>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى -> ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 2186 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
zulmat0999

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 36
شۆھرەت: 37 نۇمۇر
پۇل: 360 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:20(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-30

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ، ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮒ ﺟﯩﻚ ﮬﻮﻧﺘﯧﺮ


ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ ---ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﻣﻮﻧﯩﻴﺎﺯ . ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﭖ ﺭﻩﺗﻠﯩﮕﯘﭼﻰ----- ﻣﻪﺧﻤﯘﺕ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ
ﻗﻮﻳﭽﻰ( ﺷﯩﺨﻮ )<< ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﺘﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ>> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﯩﻨﺪﻯ.

ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ------- ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ.ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﺮﺍﺕ ﺷﯘ ﺑﻮﻟﺪﯗﻛﻰ، ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﯧﺨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﻪﭘﺘﯘ . ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻻﺭﻛﻪﻧﻤﻪﻥ . ﺯﺍﯞﯗﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﯩﺸﺘﻪﻙ ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﻼ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﻚ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﭽﻪ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﺘﺎ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﭺ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .
1-ﺑﺎﭖ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ <«ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ» ﻗﺎ ﺋﯩﺰﺍﮬﺎﺕ
ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﯩﻠﻰ ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻤﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯘ . ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺧﺘﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭘﺘﯘ . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﻤﯘ ﻳﯩﻞ ﺳﺎﻧﺎﭖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻧﯩﺸﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﺋﺎﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺴﺎ ، ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﭘﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ ، ﮬﺎﺯﯨﺮ «ﺋﯧﻤﺘﯩﮭﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﺋﻪﺗﻪ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ 20-ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ 70- ﻳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍﺭﺍﻏﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ، ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﺸﯩﺮ ﻧﺎﯞﺍﻳﻰ. . . ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯩﺘﯜﻙ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺵ ﺗﻪﺟﺮﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ، ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﺳﯘﺧﯘﻟﻤﯩﻨﯩﺴﻜﻰ، ﻛﯘﯕﺰﻯ ﻛﻪﺑﻰ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺴﯩﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﯘ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻴﺴﻰ، ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼﺭ ﮬﻪﻣﯩﺸﻪ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﻣﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﯨﻘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ--ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. «ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﺘﯘﺭﻯ ﺳﺎﻧﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﻳﯜﺯﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ 8-10 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯚﻟﯜﻡ، ﮔﯘﺭﭘﭙﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯩﺮﻯ، ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ . . . ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺧﺎﺩﯨﻤﯩﻨﯩﯔ 40 - 50 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ «ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻼﺵ» ﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯘﺩﯗﻡ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻠﯩﺪﯗﻕ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﻭﺭﻣﯘ-ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ . ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺕ ﻛﯧﻠﻪﯕﺴﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ . «ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﯨﺘﻤﯩﺰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ . ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﻱ-ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ «ﺷﯩﺘﺎﺕ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺭﻩﮬﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮔﯘﺭﭘﭙﯩﺴﻰ» ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ «ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ» ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻰ ---- ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ . . .
ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺱ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ﺋﯘ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻥ !


-ﺑﺎﭖ. ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺶ

ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﭖ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ _ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ.
ﺑﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ، ﻛﯚﭖ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﭙﺘﯘ . ﺋﯘﻻﺭ «ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ «ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻛﯚﭖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ، ﻛﯚﭖ ﭼﺎﺭچىتىش» ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺳﺎﻧﻠﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺴﻪ، ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﺎﻟﯩﺴﺎ، ﺷﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺪﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﭘﺎﻻﻗﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﮬﺎﺭﺩﯗﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ، ﺋﻮﻥ ، ﺋﻮﻧﺒﻪﺵ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺗﯜﺯﺳﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ، ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ 20-25 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺗﯜﺯﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺗﺎﭘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. . .
ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺟﻪﺩﯨﯟﻩﻝ، ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﮬﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺧﯘﺩﺍ ﺩﻩﺭﺱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻛﻤﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻘﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﻛﻮﻧﺴﭙﯩﻜﻨﻰ ﻛﯧﻠﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ .
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ «ﮔﯘﺭﭘﭙﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻛﺎﻧﺴﯩﭙﯩﻜﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﺗﯜﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﺕ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﻮﻧﺴﯩﭙﯩﻜﻜﻪ ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ، ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ، ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. . .
ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯘ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﮬﺎﻻﺵ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﭖ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺩﻩﭘﺘﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪ، ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺴﯘﻥ، ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯘﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻘﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺳﻪﻝ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ -- ﺩﻩ، ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﯕﺎ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﻩﻙ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﮬﯩﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﻮﺑﯩﻜﺘﯩﭗ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﻘﺎﻥ ، ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯘ .
ﻳﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺸﯘ ﻳﺎﺯ ﺗﻪﺗﯩﻠﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻱ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﻪﻧﺒﻪ-ﻳﻪﻛﺸﻪﻧﺒﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺧﯩﻼﭖ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ--- ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻛﺎﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﮔﻮﻣﯘﺵ، ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺱ . . . ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭘﻜﻪ، ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ... ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻰ، ﺋﺎﻗﺴﯘ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺗﺎﻻﻱ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯛﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺩﯛﻡ.
ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﻜﻪﻥ، ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺩﻩﻝ ﻣﻮﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﺴﺎ، ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭖ ﺋﯜﻧﯜﻣﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ، ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ... ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻛﻪﻡ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺗﯜﺭﯛﻟﯜﻙ ﺷﻪﻛﻠﯩﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺷﻪﻛﯩﻠﯟﺍﺯﻟﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﺪﺍﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﺵ-ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻼ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ «ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ» ﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ-ﮬﻪ!؟
ﺷﯘﯕﺎ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻳﻮﻕ. ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﻳﻮﻕ. ﻗﻪﺳﺘﻪﻥ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺸﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ!

3- ﺑﺎﭖ ﻗﻮﺭقۇتۇش
ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ «ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﺶ» ﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻯ ﺋﯚﺯ ﻧﻮﺑﯘﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻗﻮﺭﻗﯘﺵ - ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﻪﻧﺎﺩﯨﻜﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯩﺸﯩﺪﯗﺭ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻏﯩﺪﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﯟﺍﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﮬﺪﯨﺪ ﺳﺎﻻﻟﯩﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. «ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪﻥ» ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯧﭙﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. «ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. «ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ» ﻧﻰ «ﺋﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭﻻﺵ» ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﺩﯨﺮﻻﺭ ﮬﻪ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﭗ ﺩﻩﭖ، ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﺗﯧﻨﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯘﭖ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭙﺘﯘ.
ﺩﻩﺭﺳﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ -- ﺗﻪﮬﺪﯨﺪ ﺳﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺴﻪﻡ ، ﺑﯘ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ .
ﻛﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﻩﺭﺱ ﺋﯚﺗﻤﯩﺴﻪ ، ﺩﻩﺭﺱ ﺋ.ﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺩﻩﺭﺳﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ «ﻻﻳﺎﻗﻪﺗﺴﯩﺰ» ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﺎﮬﯩﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺰﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ، ﻳﯧﺰﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻧﯩﺖ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ، ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﯜﻳﯜﺭﭖ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﯩﺴﻤﯘ، ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﺭﺍﺯﯨﻜﻪﻧﻜﻰ، ﺳﺎﻕ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺴﯩﺮﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ» ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﯞﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﺷﯘﭖ، ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺳﻪﮬﺮﺍﺩﺍ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﯩﻴﭽﻪ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺳﻪﯞﻩﺏ: ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﺭﺍﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ، ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﮬﺮﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ «ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ» ﺷﺎﻣﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻻﻻﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻗﺎﺭﺍﯓ ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﮔﻪﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻗﻮﻏﺪﯨﻨﯩﺶ، ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ-ﮬﻪ!
ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻳﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ، ﻣﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﻣﻮﺷﯩﻨﯩﻤﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ. «ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯘﺵ ﯞﻩ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.


[zulmat0999] يېتىمسىراش


[zulmat0999] ئاچچىقلانغان ھالدا: بەكلا ئاچچىغقىم كەلدىغۇ!!





موللا پوك-پوك تەستىقلىدى .


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 12:49 چوققىغا قايتىش
koktikin

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 22
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 70 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:27(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-05

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تېمىڭىزغا رەھمەت. بىلسەكمۇ ئەيتىشقا پىتىنالمىغان گەپلەر ئىكەن. ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق. بىزنىڭ ،مىللى مائارىپىمىزدىكى رىئالنى مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغانىكەن.

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 13:17 چوققىغا قايتىش
qiqakay

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 48
شۆھرەت: 49 نۇمۇر
پۇل: 330 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


شؤثلاشقا مصنصث ظوقؤتقؤچص دوستلصرصممؤ تولا قاقشايدصكةندة!

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 13:25 چوققىغا قايتىش
tograk28
ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 213
شۆھرەت: 217 نۇمۇر
پۇل: 2130 سوم
تۆھپە: 15 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:347(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەي توۋا   بىزنىڭ ئويغۇر مائارىپىنى بولۇپمۇ مەكتەپلەردە ئەمىلى بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى خۇددى ئويغۇر مائارىپىدا بىر ئۆمۈر ئىشلەپ يەكۈنلەپ چىققان خۇلاسىدەكلا يېزىپتۇ بۇ ئامىركىلىق .  
          مەن بىر خېلې پېشقەدەم مائارىپچى   يوقارقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر دەل مەۋجۇت ئەمىلى مەسىلە .   تىمىنى باشتىن ئاياق   تەكرار - تەكرار ئوقۇپ چىقتىم . شۇنى ئەسكەرتكۈم كېلڭۋاتىدۇ .
      دكلىتىمىزدە   ھەرقايسى   ئۆلكە ئاپتونۇم رايۇنلارنىڭ   ئۆز   ئالدىغا ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ، ۋە ئۆز ئالدىغا ئوقۇتۇش دەرسلىكى   تۈزۈش ھوقوقى   يوق . دۆلەتلىك   ئىمتىھان ( ئالى مەكتەپ ) ئىمتىھانىمۇ   تەرجىمە سۇئال   شۇنىڭ ئۈچۈن خەنزۇ مائارىپ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە دەرسلىكىدىن ئايرىلالمايمىز . بۇ بىز ئۈچۈن چىكىلداپ تۇرۇپ مەجبۇرى ماڭىدىغان يول .
    يەنە بىرى تىمىدا مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ خىزمەت ئۇسلۇبى شەكلىدىكى نوخسانلار دىيىلىپتۇ . بۇمۇ بار ئەمىلى مەسىلە ..... لىكىن سىياسەت ئەمىر پەرمان قانداق بولسا شۇ بويۇچە ئىشلەيدىغان گەپ   ئۇلارغىمۇ ئامال يوق .
    بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ   دەردى ئەينەن دىيىلىپتۇ .
    ئاخىرىدا   تىما ئىەىسىگە چوڭقۇر رەخمەت ئېيتىمەن بىز ئۆزەەرتالمىساقمۇ   مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ مۇنبەردە بوپ تۇرغۇنى كۆپ ياخشى .


[ بۇ يازما tograk28 تەرپىدىن 2007-12-06 13:43 دە قاي ]


Nurluk elani

ئانا دەريا - <دىنار>
[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 13:29 چوققىغا قايتىش
ISLAM3

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېزىش چەكلەنگەن
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 150
شۆھرەت: 156 نۇمۇر
پۇل: 1500 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:19(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


No permission to view this article


ياشىسۇن ئىسلام !!!!!
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 13:38 چوققىغا قايتىش
nokian70



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 74
شۆھرەت: 75 نۇمۇر
پۇل: 740 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:46(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-14

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ۋاي خۇدايىم مۇئەللىملەرگە نېمە ئۇۋالۋىلىق بۇ، توۋا،توۋا،

Nurluk elani
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 14:00 چوققىغا قايتىش
Yamghur727

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 8
شۆھرەت: 8 نۇمۇر
پۇل: 71 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:2(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەن ئوقۇش پۈتتۈرۇپ كەلگىلى تۆت يىل بۇلۇپ قالدى. مۇستەقىل ئىش قىلىپ باقاي دېسەم، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىم بىلەن، ئۆگەنگەن ھۆنىرىمنىڭ ھېچىبىر تايىنى يوق. بۇنىڭ ئاساسى سەۋەبىنى ئۆزەمدىن كۆرسەممۇ يەنە بىر قىسمىنى بىزنىڭ مائارىپىمىزدىن كۆرمەي تۇرالمايمەن. بىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۇرۋالساقلا ئۆزىمىزگە يول چىقىدىغاندەك ئويلايمىز. لېكىن ھازىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ نەچچە يىل خىزمەت ئىزدەپ ھالىدىن كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس. قولىمىزدا ئاران كۆتۈرەلىگىدەك دىپلوملارنى يىغىۋالغىنىمىز بىلەن ئەمەلىيەتتە قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ؟
    ھەرھالدا تولا ئىمتىھان بىرىپ يۈرۈپ ئاخىرى بىر كەنىتتىكى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ قالدىم. بارغان كۈنىلا مېنى ھەپتىدە 20سائەت دەرس ئۆتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى.باشلانغۇچ 5-يىللىققا خەنزۇ تىلىدىن دەرس ئۆتۈپ ئايلىنىپ كەتكلى تاسلا قالدىم ،پۈتۈن سىنىپتىكى 30 بالا ئىچىدىن 太阳<قۇياش> دىگەن سۆزنى يازالايدىغان بىرمۇ ئوقۇغۇچى يوقكەن. يەنە بىريىلدىن كىيىنلا ئۇلار بىزنىڭ <<پەخىرىمىز >> بولغان قوش تىللىق سىنىپلارنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ،ھەتتا ماتىماتكىنىمۇ خەنزۇ تىلىدا ئاڭلايدۇ . . . . . بۇمەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ 90 پىرسەنتى ئۇيغۇر بولسىمۇ ، مەكتەپ مۇدىرى خەنزۇكەن. مەن دەرھال مەكتەپ مۇدىرىنى ئىزدەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدىم. ئەپسۇس، مۇدىر نىمە دەيدۇ بىلەمسىلەر؟ ئارتۇق كۈچەپ كەتمە، بۇ بالىلار باشلانغۇچنى پۈتتۈرۋالغۇچە ئانچە مۇنچە تىل ساۋادى چىقىپ قالسىلا بولدى . . . . . . دەيدۇ. مانا مۇشۇلار ساپا مائارىپى ، نىشانلىق ئوقۇتۇش، يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىمۇ؟ شۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولغان بولسىمۇ بۇنى كىمگە دەيمەن؟!!! ھەتتا ئەشۇ ئامىرىكىلىقمۇ بىزنىڭ مائارىپىمىز توغرىسىدا باش قاتۇرۇپتۇ. لېكىن بىز نىمە دىيەلەيمىز؟


Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 14:46 چوققىغا قايتىش
isim-yok



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 90
شۆھرەت: 91 نۇمۇر
پۇل: 750 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:18(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-19

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﺳﯩﺰ ﻳﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ، ﻣﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ ﻣﻮﺷﯩﻨﯩﻤﯘ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺩﯦﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟
ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﻤﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯘﻡ ﻳﻮﻕ. «ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺕ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﯟﯨﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﯟﺍﺯﻟﯩﻖ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯘﺵ ﯞﻩ ﺧﻮﺭﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ.

