>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى -> [ئالپامىش] قۇياش پارتىلىسا..

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 417 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : [ئالپامىش] قۇياش پارتىلىسا.. IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
Alpamish
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 167
شۆھرەت: 390 نۇمۇر
پۇل: 1771 سوم
تۆھپە: 130 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:189(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-09-22

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
[ئالپامىش] قۇياش پارتىلىسا..


  قوشۇق ئەپەندىمنىڭ بۇ ماقالىسىنى كۆرۈپ ./read.php?tid-31229.html يىشىلمىگەن ئەبجەش سىرلار بىلەن لىققىدە تولغان كاللام تۆۋەندىكى مىسرالارنى يىزىشقا دەۋەت قىلدى،ئەگەر راسلا قۇياش كۆيۈپ تۈگىسە ۋە ياكى تۇيۇقسىز ''گۇم'' لا قىلىپ پارتىلىسا.....قىيامەت دىگەن شۇمىدۇر ؟..
  بەزىدە سۈزۈك كۆك ئاسماندا ئۈن-تىنسىز كۆيۈپ،نۇر بىرىپ ئۈزلۈكسىز ھەركەتلىنىپ يۈرىدىغان قۇياشقا،تەكلىماكاننىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا مىڭ يىللىق توغراقلىقلارغا يامىشىپ تىك قاراپ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كىتىدۇ! نېمىشكە دەمسىز ؟..زېمىن يارىلىپ تاكى ھازىرغىچە ئىنسانلار تۈرلۈك دىن ۋە پىرقىلەردە ياشاپ كەلدى.ھەممە مىللەتنىڭ دىنى بار،ھەممە دىندا دەۋزاخ ۋە جەننەت ئۇقۇملىرى بار.ھالبۇكى جەننەت ۋە دەۋزاخ بىزگە تولىمۇ يىراقتىكى غايىۋى ئوبرازلاردۇر.ئۇنداق بولمىسا ئىدى،ئىنسانلار بۈگۈنگىچە ياشاپ بولالماس ئىدى.
  ھازىر ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئىككى يىلنامە بار.بىرسى قۇياش مەركەز تەلىماتچىلىرى-خىرىستىيانلارنىڭ قۇياش تەقۋىمى-مىلادىيەدۇر،يەنە بىرى ئىسلام دېنى ئورتاقلىقىدىكى ئاي تەقۋىمى-ھىجىرىيەدۇر.ۋەھالەنكى قۇياش تىنىمسىز كۆيىۋاتقان بىر ئوتتۇر.خىياللىرىمنىڭ قورقۇنچىسى دەل شۇنىڭدىن كەلگەندۇر.سەققەر ئىسىملىك دەۋزاخ ھەققىدە ئاللاھ بىزگە قۇرئاندا دەيدۇ : ( سەن سەققەرنىڭ نىمىلىگىنى قانداق بىلەلەيسەن ؟ سەققەر يىراق مۇساپىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرغۇچى ئوتتۇر! ) سەققەر ئىسىملىك دەۋزاخ يىراق مۇساپىلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرغۇچى ئوت بولغان ئىكەن،ئۇنداقتا بىزنى ئوراپ تۇرغان كۆك ئاسماندا ۋە چەكسىز ئالەمدە بىزگە يىراق مۇساپىلەردىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئوت شارلىرى بىرلا قۇياش بولماسلىقى مۇمكىن. ( چۈنكى بۈيۈك اللاھ دەۋزاخنى يەتتە قىلىپ ياراتقان ) ئەمما ئەڭ روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغىنى يەنىلا قۇياشتۇر.مىلادىيە كالىندارىنى قولانغۇچىلار ئەمىلىيەتتە دەۋزاخ كالىندارىنى قولانغۇچىلارمىدۇر ؟ ( ئەڭ توغرىسىنى بىر اللاھ بىلىدۇ،بەندە پەقەتلا ئاللاھ نىسىپ قىلغان ۋە بەرگەن ئىمكانلىرى سەۋەبىدىن ئەقلى ئارقىلىق تەپەككۈر قىلغۇچىدۇر،خاتا سۆزلىرىمگە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن! بىر اللاھنىڭ سۆزلىرىلا ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ياخشىدۇر! ) سەققەر بىزگە بۇ دۇنيالىق رېزىق بىرىۋاتقان سۆيۈملۈك قۇياش بولۇشى مۇمكىنمىدۇر ؟..ئۇنداقتا بۇ پۈتكۈل ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئەڭ زور كىنايە ئەمەسمۇ ؟...
  ھىلال ئاينىڭ بىر يۈزىنىڭ سوغۇقلىقى نۆلدىن تۆۋەن 130 گىرادۇس،يەنە بىر يۈزىنىڭ تىمپۇراتۇرىسى نولدىن يۇقۇرى 150-160 گىرادۇسقىچە ( شۇنداقراق ئىسىمدە..) ئۇنداقتا ئاي شارىدىكى ئاشۇ ئىككى قۇتۇپتىكى تېمپۇراتۇرا پەرقى مەلۇم سەۋەپلەردىن تۇيۇقىسىز بىر-بىرىگە ئارىلاشسا،ئۇنداقتا ئاي شارى ھازىرقى يەر شارىدىن پەرقلانمايدىغان بىر جىسىم بولىدۇ.ئاي شارىدا تۇپراق بار،مۇبادا شۇ ئالامەتلەرگە كۆرە قۇياش ئۆز ئوربىتىسىدىن يەر شارىغا يېقىنلاپ كەلسە ياكى يەر شارى قۇياشنىڭ ئۈزلۈكسىز تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن "ئېتىلغان يۇڭدەك" توزۇپ كەتسە..ئۇنداقتا ئاينىڭ تارتىش قانۇنىيىتى ۋە قۇياشنىڭمۇ تارتىش قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىق ھالدا يەر شارى قۇياش ۋە ئاي تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىشى تۇرغانلا گەپ.ئۇنداقتا بىزگە كىلىدىغان نەتىجە شۇكى : ئاي ئىككىنجى ھاياتلىق يېشىل پىلانىتاسى بولۇپ قالىدۇ.ئىسلام دېنىنىڭ ئاينى ھىجىرىيە تەقۋىمىنىڭ ۋاقىت ھىساپلاش بىرلىكى قىلىشىدىكى سىر-ھىكمەت شۇمىدۇر ؟..ئەلۋەتتە بۇ پەقەتلا پېقىرنىڭ ئاددىي كاللىسىغا كۈندە كېلىپ تۇرىدىغان مەجنۇنلارچە خىياللارنىڭ ئازغىنا بىر قىسمى.ئەمما ئەھمىيەتسىز دىيەلمەيمەن،بەلكىم ئالەمنىڭ سىرلىرى شۇنداق خىياللار ئارقىسىدا ئاز-تولا يىشىلسە كىرەك.چۈنكى ئىنساننىڭ ئارزۇلىرى سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن ئەپسانىلەرنىڭ كۆپىنچىسى رىياللىققا ئايلانغاندۇر ۋە بەلكىم ئاللاھنىڭ رەھمىتى سەۋەبىدىن جەننەت سەككىز،دەۋزاخ يەتتەدۇر.شۇ سەۋەپتىن ئاي بىلەن قۇياشنى جەننەت ۋە دەۋزاخكە بىردىن بىر مىسال قىلىۋىلىشمۇ ھاماقەتلىكتۇر..ئەمما مىلادىيە ۋە ھىجىرىيە كالىندارىدىكى پەرق ۋە ئىككى مەدەنىيەتنىڭ ئاللاھنىڭ نەزەرىدىكى قىممىتى ''لەۋھۇل مەھپۇزدا'' خاتىرلەنگىنى بويىچە مۇشۇنداق قارار ئالسا كىرەك.قۇياش كالىندارى ۋە قۇياشقا چوقۇنغۇچىلارنىڭ دۇنيالىق تەقدىرى مەغلۇبىيەتتۇر،ئاي كالىندارى بەلكىم ئەڭ تەمكىن ۋە تىرەنلىكتىكى ئاخىرقى نۇسرەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغاندۇر..بىلگۇچى اللاھ خىياللىرىم سەۋەبىدىن مېنى ئازغۇنلۇقتىن يىراق قىلسۇن!

[توغراقلىقتىن كەلگەن يىشىلمەس سىرلار،رۇخسەتسىز كۆچۈرىلمىسۇن]




Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 03:38 چوققىغا قايتىش
Uyhur~nisa
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 473
شۆھرەت: 494 نۇمۇر
پۇل: 4730 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:120(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


Alpamish ئەپەندى بۇ ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ بۇ دۇنيانىڭ مەۋجۇتلۇغى ئۇستىدە قاتمۇ قات خىياللار ئىچىدە قالدىم .بىر تەرەپتىن مەنمۇ سىزدەك ئويلىسام يەنە بىر تەرەپتىن ھەيران قالدىم . يەنە بىر تەرەپتىن قورۇقتۇم . بۇنداق موجىزلەرگە بەك قىزىقىپ قالدىم . نۇرغۇن بىلىملەرنىمۇ ئۆگۈنۋالدىم . رەخمەت

Nurluk elani
[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 04:21 چوققىغا قايتىش
matimatika
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە تۆھپە

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 1405
شۆھرەت: 1556 نۇمۇر
پۇل: 14070 سوم
تۆھپە: 154 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:690(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-20

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


بۇ تېما ماڭا ئىسلام پەلسەپە تارىخى ھەققىدە يىزىلغان « ھەييە بىننى يەفزان ھەققىدە قىسسە » دىگەن مەشھۇر ئەسەرنى ئەسلەتتى.
ئالپامىشنىڭ قۇياشنىڭ كۆيىشى ھەققىدىكى تەشۋىش تەسىراتلىرىدىكى بەزى پىكىرلەر شەرىق ئالىملىرىنىڭ قۇياش ھەققىدە ئىيىتقانلىرىغا ئوخشاپ كىتىدىكەن.
خەير ، تەپەككۇرىڭىز توختاپ قالمىغاي ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !




[2 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 09:50 چوققىغا قايتىش
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 1035
شۆھرەت: 1265 نۇمۇر
پۇل: 10456 سوم
تۆھپە: 155 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:884(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قۇياش قىزىق گازدىن   تەركىپ تاپقان غايەت زور ئوت شارى.قۇياش سامان يۇلىسېستىمىسدىكى ئاددى بىر يۇلتۇزدىن ئىبارەت.قۇياشنىڭ ماسسى يەر شارى ماسسىنىڭ 330 مىڭ ھەسسىدىن   كوپرەكىگە توغرا كىلدىغان بۇلۇپ پۈتكۈل قۇياش سېستىمىسدىكى ساناپ تۈگەتكۈسىز ئاسمان جىسىملىرى ماسسىنىڭ ئومۇمى يىغىندىسىنىڭ 99% نى ئىگەللەيدۇ ،قۇياش بىلەن يەر   شارنىڭ ئارلىغى 150 مىليۇن كىلومىتىر بۇلۇپ قۇياشنىڭ نۇرى يەر شارىغا 8.3 مېنۇتتىلا يېتىپ كىلىدۇ. بۇ غايەت زور ئوت شارنىڭ دىيامىتىرى ،ئۇنىڭ تەركىۋى قاتارلىقلارنى پەقەت مولچەرگە ئاساسەنلا   بىكىتتى . مېنىڭچە ئۇلۇق پەرۋەردىگارىمىزدىن باشقا يىچ قانداق ئىنسان   بۇ توغرىدا ئېنىق سان سىپىرنى ، بىلەلىشى ناتايىن دەپ ئويلايمەن. ھاياتلىق پەقەت قۇياشتىن ئىبارەت بۇ ئاسمان جىسمىنىڭ بىزگە يەتكۈزگەن ھارارىتى بىلەن   داۋام ئىتىدۇ ،يەر شارى بىزنىڭ نەزرىمىزدە مەنگۈلەك ئەبدىلىكنىڭ سىمۋولى ، لىكىن بۇ ئەبدىيلىك قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشار ،راس گەپ قىلسا   بۇنىڭدىن مۇ كوپ ئويلىسا ئادەمنى قورقۇنچ باسىدۇ ،مەن ئامېركا فىلىملىردىكى تەسەۋۇر فىلىملىرىنى كورسەم بىزغۇ ئۇ چاققىچە تۇپراققا سىڭىپ كىتەرمىز ،پەرزەنتلىرمىز قانداق قالار ؟ دەپ ۋەھىمە لىك خىياللارنى قىلىپ قالىمەن. قۇياشنىڭ ھازىرقى يېشىنى ئالىملار 5 مىليارت قا يىقىنلاشتى دەپ يەكۈنلىدى ،ئۇ مۇشۇ ئەپتى بىلەن يەنە قانچىلىك كۈيەلەر؟قياش ئىسسىقلىق يادرو يىغلىشى ئارقىلىق يادروسىغا مەركەزلەشكەن كوپلىگەن ھىدروگىن ئىلمىنتىنى كويدىرىشكە تاينىپ نۇر ۋە ئىسىقلىق چىقىردۇ ئۇ   ،ئوتۇرا ھىساپ بىلەن سىكونتىغا 6مىليارت تڭوننا ھىدروگىن سەرىپ قىلىدۇ .قۇياشتا ساقلانغان ھىدروگىن   ئاشۇ تەرىزدە داۋاملىق كۈيۈشكە 5 مىليارت يىل يىتىدۇ . شۇڭا ئۇ جەھەتتە   يەنى قۇياشنىڭ زور قىزىل يۇلتۇز بۇلۇپ كېڭىيش بىلە يەر شارنىڭ ئاللا   بۇرۇن ھالەك بولغان ۋاقتىنى   بەك ئويلاپ غەم   يىيشىمىزمۇ بى ھەجەت ،چۈنكى ئۇ 5 مىليارت كىيىنكى ئىش .
مۇەلىپنىڭ   شەرھىسىدىكى ؛----- ،مۇبادا شۇ ئالامەتلەرگە كۆرە قۇياش ئۆز ئوربىتىسىدىن يەر شارىغا يېقىنلاپ كەلسە ياكى يەر شارى قۇياشنىڭ ئۈزلۈكسىز تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن "ئېتىلغان يۇڭدەك" توزۇپ كەتسە..ئۇنداقتا ئاينىڭ تارتىش قانۇنىيىتى ۋە قۇياشنىڭمۇ تارتىش قانۇنىيىتىگە مۇۋاپىق ھالدا يەر شارى قۇياش ۋە ئاي تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىشى تۇرغانلا گەپ.ئۇنداقتا بىزگە كىلىدىغان نەتىجە شۇكى : ئاي ئىككىنجى ھاياتلىق يېشىل پىلانىتاسى بولۇپ قالىدۇ.
  قۇياشنىڭ ئوز ئۇقى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرىتى ھەقىقەتەن ئاستىلاۋاتقانلىغىنى ئالىملار ئىسپاتلىدى ،ئەمما قۇياشنىڭ بۇنداق ئوز ئۇقۇدىن چىقىپ   يەرشارنى يۇتىۋەتكەن ۋاقتىنى تەسەۋۇر قىلغان چېغىمىزدا ،مېنىڭچە ئاي شارنىڭمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ   تۇرالىشىغا ، ئاي شارى مەۋجۇت دىگەندىمۇ،ئاي شاردىن   كىچە بىلەن كۈندىز پەرقى ئاسمان زىمىن   پەرق   لىنىپ تۇردىغان ئاشۇ تىمپۇراتۇردا ئىكىنچى ھاياتلىق يېشىل پىلانىتاسى قۇرۇش پەقەت تەسەۋۇر ھەم ئارزۇ ئارمىنىمۇكىن دەيمەن،بەلكى ئىلىم پەن تېز سۈرەتتە تەرەققى قىلۋاتقان بۈگۈنكى كۈندى بەلكى موجىزلەر   يەنە يۈز بىرەر.


[3 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 11:01 چوققىغا قايتىش
baborhan



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 21
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:6(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-16

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


تەپەككۇرىڭىز ھەقىيقەتەنمۇ ئۆزگىچە ئىكەن . مەسىللەرنىڭ نىگىزى ياكى ئاچقۇچى سىز ئويلىغاندەك ئىسلام دىنمىزدىن جاۋاپ چىقىدۇ ، ئاللا رەھمەت قىلسۇن .

Nurluk elani
[4 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 12:48 چوققىغا قايتىش
SUKUT315

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر ئەزاسى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 237
شۆھرەت: 238 نۇمۇر
پۇل: 2380 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:88(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-08

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ئەسىرىڭىزگە رەھمەت، تەسەۋۇرىڭىزغا بارىكاللا......... مەنمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاش ئاللاھىنىڭ بىزگە دىگەن سۈزى(قۇرئان ئايەتلىرى) بىلەن ئالەمنىڭ تۈزىلىشىنى تەسەۋۇر قىلسام، قىيامەتنىڭ يۈز بەرگەندىكى ئەھۋاللارنى ئويلىسام يۈرۈكۈم ئېغىزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك بولۇپ ئىختىيارسىز سۈر باسىدۇ.
ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر، ئاللاھ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ئاسمان-زىمىن ئارلىقىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۆلچىمى باردۇر!   سۇبىھانئاللاھ!!!!!!


[5 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 14:40 چوققىغا قايتىش
samanyuli



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھىلال ئاينىڭ بىر يۈزىنىڭ سوغۇقلىقى نۆلدىن تۆۋەن 130 گىرادۇس،يەنە بىر يۈزىنىڭ تىمپۇراتۇرىسى نولدىن يۇقۇرى 150-160 گىرادۇسقىچە ( شۇنداقراق ئىسىمدە..) BBS.xabnam.com din kochuruldi
ئاي شارىنىڭ كۈندۈزدىكى تىمپۇراتۇرىسى نۆلدىن يۇقۇرى سېلتسىيە 127گىرادۇس ، كېچىسى نۆلدىن تۆۋەن سېلتسىيە183گىرادۇس بۇلىدۇ .


Nurluk elani
[6 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 17:13 چوققىغا قايتىش
samanyuli



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 3
شۆھرەت: 4 نۇمۇر
پۇل: 30 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:0(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-11-21

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


قۇياش بىزگە ئەڭ يېقىن يۇلتۇز . ئۇنىڭ يۇرۇقلۇقى بىلەن ئىسسىقلىقى يەر شارىدىكى ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى . قۇياشنىڭ ھەجمى يەر شارى ھەجمىدىن بىر مىلتيۇن 300مىڭ ھەسسە چوڭ ، دىيامىتىرى بىر مىليۇن 400مىڭ كىلومىتىرغا يېقىن بۇلۇپ ، يەر شارى دىيامىتىرىدىن 109ھەسسە چوڭ ، ماسسىسى 330مىڭ يەرشارى ماسسىسىغا تەڭ كىلىدۇ . زىچلىقى يەر شارىنىڭكىدىن كۆپ كىچىك بۇلۇپ تۆتتىن بىرىگە تەڭ . زىچلىقنىڭ بۇنداق كىچىك بۇلۇشى ، قۇياشنىڭ قاتتىق جىسىم ئەمەسلىكىنى بەلكى لاۋۇلداپ كۈيۈپ تۇرغان بىر گاز جىسىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تىمپۇراتۇرىسى سېلتسىيە6000گىرادۇسقا يىتىدۇ ، مەركىزىنىڭ تىمپۇراتۇراسى 40مىليۇن گىرادۇسقىچە يىتىدۇ .
قۇياش ئالەم بوشلۇقىغا توختاۋسىز ھالدا ئىسسىقلىق ۋە يۇرۇقلۇق چېچىپ تۇرغۇنىغا 5مىليارت يىل بولدى ، مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، قۇياشتا ھەر-بىر سىكونتتا 11مىليارت 500مىليۇن توننا كۈمۈرنىڭ ئىچكى ئىنىرگىيەسىگە باراۋەر ئىسسىقلىق تارقىلىدىكەن ، ئۇنداقتا قۇياشتىكى بۇنداق غايەت زور ئىنىرگىيە قەيەردىن كەلگەن ؟ ئالىملار ئىلگىرى قۇياشنىڭ تىمپۇراتۇرىسىنىڭ ئۆزگەرمەي بىر-خىل تۇرۇشىغا قاراپ قۇياشنىڭ كۈيۈۋاتقان جىسىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ئىدى . لىكىن ، قۇياشنىڭ نۇر چېچىپ تۇرۇش ئىقتىدارى بۇ خىلدىكى پەرەزنى قۇبۇل قىلمايدۇ ، قۇياش ھەجى چوڭلۇقتىكى يېقىلغۇ جىسىم بۇنچىلىك ئىسسىقلىق تارقىتىش بىلەن بىرگە يۇرۇقلۇق تارقاتسا 4000يىل ئىچىدە كۈيۈپ تۈگەيدۇ .
دىمەك قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق چىقىرىش مەنبەسىى كۈيۈش جەريانىغا ئوخشىمايدۇ . كۈيۈش بولسا كۈيۈۋاتقان ماددىلار مولىكۇلىلىرىنىڭ ئوكسىگىن مولىكۇلىلىرى بىلەن ئۆز-ئار تەسىر قىلىشىدىن ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان مۇرەككەپ جەريان . بۇنىڭدا بەزى مولىكۇلىلار بۇزۇلۇپ باشقا مولىكۇلىلار ھاسىل بۇلىدۇ . ئەمما ناھايىتى يۇقۇرى تىمپۇراتۇرا شارائىتى ئاستىدا يەنى قۇياشتا بىرىكمىلەرنىڭ ھاسىل بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇياشتا ئوكسىگىن ئىنتايىن ئاز بولغاچقا كۈيۈش جەريانى مۇمكىن بولمايدىغان جەريان . (بۇ سىپىكتىر ئانالىزى ئارقىلىق ئىرىشكەن نەتىجە)
ھازىر يادرو رىئاكسىيەسى قۇياش ئىنىرگىيەسىنىڭ مەنبەسى ، ئۇ قۇياشنىڭ مەركىزىدە پەيدا بۇلىدۇ دەپ قارالماقتا . يادرو رىئاكسىيەنىڭ سىرى قۇياشنىڭ مەركىزى بولغان قۇياش رادروسىدىن ئىبارەت . قۇياش يادروسىنىڭ ھەجمى قۇياش ھەجمىنىڭ 64تىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ ، قۇياش مەركىزىنىڭ تىمپۇراتۇرىسى سېلتسىيە 20مىليۇن گىرادۇستىن ئېشىپ ، 250مىليارت ئاتمىسفىرا بېسىمى شەكىللەندۈرىدۇ . بۇنداق شارائىت ئاتوملار يادروسىدا رىئاكسىيە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . مەلۇم ئېلمىنت باشقا بىر ئېلمىنتقا ئايلىنىدۇ . يەنى ئەڭ يىنىك ئېلمىنت ھىدروگىن ئېغىر ھىساپلىنىدىغان ئېلمىنت گېلىيغا ئايلىنىدۇ . تۆت ھىدروگىن ئاتوم يادروسى ئۆزگىرىپ بىر گېلىي ئاتوم يادروسىغا ئايلىنىدۇ . بۇنىڭ نەتىجىسىدە زور مىقداردا ئىنىرگىيە تارقىلىدۇ . ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ھەر سىكونتتا 630مىليۇن توننا ھىدروگىن 625مىليۇن 400مىڭ توننا گېلىيغا ئايلىنىدۇ ، قالغان 4مىليۇن 600مىڭ توننىسى رادىئاتسىيە ئىنىرگىيەسىگە ئايلىنىپ تارقىلىپ كىتىدۇ . مۇشۇ ئىنىرگىيەنىڭ بىرقىسمى يەر شارىغا يىتىپ كەلسە ، يەر شارى يىتەرلىك ئىنىرگىيەگە ئىرىشكەن بۇلىدۇ .
ۋودرىت بومبىسىنىڭ پارتلىغاندىكى ھالىتىنى كۆرسەك رىئاكسىيەدىكى ئىنىرگىيەنىڭ قانچىلىك زور بۇلىدىغانلىقىنى بىلىمىز . مەسىلەن بىر گىرام ھىدروگىننىڭ گېلىيغا ئايلىنىشى جەريانىدا چىقارغان ئىسسىقلىقى 15 توننا بېنزىننىڭ چىقارغان ئىسسىقلىقىغا تەڭ . قۇياشتىكى ھەر سىكونتتا سەرىپ بۇلۇۋاتقان بۇنداق غايەت زور ئىنىرگىيەگە قاراپ ، ئۇنىڭ ئىنىرگىيەسى ئۇزۇنغا قالماي تۈگەپ كىتىدىغاندەك ھىسياتقا كىلىمىز . ئەمما قۇياشنىڭ غايەت زور ماسسىسىنى نەزەرگە ئالساق ئۇنداق ھىسياتقا كەلمەسلىكىمىز مۇمكىن ، قۇياشنىڭ ماسسىسى 330مىڭ يەر شارى ماسسىسىغا تەڭ كىلىدۇ ، بۇنىڭ تەخمىنەن %53نى ھىدروگىن تەشكىل قىلىدۇ . يەنى يېرىمىدىن كۆپرەگىنى ئىگەنلەيدۇ . ماسسىنىڭ قالغان قىسمى ئاساسەن دىگۈدەك گېلىيدىن ئىبارەت . گېلىيدىن مۇرەككەپ بولغان ئاتوملار ئۇمۇمى ماسسىنىڭ 1000دىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ .
ئوخشاش شارائىت ئاستىدا گېلىي ئاتومىنىڭ ماسسىسى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ھىدروگىن ئاتومى ماسسىسىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭ كىلىدۇ . ھەجمى بۇيىچە ھىساپلىساق قۇياش ھەجمىنىڭ %80 نى ھىدروگىن ئىگەنلىگەن .
ئەگەر قۇياش پۈتۈنلەي ھىدروگىندىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ ، سىكونتىغا 630مىليۇن توننا گېلىيغا ئايلىنىش سۈرئىتىنى ساقلاپ تۇرغان بولسا ، ئۇ ھالدا 5مىليارت يىلدا ئۇمۇمى ماسسىنىڭ %0.03 نى يوقاتقان بۇلىدۇ . دىمەك قۇياش ماسسىسىنىڭ%99.97 ى تېخى مەۋجۇت . يەنە مۇشۇ سۈرئەت بىلەن ھىساپلىغاندا كىيىنكى 5مىليارت يىل ئىچىدە ھازىرقىدە يۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تارقىتالايدۇ .
ئەمەلىيەتتە قۇياش ئىنىرگىيە يوقۇتۇپ ماسسىسى كېمىيىپ تۇرىدۇ ، ئۇ ھەربىر سىكونتتا 4مىليۇن 600مىڭ توننا ماسسىسىدىن ئايرىلىدۇ . بۇمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ جەريان ، پەيدا بۇلۇشتىن ھالاك بولغىچە بىر خىل راۋاجلىنىپ تۇرمايدۇ . قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھىدروگىن بىلەن گېلىيمۇ تەكشى جايلاشقان ئەمەس ، گېلىي قۇياشنىڭ يادرو قىسمىغا مەركەزلەشكەن ، رىئاكسىيە ئۆزگىرىشى مۇشۇ يادرونىڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدە يۈز بىرىدۇ . قۇياشنىڭ ئۆزلۈكسىز يۇرۇقلۇق تارقىتىشىغا ئەگىشىپ گېلىيدىن تەشكىل قىلغان يادروسىمۇ ئۆزلۈكسىز چوڭۇيۇپ بارىدۇ ، تىمپۇراتۇرىسىمۇ يۇقۇرلايدۇ ، گېلىي ئاتومى ئۆزگىرىپ باشقا مۇرەككەپ ئاتوملارغا ئۆزگىرىش باسقۇچىغا كىرىدۇ ، بۇ چاغدا قۇياش ھازىرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك رادىئاتسىيە تارقىتىدۇ ، ھەمدە تەدرىجى بىر قىزغۇچ گىگانت يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ . يەر شارى ئىسسىپ چىداپ تۇرغۇلى بولمايدۇ ، دېڭىز -ئوكيانلار قۇرۇپ كىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن يەر شارىنىڭ تارىخى ئاخىرلىشىدۇ . شۇڭا بىز ئەنسىرىمىسەكمۇ بۇلىدۇ .


Nurluk elani
[7 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 18:56 چوققىغا قايتىش
gul-sanam
ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
نادىر تېما: 4
يازما سانى: 1035
شۆھرەت: 1265 نۇمۇر
پۇل: 10456 سوم
تۆھپە: 155 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:884(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-05-04

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


سامان يۇلى بۇ پىكىرلىرىڭىزگە قايىل بولدۇم،ھەم خېلى كوپ بېلىمگە ئىگە بوپ قالدىم . قۇياش ئىسىقلىق يادرو يىغلىشى ئارقىلىق ،يادروسىغا مەركەزلەشكەن كوپلىگەن ھىدروگىن ئىلمىنتىنى   كويدىرىشكە تاينىپ نۇر   ۋە ئىسىقلىق چىقىردۇ   ،ئۇ ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن سىكونتىغا 6 مىليۇن توننا ھىدروگىن ئىلمىنتىنى كويدىرىشكە تاينىپ نۇر ۋە ئىسىقلىق چىقىردۇ.ئۈزلىكسىز تۇلۇقلىندىغان بۇ ئىلمىنتلار ، ئۇنىڭ داۋاملىق ئاشۇ لاۋۇلداپ تۇردىغان   ھالتىنى ساقلاپ تۇرۇشقا يىتىدىكەن .   مۇشۇنداق تىمىلار كوپرەك يولىنىپ تۇرسا ياخشى بۇلاتتى ،سامان يۇلى سىزمۇ چاقماق ھادىسنى بىر يولاپلا توختاپ قالدىڭىز.

Nurluk elani
[8 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 19:55 چوققىغا قايتىش
koxuk
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: ئالىي ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 243
شۆھرەت: 369 نۇمۇر
پۇل: 2162 سوم
تۆھپە: 79 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:483(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-01-25

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ، ئىپتىدائىي ئالەمنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىزلىرى تاسادىپى ھالدا بايقالدى يەنى ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن مەلۇم سىرلىق رادىئاتسىيەنى بايقىدى. تەھلىل قىلىش ئارقىلىق پۇتكۇل ئالەمنى قاپلىغان بۇ رادىئاتىسيەنىڭ ئىپتىدائىي ئالەمنىڭ پەۋقۇلاددە قىززىق ئىكەنلىكىنىڭ ئىزى. ئىپتىدائىي ئالەم ئوت شارىنىڭ خىرەلىشىپ كېتىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى نۇرى ئىكەنلىكى ئېچىپ بېرىلدى. ئالەم چوڭ پارتىلىغاندا ، زور مىقداردا ئىسسىقلىق ھاسىل بولغان. ئالەم گاز ھالەتكە كېلىپ 100مىڭ يىلدائاندىن قۇياش يۇزىنىڭ تېمپىراتورىسىچىلىك دەرىجىدە سوۋۇغان. يەنە 18مىليارد يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئالەمنىڭ تېمپىراتورىسى مۇتلەق تېمپىراتورىدىن(273.15- سېلىتسىيە گىرادوس) دىن 3 گىرادوس يوقىرى بولغان.

Nurluk elani

قوشۇق
[9 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 20:53 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-21 21:04, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije