زۇنۇن قادىر مەسەللىردىن ،قاغا بىلەن كەپتەر
كۈز كېلىپ جاھان تۇقچىلققا تولدى ،
قاغا كېلىپ قۇغۇنلۇققا قوندى .
تەشنالىقتا ئۇ تاۋۇزنى چۇقۇدى ،
بىر چالما كىلىپ بىشىغا تەگدى .
قىچېپ كەلدى خامانغا بىچارە ،
بۇ يەردىمۇ قوغلاندى نە چارە.
سەرسانلىقتا ئۇچراتتى كەپتەرنى ،
ئىزھار قىلدى ئاڭا مۇنداق گەپلەرنى ؛
<< مەن قەيەرگە بارسام يەيمەن تاياق ،
دان ئورنىدا ئاخىر چۇقۇيمەن ماياق .
سېنى چاقىرىپ بىرىشىدىكەن دان ،
بۇ ساڭا، بۇرادەر، قانداق شەرەپ شان .
سەن شۇنداق چىرايلىق،شۇنداق مۇلايىم،
بۇلبۇلدەك سايراپ تۇرسەن دائىم .
پەرۋاز قىلىپ كۆكتە ،شۇڭقاردەك ئۇچىسەن،
بارغانلا يىرىڭدە بەخىت قۇچىسەن >>
<< ئاي ھاي بەك ئاشۇرۋەتتىڭ سەن >>
دىسىمۇ كەپتەر،بولدى كۆپ خۇرسەن .
قاغا بىر كۈنى ئورمانغا بېرىپ ،
قۇشلار ئارىسىدا يۈردى كېرىلىپ .
ئۇلار بىردەك باشلىشىپ غەيۋەت ،
كەپتەر ئۈستىدە قىلدى شىكايەت ؛
دېدى سېغىزخان؛<<كەپتەر بەك ھورۇن،
بىلەمسىلەر،ئوغرى ئىدى ئۇ بۇرۇن >>
<< ھە راسىت مەنمۇ كۆرگەن،دېدى قاغا،
بىر نەرسىنى تىقىپ قويغان ياغا...>>
ئاشۇنداق بىر يارىماس تەييار تاپ ،
بۇ ھىلىگەر،يالغان سۆزلەر ساپ .
قارا قاغىدەكلەر بار جاھاندا ،
ئالدىدا ماختاپ ،كېيىن قىلار غەيۋەت ...
ئۇلارنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك قارا ،
كۆزىنى يۇمۇۋىلىپ قىلىشار تۆھمەت .
سەندە بولمىغان قابىليەتنى ،
<<سەندە بار>>دەپ ماختىسا كىمكى،
سەندە يوق ئەيىپ بىلەن بىر كۈنى ،
سىنى باپلاشقىمۇ تەييار ئۇ بەلكى .
مەنبە ؛زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى توپلىمى .
سۈمەييە تەستىقلىدى