يىغلىساق ئاڭلايدىغان ئورۇن بامىدۇ


Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 15:19 چوققىغا قايتىش
uyghurtekin



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 51
شۆھرەت: 52 نۇمۇر
پۇل: 350 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:59(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-11

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تېمىڭىزغا رەھمەت. ھەقىقەتەنمۇ بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىپتۇ.. بىر چەتئەللىك بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسىنى مۇشۇنداق تولۇق چۈشىنىپ يەتكەن يەردە، نېمىشقا مۇشۇ رەھبەرلىرىمىز چۈشەنمەيدىغاندۇ،
مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى، جەنۇپتىكى بىر يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى.
مەن خىزمەتكە چىققىلىمۇ 3 يىل بولۇپ قاپتۇ، يېڭى خىزمەتكە چىققان ۋاقتىمدا مەكتەپتىكى ھەر خىل شەكىلۋازلىق، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى كۈچەپ قىلىپ كېتىۋاتقانلارنى كۆرۈپ ھەيران قالغانىدىم، ئەمما ئۇزاققا بارمايلا مەنمۇ بۇ شەكىلۋازلىقلارغا كۆنۈپ كەتتىم، مەكتىپىمىزنىڭ ھەر خىل باھالاش، تەكشۈرۈشلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن بىز ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ھاردىم -تالدىم دېمەي ئىشلىدۇق، ئاخىرىدا بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن مەكتەپ مۇدىرلىرى خوشال بولغان ھالدا بىر ئېغىز گەپ بىلەن تۈگىتىدۇ، ياكى يەنىلا رازى بولمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.جاپانى بىز تارتساق ھاردۇق چېيىنى ئۇلار چىقىرىشىدۇ....
قىسقىسى ، بۈگۈن دەل مەكتىپىمىزگە ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن مەكتەپ خىزمىتىنى تەكشۈرگىلى باھالاش گۇرۇپپىسى چىقتى. تېخى چۈشتىن بۇرۇن مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مڭبىر جاپادا تولۇقلاپ بولغان دەرس تەييارلىقى، ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى، دەرس ئاڭلاش خاتىرىسى، كۇرژۇك پائالىيەت خاتىرىسى، پىلانى، سىياسى ئۆگىنىش، قوش تىل ئۆگىنىش ۋە كەسپىي ئۆگىنىش خاتىرىسى دېگەندەك ماتېرىياللىرىمنى تەكشۈرتۈپ چىقتىم. ئىشخانامغا كىرىپ بۇ تېمىنى كۆرۈپ گويا بۇ تېما بىزنىڭ مەكتەپتىكى بۈگۈنكى ئىشلارغا قارىتا يېزىلغاندەك تەسەۋۋۇرغا كېلىپ قالدىم. شۇڭلاشقا سەل جېق گەپلەرنى قىلىپ قويدۇم.........
تېما ئىگىسىگە رەھمەت!!!!!


[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 15:41 چوققىغا قايتىش
alyarim

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 43
شۆھرەت: 44 نۇمۇر
پۇل: 430 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-17

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


مەنمۇ بىر ئوقۇتقۇچى . لىكىن مائارىپىمىز مۇشۇنداقلا ماڭسا مەن بالامنى ھەرگىز مەكتەپكە بەرمەيمەن ، مەن ئىشىنىمەن ، ماۋزىدۇڭ ئىدىيىسى ، دىڭ شىياۋپىڭ نەزىرىيىسىنى ، خەنزۇ تىلىنى ئۆگەنمەيمۇ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقالايدۇ. چۈنكى بۇلا قۇرۇق گەپ.

Nurluk elani
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-06 15:53 چوققىغا قايتىش
<<   1   2   3  >>  Pages: ( 1/3 total )


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-09 06:27, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije