>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> نىكاھ-ئائىلە -> قىزلارمۇ بوش ئەمەس

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 478 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : قىزلارمۇ بوش ئەمەس IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
halis0755

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:3(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
قىزلارمۇ بوش ئەمەس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەبنەم مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار مەن بۇ مۇنبەرگە يېڭىدىن ئەزا بولدۇم ، مىنى قارشى ئالامسىلەر؟
مىنى قار شى ئالماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا تۇۋەندىكى قۇرلانى ئاخىرغىچە ئۇقۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن
ئۇيغۇرلاردا قەدىمدىن باشلاپ قىز - يىگىتلەر توي قىلىشتىن بۇرۇن قىزلارنىڭ يىگىتلەر ئۇرۇنلايدىغان شەرتى بۇلاتتى. مەسىلەن:
ئوتۇن يېرىش ، ھەرخىل سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش دېگەندەك. ئەمما، دەۋرنىڭ تەرەققي قىلىشى بىلەن بۇ خىل ئادەتلەر ئاستا - ئاستا سىقىپ چىقىرىلدى. ھازىر يىگىتلەر توي قىلماقچى بولسا، قىزنىڭ مال دۇنيادىن باشقا قۇيىدىغان شەرتى قالمىدى. شۇنداقتىمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرى ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆزى تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان يىگىتىنى سىناپ كۈرۈپ، ئۆزى ئىشەنچ قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئۆزىنى تاپشۇرماقتا. كونىلاردا ( سىنالمىغان ئېشەكنىڭ پۇتىنى تۇتماڭ ) دىگەن گەپ بار. ئەگەر قىزلارمۇ مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن يىگىتلەرنى سىناپ كۆرسە ، يىگىتلەرمۇ سىناقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىسا ، بۇنداق ئائىلە كەلگۈسىدە چۇقۇم بەخىتلىك بۇلىدۇ. تۆۋەندىكىسى يىگىتلەرنىڭ قىزلارنىڭ سىنىقىدىن قانداق ئۆتكەنلىكى ھەققىدىكى ۋەكىللىك چۆچەكتۇر.
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسدا ناھايتى سەلتەنەتلىك بىر شاھ ئوتكەن ئىكەن . شاھنىڭ خوتىنى ھامىلدار بۇلۇپ ، 14 كۈنلۈك تولۇن ئايغا ئوخشاش چىرايلىق بىر قىز پەرزەنت تۇغۇپتۇ.
شاھ پەرزەنت كورگەنلىكى ئۈچۈن شادلىنىپ يەتتە كىچە - كۈندۈز توي - تاماشا ئۇيۇشتۇرۇپ بىرىپتۇ- دە، قىزغا {{ بەرنا }} دەپ ئىسىم قۇيۇپتۇ.
ئايلار ئۇتۇپتۇ يىللار ئۇتۇپدۇ مەلىكە بەرنا ناھايتى ئەقىللىق ھەم زىرەك قىز بۇلۇپ ئۆسۈشكە باشلاپتۇ. قىز ئۇقۇش يېشىغا توشقاندا ، ئاتىسى ئۇنى ئوردىدا قۇرئاندازغا ئۇقۇشقا بىرىپ ، 20 يېشىغىچە ئۇقۇتۇپتۇ. مەلىكە پۇتۇن ئىلىملەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئۆگۈنۈپتۇ. قىزنىڭ داڭقى بۈتۈن جاھانغا تارقاپتۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە دانىشمەنلىكىنى ئاڭلاپ ، كۆرمەي تۇرۇپ ئاشىق بىقارار بولغان شاھزادە ، بەگزادىلەر ئارقا - ئارقىدىن شاھقا ئەلچە ئەۋەتىشكە باشلاپتۇ. لېكىن مەلىكە بەرنا نىكاھلىنىش ھەققىدىكى مەسلىھەتلەرگە جاۋابەن:
ئاتام مىنى ياتلىق قىلماقچى بولسا ، ماڭا لايىق بولغۇچى يىگىتمۇ ئۈزەمدەك ئاقىل ۋە دانا بۇلۇشى كېرەك . ئەنە شۇنداق يىگىت بولسىلا مەن ئاتامنىڭ تەلىپىنى ئۇرۇنلاشقا تەييار دەپتۇ.
شاھ قىزىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بىر نەرسە دىيەلمەپتۇ . ئارىدىن يەنە بىر قانچە يىللار ئۈتۈپ كىتىپتۇ. شاھ يۇرۇق دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ ئاخىرەتكە سەپەر قىپتۇ؛ مەلىكە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بۇلۇپ تەخىتكە چىقىپتۇ.
بەرنا تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ئوردىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە شەھەر مۆتىۋەرلىرىنى شاھ سارىيىغا يىغىپ :
مىنىڭ 41 سۇئالىم بار ، كىمكى مىنىڭ بۇ سۇئاللىرىمغا توغرا جاۋاپ بىرىپ مىنى قانائەت قىلدۇرالسا، ئۇ مەيلى گاداي بولسۇن، مەيلى شاھزادە ، مەيلى پېقىر غېرىپ بولسۇن، مەن ئۇنىڭ ئەمرىدە بولىمەن . شاھلىقىمنى بىرىپ خىزمىتىنى قىلىمەن، ئەگەر جاۋاپ بىرەلمىسە ئۆزىنى دار ئاستىدا كۆرىدۇ دەپتۇ مەلىكە. بۇ شەرتكە رازى بولغۇچىلار مەلىكىنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭ سۇئاللىرىنى ئاڭلاشقا باشلاپتۇ. بىراق نى- نى مەشھۇر شاھزادە ۋە بەگزادىلەرمۇ قىزنىڭ سۇئالىغا تۈزۈكرەك جاۋاپ بىرەلمەپتۇ، جاۋاپ بىرەلمىگەن ھەر بىر يىگىت دارغا ئېسىلغاندا قىز ئۇلارغا تەنە قىلغاندەك :
ھەر كىم ئۆز ھالىنى بىلمىسە بىھۇدە ھالاك بۇلىدۇ! دىگەن سۆزنى بىر قېتىم تەكرارلاپ قۇيىدىكەن.
بۇ شەھەرنىڭ بىر يېزىسىدا ئۇتۇنچىلىق قىلىپ جان باقىدىغان قېرى بوۋاينىڭ ۋايىت دىگەن ئوغلى بىر كۈنى مەلىكىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرىپتۇ.
ئەي يىگىت، سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بىرەلمەي ، تالاي يىگىتلەر ئەزىز جېنىدىن ئايرىلدى. ئۆز جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن رايىڭدىن قايت! دەپتۇ مەلىكە يىگىتنى قايتۇرماقچى بۇلۇپ.
ئادەملەر ئۆز بەختىنى ئۈلۈمدىن قورقماسلىق بىلەن تاپالايدۇ. سىزنىڭ مۇبارەك قۇلىڭىزدا ئۈلۈش مەن ئۈچۈن بەخىت دەپتۇ ۋاھىت ئىكىلەنمەي.
نەدىن كەلدىڭ؟
ئاتا - ئانامنىڭ مىھرى مۇھەببىتىدىن رەھمىتىدىن كەلگەنلىكىم ئۆزىڭىزگە ئايانغۇ؟
نەگە بارىسەن ، تۇرار يېرىڭ قەيەردە؟
ئاشىق كىشى ئۈچۈن يۇرتنىڭ يېتى يوق، ئەل ئوغلى ئۈچۈن ھەممە يەر ماكان، مەن سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا يەتكىلى كەلدىم .
ئىنساننىڭ ئالى پەزىلىتى نىمىدە؟ دەپ سۇراپتۇ مەلىكە.
ئۆز بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىىققا بەرداشلىق بىرىش ۋە ئۆز ئېلىگە، خەلقىگە ، دوستىغا خىيانەت قىلماسلىقتا ، دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ يىگىت .
پۇتۇن دۇنياغا شاھلىق قىلغانلار بولغانمۇ؟
بولغان، دۇنيا بىنا بولغاندىن بۇيان جاھان شاھلىرىدىن : سۇلايمان ، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ، نەمرۇد ئىبنى كەنئان ، ۋە شەددەت قاتارلىقلار ئۆتكەن . بىراق ئىلمى ھىكمەت جەھەتتە ياراتقان ئەمىلى توھپىسى بولمىغاچقا، دۇنيادا ئۇلارنىڭ قۇرۇق نامىلا قالدى، خالاس .
كىشلەر قايسى ياخشىلىقتىن قاچىدۇ ، قايسى يامانلىقتىن سوۋۇيدۇ؟
بەزى كىشلەر قار - يامغۇردىن ئىبارەت تەبىئەتنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئارتۇق مال - دۇنيا ، قۇرۇق پىتنە - پاساتنى سۆيىدۇ. بۇ ئۇمۇمى ئادەتتۇر. دەلىلى شۇكى:
سىزمۇ خەلقنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن خەزىنىڭىزنى سۆيىسىز.
ئادەمنى پەسلەشتۈرىدىغان سۈپەت نىمە؟
تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە يالغانچىلىقتۇر.
قانداق كىشى رەھىمدىل ۋە قانداق كىشى رەھىمسىز پىخسىق بۇلىدۇ؟
يوقسۇزلۇق ، ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان ھەر قانداق كىشى رەھىمدىل كىلىدۇ، بايلار پىخسىقلىق ۋە بېخىللىقتا مەشھۇر، بۇ ئۆزىڭىزگىمۇ ئايان.
دۇنيادا ئەڭ كەڭرى نەرسە نىمە ؟
ئالەم بوشلىقى، شۇنداقلا پادىشاھلارنىڭ ئادالىتى ، ئالىملارنىڭ ئىلمى ھىكمىتىدىن ئارتۇق كەڭلىك يوق. ئەمدى دۇنيادا سانسىز نەرسىلەر قايسى ؟
جانلىق سانسىز. ئالەم چەكلىكتۇر.
ھاياتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى نېمىدە؟
ئىلىم - مەرىپەت ھالال مىھنەت ، پاك مۇھەببەتتە.
تويماس نەرسە ئۇچراتتىڭمۇ ؟
ئۇچراتتىم : كۆز قاراپ تويمايدۇ، مۇھەببەتلىك كىشلەر بىر - بىرىگە، ئوت ئۆتۇنغا ، ئالىم ئىلىمگە ، باي مالغا ، ئادەم ئومرىگە تويمايدۇ.
مەلىكە بەرنا كۆڭلىدە {{ بەللى ئەزمەت ! }} دىيىشكە مەجبۇر بۇپتۇ، لېكىن يەنىلا تەن بەرمەي ، مەغرۇرلۇق بىلەن سۇئالىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
ئادەم نىمىدىن خارلىشىدۇ؟
ھەممىگە ئايانكى ، ئىلىم - مەرىپەتنى ، ھۇنەرنى ، ھالال ئەمگەكنى خورلىغۇچىلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى خارلىققا قېلىپ ۋەيران بۇلىشى مۇقەررەردۇر .
نېمىلەر بىر - بىردىن ئايرىلمايدۇ؟
ساقلىقتىن - ئاغرىق ، ھاياتلىقتىن - ماماتلىق ، توقلۇقتىن - ئاچلىق ، خۇشاللىقتىن - خاپىلىق ، مەڭگۇ ئايرىلمايدۇ.
ئادەم نىمىدىن نۇمۇستا قالىدۇ؟
چاقىرمىغان يەرگە بېرىش ، يالغان بۆھتان قىلىش دۇشمەندىن ياردەم، بېخىلدىن ياردەم تىلەش ، ئادەمنى ئۈلۈمدىن ئارتۇقراق نۇمۇسقا ئېلىپ بارىدىغانلىقى شەكسىزدۇر.
ئەڭ ئېغىر نەرسە نىمە؟
غېرىبلىق ، جۇدالىق ، موھتاجلىق.
ئۇستازى يوق ھۇنەرۋەن بارمۇ؟
بار ، مۇھەببەتلىك يۇرەك ئۈستاسسىز ھۇنەرۋەندۇر.
نىمە بايلىق ھىسابلىنىدۇ؟
سالامەتلىك ۋە خەلقنىڭ ھورمىتىگە سازاۋەر بۇلۇشتىن ئارتۇق بايلىق يوقتۇر.
ئادەمنڭ يامان دۇشمىنى قايسى؟
ئەجرىسىز توپلانغان مال دۇنيا تېپىلماس دۈشمەندۇر.
مىنىڭ ئىلتىپاتىمغا سازاۋەر بۇلۇشنى خالامسەن؟
سىزنى خىيال قىلىش بىلەن خۇشالمەن .
ۋايىتنىڭ جاۋابىدىن تولۇق قانائەتلەنگەن مەلىكە بەرنا ئورندىن دەس تۇرۇپ ، ۋايىتقا ھورمەت بىلدۈرۈپتۇ ۋە ئۆز قولى بىلەن شاھلىق تاجىنى كەيگۈزۈپ ئالتۇن تەخىتكە چىقىرىپتۇ دە:
مەن سىزنىڭ ئەمرىڭىزدە بۇلۇشقا رازىمەن ، دەپ ئىھتىرام بىلدۈرۈپتۇ.
داقا - دۇمباق، كاناي - سۇناي چېلىنىپتۇ، زىلچا گىلەملەر سېلىنىپتۇ، داش - قازانلار ئېسىلىپتۇ، زىنداندىكىلەر ئازات قىلىنىپ مۇراسىمغا قېتىلىپتۇ، راۋاقلارنىڭ ئۈستىدىن تەڭگە- تىللالار چېچىلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ 40 كىچە - كۈندۈز توي - تاماشا بۇلۇپتۇ. مەلىكە بەرناغا ئۆيلىنىۋالغان ۋايىت ھاياتىنىڭ ئاخرىغىچە ئادىللىق بىلەن يۇرت سۇراپ بەخىتلىك ياشاپتۇ.

شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ، سىز مەن دىگەن يىگىت دەپ ئۆزىڭىزنى ئەۋلىيا چاغلىماڭ . قىزلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەرلەر قىلالمىغاننى قىلىپ ، ئەرلەر بىلمىگەننى بىلىپ ، يىگىتلەرگە تېگىشكۈسىز قىممىتىنى نامايان قىلغان قىزلار تالايدۇر. مەسىلەن: نۇزۇگۇم ، ئىپارخان.، ئاماننىىساخان، رىزۋانگۈل... قاتارلىقلار قايسى بىرى شۇنداق ئەمەس؟........
مەنبە : ئەي يىگىت ئاگاھ بۇلۇڭ دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

مۇسەللەس تەستىقلىدى .


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 21:15 چوققىغا قايتىش
ئۇيغۇرا
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 438
شۆھرەت: 459 نۇمۇر
پۇل: 4380 سوم
تۆھپە: 25 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:79(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-02-23

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن تۇنجى قېتىم يازغان «ماقالەم»دە «قىز-ئاياللار ئاجىزمۇ»دېگەن پىكىرنى تەھلىل قىلىپ چىققان ئىدىم!
ھازىر نەدە قالغانكىن ئۇ «ماقالە»


Nurluk elani

يىغلىما،ئەر! ئەجداد روھى قۇرۇنمىسۇن!
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 21:45 چوققىغا قايتىش
turkman01

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 65
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
پۇل: 650 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:51(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىز نەچىسىنىڭ كاللىسىنى ئالماقچى؟يىگىتلەر دېققەت قىلىڭلار....................

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 21:51 چوققىغا قايتىش
isim-yok



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 90
شۆھرەت: 91 نۇمۇر
پۇل: 750 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەرلەرسىز ئاياللارنى،ئاياللارسىز ئەرلەرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مومكىنمۇ؟

Nurluk elani
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 22:01 چوققىغا قايتىش
ISLAM3

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 150
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 1500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


No permission to view this article

Nurluk elani

ياشىسۇن ئىسلام !!!!!
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-07 23:03 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-09 06:31, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije