>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> قۇتادغۇبىلىك -> ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 100 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
sadakat1
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 228
شۆھرەت: 251 نۇمۇر
پۇل: 2300 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:87(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ

قابۇسنامە بىرىنچى باپ
                            <ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ>

ﺋﻪﻱ ﺋﻮﻏﯘﻝ، ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯔ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ ، ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﯘ ﺟﺎﮬﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺷﻪﮬﯟﻩﺕ ( ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﺎ ) ﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.ﺋﺎﺗﺎ-ئانىلارنىﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
      ﺋﻪﻱ ﺋﻮﻏﯘﻝ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﯞﻩ ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ-ﺯﺍﺗﯩﯖﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻐﺎﻳﺴﻪﻥ. ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻠﯩﯖﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ. << ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺑﺎﺭ؟ ؟ >> ﺩﯦﻤﻪ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺳﯧﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﺩﻯ . ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ، ﺳﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩﺪﯨﯔ .ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﯞﯗﺟﯘﺩﯨﺪﯨﻦ ﺳﯧﻨﻰ ﺗﯘﻏﯘﭖ ، ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺟﻪﺑﯩﺮ-ﺟﺎﭘﺎﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﯩﺮﺍﭖ ،ﺗﻪﺭﺑﯩﻠﻪﭖ ، ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﺘﻰ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺳﯧﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯘﺭﻣﯩﺴﻪ ، ﺳﻪﻥ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯔ ﯞﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﻚ --- ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﺗﺘﯩﯔ ؟ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺳﺎﯕﺎ ﺯﯙﺭﯛﺭﻯ، ﺋﯚﺯ ﺟﯧﻨﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﻳﺴﻪﯓ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻳﺴﻪﻥ ، ﺋﺎﺗﺎ -ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻥ --- ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .
    ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﻤﺎﻕ ﭘﻪﺭﺯﺩﯗﺭ . ﺋﺎﻟﻼ ﺗﺎﺋﺎﻻ : << ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﯕﻼﺭ >> ﺩﻩﻳﺪﯗ . ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﻣﺮﯨﺪﯨﻜﻰ << ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ >> ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ . ﺋﺎﻟﻼ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﻰ ﺧﻮﺭﻟﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮔﯜﺯﻩﻝ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ، ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺩﯨﻦ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻣﯩﺴﻪﯕﻤﯘ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭ ، ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﯖﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﯚﺳﯘﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﯖﮕﻪ، ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ ،ﺳﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﭖ ،ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﯓ ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ . ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﺭﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
      ﺳﻪﻥ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﯖﺪﯨﻦ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ، ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻐﺎ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯔ ﻻﺯﯨﻢ . ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻐﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﯖﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ، ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﺋﯧﻜﺮﺍﻡ ﯞﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺑﺎﻻ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺳﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ دەرەخكە ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﻪﻥ ، ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﯔ ﺷﯘ ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﻩﺧﻨﯩﯔ ﻣﯧﯟﯨﺴﻰ . ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ،ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ --- ﺩﯗﺋﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺴﻪﻥ . ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﺳﻰ ﺋﯩﺠﺎﯞﻩﺗﺘﯘﺭ . ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺗﻪﯕﺮﯨﻤﯘ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﻪﻱ ﺋﻮﻏﯘﻝ: << ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ،ﭘﯘﻝ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ >> ﺩﯦﻤﻪ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﮕﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪ . ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯓ ﺋﯚﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﻪﻥ ﺋﯚﻟﺴﻪﯓ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ؟
      ﺋﻪﻱ ﺋﻮﻏﯘﻝ ، ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﻣﺎ ، ﮬﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﻩ، ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻠﯧﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯚﺯ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﯕﻐﺎ ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻞ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﻳﻮﻗﺴﯘﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ ،ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﺋﯩﻠﻤﯩﯔ ،ﮬﯜﻧﻪﺭ-ﻛﻪﺳﭙﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ،ﺑﺎﻳﺴﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﺑﯩﻠﯩﻢ --- ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ . ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﻯ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ، ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﻰ، ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﯜﻙ ، ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ، ﺗﯜﮔﻪﻳﺪﯗ . ﺋﻪﻣﻤﺎ ، ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ .
      ﺋﻪﻗﯩﻞ-ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﮬﯜﻧﻪﺭ-ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯩﻦ . ﺋﻪﻗﻠﯩﯔ ، ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﯔ ﯞﻩ ﮬﯜﻧﯩﺮﯨﯔ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ، ﺋﻪﺩﻩﭖ-ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ << ﺋﻪﺩﻩﭖ --- ﺋﻪﻗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ-ﺷﻪﻛﻠﻰ>> ﺩﯗﺭ .

باغۋەن تەستىقى


Nurluk elani

بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت ،
ئاھ،جان ئاتىلار جەڭلەردە شىھىت.
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 21:17 چوققىغا قايتىش
TOMTOGRAK



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 430
شۆھرەت: 431 نۇمۇر
پۇل: 4130 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:302(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-03-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


داۋامىنى يوللاپ قويغان بولسىڭىز. چۈنكى، چۈنكى شەمسۇلمەئانى قابۇسنىڭ «قابۇسنامە»ناملىق بۈيۈك ئەسىرىنى ھەرقانداق پەرزەنت بولغۇچى ھەزىم قىلىپ ئوقۇپ چىقىشى، ھەرقانداق بىر ئاتا بولغۇچى پەرزەنتلىرىگە تەۋسىيە قىلىشى زۆرۈر بولغان ياخشى ئەسەر.

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 23:49 چوققىغا قايتىش
manggutax
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 530
شۆھرەت: 555 نۇمۇر
پۇل: 4987 سوم
تۆھپە: 3 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:51(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


No permission to view this article

Nurluk elani

تىرىشقان تاپار، تىرىشمىغان قالار!

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 00:08 چوققىغا قايتىش
~sarang~

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 196
شۆھرەت: 212 نۇمۇر
پۇل: 1964 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:13(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-01

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ساراڭدەك، ئۆلتۇرمەن ، چاپىمەن - دەپ يۇرگىچە مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلەرنى يوللىسا ياخشىغۇ .
جاپا تارتىپسىز....


Nurluk elani

ئۆزەڭ ساراڭ!.........

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 15:16 چوققىغا قايتىش
nazira138

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 251
شۆھرەت: 252 نۇمۇر
پۇل: 2500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:100(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-02

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئاتا-ئانىلارغا ياخشىلىق   قىلىش   ھەر   بىر   پەرزەنىتنىڭ باش   تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى .
جەننەت ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئايىغى ئاستىدا ، ئۇلارنى قەدىرلەيلى ،كويۇنەيلى ، ھورمەتلەيلى !!!!!!
يوللانمىڭىزغا   رەھمەت !!!!


Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-08 15:31 چوققىغا قايتىش
KoRaX~QaN

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 140
شۆھرەت: 141 نۇمۇر
پۇل: 1400 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-13

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﺎﯕﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺴﺎﯓ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻠﯩﯖﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺴﻪﻥ.
-----------------------------------
تۇغرا بۇدۇنيادا ئاتا-ئانىدەك ئۇلۇغ كىشىلەرنى مەڭگۇ ئۇچرىتالمايسەن،
جەننەت نەدە ،ئاتا-ئاناڭنىڭ ئايىقىدا . ئاتا-ئاناڭدىن ئۇلۇغ مازار يۇق.


Nurluk elani

ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن ئۈزىنى..
بىغىشلىغانلارنىڭ نامى مەڭگۇ ئۆچمەيدۇ .

[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-09 03:32 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-09 06:31, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije