ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق تۇرداشلار سالامەت تۇرۋاتامسىلللەر ؟ مەن ئالدى بىلەن مۇنبەر ئەھلىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە نەتىجە ، ئائىلىسىگە بەخىت ۋە ئۇقۇشغا يېڭى نەتىجىلەرنى تىلەيمەن . مەن ئابدۇخېلىل ئادۇخېۋىر نىڭ << ئۇيغۇر قىزى >>
دىگەن شېرىنى ھۇزۇرىڭلارغا سۇندۇم ، كۇرۇپ قۇيۇشىڭىزلارنى ئۇمۇت قىلىمەن .
قارا ، ئۇيغۇر قىزى تاڭنىڭ گۇلى - رەيھانغا ئوخشايدۇ .
قىرىق ئۈرۇم چېچى بۇستان ، كۇزى چۇلپانغا ئوخشايدۇ .
بېشىدا زەپ ،چىمەن دۇپپا ، كىيىپ ئۇ يۇرسە خان ئەتلەس ،
باقار ھەيرەتتە ھەركىم ، ئۇ قۇياش تۇغقانغا ئوخشايدۇ .
سەھەر - سالقىندا ئۇ گۈلزار -چىمەن قىيغىتىپ يۇرسە ،
ئەرىشتىن سەيلىگەچۇشكەن ئەزىز مېھمانغا ئوخشايدۇ .
يېيىپ كەڭرى ئېتەك شوخلاپ چۈشسە ئۇ قاي چاغ ،
بېھشىنىڭ ھۆرلىرى كۆكتە قانات قاققانغا ئوخشايدۇ .
ياشار ئۇ چىن ۋاپا ، سۆيگۇ ، ساداقەتىنم چېچىپ ئەنبەر ،
ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى تاڭدىن ساباھ ئۇچقانغا ئوخشايدۇ .
ئۇدۇم ئالغاچ ئەجدادتىن ئېسىل ئەخلاق ، پەزىلەتنى ،
مېھرى - شەپقەتتە ئۇ ئۆچمەس چىراغ -گۈلخانغا ئوخشايدۇ .
ھۇنەر -سەنئەت دېسە ئۇندىن بۈلەك پىر -ئۇستا تاپماق تەس ،
كەشىپ ، مېھنەت ، ئىجادتا ئۇ غەيۇر ئوغلانغا ئوخشايدۇ .
چىۋەر - چەبدەسلىكى بىرلە قاقاس ئۇ چىمەن ياپتى ،
ئۇنىڭ شان - تۆھپىسى قازساق تېگى زەر كانغا ئوخشايدۇ .
بەخىت - شان شاھىدۇر ئويغۇر قىزى ، بىل ئەي جاھان ئەھلى ،
شۇڭا ئۇ ياشىغان بۇ يۇرۇت بۇيۇك ئارمانغا ئوخشايدۇ .
__ فىرقەت تەستىقلىدى
[ بۇ يازما ELSHER تەرپىدىن 2007-11-21 13:59 دە قايتا ]