يازنىڭ گۈزەل ئايدىڭ كىچىسى
يازنىڭ گۈزەل ئايدىڭ كىچىسى،
تەلمۈرگەنتىڭ لىۋىمگە قاراپ.
ھالرەڭ تۈسكە كىرگەن چىرايىم،
تىنىقلىرىڭ كەتكەندە تاراپ.
ھەر كۆرۈشسەك خىلۋەت ماكاندا
قۇچىقىڭدا تولغىنىپ مەستخۇش.
ئۇزاپ كەتكەن ئازاپلار، بىراق_
كىرپىكلىرىم دائىما نەمخۇش.
كۈلدۈرەتتىڭ پاراڭلار قىزىق،
ئويلىمايتىم دۇنيا دىگەننى.
ئەچراتمىدىم ھازىرغا قەدەر،
مۇھەببەتتىن ۋايىم يىگەننى.
ياشاپ كەلدىم خىياللار بىلەن،
بىز ئايرىلىپ كەتكەن شۇ چاغدا.
سېغىنىمەن يۈرىكىم ئويغاق،
سەن يۈرىسەن قاي گۈزەل باغدا؟
مەن بىلىمەن يالقۇنلۇق ۋەدە،
بولالمايدۇ ھەرگىز رىيئاللىق.
چۈشلىرىمدە كۈلىدۇ بەخت،
نىسىپ ئەمەس، ئەمەلدە تالىق.
ئايرىلساقمۇ يولىمىز باشقا،
ئەقىدەمنى قىلمايمەن بىكار.
گەر بولسىمۇ دىلدارىڭ بۆلەك،
مۈشكۈلاتلار قىلالمايدۇ كار.
تۇنجى سۆيگۈ ھىلىمۇ تاتلىق،
ۋىسال كۈيى قەلبىمگە نەقىش.
ئۆچمەس مەڭگۈ لىۋىمدىكى ئىز،
مەيلى باھار،مەيلى زۇلمەت قىش.
كۆز يېشىڭغا ياشلىرىم سوۋغا،
شاتلىقىڭغا شاد كۈلكەم جۈرداش.
ئۇنۇتمىغىن ئايدىڭ كىچىنى،
ئۇنۇتمىغىن رومانتىك سىرداش.
تاشلىۋەتتى دىمەيمەن سىنى،
تەقدىر شۇنداق ئامرىقىم بىلسەڭ.
ئەسلىمىلەر ياخشى ھەمراھىم،
سەن قىسمەتتىن رەنجىمەي يۈرسەڭ.
لەيلى تەستىقى