسە ئېلىپ بەرمىدى، ھەتتا ئالىي مەكتەپتە ئوغلىنىڭ ئوقۇش پۇلىنىمڭ قېيىنسىڭلىسى جۆندەپ بەردى، ئېرىمنىڭ كارى بولمىدى، ئىچىم بەك سىقىلىپ كېتىدۇ> دەپ زارلىدى................
ئۇلارنىڭ پارىڭى بىر يەردىن چىقىپ بىر – بىرىگە ئۇچراشتۇرۇپ قويغان تەقدىرگە مىڭ مەرتىۋەرەھمەت ئېيتىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆڭۈللىرىدە ئۇزۇندىن بويان يۇشۇرۇنۇپ ياتقان ھېسسىيات دۇلقۇنلاپ، ئۆزلىرىنى باسالماي قېلىشتى.
ليۇليەنگاڭ سۈن لىڭ بىلەن خوتۇنىنى قايتا – قايتا سېلىشتۇرۇپ كۆردى. سۈن لىڭ چىرايى ۋاي دىگۈدەك بولمىسىمۇ، كىشىگە كۆيۈنىدىغان، ئوچۇق- يورۇق ، گەپ – سۆزلىرى جايىدا ئايال ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ئاياللارنى ياخشى كۆرۈدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سۈن لىڭغا يۈرەكلىك ھالدا كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى. ليۇليەنگاڭ ئىشخانىدا ئادەم يوق چاغدا ياكى ئىشخانىدا ئادەم بولسا،تالاغا چىقىپ ئۇنىڭغا :<سىز ئەڭ سۆيۈملۈك ..........> دەپ ئۇچۇر يوللايتتى.
سۈن لىڭ ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم نىكاھلىنىشىنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى، ليۇليەنگاڭ بىلەن مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى ئوبداق بىلەتتى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئائىلىسى بار ئىدى. سۇن لىڭ بالىنى ئويلاپ دىلغۇل بولدى ھەم ئۆزىنى ئەيىبلىدى. لېكىن ليۇليەنگاڭنىڭ ھەر جەھەتتىن ئېردىن ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ھەقىقىي مۇھەببەتكە يېڭىباشتىن ئېرشىسە، ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ئۆكۈنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ مۇھەببەتلىك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ تۇرۇپ ليۇليەنگاڭغا ماقۇل بولدى. شۇندىن ئېتىبارەن. ئىككىسى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن داۋاملىق شىخەنزە <خەلق> مەيدانىغا بېرىپ سالقىندايتتى. گەپ قېلىشماي، ئاستا مېڭىشمۇ ئۇلارغا راھەت تۇيۇلاتتى. ئۇلار بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىشىتى.
مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى تېزلا كۈچەيدى. 10 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۇلار دالىغان بېرىپ، ئەخلاق چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار يېقىن ئەتراپتىكى مېھمانخانا ۋە مېھماسارايلارغا ېبرىپ <ئوتلۇق مۇھەببەت> نىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە باشلىدى. سۈن لىڭ شادلىق ئىچىدە خۇدىنى يوقاتتى، ليۇليەنگاڭ ۇنىڭ بىلەن بۇرۇنراق تونۇشۇپ قالمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئۆز – ئۆزىگە كۆڭلىدە <سۈن لىڭ ھېسسىياتىى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەن ئايال بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن سۆيگۈ ھېدىنى تېپىش كېرەك > دېدى.


(ئاخىرىنى ئەتە يوللايمەن ...............)



مەنبە <ئامانلىق> ژورنىلىدىن ئېلىندى.


___ بىپەرۋا تەستىقلىدى .


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 21:48 چوققىغا قايتىش
bilgar
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 424
شۆھرەت: 425 نۇمۇر
پۇل: 4240 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:297(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-12-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەستا قاچان ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئەتە بولار...................؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟


خوشاللىق ئەتراپىڭىزدىلا..
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 22:55 چوققىغا قايتىش
TIRIXQANBALA

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 514
شۆھرەت: 515 نۇمۇر
پۇل: 5140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:111(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-08-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئادەمنى تەققەزا قىلماي بىراقلا يوللۇماپسىز ھەممىنىلام ،ەتىگىچە ئالدىراپ كىتىدىغان بولدۇمدە ؟

Nurluk elani
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 22:56 چوققىغا قايتىش
ظةينةك

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەجەپكەنسىز بىراقلا يوللىغان بۇلسڭىزچۇ؟.......................................................

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 00:36 چوققىغا قايتىش
butterfly

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 733
شۆھرەت: 754 نۇمۇر
پۇل: 7170 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:653(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يوللانماي قالمىسۇن ،

Nurluk elani

قۇرئان چۇشۇرۇشنى، ئاڭلاشنى ۋە دوستلشىشنى خالايدىغان ئۇچۇن :
http://cn.zorpia.com/ALQURAN
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 01:11 چوققىغا قايتىش
YuLtuz222

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 821
شۆھرەت: 845 نۇمۇر
پۇل: 6002 سوم
تۆھپە: 7 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:304(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-04-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


يىرىمىغا كەلگەندە ھىرىپ قاپسىزدە،ھە،،بوپتۇ ئەتە كۆرەمىز،،،،،،،،،،،،،،،،،

Nurluk elani

مۇھەببەتنى ھەددىدىن ئارتۇق قوغلىشىش ئادەمنىڭ ماھىيەتلىك قىممىتىنى مۇقەررەر يۇسۇندا تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ .
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 01:18 چوققىغا قايتىش
lutfi101

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 48
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 480 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:16(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قاتىللىق قىلىش ۋەسۋەسىسى

دۇنيادا شامال ئۆتمەيدىغان تام يوق، ليۇليەنگاڭ بىلەن سۈن لىڭنىڭ يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى خىزمەتداشلىرى بارا – بارا سىزىپ قالدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن گەپ – سۆزلەر تارقالدى. كىشىلەر لىيۇليەنگاڭنى كۆرسىتىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشتى. ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ليۇليەنگاڭغا بۇ ئىش ئېغىر كەلدى.
1 – ئاي كىرىپ ئەتراپنى قار – مۇز قاپلاپ،يەر توڭلاپ تاشتەك قېتىپ كەتتى. قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىش توختىدى. سۈن لىڭ چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئۆيىگەا كەتتى. ئىش ئورنىدا قېپقىلىشنى ئويلىغان ليۇليەنگاڭ زېرىكىپ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولۇپ كەتتى. ئۇ مۇنداق بىر ئىشنى چۈشەندى: باشقىلارنىڭ سۆز – چۆچەكلىرىگە قالماسلىق ئۈچۈن ئۇلار جۆرىلىرىدىن ئاجرىشىپ، ئاندىن قانۇنلۇق بىرگە ئۆتۈش كېرەك. ئۇ خوتۇنى بىلەن ئاجرىشىپ توغرۇلۇق باھانە – سەۋەب ئۈستىدە ئويلىشىپ يۈرگەن چاغدا خۇتۇنىدىن تويۇقسىز تېلېفون كېلىپ قالدى. خوتۇنى تېلېفوندا ئۇنىڭ نەچچە ئايدىن بېرى ئۆيگە بىر تىيىنمۇ ئەۋەتمىگەنلىكىدىن ئاغرىنىپ كايىپ كەتتى. ليۇليەنگاڭ بىر پەس جىمىپ كەتكەندىن كېتىپ، ئاندىن ۋارقىراپ:
__ بولدى، سەن ئوبدانراق ئويلان، يا پۇلنى ئال، يا ئۆينى ئال، بالدۇر ئاجرىشىپ كېتەيلى، بولمىسا چاغاندىمۇ قايتمايمەن، __ دېدى. ئىككى قېتىم ئېرىدىن بىسوراق پۇل ئىشلىتىپ قويۇپ، ئېرىغا يۈز كېلەلمىگەن خوتۇنى دەرھال گېپىنى ئوڭشاپ:
__ ئاچچىغىمدا چېچىلىپ سالدىم، ئۇنچىۋالا قايناپ كەتمە، -__ دېدى.
ليۇليەنگاڭغا خوتۇنى تېلېفون بەرگىنى باھانە بولدى. 