>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> كۆڭلۈمدىكى سۆزلەر -> دۇنيا ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەرلەرگە موھتاج!!!!!!

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 199 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : دۇنيا ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەرلەرگە موھتاج!!!!!! IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
pak-soygu

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا يوق
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 15
شۆھرەت: 16 نۇمۇر
پۇل: 140 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:42(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-07-29

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
دۇنيا ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئەرلەرگە موھتاج!!!!!!

ئىنسان خىيال،تەسەۋۇر،پىلان بىلەن ئۆزىنىڭ دۇنياسىنى بىيىتىدۇ.ئالىملار مول تەسەۋۇر ۋە شىرىن خام-خىيالنىڭ كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇپ، ئىجاد قىلىش، يىڭىلىق يارىتىش كۈچىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. دىمىسىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ۋە تىخنىكا ئىىجايىتىنىڭ نۇرغۇن قىسمى خىيال، تەسەۋۇرلارغا ئىش قوشۇش ئاساسىدا شەكىللەنگەن.
ئەمما ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق كىرەككى، بۇ خام-خىيال تەسەۋۇر، گۈزەل پىلانلا ھەممە نەرسىنى ھەل قىلىدۇ،ئەتىدىن كەچكىچە خام-خىيالنى دۆڭ قىلىپ ئوڭدىسىغا يات دىگەنلىك ئەمەس. پىلانغا چۇشلۇق ھەركەت، نىيەتكە چۇشلۇق ئەمەل بولغاندىلا، ئاندىن غايە رىياللىققا ئايلىنىپ كىشىلەرگە بەخىت، شەرەپ ئۇتۇق ئىلىپ كىلىدۇ.
دوستۇم، خىيال،نىيەت قىلىڭ. ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى ئەمەلىي ھەركەت ، تىرىشچانلىق كۆپ بولسۇن. بىزدە . ئىغىزىمىز دا شەھەر ئالىدىغان نوچى-نوچىلاردىن، ئۇلۇغ خىيالشوناسلاردىن، يولدىكى بىرتال كىسەكنى ئېلىۋىتىشنى بولسىمۇ چىن دىلىدىن ئىزديدىغان، ئازراق بولسىمۇ ئەمەلىي ئىش قىلىشنى خالايدىغان ئادەملەر،ئەرلەر قانچە كۆپ بولسا، جەمىيىتىمىزنىڭ ئومۇمىي قەتلىمىدىن كىشىنى خۇشاللىققا چىللايدىغان سادالار شۇنچە كۆپ چىقىدۇ.
ھەممە ئادەمدە پىلانلا، غايىلا بولۇپ ھەركەت، جان پىدالىق بولمىسا غايە قۇرۇق گەپ پىتى، پىلان سەپسەتە پىتى قىلىۋىرىدۇ. ئىنساننىڭ ھالى-ئەھۋالى قۇرۇق گەپ، ئۇلۇغ پىلان، شىرىن تەسەۋۇر بىلەن ئەمەس بەلكى ئاز بولسىمۇ نەق ھەركەت بىلەن ياخشىلىنىدۇ....
پۇل تاپقۇڭىز بولسا،ئىخلاس بىلەن سەمىمىيىتىڭىز بىلەن ئىش قىلىڭ. بىر پۇڭ پۇلنىمۇ قەدىرلەڭ. پۇل يىغىمەن دەپ ئەتىدىن كەچكىچە جاپا تارتىپ تۇرۇپ يەنە بەدخەجلىك قىلسىڭىز ھەرگىزمۇ پۇل يىغالمايسىز.
بىرەر تىل ياكى تېخنىكا ئۈگەنمەكچى بولسىڭىز، ئەھمىيەتسىز ۋاقىت ئىسراپچىلىقنى ئازايتىپ دەرھال كىرىشىڭ. پىلانلاپ قويۇپلا جاپادىن، بەدەلدىن قاچماڭ. پىلان تۈزسىلا نىيەت قىلسىلا ھېساب ئەمەس، ئەمەل ھامان نىيەتتىن ئەۋزەل.
بىزدە غايىلىكلەر، پىلانچىلار كۆپ. بىر كىچىدىلا مىلىيونېر بولغۇسى يوق ئادەم بار دىسە مەن ئۇنچىۋالا ئىشەنمەيمەن.ھەممەيلەننىڭ ياخشى ئەر، لاياقەتلىك خىزمەتچى، نەمۇنىلىك ئىنسانلاردىن بولغۇسى بار. ئەمما، ئاشۇنداق گۈزەل پىلانلا بولۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان زۆرۈر تىرىشچانلىقلارنى قىلمىساق، پۇل ئاسماندىن چۈشەمدۇ؟ پەزىلەت يەردىن ئۈنەمدۇ؟......
ئەمەلىي ئىش قىلىڭ. ئۆزىڭىزگە لايىق پىلاندىن بىرنى تۈزىۋىلىڭ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ھارماي -تالماي تىرىشىڭ. بەلكىم كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىز خىيال قىلغان ئارزۇ ساھىللىرىغا توساتتىنلا چىقىپ قالارسىز.
ئەرلەرگە 101 تەكلىپ-
كۆزۈڭنى ئاچ،ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر .....

___بىپەرۋا تەستىقلىدى .


[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 01:18 چوققىغا قايتىش
Uyhur~nisa
ئىجاتچان ئەزا

ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: دائىملىق ئەزا
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 473
شۆھرەت: 494 نۇمۇر
پۇل: 4730 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:120(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-12

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش


ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەر ئىكەن ~~~~~~ دۇنيا راستىنلا ئەمىلىي ئىشلەيدىغان ئەرلەرگە مۇھتاج . ئەرلەر قەدىمدىن تارتىپ ئۇلۇغلۇنۇپ كىلىۋاتقان . ئەرلەر ئائىلىنىڭ تۈۋرىگى . رەخمەت . كۆپ تەرەپلەرنى چۈشۈنۋالدىم .

[1 - قەۋەت] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-21 01:58 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-21 21:04, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije