>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> جاھاندىكى ئىشلار -> چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 1597 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
satukh

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە


چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى روسىيە فېدراتسىيىسىنىڭ جەنۇبى فېدىراتسىيە تارمىغىدىكى بىر ئاپتونومىيىلىك جۇمھۇرىيەت.كاۋكاز رايونىغا جايلاشقان بولۇپ،غەربىي قىسمى روسىيە ئىنگۇشىتىيە جۇمھۇرۇيىتى ۋە روسىيە شىمالىي ئوسسېتىيە جۇمھۇرىيى بىلەن،غەربىي شىمالىي قىسمى سىتافروپول چېگرا رايونى بىلەن،شەرقىي قىسمى روسىيە داغىستان جۇمھۇرىيىتى بىلەن ،جەنۇبى گىرۇزىيە بىلەن چىگىرلىنىدۇ.
يەركۆلىمى:17،300كىۋادىرات كىلومېتىر
مەركىزى شەھىرى:گىروزنى
نوپۇسى:862،000(1997-يىلدىكى سىتاتىستىكا)
ھۆكۈمەت تىلى:رۇس تىلى
خەلقنىڭ تىلى:چېچىن تىلى
(چېچىن تىلى:كاۋكاز تىل سېستىمىسىغا كىرىدۇ .تىلشۇناسلىقتا كاۋكاز تىلى تۈركۈمىنىڭ شەرقىي شىمال كاۋكاز تىلى تارمىغىغا كىرىدۇ.يېزىقى روسىيىدە ئومۇملاشقان شېللىر ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدۇ.)

چېچىنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى:
چېچىنلار توغۇرلۇق مەلۇماتلاردىن ئۇلارنىڭ 7-ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ مەۋجۇد ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.«چېچىنلار»دېگەن بۇ نام ئەڭ بۇرۇن ئارگون دەرياسى بويىدىكى «چوڭ چېچىن» دېگەن كەنت نامىدىن كەلگەن بولۇپ،كىيىن مۇشۇ مىللەتنىڭ مىللەت نامى بولغان.چېچىنلار ئۆزلىرىنى«ناخچىلار»دەپ ئاتايدىكەن.«ناخچى»دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى«ئادەتتىكى پۇقرا»يەنى«تىنىچلىقنى سۆيگۈچى»دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن.مىلادىيە 13-ئەسىردە چېچىنلار موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرايدۇ؛مىلادىيە 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۈركۈپ چىققان ئەمىر تۈمۈر كوراگانىنىڭ ئېمپىرىيىسى تەرىپىدىن تاجاۋۇزغا ئۇچرايدۇ؛.مىلادىيە 16-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە چېچىنلار ئىسلام دىنىگە كىرىدۇ؛مىلادىيە17-ئەسىر ۋە18-ئەسىرلەردە چېچىنىلار پېرسىيە،ئوسمان ئېمپىرىسى ۋە چارروسىيە قاتارلىق جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرايدۇ.شۇ سەۋەپلىك، چېچىنلار ئىككى يېرىم ئەسىرگە سوزۇلغان تاجاۋۇزچىلىققا قارشى قانلىق كۈرەشلەرنى باشلىۋىتىدۇ.
15-ئەسىردە ئوسمان ئېمپىرىسى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىمۇ،كاۋكاز رايونىدا ياشاپ كەلگەن چېچىن خەلقى قەيسەرلىك بىلەن تاجاۋۇزچىلارغا قارشى جەڭلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.چېچىنلار ئارىسدا مۇسۇمانلاشقانلارنىڭ سانى كۆپىيىدۇ ۋە ئوسمان ئېمپىرىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇقلىشىدۇ.بىراق،خىرىستىئان دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان خوشنا مىللەتلەر گىرۇزىنلار ۋە كوساكلار،بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان قالماقلار بىلەن مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ ماڭىدۇ.
19-ئەسىردە چارروسىيە يېرىم ئەسىرگە سوزۇلغان كاۋكاز رايونىغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىدۇ.1895-يىلى چېچىنلارنى چارروسىيە بېسىۋالىدۇ.«ئۆكتەبىر ئىنقىلابى»دىن كېيىنمۇ چېچىنلار مۇستەقىللىقكە ئېرىشەلمەيدۇ.سوۋىت ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1922-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى چېچىنىيە ئاپتونوم رايونى قۇرۇلىدۇ.1934-يىلى1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىنگۇشتىيە ئاپتونوم رايونى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ چېچىنىيە-ئىنگۇشتىيە ئاپتونوم رايونى دەپ ئاتىلىنىدۇ.1936-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى چېچىنىيە-ئىنگۇشتىيە سوۋىت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىنىدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە، بىر قىسىم چېچىنلار گېرمانىيدىن ياردەم سوراپ مۇستەقىل بولۇش ئىشلىرىغا قارپ يۈزلىنىدۇ.شۇ ۋاقىتتىكى سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىتىنىڭ رەئىسى سىتالىن،چېچىنلارنى گېرمانىيە جاھانگىرلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى دېگەن ئەيىب بىلەن ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان ۋە شەرىقتىكى غەربىي سىبىرىيەلەرگە سۈرگۈن قىلىۋىتىدۇ.سۈرگۈن قىلىنغان چېچىنلارنىڭ سانى 387000بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى چېچىنلار نوپۇسىنىڭ تەڭدىن تولىسى ھېسابلىنىدۇ.نۇرغىنلىغان چېچىنلارنى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىۋىتىدۇ.ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى دېگەن نام ئەمەلدىن قالدۇرىنىدۇ.تاكى 1957-يىلغىچە بولغان بۇ ئارىلىقتا چېچىنلارغا ھېچقانداق ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلمەيدۇ.1957-يىلى خرۇشوف تەختكە چىققاندىن كېيىن چېچىنىيە-ئىنگۇشتىيە سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى دېگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرىلىدۇ.1989-يىلدىن كېيىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئەھۋالى جىددىچىلىككە قاراپ يۈزلىنىدۇ.مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى كاۋكاز رايونىدىكى چېچىنىيە،ئىنگۇشتىيە ۋە شىمالىي ئوسسېتىيە قاتارلىق جايلاردا كۈچۈيۈپ كېتىدۇ.قانلىق ۋەقەلەر ئالدى-كەينى بولۇپ يۈز بېرىدۇ. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ئايرىلىدۇ.كاۋكاز رايونىدىكى چېچىنىيمۇ خوشنىسى گىرۇزىيە ۋە ئەرمىنىيىگە ئوخشاش مۇستەقىل بولۇشغا ئۇرۇنىدۇ.ئۆتمۈشتىكى روسلار تەرىپىدىن قىلىنغان ئېكىسپلاتاتسىيە بىلەن قوشۇلۇپ ،چېچىنلارنىڭ روسلارغا قارشى مۇستەقىللىق ئىدىيىسى كۈچۈيۈپ كېتىدۇ.
1991-يىلى،چېچىنىيە زۇڭتۇڭى دۇدايىف مۇستەقىللەقنى جاكارلايدۇ،ئەمما روسىيە تەرەپتىن ئېتراپ قىلىنمايدۇ.ھېلىسېن روسىيەنىڭ دۆلەت بىرلىكنى قوغداش ھېسابىدا چېچىنىيىگە ئارمىيە چىقىرىدۇ.قەيسەر ۋە باتۇر بولغان چېچىنىيىلىكلەر روس ئارمىيىسى بىلەن 20 ئاي تىركىشىدۇ.دۇدايىف مۇشۇ ئۇرۇش مەزگىلىدە قازا قىلىدۇ.(بىر دۇدايىف بىر بومبا بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن)1996-يىلى ئاخىرىدا ،چېچىىنيىلىك قانۇنسىز قوراللىق قىسىملار ئىككى قېتىملىق ئېغىر بولغان ئادەم تۇتقۇن قىلىۋىلىش ھەركىتى ئېلىپ بارىدۇ.روسىيە ئارمىيىسى ئامالسىز چېچىنىيىدىن چېكىنىدۇ.1997-يىلى ئارسلان ماسقايېف چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتىگە زۇڭتۇڭ بولىدۇ ۋە مۇستەقىللىق يولىدا چىڭ تۇرىۋالىدۇ.1997-يىلى روسىيە فېدىراتسىيىسى ۋە چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى تىنىچلىق شەرتنامىسىغا قول قويىدۇ.بىراق چېچىنىيە يەنە مۇستەقىللىق ئويىدىن ۋاز كەچمەيدۇ.
1999-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى شامىل باسايېۋ 5000كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ روسىيە تەۋەسىدىكى بىر ھەربىي گازارمىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە شۇنداقلا ئىككىنچى قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.روسىيە فېدراتسىيىسىنىڭ ئىككىنىچى زۇڭتۇڭى پۇتىن 100مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئەۋەتىپ چېچىنىيىنى قاتتىق باستۇرىدۇ.شۇنداق قىلىپ نۇرغۇن قانۇنسىز قوراللانغان قىسىملارنى بەرباد قىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ چېچىنىيە ئىچى ۋە سىرتىدا ھەرخىل تېررورلۇق ۋە قانلىق ۋەقەلەر داۋاملىشىدۇ.
چېچىنىيە خەلقى روسىيەنىڭ تېرورچىلىققا قارشى دەپ ئېلىپ بارغان ھەركىتىنى ، زور كۆلەملىك قىرغىن قىلىش دەپ بىلىدۇ.بىرىنچى ۋە ئىككىنچى قېتىملىق چېچىنىيە ئۇرۇشىنى روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق قىلىش ئۇرۇشى دەپ ھېسابلايدۇ.ئون يىل جەريانىدا ئوتتۇز پىرسەنت چېچىنلار ئۆلۈپ كېتىدۇ.
2004-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى چېچىنىيە زۇڭتۇڭى ئەخمەد قادىروف تېررورچىلار تەرىپىدىن پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلىدۇ.2007-يىلى4-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇنىڭ ئوغلى رامزان قادىروفنى پۇتىن چېچىنىيە جۇمھۇرىتىنىڭ زۇڭتۇڭى قىلىپ سايلىدى......