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئۇ مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئىش ئورنىدىن ئالدىراش قايتتى. ئۇنىڭ مەقسىتى خوتۇنىدىن ئاجرىشىپ سۈن لىڭ بىلەن توي قىلىش ئىدى. سۇن لىڭنى سېغىنىپ كەتكەن ليۇليەنگاڭ ئۇدۇل ئۆيگە قايتماي، بىر مېھمانخانىدىن ياتاق ئېچىپ ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇردى. ئۇلار توي قىلىش توغرىسىدا توختالدى. ليۇليەنگاڭ سۇن لىڭغا ۋەدە بېرىپ: مەن ئۆمرۈمدە سىزدىن باشقا ھېچكىمنى ئالمايمەن!> دېدى. ئۇلار بىر – بىرىنى ياخشى كۆرۈپ ئۆمۈرۋايەت بەختلىك ياشا ش ئۈچۈن، ليۇليەنگاڭ ئۇنى دەرھال ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىشكە ئالدىراتتى. ليۇليەنگاڭنىڭ كۆڭۈل ئىزھارىنى ئاڭلاپ سۈن لىڭ خۇشال بولدى ھەم ئىككىلىنىپ قالدى. ليۇليەنگاڭنى قوينىدا يېتىپ نازلانغان ھالدا:
__ مەن ھازىر ئېرىمدىن ئاجرىشىشقا باھانە تاپالمايۋاتىمەن، نىڭشياغا بارغاندا بىر نەرسە دېيىشەيلى__دىدى.
__ ياق، مەن سىزدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلالمايمەن، سىز دىلىغۇل بولماڭ، بۇنداق يۈرۈۋەرسەك باشقىلارنىڭ ئالدىدا سەت بولىدۇ__ دېدى.
سۈن لىڭنىڭ چىرايى بىر قىسما بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغۇسى ھەم ليۇليەنگاڭدىن ئايرىلىپ قالغۇسى يوق ئىدى.
ئارىدىن يەنە ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى، سۈن لىڭ ئېرىدىن ئاجرىشىش ئىشىشغا ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. ليۇليەنگاڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان سۈن لىڭنىڭ كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقىدىن بىر قارارغا كېلەلمەيۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئۆيدە ئاچچىقىنى باسالماي ئۇيان – بۇيان ماڭاتتى. 2 – ئاينىڭ 17 – ۈكنى ليۇليەنگاڭ سالپايغان پېتى مايتاغدىكى ئاپىسنىڭ ئۆيىگە كەلدى. كەچتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بېرىلگەن چاغانلىق كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنى خۇشياقمىغان ھالدا كۆردى. كېچىچە كۆزىگە ئۇيقا كەلمىدى. ليۇليەنگاڭ <ياخشى ئىش> نى يامان تەرەپكە تارتىۋاتقان مەسئۇلىيەتنى سۈن لىڭنىڭ ئېرى سى جيەنشىندىن كۆردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلۈم ھادىسىسىنى پەيدا قىلىشنى ئويلىدى. ئۇنىڭچە سۈن لىڭنىڭ ئېرى سۈن جيەنشىن بۇ دۇنيادىن يۇقالسا، سۈن لىڭ غەمدىن خالاس قىلىش مۇمكىن ئىدى. ئۇ سۈن لىڭنىڭ ئېرىنى چاغانغىچە بىر ياقلىق قېلىۋېتشىنى ئويلىدى. شۇنداق قىلغاندا چاغاندىن كېيىن، سۈن لىڭ بىلەن بىللە ئىش ئورنىغا قايتاتتى. كەينىدىن سۆرەۋەرسە ئىككىسىنىڭ ئىشى قاچان ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى ئۇنىڭغا قاراڭغۇ ئىدى.
ليۇليەنگاڭ سى جيەنشىن بىلەن تونۇشمايتتى،لېكىن بىر قېتىم ماجياڭ ئويناۋىتىپ ليۇليەنگاڭ سى جيەنشىننىڭ سىڭلىسىدىن ئۇنىڭ ئىسم كارتۇچكىسىنى ئېلىۋالغانىدى. بۇنىڭدا سى جيەنشىننىڭ تېلېفون نومۇرى بار ئىدى. 2 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاتا- ئانىسىنىڭكىدە چاغان ئۆتكۈزۋاتقان ليۇ ليەنگاڭ ئۆزىنىڭ بىر قانچە ساۋاقداشلىرىنىڭكىگە چاغانلاپ بارىدىغانلىقنى ئاتا-ئانىسىغا دەپ قويۇپ سىرتقا چىقتى. ئۇ ئەمەلىيەتتە شىخەنزىگە بارىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقتى. ئىككى سائەتتىن كېيىن،ليۇ ليەنگاڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۆتكۈر پىچاقتىن بىرنى يېنىغا سېلىپ، ئاممىۋى تېلېفون بوتكىسىغا باردى. ئۇ << ئا جىڭ >> دېگەن ئىسىم بىلەن سى جيەنشىنغا تېلېفون بەردى ۋە ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ نەرسە – كېرەك سېتىۋالغىلى خىمىيە زاۋۇتىغا، ئاندىن دېھقانچىلىق 1- ليەنىگە بارىدىغانلىقنى ئېيتتى. سى جيەنشىن ھايال بولمايلا تاكسىنى ھەيدەپ،6-بىناكارلىق – قۇرۇلۇش شىركىتى دەرۋازىسى ئالدىغا كەلدى. ليۇ ليەنگاڭ تاكسىنىڭ كەينىدە ئولتۇرۇپ،سانائەت رايونىغا بارىدىغان يولنى كۆرسىتىپ ماڭدى. تاكسى خىمىيە زاۋۇتىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ليۇ ليەنگاڭ يولدا ئادەملەرنىڭ شالاڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،رەزىل قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ،سى جيەنشىننىڭ بوينىغا تىرەپ:
_ پۇلۇڭ بارمۇ،بولسا چىقار،_دېدى.
قاتتىق قورقۇپ كەتكەن سى جيەنشىن تىترەپ كەتتى.ئۇنىڭ كاللىسىدىن :<< مەن بۇلاڭچىغا ئۇچراپتىمەن>>دېگەن خىيال كەچتى،ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ:
_ بۇنداق قىلىپ تۇرىۋالساڭ ساڭا پۇلنى قانداق بېرىمەن؟_ دېدى.
گەپنى ئاز قىلىپ تېزېەك بول ! _ دېدى ليۇ ليەنگاڭ ياۋۇز قىياپەتتە.
سى جيەنشىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ سول قولى بىلەن ليۇ ليەنگاڭنىڭ قولىدىكى پىچاقنى تۇتىۋېلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. ليۇ ليەنگاڭ پىچاقنى كۈچەپ تارتىپ، سى جيەنشىننىڭ قولىنى يارلاندۇردى،ئاندىن ئۇنىڭ بوينىغا زەردە بىلەن پىچاق ئۇردى. ئاندىن سول قولى بىلەن ئۇنىڭ بوينىنى تۇتۇپ پىچاقنى خۇددى قوي بوغۇزلىغاندەك سى جيەنشىننىڭ بوينىغا سۈركىدى. قىپقىزىل قان ئېتىلىپ چىقتى. سى جيەنشىن جىمىپ،ئورۇندۇقتا يېتىپ قالدى. سى جيەنشىن كۆزىنى يۇمۇپ_ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ھەسرەت بىلەن بۇ دۇنيادىن كەتتى.
ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، سى جيەنشىن بىكاردىن بىكار ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ قاتىلنىڭ كىملىكىنى،قاتىلنىڭ ئۆزىگە نېمىشقا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيل كېتىپ قالدى. ليۇ ليەنگاڭ سى جيەنشىننىڭ ئۆلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،ئۇنىڭ بەل،كۆكرەك قىسىملىرىغا قالايمىقان پىچاق تىقىپ،تاكسىدىن چۈشۈپ بەدەر تىكىۋەتتى. ئۇ قاتىللىق قورالىنى ئۆيىگە تىقىپ قويۇپ،قان يۇقى كىيىملىرىنى يۇيدى، ئاندىن مىنىبۇسقا چۈشۈپ ئانىسىنىڭكىگە قايتتى. ئۇ كارۋاتتا يېتىپ بايا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئازراقمۇ خۇشال بولمىدى. ئەكىسچە،ئەڭ دەھشەتلىك ئازابقا دۇچار بولغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ تۈنۈگۈن كېچىدە ئۆزى سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكىگە،ياۋۇزلارچە قاتىللىق دېلوسىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.لېكىن بۇ قاتىللىقنى ئۇ ئۆز قولى بىلەن قىلغانىدى.
ئۇ دېرىزىدىن سىرتتا لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا قاراپ،تەڭرى ھەممە نەرسىنى قېلىن قار بىلەن يېپىۋېتىدىغان بولدى،جىنايىتىمنى ھېچكىم بايقىيالمايدىغان بولدى، دەپ خام خىيال قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلى سەل ئارام تاپقاندەك بولدى. ئۇ ئۆزىنى پۇختا ئىش قىلدىم،دېلو يۈز بەرگەن كۈنى كېچىسى مىنىڭ شىخەنزىدە ئەمەس، بەلكى مايتاغدا ئىكەنلىكىمنى ئۆيدىكىلەر ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، دەپ چوت سوقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قوللانغان ۋاستىسىنىڭ << دانا >> لىقىنى، پات ئارىدا سۈن لىڭ بىلەن بەختلىك ئائىلە قۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇخلاپ قالدى. چاغاننىڭ ئۈچىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن،ليۇ ليەنگاڭ شىخەنزىگە قايتىش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز مايتاغ يولۇچىلار بېكىتىگە كەلدى. ئۇ بېكەتتە تۇغقان يوقلاپ مايتاغقا كەلگەن سۈن لىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئىككىسى بىر ئاپتۇبۇسقا چىقتى،يېرىم يولغا كەلگەندە سۈن لىڭنىڭ يانفونى سايراپ كەتتى. تېلېفوندا قېينسىڭلىسى ئۇنىڭغا : << ئاكام ھادىسىگە يولۇقۇپتۇ >> دېدى. ليۇ ليەنگاڭ كۆيۈنگەن قىياپەتتە ئۇنىڭدى ئۇنى – بۇنى سورىدى. ئاپتوبۇس شىخەنزىگە يېتىپ كەلدى. ئېرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان سۈن لىڭ يىغلاپ كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى. ليۇ ليەنگاڭ سۈن لىڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى ۋە يالغاندىن ياش تۆكتى. سى جيەنشىننىڭ مېيىتىنى ئۇزىتىدىغان كۈنى ليۇ ليەنگاڭ ئاخىرەتلىك ئىشلارغا قارىشىپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى. سۈن لىڭ ۋە سى جيەنشىننىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇشتى. ھەممە ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن،يەنى 2- ئاينىڭ 26-كۈنى ليۇ ليەنگاڭ خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ خوتۇنى بىلەن ئاجراشتى- دە،كەينىگىمۇ قارىماي كېتىپ قالدى.
ليۇ ليەنگاڭ قانداق قىسمەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى.3- ئاينىڭ 5-كۈنى ليۇ ليەنگاڭ سۈن لىڭنى باشلاپ ئىش ئورنىغا كەلدى.100 مىڭ يۈەننى سۈن لىڭغا بېرىپ،ئۇنىڭ نامىدا بانكىغا بويغۇزدى. ئۇ سۈن لىڭ بىلەن توينىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ يۈردى.4-ئاينىڭ 2-كۈنى تاڭ سەھەردە ليۇ ليەنگاڭنىڭ ئىشىكى قاتتىق چىكىلدى،ئۇ ئىشىكنى ئاچتى،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا شىخەنزە شەھىرىنىڭ ساقچىلىرى تۇراتتى،ئۇ چىرايى تاتىرىپ،پۇتلىرى بوشىشىپ،يەردە ئولتۇرۇپ قالدى،ئاغزى گەپكىمۇ كەلمىدى. پېشانىسىدىن تەپچىرەپ چىققان سوغۇق تەر ئۇنى ئۈمىدسىزلىك ۋە قورقۇنچ ئىچىگە باشلاپ كىردى.
ليۇ ليەنگاڭ ئۆمرىنى<< پارلاق>> قىلىدۇ دەپ ئويلىغان ئايالغا ئېرىشىش ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، ئۇرۇق-تۇغقان،دوست – بۇرادەرلىرى ۋە خوتۇنىنى نابۇت قىلىپلا قالماي،ئۆزىنىمۇ نابۇت قىلدى. ساقچىلار ئۇنىڭ قولىغا كويزا سالغاندا،100 مىڭ يۈەننى سۈن لىڭدىن قايتۇرۇۋېلىپ خوتۇنىغا ئىشلىتىشكە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
سۈن لىڭ ئېرى سى جيەنشىنىڭ ليۇ ليەنگاڭنىڭ قولىدا ئۆلگەنلىكىنى بىلىپ،ئېغىر قايغۇغا پاتتى. ئەمما سۈن لىڭنىڭ بۇنىڭغا زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمىدى،ئۇ ليۇ يەنگاڭ ياخشى ئەر، بۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ،ج خ ئورۇنلىرى ئۇنىڭغا ئۇۋال قىلدى دەپ، ليۇ ليەنگاڭغا چاپان ياپتى،ئۇنى ئاقلىدى، جاۋابكارلىقتىن قاچۇردى. ليۇ ليەنگاڭ بىلەن يوشۇرۇن ئۆتكۈزگەن ئىشقىۋازلىق كەچۈرمىشلىرىنى تەن ئالمىدى. 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ليۇ ليەنگاڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن جىنايى ئىشلار بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلدى.  


تۈگىدى.


Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 16:31 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-09 06:31, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije