سۇيۇۋالسام ئىدى بىر قىتىم
(ئەرتىكىن )
بىر تال خىيال
سىرغىپ چۇشتى قەلبىمدىن
مىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك
سىڭىپ كەتتى
ئاپئاق ئايدىڭغا ...
كۇلۇپ قۇيدۇم
قەلبىمدىكى نامسىز سۇرەتكە
بىلىۋالغاندەك
بىردىنلا ئۇنۇڭ ئىسمىنى ...
سۇيۇۋالسام ئىدى بىر قىتىم
تۇيدۇرماي
كۆزلىرىڭگە جىمجىتلا مۇكۇپ ...
ئاھ ، مۆكەلمىدىم ...
كۆرسەممۇ بەكمۇ يىراقتا
يەنىلا
ئاشكارىمەن خۇددى جىسمىمدەك ...
سۆيۇش ... بەكمۇ يىراقتا ...
يەنە كۇلۇپ يۇرىمەن ...
قەلبىمدىلا باغاشلاپ سۆيۇپ
ئەستەر قىلىپ
سۇرئىتىڭدەك سىغىنىشنى ...
لىكىن ...
كۇتىمەن غەرەرسىز سىنى
سارغايسىمۇ ؟!
سىغىنىشقا تولغان بەتلىرىم ...
2007-يىل 20-نۇيابىر