كۈنلىمىگىن بىھۇدە
ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات
كۈنلىمىگىن بىھۇدە مىنى قىيناپ قاخشىتىپ،
مەنمۇ نورمال بىر ئادەم ئويلا كاللا ئىشلىتىپ.
ئىنسان بولغاچ ھەممىمىز ھۆرمىتىمىز قىلىشتۇق،
يولدا كۆرسەك مېڭىشتۇق سالام-سائەت قىلىشىپ.
ئىدارىدە خىزمەتتە ھەمكارلىشىپ ئىشلىدۇق،
چارچىغاندا خىزمەتتىن بەزەن نورمال چېقىشىپ.
ئىنسانىلىق خىسلىتى ماڭا ئايدىڭ بىلىپ قال،
ھەۋەس ئەمەس مۇھەببەت قالغىنىم يوق ئېلىشىپ.
مەن ساڭا ئىشەنگەندەك ئىشەنسەڭتىڭ ماڭىمۇ،
گۇمانلىرىڭ بولمايتتى يۈرمەيتتۇق چىكىرلىشىپ.
ئەخلاقىمدا چاتاق يوق، لېكىن سېنىڭ كاللاڭدا-
ئازغاندىن تا گۈلگىچە يۈرگەن بولدۇم چىرمىشىپ.
سۆزلىرىگە ئىنكاسسىز باشنى تىقىپ يۈرسەمگەر،
«سايىم»دىگەن بۇ قالپاق قالار ئىكەن يارىشىپ.
قانچە قېتىم دېدىممەن:«ئارتۇق گۇمان قىلمىغىن!»
ئادىمىلىك ماڭا يار،قالمىدىم مەن ئازغىشىپ.
2007-12-2
ئەسكەرتىش:باھا بەرمەكچى بولسىڭىز،ئاپتۇرنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا ئەمەس شېئرغا باھا بىرىڭ!!!