جۇدۇن ئۆلمىدى
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى،مەن ئەركزاتتىن ئىچىم ئۆرتەنگەن ھالدا دەھشەت سالام!!!
جۇدۇن ئەپەندىمنى سېغىندىڭلارمۇ؟مەن ئۆزەمنى ئېيتسام،بۇ ئەپەندىمنىڭ يۈرەككە مەلھەم بولىدىغان لىرىكىلىرىنى جۇدۇن ئەپەندىمنى سېغىنغاندىنمۇ بەك سېغىنغاندەك قىلىمەن.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن جۇدۇن ئەپەندىمنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بەرمەكچىمەن.بۇ ئەپەندىم شېئىرىيەت كۆزنىكىدە ئۆزىنىڭ دىللارغا ئارامبەخىش شېئىرلىرى بىلەن ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپ،يورۇق دىللاررنى سۆزلىتىپ،قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتۇپ كەلگەن ئىدى.لېكىن يېقىندىن بېرى بەزى سەۋەپلەردىن تورغا كىرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن كونا ئەزالار سېغىنغان بولساقمۇ يېڭى ئەزالار بەلكىم بۇنداق بىر ئادەمنىڭ شەبنەم مۇنبىرىدە مەۋجۇتلىغىدىن خەۋەرسىز بولىشى مۇمكىن.كونىلارنىڭ ئەجرى بىنانىڭ ئۇلى.شۇ ئۇل بولمىسا بۇ بىنا بۇنچە ئىگىز بولۇپ قەد كۆتىرەلمەي بۈگۈن كۈندە بەلكىم ئۆرۈلۈپ چۈشەتتى ياكى قەغەزدىن ياسالغاندەك تېشى پال-پال ئۇلى غال-غال ئويۇنچۇققا ئوخشاپ قالاتتى.لېكىن بۇ بىنا كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان مۇشۇنداق خۇشال كۈنلەردە بىنانىڭ ئۇلىنى ئۆزىنىڭ قان تامچىپ تۇرغان يۈرەكلىرى بىلەن بىلەن بىزنىڭ داۋام ئېتىشىمىزگە سۇنغان مىننەتسىز دوستىمىز «جۇدۇن»نى ئەسلەپ قالدىم.مەن ئۇنىڭ لىرىكىلىرىنى سېغىندىم،سىلەر سېغىندىڭلارمۇ؟مەن ئۇنىڭ سەبى چۈچۈك تىللىرىنى سېغىندىم،سىلەر سېغىندىڭلارمۇ؟مەن گەرچە ئۇنىڭ بىلەن تېلفۇنلىشىپ تۇرغان بولساممۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى داۋاملىق يوللىشىنى ئۆتۈنمىدىم،چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئالدىراشلىقىنى بىلىمەن،ئاز كۈندىن كىيىن ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭ نادىر قوليازمىلىرىنى مۇنبەر يۈزىدە كۆرىمىز.
جۇدۇن ئەپەندىم،مەن سىزگە سەل تۇرۇپ تېلفۇن قىلىمەن،تېلىفۇنىڭىزنى ئىتىپ قويماڭ،بولامدۇ؟