ئۇيغۇر كومپيۇتىر تېخنىكا تورى ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئىزدىنىش ۋە بىر يىللىق بوشاشماي سىناش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ 2007-يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنى رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇيغۇر كومپيۇتىر تېخنىكا تورى 2006-يىل 11-ئاينىڭ 11-كۈنى بىر تۈركۈم كومپيۇتىر ساھەلىرىدە ئىزدىنىۋاتقان، ئۈگىنىۋاتقان ۋە بۇ ساھەلەر بويىچە تىرىشىۋاتقان كومپيۇتىر ھەۋاسكارلىرىنىڭ بىردەك ئاۋاز قۇشۇشى ئارقىسىدا، زىچ ئۇيۇشۇش، بىردەك ئىتتىپاقلىش نەتىجىسىدە مەزكۇر بېكەت ئۇيۇشمىسى بارلىققا كەلگەن. بۇ ئۇيۇشما بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، كومپيۇتىر تېخنىكىسى بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۈگنىش،ئىزدىنىش، بىلدۈرۈش سورۇنى ھازىرلاشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇيغۇرچە PHPبېكەت سېستىمىسى بارلىققا كەلتۈرۈشنى مەزكەر قىلىپ كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ۋە بىر يىللىق ئىزچىل سىناش، كۆپ تەرەپلىمە پىكىر ئىلىش ئارقىسىدا دەل بىر يىل توشقان كۈنى، يەنى 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى مەزكۇر بېكەتنى كۆپچىللىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
ئۇيغۇر كومپيۇتىر تېخنىكا تورى كەڭ دائىرىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا كومپيۇتىر تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان مەخسۇسلاشقان بېكەت. تار دائىرىدىن ئىلىپ ئىيىتقاندا كومپيۇتىر تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ كەڭ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال بېكەت.
ئۇيغۇر كومپيۇتىر تېخنىكا تورى ھازىرچە «كومپيۇتىر ئاساسىي بىلىملىرى»، «مەشغۇلات سىستېمىسى»، «تور بەت ياساش»، Discuz مۇنبىرىدىن ئومۇميۈزلۈك بايان، PHP دۇنياسى، ASP تېخنىكىسى، قاتتىق دېتالغا ئائىت بىلدۈرگىلەر،ئۇچۇرلار، كومپيۇتىر ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر شەخىسلەر ۋە داڭلىق شىركەتلەرنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ھوزۇرىڭىزغا سۇنىدۇ. بېكىتىمىز يەنە بېكەت باشلىقلىرى ئۈچۈن مەخسۇس سەھىپىسى ئاجراتقان بولۇپ، بۇ سەھىپىدە بېكەت باشقۇرۇش تەجىرىبىلىرى ئالماشتۇرۇش، توردا ئۈنۈملۈك پۇل تېپىش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تور بوشلۇقى سېتىۋىلىشتىكى تەجرىبىلەر، تور ئىسمى سېتىۋىلىش ۋە بېكەت تىزىمغا ئالدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلار ئۈستىدە كەڭ كومپيۇتىر ھەۋاسكارلىرى ۋە ئاشىنالىرى بىلەن ئورتاقلاشماقچى. قەدەم تەشرىپ قىلىشڭلارغا تىلەكداشمىز.
بېكىتىمىز ئۇيۇشما ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوشۇلىشى ۋە بېكىتىمىزنىڭ غەلبىلىك قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش شۇنداقلا تورداشلارغا بېكىتىمىزنىڭ ئالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈرۈش يۈزسىدىن 11-ئاينىڭ 24 –كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن باشلاپ Discuz5.5.0 نى ھەقسىز تارقاتماقچى، ۋاقتىدا بەھىرلەنگەيسىز.
ھازىر بېكىتىمىز ئىشلىتىۋاتقان 6.0.0 Discuz نىڭ تېخى مۇكەممەللەشكىنى يوق. بەزى ئىقتىدار ھۆججەتلىرى يەنىلا تەتقىقات ئۈستىدە. ھالقىلىق ھۆججەتلەر تولۇق يىشىلىپ بولالمىدى. بۇ مەسىلىلەر ھەل بولسلا كۆپچىللىك بىلەن يۈز كۈرۈشكۈسى.
ئالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئۇيغۇر كومپيۇتىر تېخنىكا تورى ئۇيۇشمىسى
مەنزىل:
www.uyghurweb.com 2007-يىلى 11- ئاينىڭ 20- كۈنى
گىراف تەستىغى.