>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> شەبنەم ئەدەبىيات كۆزنىكى -> «كەڭ قورساقلىق»ناملىق تارىخىي ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسى

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 49 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : «كەڭ قورساقلىق»ناملىق تارىخىي ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسى IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
stars_gmg

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 23
شۆھرەت: 54 نۇمۇر
پۇل: 230 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:24(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-27

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
«كەڭ قورساقلىق»ناملىق تارىخىي ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسى

  گوللاندىيىلىك ئامېرىكا گىراژدانى،مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ۋان لوننىڭ«كەڭ قورساقلىق» ناملىق چوڭ تىپتىكى تارىخىي چاتما ئەسىرىنىڭ مۇقەددىمىسى


  ھېچكىم بىلمەيدىغان چەت تاغ جىلغىسىدا كىشىلەر خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە؛
  ئەگرى-توقاي تاغ تىزمىلىرى شەرق، جەنۇپ،غەرب، شىمال ھەر تەرەپكە سوزۇلۇپ ياتىدۇ.
  «ئەقىل بۇلىقى»ۋەيران بولغان چوڭقۇر جىلغىنى بويلاپ ئاستا-ئاستا ئاقماقتا،
  ئۇ ئۆتمۈشتىكى قاقاس تاغلىقتىن باشلىنىپ،
  ئۇ كېلەچەكنىڭ سازلىقىدا غايىب بولغان.
  بۇ بۇلاق دەريالاردەك ئۆركەشلەپ مەۋج ئۇرمىسىمۇ،ئەمما كەنىتتىكى قانائەتچان خەلق ئۈچۈن ئېشىپ-تېشىپ تۇراتتى؛
 
    كەچتە،كەنىتتىكىلەر ئۇلاغلارنى راسا تويغۇزۇپ،ئىدىشلارنى تولدۇرۇپ،قانائەتلەنگەن ھالدا ئولتۇرۇشۇپ قېرىنداشلىق مېھرىدىن ھوزۇرلانماقتا ،
    كونىلىق تەرەپدارى بوۋايلار يۆلەپ ئېلىپ چىقىلدى.ئۇلارنىڭ پۈتۈن بىر كۈنى سالقىن بىر بۇلۇڭدا ،تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان قەدىمي بىر دىرلىق كىتاپقا قاراپ چوڭقۇر ئويلىنىش بىلەن ئۆتكەن،
    ئۇلار بالىلارغا غەلىتە سۆزلەرنى دەپ ۋاتىلداش بىلەن؛ بالىلار بولسا يىراقلاردىن تېرىپ كەلگەن چىرايلىق تاشلىرىنى ئويناشنىڭ كويىدا،
    كىتابتىكى بۇ غەلىتە سۆزلەرنىڭ مەنىسى ھەمىشە شۇنداق مۈجىمەل،
    لىكىن بۇ ،مىڭ يىل ئاۋۋالقى ،ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن قەبىلە تەرىپىدىن يېزىلغان،شۇڭلاشقىمۇ ئۇ مۇقەددەسلىكىدىن بىھۆرمەتلىك قىلغۇسىز دەرىجىدە ئۇلۇغ،
    ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ تاغ جىلغىسىدا كونا نەرسىلەر ھەمىشە شۇنداق ھۆرمەتلىنىدۇ،
    كىمكى «ئەجدادلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى»نى ئىنكار قىلىدىكەن،ئۇ ئاليجانابلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدۇ،
    شۇڭا كۆپچىلىك ئىناق ئۆتۈشكە تىرىشىدۇ.......
    كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتمەكتە،
    ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ جىمجىت تاغ جىلغىسىدا كىشىلەر خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

    ئەتراپ زۇلمەت قاراڭغۇلۇق،بىرسى ئۆمىلەپ كېلىۋاتماقتا،
    ئۇنىڭ تىرناقلىرى تىتىلىپ كەتكەنىدى،م
    پۇتىغا ئورىۋالغان پايتىمىسى ئۇزۇن سەپەر جەريانىدىكى قان بىلەن تولغانىدى،
    ئۇ ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئىشىكنى چەكتى،
    ئارقىدىنلا ئۇ ھوشىدىن كەتتى، غۇۋا شام يورۇقىدا ئۇ ئاسما كارىۋاتقا ياتقۇزۇلدى...
      سەھەردە، پۈتۈن كەنتتىكىلەر شۇنى بىلدىكى :«ئۇ قايتىپ كەلگەنىدى »
      قوشنىلار ئۇنىڭ ئەتراپىدا باش چايقاشماقتا،بۇنداق نەتىجىنىڭ مۇقەررەر بولىشى ئۇلارغا ئايان ئىدى،
      تاغ ئېتىكىدىن ئايرىلىشقا جۈرئەت قىلغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارنى كۈتىدىغىنى--باش ئېگىش ۋە مەغلۇبىيەت.
      كەنتنىڭ بىر بۇرجىكىدە كونىلىق تەرەپدارى بوۋايلار نەپرەتلىك سۆزلەر بىلەن باش چايقاشماقتا،
      ئۇلار تۇغۇلىشىدىنلا رەھىمسىز ئەمەس، بىراق قانۇن ھامىنى قانۇندە!
      چۈنكى بۇ «ساياھەتچى» كونىلىق تەرەپدارى بوۋاينىڭ ئارزۇسىغا خلاپلىق قىلىپ، كەچۈرگسىز چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزدى،
      ئۇنىڭ يارىسى ساقايسىلا چوقۇم سوراققا تارتىلىدۇ.

      كونىلىق تەرەپدارى بوۋاي ئەسلىدە كەڭچىلىك قىلماقچى بولغانىدى، ئۇلار ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالغىنى يوق، ئۇلار يەنە 30يىل ئىلگىرىكى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قۇملۇقتا غايىب بولغان پاجىئەسىنىمۇ ئەسلەشتى.
      بىراق، قانۇن ھامىنى قانۇن، چوقۇم ئەمەل قىلىش كېرەك،
      كونىلىق تەرەپدارى بوۋاي قانۇننىڭ يۈرگۈزگۈچىسى.

      كونىلىق تەرەپدارى بوۋاي بۇ «ساياھەتچى»نى بازارغا ئېلىپ كەلدى، كىشىلەر ئەتراپتا ئىزز ەت-ھۆرمەت بىلەن ئۈن-تىنسىز تۇرۇشماقتا،
      «ساياھەتچى»ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەنىدى،بوۋاي ئۇنى ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى،
      ئۇ رەت قىلدى،
      ئۇلار «سايەھەتچى»گە ئاغزىنى يۇمۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى،
      بىراق توسقانسېرى، ئۇ سۆزلەشكە ئۇرۇندى،
      ئۇ بۇرۇلۇپ بوۋايغا دۈمبىسىنى قىلىۋالدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى توپ ئارىسىدىن ئىلگىرى بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە ھەمنەپەس بولغان ئادەملىرىنى ئىزدىمەكتە،
    «گېپىمنى ئاڭلاڭلار!» ئۇ ئۆتۈندى، «گېپىمنى ئاڭلاڭلار، ھەممىمىز خوشال بولايلى! مەن تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىن قايتىپ كەلدىم، ئايىغىم يىپيېڭى تۇپراققا قەدەم باستى، قوللىرىم باشقىلارنىڭ مېھرىبانلىق سىلاشلىرىنى ھېس قىلدى، كۆزلىرىم ئاجايب مەنزىرىلەرنى كۆردى!»
    «كىچىك ۋاقتىمدا مىنىڭ دۇنيايىم پەقەتلا دادامنىڭ گۈللىكىلا ئىدى. دۇنيا يارالغاندىلا گۈللۈكنقڭ شەرق،جەنۇب،غەرب،شىمال تەرەپلىرى ئۆز-ئارا تۇتاشقان»
    «مەن چىگرىنىڭ ئۇ تەرىپىدە نىمە بارلىقىنى سورىساملا، ھەممەيلەن باش چايقاپ، مىنى سۆزلەشكە يول قويمىدى، لېكىن مەن ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە سوراپ تۇرىۋالدىم،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى بۇ يار لېۋىگە ئېلىپ كېلىپ، سرتقى دۇنيانى تەسەۋۋۇر قىلىپ خۇدانى كەمسىتىشكە ئۇرۇنغانلارنىڭ قۇرۇپ چوخچىيىپ قالغان سۆڭەكلىرىنى كۆرسىتىشتى»
    شۇ چاغدا «يالغان، خۇدا قەيسەر ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ» دەپ ۋارقىرىدىم مەن، كونىلىق تەرەپدارى بوۋاي ئالدىمغا كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس كىتابىنى ئوقۇشقا باشلىدى، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، خۇدانىڭ ئىرادىسى جاھاندىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن، جىلغا بىزنىڭكى، بىزنىڭ ئڭگىدارچىلىغىمىزدا:ياۋايى ھايۋانلار، گۈل-گىياھلار، مېۋىلەر، بېلىجانلار...... ھەممىسى بىزنىڭكى، ئۇلار بىزنىڭ ئىرادىمىز بويىچە ھەرىكەتلىنىدۇ،بىراق تاغ--خۇدانىڭ، تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئىشلارنى بىز بىلمەسلىكىمىز كېرەك...تاكى زامانە ئاخىرى بولغىچە»
    «ئەمەلىيەتتە ئۇلار يالغان سۆزلىگەن، ئۇلار سىلەرنى ئالدىغانغا ئوخشاش مىنىمۇ ئالدىدى.»
    «ئۇ تەرەپتىكى تاغدا ئوتلاق بارئىكەن، بىزنىڭكىگە ئوخشاش تۇپرىقى مۇنبەت ئوتلاق، ئۇ يەردىكى ئەر-ئاياللارمۇ بىزگە ئوخشاش قان بىلەن جاندىن تۈزۈلگەن، شەھەرنى مىڭ يىل مابەينىدىكى تالانتلىق ھۈنەر ئۇستىلىرى كۆڭۈل قويۇپ، كۆزنى چاقناتقۇدەك چىرايلىق ياساپ چىقىپتۇ.»
    «مەن تېخىمۇ گۈزەل جايغا بارىدىغان يولنى تاپتىم، مەن بەختلىك تۇرمۇشنىڭ نۇرىنى كۆرەلىدىم. ماڭا ئەگىشىڭلار، مەن سىلەرنى ئۇ جايلارغا ئېلىپ بارىمەن، خۇدا بۇ يەردىلا ئەمەس، باشقا يەردىمۇ بار.»
    ئۇ توختاپ قالدى، كىشىلەر توپىدىن قورقۇنۇچلۇق ھۆركىرىگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
    «بىھۆرمەتلىك، جىنايىتىگە تېگىشلىك جازا بېرىش كېرەك،ئۇ ئەقلىنى يوقىتىپتۇ، ئۇ مىڭ يىل ئاۋۋالقى قانۇننى مەسخىرە قىلىشقا پېتىندى، بۇ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ»
  كىشىلەر قوللىرىغا تاش ئالدى،
  ئۇلار بۇ «ساياھەتچى»نى ئۆلتۈرۈشتى...
  كىشىلەر ئۇنىڭ جەسىتىنى يارغا تاشلاپ، ئەجدادلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن گۇمانلىنىشقا پېتىنغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى،بۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق بىرگە جازا، مىڭغا ئىبرەت بولدى......
     

    ئۇزۇن ئۆتمەي دەھشەتلىك قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەردى،
    شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان «ئەقىل بۇلىقى» مۇ قۇرۇپ قالدى.
    ئۇلاغلار ئۇسسۇزلۇقتىن بىر-بىرلەپ ئۆلۈشكە باشلىدى، ئاشلىقلار ئېتىزلاردا قۇرۇپ قاقشال بولدى، ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ تاغ جىلغىسىدا ئەتراپنى ئاچارچىلىق نالىسى قاپلىدى.
    ئەمما، كونىلىق تەرەپدارى بوۋايلار نىيىتىدىن يانمىدى، ئۇلار ھەممە بالايىئاپەت، قىيىنچىلىقنىڭ ئۆتۈپ، بۇرۇنقى خاتىرجەم كۈننىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىشتى، چۈنكى ئۇنتۇلغان قەبىلە تەرىپىدىن يېزىلغان ھېلىقى «مۇقەددەس،بۈيۈك كىتابلار»دا شۇنداق يېزىلغان-دە!!!
  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار قېرىغان، ئۇلارغا ئازراقلا يىمەكلىك بولسىلا كۇپايە قىلاتتى؛

  قىش يېتىپ كەلدى،
  كەنت چۆلدەرەپ قالغانىدى.
  يېرىمىدىن كۆپرەك كىشىلەر ئاچلىق ۋە سوغۇقتىن ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى...
  ھايات قالغانلارنىڭ بىردىنبىر ئۈمىدى--تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدە قالغانىدى،
  لېكىن، قانۇن « بولمايدۇ!!! » دېدى،
  قانۇنغا چوقۇم بوي سۇنۇش كېرەك !

  بىر كۈنى كەچتە قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى،
  ئۈمىدسىزلىك---ۋەھىمىدىن ئىتائەتمەنلىك بىلەن بوي سۇنۇپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگە ئۈمىد ئاتا قىلدى،
  كونىلىق تەرەپدارى بوۋاي ئاجىزلىق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتمەكتە، ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاپاسىزلىقىنى قارغاشتى، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى ئات ھارۋىسى كەنتتىن چىقىپ كېتىۋاتقان پەيىتتە، ئۇلار مەپىكەشنى توختىتىپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئېلىۋېلىشقا زورلىدى،
    شۇنداق قىلىپ، ناتونۇش دۇنياغا ئاتلانغان سەپەر باشلاندى...

  «ساياھەتچى»نىڭ قايتىپ كەلگىنىگە ئۇزۇن زامانلار بولغانلىقتىن، ئۇ ئاچقان يولنى تېپىش ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى، نۇرغۇن ئادەملەر سەپەر جەريانىدا ئۆلۈپ كەتتى، كىشىلەر ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە دەسسەپ يۈرۈپ،«ساياھەتچى»نىڭ تاش دۆۋىسىدىن ياساپ قويغان تۇنجى يول بەلگىسىنى ئاخىر تاپتى،
  شۇنىڭ بىلەن سەپەر جەريانىدىكى جاپالار ئازلىغاندەك بولدى.
  ھېلىقى زېرەك «ساياھەتچى» باشلامچى چەكسىز دالا بىلەن ئورمانلىق ئوتتۇرىسىدا ئوت بىلەن كۆيدۈرۈپ كەڭ يولنى ھاسىل قىلىپ قويغانىدى، بۇ يول كىشىلەرنى قەدەممۇ-قەدەم يېڭى دۇنيانىڭ ئوتلىقىغا باشلاپ كەلدى.
  كۆپچىلىك ئۈن-تىنسىز بىر-بىرىگە قاراشتى...
  «تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ توغرا قىپتۇ»، ئۇلار ئاخىرى ئېغىز ئاچتى،« ئۇ توغرا قىپتۇ، كونىلىق تەرەپدارى بوۋاي خاتالاشقان...»،«ئۇ راست گەپ قىلغان، كونىلىق تەرەپدارى بوۋاييالغان سۆزلەپتۇ...»......


  نەچچە يىلدىن كېيىن كىشىلەر يېڭىدىن بىر بىنا سالدىۋە ئۇنى پاراسەتلىك بوۋاينىڭ تۇرالغۇسى سۈپىتىدە ھېلىقى قەيسەر«ساياھەتچى» باشلامچىنىڭ جەسىتىنى بۇيەرگە كۆمۈشكە تەييارلاندى...
  سۈكۈتتىكى ھەيۋەتلىك قوشۇن ئاللىبۇرۇن جەزىرىگە ئايلانغان تاغ جىلغىسىغا يېتىپ كەلدى، قۇپقۇرۇق تاغ ئېتىكىدە   «ساياھەتچى» باشلامچىنىڭ جەسىتى ئاللىبۇرۇن قۇرۇپ ھېچنىمىسى قالمىغانىدى...
  كىشىلەر«ساياھەتچى» باشلامچى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزنىڭ ئايىغىغا تاش قوپۇرۇشتى، تاشقا باشلامچىنىڭ ئىسمى---ئەڭ دەسلەپ نامەلۇم دۇنيانىڭ قاراڭغۇلىقى ۋە ۋەھىمىسىگە جەڭ ئېلان قىلغان كىشىنىڭ ئىسمىنى ئويدى، ئۇ ھەر ۋاقىت كىشىلەرنى يېڭى ھاياتقا، ئەركىنلىككە ئۈندەپ تۇرىدۇ. تاشقا يەنە «تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن تاۋاپ قىلغىلى كەلگەن ئەۋلادلار ياسىدى»دەپ ئويۇلدى......

  بۇنداق پاجىئە ئۆتمۈشتە بولغان، ھازىرمۇ ھېلىھەم بولىۋاتماقتا، بىراق كەلگۈسىدە ،بىز شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى--بۇنداق پاجىئە يەنە يۈز بەرمىگۈسى !!!

 


{ ئاپتور ھەققىدە :
    ئاپتور   Hendrik.Willem.Van loon
  (1882-1944) گوللاندىيەدە تۇغۇلغان ،ئۇ 1921-يىلىدىكى «ئىنسانىيەتنىڭ ھېكايىسى»ناملىق ئەسىرى بىلەن داڭق چىقارغان،ئاپتور ئىنتايىن تالانتلىق ئەدەبىياتچى شۇنداقلا سەزگۈر جەمئىيەتشۇناس.ئۇ ھاياتىدا ئون نەچچە خىل تىلنى پىششىق ئۆگەنگەن، ئىسكىرىپكىنىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن چالالايدۇ، ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن نادىر ئەسەرلىرىنىڭ قىستۇرما رەسىملىرىنى ئۆزى سىزغان . ئۇنىڭ بۇ «كەڭ قورساقلىق»ناملىق تارىخي چاتما ئەسىرىدە ،ئىنسانىيەت بەرپا بولغاندىن باشلاپ تاكى يېڭى دەۋرگىچە بولغان پۈتۈن تارىخي جەريان ئىخچام، ئېنىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ ئەسەرگە يەنە 204پارچە داڭلىق ماي بوياق رەسىملىرى، 246خىل مۇھىم مەدەنىي مىراسلار كىرگۈزۈلگەن.
  بۇ ئەسەرنىڭ مۇقەددىمىسى قارىماققا كىشىگە ئىنتايىن مۈجىمەلدەك تەسىر بېرىدۇ، بىراق سىز پۈتۈن زېھنىڭىزنى يىغىپ، ۋەقەلىك ئىچىگە كىرىپ تۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزدا ،ئاپتورنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن كۈزۈتۈش ئارقىلىق يېزىپ چىققان ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى،جۈملىدىن ئىنسانلار خاراكتېرىدىكى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان نازۇك مەسىلىلەرنى بايقىيالايسىز .}

___ بىپەرۋا تەستىقلىدى .


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-05 21:42 چوققىغا قايتىش
gitarqi
ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: تېما چولپىنى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 2190
شۆھرەت: 2244 نۇمۇر
پۇل: 13187 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:366(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-02-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سىزنىڭ بارلىق تى،ىلىرڭىزنى ئۇقۇپ چىقتىم .....مەيلى تىل ئشىلىتىش جەھەتتىن بولسۇن ۋە ياكى مەزمۇن بولسۇن شۇنداق ياخشى يېزىلىپتۇ ............   سىزگە كۈپ رەخمەت ......سىزنىڭ بۇنىڭىدن كىيىنكى ئشىلىرڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن مۇشۇنداق نادىر تىملىڭىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي ..................... قوللىرىڭىز ھارمىغاي ....رەخمەت سىزگە !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

Nurluk elani

مىنىڭ يازمىلىرىم باشقىلارغا پايدا يەتكۈزەلىسە خالىغانچە ئىشلەت ....مەن روخسەت قىلدىم ....
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-11 00:03 چوققىغا قايتىش
mehrigiya
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 865
شۆھرەت: 983 نۇمۇر
پۇل: 8700 سوم
تۆھپە: 97 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:455(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز سىڭلىم ، بۇ كىتاپنىڭ تەرجىمىسى بولسا ئوقۇپ باقساق بولغىدەك .

كومپيۇتېر بېلىملىرى ئۈگۈنەي دىسىڭىز ئۇيغۇر كومپيۇتېر تېخنىكىسى تورىغا كېلىڭ!

بولسىمۇ مىڭ تۇققىنىڭ ئاللاھقا ياد كۆڭلى چىگىش ،
بىر خۇداغا ئاشىنا ياد تەن بىلەن دەرھال تېگىش .

[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-11 00:20 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-11 19:24, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije