>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
 
XabnamBBS -> تارىخ بەتلىرى -> تارىختىن بۇرۇنقى تارىخ

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 504 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : تارىختىن بۇرۇنقى تارىخ IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
kuraxjan
ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 1011
شۆھرەت: 1062 نۇمۇر
پۇل: 10151 سوم
تۆھپە: 63 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:476(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
تارىختىن بۇرۇنقى تارىخ



تارىختىن بۇرۇنقى تارىخ



چاقىلىقنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى تارىخىنى بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەردىن باشلاشقا ھەمدە مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا تاماملاشقا بولىدۇ. چۈنكى ھازىرغىچە بايقالغان تاش قوراللار گەرچە ئۇششاق تاش قوراللار دەۋرىگە مەنسۇپ بولسىمۇ، بىزنىڭ كونا تاش قوراللار دەۋرىگە ئائىت ئىزلارنى تاپالماسلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. چۈنكى، لوپ رايونى قۇملۇق رايون بولۇش بىلەن بىرگە شەرقىي شىمال بورىنى كۆپ چىقىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ جايدا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش تېخى يېتەرلىك ئەمەس. ھازىر بايقالغان تاش قوراللار ئاساسەن يەر يۈزىدىن يىغىۋېلىنغان، ئومۇميۈزلۈك قېزىش ئېلىپ بېرىلغىنى يوق، ئەمەلىيەتتە كونا تاش قوراللار ئىزلىرى تۇپراق ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان بولۇشى مۇمكىن، تاش قورال ئىزلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قېزىلماسلىقى تۈپەيلى كونا تاش قوراللار تاشقورغان، ئاتۇش ۋە تۇرپان قاتارلىق قىسمەن جايلاردىلا بايقالدى. تۇرپان رايونى بىلەن لوپ رايونى يېقىن، يەنە كېلىپ ئەينى تارىخىي دەۋرلەردىكى لوپ رايونىنىڭ كىلىماتى تۇرپاندىن ياخشى ھەمدە بۇ يەردە دەريا ۋە كۆللەر كۆپ بولغاچقا، ياۋايى ھايۋانلارمۇ تۈركۈملەپ ياشىغان، ئۇششاق تاش قوراللارنىڭ ئالتۇنتاغ باغرىدا تېپىلغانلىقىدىن باشقا، لوپ كۆلى رايونىدىمۇ خېلى كۆپ بايقىلىشى بىزنى بۇ ھەقتە مول تەسەۋۋۇرغا باشلايدۇ، ئەمما تەسەۋۋۇر دېگەن يەنىلا تەسەۋۋۇر، ئۇنىڭغا پاكىت لازىم. ئۇششاق تاش قوراللار دەۋرىدە ئالتۇنتاغ باغرىدەك ئەنە شۇنداق ئېگىز، ھاۋا كىلىماتى ناچار بىر رايوندا ئىنسانلار بەلكىم ئوۋچىلىق تۇرمۇشى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا كېرەك. ئالتۇنتاغ باغرىدا ئاشۇ تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن ئاھالىلەرنىڭ كېيىنكى ھايات پائالىيەتلىرىنى ئىسپاتلىغۇدەك ماتېرىيال يوق، ئۇلارنىڭ نەسلى شۇ يەردە ئۈزۈلگەنمۇ ياكى باشقا ياقلارغا، جۈملىدىن لوپ رايونىغا كۆچۈپ كېلىپ، يېڭى ھاياتلىقنى باشلاشقا قادىر بولالىغانمۇ يوق، بۇ بىزگە قاراڭغۇ.

لوپ كۆلى رايونىدا خېلى كۆپ ساندىكى ئاھالىلەر ياشىغان. بىز يۇقىرىقى بايان ۋە پاكىتلارغا ئاساسەن بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەردىن تارتىپ ھازىرقى چاقىلىق ناھىيىسى چىمەنتاغ يېزىسى تەۋەسىدىكى قارا دۆڭ ئەتراپلىرى، قوتاز بۇلاق ئېگىز تاغ باغرىلىرىدىن سىرت، يەنە لوپ كۆلىنى مەركەز قىلغان ھالدا يەنە بىر تۈركۈم ئاھالىنىڭ ياشىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇلار ئىزچىل ھالدا مۇشۇ زېمىنلاردا ياشىغان )ئالتۇنتاغ باغرىدا ياشىغانلارنىڭ تەقدىرى نامەلۇم(، بۇ يەردە تولۇقلايدىغان يەنە بىر نۇقتا باركى، بەزى كىشىلەر كروراندىكى بۇ خىل قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن بۇ قەبرىلەردە كۆرۈلىدىغان ئاق جىنسلارنى ياۋروپا بىلەن باغلاپ، بۇنىڭدىن 3 - 4 مىڭ يىللار مۇقەددەم غەربتىن شەرققە كۆچۈپ كەلگەن ياۋروپالىقلار دەپ دەۋا قىلىشتى. ناۋادا ئۇلار بۇنىڭدىن 3 - 4 مىڭ يىللار بۇرۇن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن ياۋروپالىقلار بولسا، ئۇنداقتا بۇلار كېلىشتىن ئىلگىرى بۇنىڭدىن 10 مىڭ يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن تارتىپ ياشىغان ئىنسانلار نەگە كەتتى؟ ياكى ياۋروپالىقلار بۇ يەرگە كېلىپ ئۇلارنى   قىرغىن قىلىپ تۈگەتتىمۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق ئەمەس. ئۇلار مۇشۇ زېمىندىكى يەرلىك ئاھالە ئىدى، ناۋادا بىز ئۇلارنى بۇنىڭدىن 3 - 4 مىڭ يىللار ئىلگىرى بۇ يەرگە كەلگەن دەپ قارىساق، ئۇلار پەقەت ئاز سانلىق ئاھالىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئۇلار بۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ، ئارىيانلارغا ئايلاندۇرۇۋېتەلىشى گۇمانلىق. ئىرقىي تىپ ھەرگىزمۇ بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۇ يەنە ھەرگىزمۇ بىر مىللەتكە خاس نەرسىمۇ ئەمەس، مەسىلەن، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كاۋكاز ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغان بىر ئىرقىي تىپ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، يەنە بىرقانچە جايلاردىكى ئاھالىلەردە روشەن ئىرقىي پەرق بارلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ مۇشۇ زېمىندا تاش قورال دەۋرلىرىدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىدا ياۋروپا ئىرقىغا خاس خۇسۇسىيەتلەر ساقلانغان بولسا، يەنە بىر قىسىملىرىدا ياۋروپا ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقى ئارىسىدىكى تەبىئىي قوشۇلۇشنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بىز بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى قەدىمكى ئاھالىلەر قىسمىدا مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىمىز.