كاۋكاز بۆرىسى چېچىنلارنىڭ مىللى سىموۋولى.



(مەنبەسىنى ساتۇق تەييارلىغان)


__ ئۇيغۇر839 تەستىقلىدى


[ بۇ يازما satukh تەرپىدىن 2007-12-06 21:09 دە قايتا ]


Nurluk elani

ساتۇق
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 19:53 چوققىغا قايتىش
ohuz

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 70
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن بۇ مىللەتكە بەكلا قول قۇيۇمەن ،مىنىڭ ئېنىم مىسىردا ئوقۇغان چاغدا پۈتۇن بىر ئېنىستوتتا چېچەنلەرگە چېقىلالايدىغانلار يوق .ئىكەنتۇق.بىز ئەسلى ئۇلارنىڭ پوقىدىن ئەكىلىپ تەتقىق قىلىپ باقساق بوپتىكەن.

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 20:31 چوققىغا قايتىش
koxuk
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 294
شۆھرەت: 425 نۇمۇر
پۇل: 2672 سوم
تۆھپە: 79 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:547(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


چېچەنلەرنىڭ مەرگەنلىرى (狙击手) ئەينى زاماندا روسلارنى زور چىقىمغا ئۇچراتقانىدى.

Nurluk elani

قوشۇق
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 20:37 چوققىغا قايتىش
ohuz

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 70
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شۇچاغدا ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە ئۇرۇش بولغان ۋاقىت ئىكەنتۇق ئۇلار ئايرۇپىلاندىن بىرنى ئىجارىگە ئىلىپ دۆلىتىگە قايتىپتىكەنتۇق ئۇلارنىڭ دىيىشىچە دۆلىتىدە ئۇرۇش بۇلىۋاتسا ئوقۇش ئۇلار ئۈچۈن ھارام ئىكەن.مەنچەبولسا غورور-ۋىژدان دىگەن شۇ

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 20:37 چوققىغا قايتىش
ohuz

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 70
شۆھرەت: 71 نۇمۇر
پۇل: 600 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:34(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بىزدىكى5000دىگەن رەقەم قاچانمۇ چىقارھە؟
بىز خەق نىمانچە دۆت زىقتا كاۋاپ پۇشۇرماي بىر-بىرسىمىزنىڭ كوچىلاپ ھەي     ..................


Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 20:43 چوققىغا قايتىش
bilga0992



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 73
شۆھرەت: 95 نۇمۇر
پۇل: 720 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:59(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-04-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مىلادىيە 14-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۈركۈپ چىققان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئېمپىرىيىسى تەرىپىدىن تاجاۋۇزغا ئۇچرايدۇ؛
بۇنى ئۆزگەرتىپ قويۇڭ . بۇ تاجاۋۇز قىلغۇچى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەمەس . بەلكى ئەمىر تۈمۈر كوراگانى يەنى تۈمۈرلەڭدۇر .


[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 21:06 چوققىغا قايتىش
satukh

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 12
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 120 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:21(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىزگە كۆپ تەشەككۇر!
، تۈزىتىپ قويدۇم.تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە تۆ مۈرلەڭ توغۇرلۇق مەلۇماتلارنى بەرسىڭىز.
ئۇلارنى ئايرىپ بەرسىڭىز.


[ بۇ يازما satukh تەرپىدىن 2007-12-06 21:22 دە قايتا ]



ساتۇق
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 21:12 چوققىغا قايتىش
Ahwal@Qatak

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 163
شۆھرەت: 227 نۇمۇر
پۇل: 809 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:41(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


QUOTE:
بۇ مەزمون 1 جى قەۋەتتىكى ohuz نىڭ 2007-12-06 20:31 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مەن بۇ مىللەتكە بەكلا قول قۇيۇمەن ،مىنىڭ ئېنىم مىسىردا ئوقۇغان چاغدا پۈتۇن بىر ئېنىستوتتا چېچەنلەرگە چېقىلالايدىغانلار يوق .ئىكەنتۇق.بىز ئەسلى ئۇلارنىڭ پوقىدىن ئەكىلىپ تەتقىق قىلىپ باقساق بوپتىكەن.

ھاھاھاھھا....راس دەيسىز ...


Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 21:41 چوققىغا قايتىش
koxuk
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 294
شۆھرەت: 425 نۇمۇر
پۇل: 2672 سوم
تۆھپە: 79 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:547(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تۇغلۇق تۆمۇرخان شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى. چىڭگىزخاننىڭ 6-نەۋرىسى ، ئېسەن بۇقاخاننىڭ ئوغلى. تۇغلۇق تۆمۇرخان مەۋلانە ئەرشىدىننىڭ دەۋىتىدە ئىسلام دىنىغا كىرگەن. شۇ چاغدا تۇغلۇق تۆمۇرخان بىلەن تەڭ 160مىڭ موڭغۇل ئىسلام دىنىغا كىرگەن.
ئەمىر تېمور گوراگان 1336-يىلى ماۋەرەئۇننەھىردىكى كېشتە تۇغۇلغان. رېنىي گىروسسى «بوز قىر ئىمپىرىيەلىرى» دىگەن كىتابىدا ئۇنى تۇرك دەپ ئالغان. بەزىلەر تۇركلەشكەن موڭغۇل دەپ قارايدۇ.

http://gulistan.cn/uyghur/show.asp?id=984


Nurluk elani

قوشۇق
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 21:47 چوققىغا قايتىش
219



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 150 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:9(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن چىچىنلارنىڭ ئاياللىرىغىمۇ بەك قۇل قۇيمەن ...ئۇلارنىڭ مەخسۇس تۇل خۇتۇنلار ئەتىرىتى دەپ بىر ئەترەت بار...2005 رۇسىيە بىسلاندىكى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان بىر چىچنلىك 62ياشقا كىرگەن بىر مۇماي باتىكەن ...

Nurluk elani

ھەققانىيەتچى.......
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 22:36 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-09 06:28, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije