>> سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش   تىزىملىتىڭ | مىدال مەركىزى | تور تېلۋىزىيەسى | كونا مۇنبەر
chayhana
مۇنبەر قوللانمىسى
Nurluk alakisi  
XabnamBBS -> مەشھۇر شەخىسلەر -> ئالىي مائارىپ بىلىم ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي

 
سىز بۇ تېمىنىڭ 44 ـ ئوقۇرمىنى
تېمىسى : ئالىي مائارىپ بىلىم ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
panislam



ھالىتى : بۇ ئەزا توردا بار
دەرىجە: يېڭى ئۆگەنگۈچى
نادىر تېما: 0
يازما سانى: 21
شۆھرەت: 22 نۇمۇر
پۇل: 210 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
توردىكى ۋاقتى:22(سائەت)
ئەزا بولغان ۋاقتى : 2007-10-24

ئاپتور ئارخىۋىنى كۆرۈش قىسقا ئۇچۇر يوللاش بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىش نەقىل قىلىپ ئىنكاس يوللاش
ئالىي مائارىپ بىلىم ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي

ئالىي مائارىپ بىلىم ئىگىلىكىنىڭ ئاساسىي
    بۈگۈنكى يۇقىرى پەن-تىخىنىكا دەۋرىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىلىم ئىگىلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بارغانسىرى زىچلىشىپ،ئۇنىڭ بىلىم ئىگىلىكىدىكى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بارغانسىرى روشەنلىشىپ كەتتى.بۇلۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىجادىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرىشى ئىقتىسادىي ساھادىكىلەرنى بارغانسىرى جەلپ قىلىپ،خەلىقئارانى قايىل قىلدى.شۇنىڭ ئۈچۈن باي دۆلەتلەر ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە بۇلۇپمۇ،تەتقىقات بىلەن بەرپاچىلىقنى ئىلگىرى سۈرگەن مەكتەپلەرگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتمەكتە.
    ھازىر ئامىرىكىدا 50 ئالىي مەكتەپتە ئىجادىيەتشۇناسلىق ياكى بەرپاچىلىق تەتقىقات ئورگىنى قۇرۇلدى.80-يىللارنىڭ بىشىدا ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى ئىجادىي قابىلىيەتنى ئېچىشنى 21-ئەسىرگە كىرىشنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك كاپالىتى قىلدى.ئۇ ئىجادىي قابىلىيەتنى ئېچىش جەھەتتە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 30 يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئامىرىكىدىن باشقا بارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى بىسىپ ئۈتۈپ،دۇنيانىڭ ئىككىنچى باي دۆلىتى،تىخىنىكا بۇلىقىنى ئېچىش تەتقىقاتى جەھەتتە ئامىرىكىنىڭ رىقابەتچىسى بۇلۇپ قالدى.ياپۇنىيە ئىگىلىكتە تىز سەكرەپ ئىلگىرلىگەندە بەرپاچىلىق قۇرۇلىشىنىڭ تىخىنىكا ياكى ھۈنەر-سەنئەت قىسىمىدا كۈچ سەرپ قىلغانىدى.لىكىن،ھازىرقى پەن-تىخىنىكا 3-4 يىلدا بىر قېتىم يېڭىلىنىپ كەتكەچكە،ئامىرىكىنىڭ بىلىم ئىگىلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ياپۇنىيە ئاساسىي تەتقىقاتتا ئاجىز بۇلۇپ چىقتى-دە،يۇقىرى پەن-تىخىنىكىنىڭ بىرىنچى قول ئاساسىي تەتقىقاتى بىلەن ئېچىش خىزمىتىدە ئامىرىكد بىلەن تەڭلىشەلمىدى.بۇنىڭ بىلەن 1992-يىلىدىن باشلاپ ئىقتىسادىي رىقابەتتە ئامىرىكىنىڭ كەينىدە قالدى.1997-يىلى 4-ئۇرۇنغا چۈشۈپ،ئامىرىكا،سىنگاپۇر ۋە شياڭگاڭنىڭ كەينىدە قالدى.ئامىرىكا ھەر يىلى ئاساسىي تەتقىقاتقا 25 مىليارد دوللار سەرپ قىلىپلا قالماستىن،باشقا تۈردىكى تەتقىقاتلارغا تىخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالدى.بۇنىڭ بىلەن ئامىرىكا بويىچە ھەر يىلى 80 مىڭ يىڭى تىخىنىكا شىركىتى بارلىققا كەلدى.ئامىرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۈتۈۋىلىپ ھەيۋەتلىك باي دۆلەت بۇلۇپ كىتىشىدىكى مۇھىم سەۋەپ ئەنە شۇ.گەرچە ئىلىمىزنىڭ بىلىم ئىگىلىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،ئالىي مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادىي قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىش،مائارىپچىلارنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئورنى،غورۇرىنى ئىتراپ قىلىش تەشەببۇس قىلىنغان بولسىمۇ،ئەمەلىي ھەرىكەتلەر بەك ئاز.جۈمىلىدىن بىزنىڭ مىللى مائارىپتىمۇ بۇ جەھەتتىكى يىتەرسىزلىك بەك ئېغىر،مەبلەغنىڭ كەمچىللىكىمۇ مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى.بىز <<غەيرى مىللەت>>دەپ قارىلىۋاتىمىز،ھەتتا باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنغان ياردەمنىڭ يېرىمىغىمۇ ئىگە بۇلالمىدۇق،سىياسىي جەھەتتە قوقۇقسىز،سەۋەبى نىمە........؟سەۋەبى ھەممىزگە ئايدىڭ،ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ.شۇ سەۋەپلەردىن ئالىي مەكتەپلەردىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تىخىچە ئىجاتچانلىق ئۇقۇتۇشنى نىشان قىلمىدى.بىز يەنىلا باشقا جايلارنىڭ تىخىنىكىسىنى تۇتىيا قىلىپ،ئۆزىمىزنىڭ ئىختىراچىلىرىنى يىتىشتۇرۇپ قەدىرلەپ بۇلالمىدۇق.
مەنبە:<<كىرىزىس ۋە بەرپاچىلىق>>دىگەن كىتابتىن ئېلىندى

گىراف تەستىغى.


Nurluk elani
[باش يازما] | يوللانغان ۋاقىت : 2007-11-20 19:56 چوققىغا قايتىش


Beijing Xabnam.com Web site Group || Uighur by Oghuz Code © 2003-06 PHPWind
Time now is:11-21 21:02, Gzip disabled

biz kim heridar hemkarlishing Elan bering alakilishingqollighuchinetije