بىزنىڭ بۇنىڭدىن 4000 يىللار بۇرۇنقى كرورانلىقلارنىڭ ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولۇشىمىزدا ئارخېئولوگلارنىڭ تۆھپىسى زور رول ئوينايدۇ، قەبرىستانلىقتىن تېپىلغان يادىكارلىقلاردىن بىز كرورانلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلاردا چارۋىچىلىقنى ئاساسىي ئىگىلىك قىلىپ ياشىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. چۈنكى قەبرىلەردىن قوي، كالا مۈڭگۈزلىرى، مۈڭگۈزدىن ياسالغان كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تېپىلغان. بۇ ۋاقىتتىكى چارۋا - ماللاردىن قوي، كالا، ئۆچكە قاتارلىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن، يەنە، شۇ دەۋر كىشىلىرى   كالا تېرىسىدىن ئاياغ تىكىپ كىيگەن، قوي يۇڭى بىلەن تىۋىتىنى ئايرىلغان، قوي يۇڭىدىن سۈپەتلىك رەختلەرنى توقۇغان )بۇ ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكى بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت تەرەققىي قىلىپ شۇ زامانغا كەلگەندە ئەنە شۇنداق يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان(، يەنە مەلۇم كۆلەمدە بۇغداي تېرىقچىلىقىمۇ قىلغان (قەدىمكى قەبرە جىلغىسىدىكى 4000 يىل بۇرۇنقى بۇغداي ئەۋرىشكىسى بۇنى ئىسپاتلايدۇ)، ئۇلار يەنە ئوۋ ئوۋلاش ۋە بېلىق تۇتۇش ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامدىغان (ئۆردەك قەبرىستانلىقىدا بايقالغان پالاق ئۇلارنىڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ). شۇ دەۋرلەردە مېتال قوراللارنى   ئىشلىتىشنىمۇ بىلگەن، ئۇلار ياسىغان ياغاچ قوراللار، جۈملىدىن ياغاچ تاۋۇت، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىكى ئۆتكۈر تىغ ئىزلىرى بۇنى روشەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئارخېئولوگ ۋاڭ بىنخۇا ئەپەندى بۇنىڭدىن 4000 يىللار بۇرۇنقى ئاشۇ قەبرىلەردىن تېپىلغان ياغاچ مەبۇدلار ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "قەدىمكى قەبرىلەر جىلغىسىدىن ئالتە دانە ئويما مەبۇد تېپىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بەشىنىڭ ئاياللىق ئالاھىدىلىكى ناھايىتى روشەن، ئۇنىڭ گەۋدىسى ۋە كۆكسى ئالاھىدە ئاشۇرۇپ گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئالتە دانە ياغاچ ئويما مەبۇد، بىرى تاش مەبۇد بولۇپ، ئويمىنىڭ نىسبەتلىرى توغرا، ئاياللىق ئالاھىدىلىكى روشەن. سەنئەت تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ئويمىلارنىڭ ئېلىمىزنىڭ سەنئەت تارىخىنىڭ بىرىنچى بابىنى تەشكىل قىلىدىغان نادىر ئەسەر بولۇشى شەكسىز، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت - سەنئەت خەزىنىسىدە قەدىرلەپ ساقلىنىدىغان مۇھىم يادىكارلىق بولغۇسى"(ۋاڭ بىنخۇا: « يىپەك يولى ئارخېئولوگىيىسى تەتقىقاتى »، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993 - يىلى خەنزۇچە نەشرى، 206 - بەت.).ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن قەبرىلەردە مۇنداق ئاياللارنىڭ شەكلى ئويۇلغان ياغاچ قونچاق بايقىلىدۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن شۇ جەمئىيەتتە كۈنسېرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەۋاتقان دېھقانچىلىق بىلەن (يەنى بۇغداي بىلەن)، شۇ ۋاقىتلاردا ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ كۈنسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ رولىنىڭ ئىنتايىن چوڭ   بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.   يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئاياللار شۇ ۋاقىتلاردا چوقۇنۇش ئوبيېكتى بولغان بولۇشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا بۇ ياغاچ قونچاقنى ئايال قونچاق دەپ ئاتىدىم، بۇلار ئىپتىدائىي ئېتىقادنىڭ يالدامىسىدۇر.

ئارخېئولوگلار ئاشۇ دەۋردە كرورانلىقلارنىڭ كىگىزچىلىك تېخنىكىسىدا يۇقىرى سەۋىيە ياراتقانلىقىنى،   يەنە ئۇچلۇق قالپاق — مالخايلارنى تىكىپ كىيگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئاتاقلىق ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بىباھا ئەسىرى « تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى ئۇيغۇر ھەققىدىكى رىۋايەتتە، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ئىستېلاچى ئالېكساندىر ماكىدونىسكىي (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن)غا   قارشى ئاتلانغان تۈرك قوشۇنى (بۇلار ئۇرۇشتىكى قەھرىمانلىقى بىلەن ئۇيغۇر دەپ نام ئالغان) ئالدىغا قانداق ئوق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئوق ئاتىدىغانلىقى، ئوزۇق - تۈلۈكىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۇچلۇق قالپاق كىيگەنلىكى سۆزلەنگەن.

بۇنىڭدىن 4000 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ دەۋردە ئىپتىدائىي تېبابەتچىلىكمۇ مەيدانغا كەلگەن، ھەمدەپنىلەرنىڭ ئىچىدە چاكاندا چىققان. ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىچە، چاكاندىنىڭ قىزىتمىنى قايتۇرۇش، يۆتەلنى توختىتىش، زۇكام، كاناي ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشتا شىپالىق رولى بار ئىكەن، ئۇنى خام يېيىشكىمۇ، پىشۇرۇپ يېيىشكىمۇ بولىدىكەن. ئەينى ۋاقىتتا خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاش بوران قاتتىق چىقىپ، ئاھالىلەرنىڭ نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىقى، ياز پەسىللىرىدە چىۋىننىڭ كېسەل پەيدا قىلغانلىقى،   يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقالغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇڭىمۇ قەدىمكى جىلغا قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەتلەرنىڭ %25 ى بالاغەتكە يەتمىگەنلەر بولۇپ، بۇ، شۇ دەۋردە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

بۇنىڭدىن 4000 يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەردىن تەخمىنەن نەچچە يۈز يىللار كېيىنكى ۋاقىتتىكى بەزى ئۇچۇرلارنى بىز ئەنە شۇ قەدىمكى جىلغا قەربىستانلىقتىكى   B تۈرىدىكى قەبرىلەردىن بىلەلەيمىز، بۇ قەبرىستانلىقتىن قېزىلغان مۇشۇ تۈردىكى قەبرە ئالتە بولۇپ، A تۈردىكى قەبرىلەرگە قارىغاندا يىل دەۋرى كېيىنرەك، ئۇنىڭدا ئەڭ جەلپ قىلارلىق ئۆزگىرىش دىنىي ئېتىقادنىڭ روشەن ئىپادىسىدىن ئىبارەت. بۇ قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە ياغاچ قېقىلىپ نۇر چېچىۋاتقان قۇياشنىڭ شەكلى چىقىرىلغان، بۇ شەكىلنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىنچىكە - توم ياغاچ   يەتتە قات قىلىپ قېقىلغان. ئۇنداقتا بۇ قانداق ئېتىقاد؟ مىلادىيىدىن خېلى بۇرۇنلا تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى شەكىللەنگەن، جۈملىدىن ئېگىز تاغ، چوڭ نەرسىلەرنى تەڭرى دەپ بىلگەن. ھۇنلارنىڭ كۈن ۋە ئايغا چوقۇنغانلىقى خەنزۇچە كلاسسىك يازمىلاردا ئېنىق خاتىرىلەنگەن بولسا، ئۇرخۇن - يېنسەي ۋادىسىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلىگەن شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ دەرەختىن بەش ئوغۇلنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا ئائىت رىۋايەت خەنزۇچە ماتېرىيالدا خاتىرىلەنگەن. ئۇلار ھەتتا ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن كىشىلەرنىمۇ "تەڭرىكەن" دەپ ئاتىغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىباھا ئەسىرى « قۇتادغۇبىلىك » تە پېرسوناژلىرىنىڭ ئىسمىنى كۈنتۇغدى ئەلىگ، ئايتولدى دەپ ئاتايدۇ. بىز يىراققا ئەمەس كۆز ئالدىمىزغا قارايدىغان بولساق، تەڭرىتاغ، خانتەڭرى، تارىم كەبى ناملار بىزگە شۇ ئېتىقادنىڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە، ھازىرقى كۈندىمۇ خەلقىمىز ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان سۇغا تۈكۈرمەسلىك، سۇغا تەرەت قىلماسلىق، سۇغا يۇندى تۆكمەسلىك، كۈنگە ۋە ئايغا قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلماسلىق، يۈزىنى يۇيماي كۈنگە قارىماسلىق، كۈن چىققۇچە ياتماسلىق، ئوت ئايرىماسلىق دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار پەرھىزلەر ئەنە شۇ تەبىئەت ئېتىقادچىلىقىنىڭ يالدامىلىرىدىن ئىبارەت.بىز مانا مۇشۇلارغا ئاساسەن، بۇنىڭدىن 3000 يىللار بۇرۇنقى ۋاقىتتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلاردا تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئىپتىدائىي دىن ھالىتىدە   ئومۇملاشقانلىقىنى، شۇ ۋاقىتتا ئەجدادلىرىمىز ئۆز ئېتىقادىنى ئۆلگەندىمۇ قەبرىلىرىگە نۇر چېچىۋاتقان قۇياشنىڭ شەكلىنى چىقىرىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئۇيغۇر مىللىتىدە تەبىئەتنى سۆيىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ساقىندىلىرى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. مەسىلەن، دەريا، ئېرىق، كۆل بويلىرىدا كىر يۇيماسلىق، يۇندى تۆكمەسلىك، ئىككى قات جاندارلارنى ئۆلتۈرمەسلىك ھەمدە كىرپىنىڭ تىكىنى كىرىپ كەتسە، ئالتۇن يىڭنە بولمىسا ئالغىلى بولمايدۇ، تورغاي تۇخۇمىنى تۇتسا يۈزى چارچۇق بولۇپ قالىدۇ، ئۇچار قۇشلارنىڭ بالىلىرىنى تۇتسا قولى تىترەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، دېگەندەك ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ بولۇشى شۇ دەۋر مەھسۇلىنىڭ زامانىمىزدىكى ئىپادىلىرىدۇر. ئەنە شۇ قەدىمكى دەۋرلەردىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان مېيىت بىلەن ئەينەك (بۇرۇنقى چاغلاردا كۆرگۈ)، تارغاق، قايچا قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ قوشۇپ دەپنە قىلىنىشى مۇشۇ ئەنئەنىنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز بۇنىڭدىن 3000 يىللار بۇرۇنقى دىيارىمىز ھەققىدە ئىزدىنىدىغان بولساق، بۇ دەۋردىكى ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ 4000 يىللار بۇرۇنقى ئاشۇ دەۋر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، لېكىن مەلۇم تەرەققىياتلارنىڭ بولغانلىقىنى، مېتال قوراللارنىڭ كۆپىيىپ بارغانلىقىنى، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ئېشىپ بارغانلىقىنى، ئىگىلىكىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىقنىڭ سالمىقىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيمىز.   ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ جەمئىيەتتە يۇقىرى ئىكەنلىكى مېۋە يىغىش، زىرائەت ھوسۇلىنى يىغىش ئەمگەكلىرىدە ئىپادىلەنگەن بولسا ،بۇنىڭدىن 3000 يىللار بۇرۇن مېتال بۇيۇملىرى ھەم قورال - سايمانلارنىڭ ئىلغارلىشىشى تۈپەيلى ئوۋچىلىقنىڭ سالمىقى زورىيىپ، ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى تەدرىجىي تۆۋەنلىگەن. بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر بېلىقچىلىق ئىگىلىكىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان، زىرائەتلەرگە بولغان ئېھتىياج ئازىيىپ بارغان، ئەمما ئۈزۈلۈپ قالمىغان. شۇنداق بولغاندا بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋردە ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق، تېرىقچىلىق، ساپالچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىگىزچىلىك، ياغاچچىلىق قاتارلىق ئىشلار مۇھىم ئىگىلىككە ئايلانغان. چارۋا - ماللىرى ئىچىدە، قوي، كالا، تۆگە، ئېشەك قاتارلىقلار، زىرائەتلەر ئىچىدە بۇغداي ۋە ئارپا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغان. مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ يىپەك يولى سودىسىنىڭ بولغانلىقىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ، بىز ئەنئەنىۋى قاراشلار بويىچە جاڭ چيەننى يىپەك يولىنى ئاچقان دەپ قاراۋاتقان بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە يىپەك يولىنىڭ خېلى بۇرۇنلا شەرق ۋە غەرب ئالاقىسىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتقانلىقىنى بىلىمىز، ئۇماي بىلەن جۇمۇۋاڭ ھەققىدىكى رىۋايەتنىڭ ئۆزىنىلا بۇنىڭ بىر ئىسپاتى دېيىشكە بولىدۇ. جاڭ چيەن پەقەت خەن سۇلالىسى بىلەن غەربنىڭ ئالاقىسىنى، بولۇپمۇ ھۇنلار بۇ ئالاقىنى مونوپول قىلىۋالغان دەۋردە ئەلچىلىككە بېرىپ خەن سۇلالىسىنىڭ غەربكە بولغان كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى غەرب توغرىسىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ ئىشلارنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە نىسبەتەن زور قىزىقىش پەيدا بولۇپ، زور تۈركۈمدىكى ئەلچىلىرى ئەسلىدىن بار بولغان يىپەك يولىنى بويلاپ سەل بولۇپ ئاققان. ئۇلار ھۇنلارغا قارشى ئىتتىپاقداش ئىزدەپ ئاخىر ئۇيسۇنلارنى تاپقان ھەمدە ئاخىر ھۇنلارنى بۇ جايلاردىن قوغلاپ چىقارغان. شۇڭا جاڭ چيەننىڭ تارىخىي تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن نۇرغۇن كىشىلەر "يىپەك يولىنى جاڭ چيەن ئاچقان" دېگەن بايانلارنى كىتاب - ماتېرىياللارغا پۈتكەن،   ئەمەلىيەتتە يىپەك يولى جاڭ چيەن تەرىپىدىن ئېچىلغان ئەمەس، ئۇ مۇشۇ يىپەك يولىدا ماڭغان بىر دىپلوماتتىنلا ئىبارەت. ئۇنىڭ غەربكە ئەلچىلىككە بېرىپ خەن سۇلالىسىگە ئىتتىپاقداش ئىزدەش جەريانىدا غەرب توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى خەن دۆلىتىگە يەتكۈزگىنى ئايرىم بىر ئىشتۇر. ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق بۇنىڭدىن 3000 يىللار بۇرۇن شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ خېلى يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيىسىدە تۇرغانلىقى، ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيەت ياراتقانلىقىنى بىلىۋالالايمىز. شۇ دەۋرلەردە قەلئەلەر سېلىنىپ، شەھەر بەرپا قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئارخېئولوگىيىلىك يىل دەۋرى بېكىتمىسى ئېلان قىلىنمىدى. ئەمما بىز « تارىخىي خاتىرىلەر » دە ئۇچرايدىغان مىلادىيىدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇنقى دەۋرگە مەنسۇپ بايانلاردىن، شەھەرلەرنىڭ مۇشۇ دەۋردىن خېلى بۇرۇنلا بەرپا قىلىنغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ھازىر كۆرگەن سېپىل قۇرۇلمىسىغا قاراپلا شەھەر سېپىلىنى مىلادىيىنىڭ ئالدىكەينىدە بەرپا قىلىنغان دەپ ھۆكۈم قىلىۋاتىمىز، ئەمەلىيەتتە « تارىخىي خاتىرىلەر » دىن كروران شەھىرىنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىردە مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلگەن.   ئەمدى بىز بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىمىزنى يازما ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كروران ئېلىنىڭ تارىخى نامىدا بايان قىلىمىز، چۈنكى يازما ماتېرىياللار كروران شەھىرى ۋە كروران ئېلىنىڭ مىلادىيىدىن نەچچە ئەسىرلەر بۇرۇنلا مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

شۇ دەۋردىكى كروران ئېلىدە قەغەزچىلىك مەدەنىيىتىمۇ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بەزى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا مىلادىيىدىن بۇرۇنقى ئىككىنچى ئەسىرگە مەنسۇپ قەغەزمۇ بايقالغان. ئەمما ئۇ قەغەزنىڭ نېمە ئىشلاردا قوللىنىلغانلىقى نامەلۇم. لېكىن مىلادىيىنىڭ بېشىغا مەنسۇپ قەغەزلەر پۈتۈكچىلىك ئىشلىرىدا قوللىنىلغان. كروران رايونىدىن تېپىلغان قەغەزلەر شۇ رايوننىڭ ئۆزىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان، خام ئەشياسى چىگە بولغان. كرورانلىق ئەجدادلار كېيىن دېگەندىمۇ مىلادىيىنىڭ بېشىدىلا چىگىدىن قەغەز پىششىقلاپ ئىشلەشنى بىلگەن بولۇپ، كروران رايونى قەغەز بالدۇر ئىشلىتىلگەن رايونلاردىن ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە ؛ تارىخى ماتىرياللار


ھەقىقى تارىخىنى بىلمەيدىغان مىللەت كەلگۈسىنى ياخشى تۇزۇپ چىقالمايدۇ.

كۆرەشجان يوللانمىسى!




[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-03 15:34 چوققىغا قايتىش
oyster

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 225
شۆھرەت: 239 نۇمۇر
پۇل: 2189 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:203(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2006-10-18

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت كۆپ ئەجىر قىلىپىسز ، كۈرەشجان شۇنچە خەتنى ئېرىنمەي ئۇرۇپ چىققىنىڭىزغا . ياخشى بىر تارىخى ماتىرىيال بىلەن دوستلارنى تەمىن ئەتتىڭىز ! بۇ تېمىڭزدىن دىلىم سۆيۈندى .

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-03 16:06 چوققىغا قايتىش
$Dollar$

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 208
شۆھرەت: 209 نۇمۇر
پۇل: 2070 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:203(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-06-06

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تىمىڭىز ھەقىقەتىن كىشىنى خوش قىلىدۇ. بىراق كرورەن خارابىسنىڭ بۇنىڭدىن 6مىڭ يىللىق تارىخى بارلىقىنى بەزى يەرلەردىن كۆرگەن ئىدىم. زادى قايسسى راس ، بىلىم ئىگىلىرىنىڭ جاۋابىغا تەشنامەن.

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!

 
[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-03 16:26 چوققىغا قايتىش
kawsaray

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 92
شۆھرەت: 93 نۇمۇر
پۇل: 920 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:32(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-07

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


رەھمەت، كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز . ئېسىل تارىخى بىلىمگە ئىگە بولدۇم . قولىڭىز تالمىسۇن .

[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-03 17:00 چوققىغا قايتىش
weros

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 161
شۆھرەت: 162 نۇمۇر
پۇل: 1610 سوم
تۆھپە: 1 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:15(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-03

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


كۆپ رەخمەت ~~~
تارىختىن بىر دەرىس بولدى ماڭا```!
قولىڭىز دەرت تارتمىسۇن....[size=2][/size]



ھەقىقەت دەرياسىنىڭ سۈيى خاتالىق ئېرىقىدىن ئېقىپ كېلىدۇ .
( تاگور )
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-03 22:23 چوققىغا قايتىش
honzat



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 6
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 60 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:1(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-12-10

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ئوبدان بىر تېمىنى يوللاپسىز! مەنمۇ مۇشۇ تېما ھەققىدە ئۇزۇندىن بويان ئويلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدىىم! شۇنداق! ھازىر تارخچىلار تارىم ۋادىسىنىڭ قەدىمكى يەرلىك ئاھالىسىنى ياۋروپادىن كۆچۈپ كەلگەن ئارىئانلارغا تەۋە بولغان ساك ۋە توخرىلار دەۋاتىدۇ! بۇ چوڭ كۆچۈش بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4000يىللار ئىلگىرى بولغان! ئۇنداقتا <ئاتۇش ئادىمى>قانداق ئىش؟ ئەجىبا مەدەنىيەت بۆشۇكلىرىنىڭ بىرسى بولغان دىيارىمىزدا 4000يىل بۇرۇن ئادەم ياشىمىغانمۇ ؟ بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان تېما ! مەن نۇرغۇن ماتىرىيال كۆردۈم. لېكىن بىرەرمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىدىم ! ئىزدىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ !

ھەقسىز بېكەت سىستېمىسى، ھەقسىز يۇمشاق دېتاللار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر تېخنىكىسى تورىدا!
[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-12-15 09:53 چوققىغا قايتىش

kurbanlik koy


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:12-16 08:15, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije